پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە بىر چىقان، ياكى تەمرەتكە ياكى پارقىراق تاشما چىقىپ، ئۇنىڭدىن بەدىنىنىڭ تېرىسىدە پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ جاراھىتى پەيدا بولغان بولسا، ئۇ كىشى ھارۇن كاھىننىڭ ياكى ئۇنىڭ كاھىن ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلسۇن. | 2 |
كاھىن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ جاراھىتىگە قارايدۇ؛ جاراھەت بولغان جاينىڭ تۈكى ئاقىرىپ كەتكەن ھەمدە جاراھەتمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، بۇ پېسە-ماخاۋ كېسەللىكىدۇر. شۇڭا كاھىن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن شۇ كىشىنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. | 3 |
لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدىكى پەيدا بولغان ئاشۇ يالتىراق چىقان ئاق بولۇپ، ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنمىسە ۋە تۈكىمۇ ئاقىرىپ كەتمىگەن بولسا، كاھىن بۇ جاراھەت بار كىشىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. | 4 |
يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا قارىسۇن ۋە ئەگەر جاراھەت ئوخشاش تۇرۇپ، تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، كاھىن ئۇنى يەنە يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. | 5 |
يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن ۋە جاراھەتنىڭ رەڭگى سۇسلاشقان ۋە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ جاراھەتنىڭ پەقەت بىر چاقا ئىكەنلىكى بېكىتىلىپ، كېسەل كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ پاك سانالسۇن. | 6 |
لېكىن ئەگەر ئۇ كاھىنغا كۆرۈنۈپ «پاك» دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن شۇ چاقا تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ يەنە بىر قېتىم كاھىنغا كۆرۈنسۇن. | 7 |
كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن ۋە ئەگەر چاقا ئۇنىڭ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ جاراھەت پېسە-ماخاۋدۇر. | 8 |
ئەگەر بىركىمدە پېسە-ماخاۋ جاراھىتى پەيدا بولۇپ قالسا كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلسۇن. | 9 |
كاھىن ئۇنىڭ جاراھىتىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ۋە ئەگەر تېرىسىدە ئاق بىر چىقان پەيدا بولغان، تۈكى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا ۋە چىقان چىققان جايدا ئەت-گۆشى كۆرۈنۈپ قالغان بولسا، | 10 |
بۇ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە چۈشكەن كونا پېسە-ماخاۋ جاراھىتىنىڭ قايتىدىن قوزغىلىشى بولۇپ، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. ئۇ ناپاك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى سولاشنىڭ ھاجىتى يوق. | 11 |
لېكىن ئەگەر پېسە-ماخاۋ قوزغىلىپ، جاراھىتى بار كىشىنىڭ تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن نەگىلا قارىسا شۇ يەردە شۇ «پېسە-ماخاۋ» بولسا، تېرىسىنى بېشىدىن پۇتىغىچە قاپلاپ كەتكەن بولسا، | 12 |
ئۇنداقتا كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ مانا، شۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتى پۈتۈن بەدىنىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا، ئۇ جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ «پاك» دەپ سانالسۇن. | 13 |
لېكىن قاچانىكى ئۇنىڭدا ئەت-گۆشى كۆرۈنۈپ قالسا، ئۇ كىشى ناپاك سانالسۇن. | 14 |
كاھىن مۇنداق كۆرۈنگەن ئەت-گۆشىگە قاراپ، ئۇ كىشىنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى شۇ ئەت-گۆش ناپاك بولۇپ، ئۇ پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر. | 15 |
ھالبۇكى، ئەگەر ئەت-گۆشى قايتىدىن ئۆزگىرىپ، ئاقارسا ئۇ كىشى يەنە كاھىننىڭ قېشىغا كەلسۇن. | 16 |
كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ جاراھەت ئاقارغان بولسا، كاھىن جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ پاك سانىلىدۇ. | 17 |
ئەگەر بىركىمنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە ھۈررەك چىقىپ ساقىيىپ، | 18 |
ھۈررەكنىڭ ئورنىدا ئاق چىقان ياكى قىزغۇچ داغ پەيدا بولغان بولسا، كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن. | 19 |
كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر داغ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ ھۈررەكتىن قوزغىلىپ پەيدا بولغان پېسە-ماخاۋ كېسىلى جاراھىتىدۇر. | 20 |
لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، داغ چىققان جايدا ئاقىرىپ قالغان تۈكلەر بولمىسا، ۋە داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولمىسا، رەڭگى سەل سۇسراق بولغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. | 21 |
ئەگەر داغ دەرۋەقە تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ [پېسە-ماخاۋ] جاراھىتىدۇر. | 22 |
ئەمما ئەگەر داغ ئۆز جايىدا توختاپ يېيىلمىغان بولسا، بۇ پەقەت ھۈررەكنىڭ زەخمى، خالاس؛ كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن. | 23 |
ئەگەر بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىنىڭ مەلۇم جايى كۆيۈپ قېلىپ، كۆيگەن جاي ئاق-قىزغۇچ ياكى پۈتۈنلەي ئاق داغ بولۇپ قالسا، | 24 |
كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر شۇ داغدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ كەتكەن، داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ كۆيۈك يارىسىدىن پەيدا بولغان پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر؛ كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتىدۇر. | 25 |
لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، داغنىڭ ئورنىدا ھېچقانداق ئاقىرىپ كەتكەن تۈك بولمىسا، شۇنداقلا داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق بولمىسا، بەلكى رەڭگى سۇس بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. | 26 |
يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن؛ داغ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتىدۇر. | 27 |
ئەمما ئەگەر داغ جايىدا توختاپ، يېيىلمىغان بولسا، شۇنداقلا رەڭگى سۇس بولسا، بۇ پەقەت كۆيۈكتىن بولغان چاۋارتقۇ، خالاس؛ كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ كۆيۈكنىڭ تاتۇقى، خالاس. | 28 |
ئەگەر بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بېشىدا ياكى ساقىلىدا جاراھەت پەيدا بولسا، | 29 |
كاھىن جاراھەتكە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر جاراھەت ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، ئۈستىدە شالاڭ سېرىق تۈك بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ جاراھەت قاقاچ بولۇپ، باش ياكى ساقالدىكى پېسە-ماخاۋنىڭ ئالامىتىدۇر. | 30 |
ئەگەر كاھىن قاقاچ جايغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق قارا تۈكمۇ بولمىسا، ئۇنداقتا كاھىن قاقىچى بار كىشىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. | 31 |
كاھىن يەتتىنچى كۈنى قاقاچقا يەنە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ قاقاچ كېڭىيىپ كەتمەي، ئۈستىدىمۇ ھېچقانداق سېرىق تۈك بولمىسا، شۇنداقلا قاقاچ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، | 32 |
جاراھىتى بار كىشى بارلىق چاچ-ساقىلىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن؛ قاقاچنىڭ ئۆزىنى غىردىمىسۇن. كاھىن قاقىچى بار كىشىنى يەنە يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. | 33 |
يەتتىنچى كۈنى كاھىن قاقاچقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن ئۇ كىيىملىرىنى يۇسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پاك سانىلىدۇ. | 34 |
لېكىن ئەگەر ئۇ «پاك» دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتسە، | 35 |
كاھىن ئۇنىڭغا يەنە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، سېرىق تۈكنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق؛ چۈنكى بۇ كىشى ناپاكتۇر. | 36 |
ئەگەر قاقاچ جايىدا شۇ پېتى قېلىپ، ئۈستىدىن قارا تۈك ئۈنۈپ چىققان بولسا، قاقاچ ساقايغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى پاك بولغاچقا، كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىشى كېرەك. | 37 |
ئەگەر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە داغ پەيدا بولۇپ، بۇ داغلار پارقىراق ھەم ئاق بولسا | 38 |
كاھىن سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر بەدەننىڭ تېرىسىدىكى شۇ داغلار سۇسلىشىپ بوز رەڭگە يۈزلەنگەن بولسا، بۇ تېرىدىن چىققان بىر تاشما، خالاس؛ بۇ كىشى پاك سانالسۇن. | 39 |
ئەگەر بىركىمنىڭ بېشىنىڭ تۈكلىرى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ پەقەت بىر تاقىر باش، خالاس؛ ئۇ پاك سانالسۇن. | 40 |
ئەگەر ئۇنىڭ بېشىنىڭ تۈكى پېشانە تەرىپىدىن چۈشكەن بولسا، ئۇ پەقەت پاينەكباش، خالاس؛ ئۇ يەنىلا پاك سانالسۇن. | 41 |
لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى پاينەك بېشىدا قىزغۇچ ئاق داغ كۆرۈنسە، ئۇنداقتا شۇ جاراھەت ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى پاينەك بېشىدىكى پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. | 42 |
كاھىن جاراھىتىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ تاقىر بېشىدا ياكى پاينەك بېشىدا ئىششىق جاراھەت بولسا ھەمدە پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ ئالامىتىدەك قىزغۇچ ئاق كۆرۈنسە، | 43 |
ئۇنداقتا ئۇ پېسە-ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم بولۇپ، ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بېشىغا شۇنداق جاراھەت چۈشكەن بولغاچ، كاھىن ئۇنى مۇتلەق «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. | 44 |
شۇنداق جاراھىتى بار پېسە-ماخاۋ كېسىلى بولغان كىشى كىيىملىرى يىرتىق، چاچلىرى چۇۋۇق، بۇرۇت-ساقىلى يېپىقلىق ھالدا: «ناپاك، ناپاك!» دەپ توۋلاپ يۈرۈشى كېرەك. | 45 |
شۇ جاراھىتى بولغان بارلىق كۈنلەردە ئۇ «ناپاك» سانىلىدۇ؛ ئۇ ناپاك بولغاچقا، ئايرىم تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بولسۇن. | 46 |
ئەگەر بىر كىيىمدە، مەيلى يۇڭدىن ياكى كاناپتىن تىكىلگەن بولسۇن ئۇنىڭدا پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى پەيدا بولسا، | 47 |
يەنى كاناپ ياكى يۇڭدىن توقۇلغان رەختتە، ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپلىرىدا بولسۇن، تېرە-خۇرۇمدا ياكى تېرىدىن ئېتىلگەن ھەرقانداق نەرسىلەردە پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى بولسا، | 48 |
شۇنداقلا كىيىم-كېچەك ياكى تېرە-خۇرۇمدا، ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپلىرىدا، يا تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەردە پەيدا بولغان ئىز-داغ يېشىلراق ياكى قىزغۇچ بولسا بۇ ئىز-داغ «پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى» دەپ قارىلىپ كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن. | 49 |
كاھىن [داغقا] سەپسېلىپ قارىسۇن، ئاندىن ئىز-داغ پەيدا بولغان نەرسىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم ساقلىسۇن. | 50 |
ئۇ يەتتىنچى كۈنى ئىز-داغغا قاراپ باقسۇن؛ ئىز-داغ چۈشكەن كىيىم-كېچەك، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدا ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئۇ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئىز-داغ چىرىتكۈچ پېسە-ماخاۋ كېسىلى دەپ ھېسابلىنىپ، ئۇلار ناپاك سانالسۇن. | 51 |
شۇنىڭدەك كاھىن ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپىدا ئىز-داغ بولسا كىيىم-كېچەك ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە شۇنداق ئىز-داغ بولسا ئۇلارنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتسۇن؛ چۈنكى بۇ چىرىتكۈچ پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر. مۇنداق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈش كېرەكتۇر. | 52 |
لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتىكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ئارقاق يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئىز-داغ كېڭەيمىگەن بولسا، | 53 |
ئۇنداقتا كاھىن دېغى بار نەرسىنى يۇيۇلسۇن دەپ بۇيرۇپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ساقلىسۇن. | 54 |
بۇ نەرسە يۇيۇلغاندىن كېيىن كاھىن يەنە داغقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمىگەن بولسا (گەرچە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسىمۇ)، ئۇ يەنىلا ناپاكتۇر؛ سەن ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرگىن. چۈنكى مەيلى ئۇنىڭ ئىز-دېغى ئىچ يۈزىدە بولسۇن ياكى تاش يۈزىدە بولسۇن ئۇ چىرىتكۈچ ئىز-داغ ھېسابلىنىدۇ. | 55 |
لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، مانا، داغنىڭ رەڭگى يۇيۇلغاندىن كېيىن سۇسلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ شۇ قىسمىنى كىيىم-كېچەكتىن، ئۆرۈش يىپتىن ياكى ئارقاق يىپتىن بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدىن بولسۇن ئۇنى يىرتىپ ئېلىپ، تاشلىۋەتسۇن. | 56 |
ئەگەر بۇ ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتە، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، يا تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە كۆرۈنسۇن، بۇ كېڭىيدىغان بىرخىل پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى دەپ سانالسۇن؛ سەن ئۇ چاپلاشقان كىيىم-كېچەكنى كۆيدۈرۈۋەتكىن. | 57 |
لېكىن ئەگەر ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتە بولسۇن (ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپىدا بولسۇن) ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، يۇيۇلۇش بىلەن چىقىپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ ئېگىن ئىككىنچى قېتىم يۇيۇلسۇن، ئاندىن پاك سانالسۇن. | 58 |
پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭكىدەك ئىز-داغ پەيدا بولغان يۇڭ ياكى كاناپ رەختتىن توقۇلغان كىيىم-كېچەك (ئىز-داغ ئۆرۈش يىپتا ياكى ئارقاق يىپتا بولسۇن) ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەر توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇدۇر؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاك ياكى ناپاك جاكارلاشقا بولىدۇ. | 59 |