< لاۋىيلار 12 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
耶和华对摩西说:
ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ «ئايال كىشى ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغسا، ئادەت كۆرۈپ ئاغرىق بولغان كۈنلىرىدىكىدەك يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانالسۇن. | 2 |
“你晓谕以色列人说:若有妇人怀孕生男孩,她就不洁净七天,像在月经污秽的日子不洁净一样。
سەككىزىنچى كۈنى ئوغلى بولسا خەتنە قىلىنسۇن. | 3 |
第八天,要给婴孩行割礼。
ئايال بولسا شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن؛ پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولمىغۇچە ھېچبىر مۇقەددەس نەرسىگە تەگمىسۇن، مۇقەددەس جايغىمۇ كىرمىسۇن. | 4 |
妇人在产血不洁之中,要家居三十三天。她洁净的日子未满,不可摸圣物,也不可进入圣所。
ئەگەر ئۇ قىز تۇغسا ئۇنداقتا ئادەت كۈنلىرىدىكىدەك ئىككى ھەپتىگىچە ناپاك تۇرۇپ، ئاندىن ئاتمىش ئالتە كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن. | 5 |
她若生女孩,就不洁净两个七天,像污秽的时候一样,要在产血不洁之中,家居六十六天。
مەيلى ئوغۇل ياكى قىز تۇغسۇن، قان پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايال كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشقا كىرگەن قوزىنى، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر باچكا ياكى پاختەكنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن. | 6 |
“满了洁净的日子,无论是为男孩是为女孩,她要把一岁的羊羔为燔祭,一只雏鸽或是一只斑鸠为赎罪祭,带到会幕门口交给祭司。
كاھىن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇپ، شۇ ئايال ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇنىدىن پاك بولىدۇ. ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان ئايال توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇدۇر. | 7 |
祭司要献在耶和华面前,为她赎罪,她的血源就洁净了。这条例是为生育的妇人,无论是生男生女。
ئەگەر ئۇنىڭ قوزىغا قۇربى يەتمىسە، ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكا كەلتۈرسۇن؛ ئۇلارنىڭ بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن، يەنە بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇ ئايال پاك بولىدۇ. | 8 |
她的力量若不够献一只羊羔,她就要取两只斑鸠或是两只雏鸽,一只为燔祭,一只为赎罪祭。祭司要为她赎罪,她就洁净了。”