< لاۋىيلار 11 >

پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ 1
Pǝrwǝrdigar Musa bilǝn Ⱨarunƣa mundaⱪ dedi: —
ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان جانىۋارلار شۇكى: ــ 2
Israillarƣa mundaⱪ degin: — Yǝr yüzidiki barliⱪ ⱨaywanlarning iqidin silǝrgǝ yeyixkǝ bolidiƣan janiwarlar xuki: —
ھايۋانلار ئىچىدە ھەم تۇياقلىرى پۈتۈن ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەربىرىنى يېسەڭلار بولىدۇ. 3
Ⱨaywanlar iqidǝ ⱨǝm tuyaⱪliri pütün aqimaⱪ (tuyaⱪliri pütünlǝy yeriⱪ) ⱨǝm kɵxigüqi ⱨaywanlarning ⱨǝrbirini yesǝnglar bolidu.
لېكىن كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە: چۈنكى ئۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس. شۇڭا ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 4
Lekin kɵxigüqi yaki aqimaⱪ tuyaⱪliⱪ ⱨaywanlardin tɵwǝndikilǝrni yemǝslikinglar kerǝk: — Tɵgǝ: qünki u kɵxigini bilǝn tuyiⱪi aqimaⱪ ǝmǝs. Xunga u silǝrgǝ ⱨaram bolidu.
سۇغۇر بولسا كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 5
Suƣur bolsa kɵxigini bilǝn tuyiⱪi aqimaⱪ ǝmǝs — u silǝrgǝ ⱨaram bolidu.
توشقان بولسا بۇمۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 6
Toxⱪan bolsa bumu kɵxigini bilǝn tuyiⱪi aqimaⱪ ǝmǝs — u silǝrgǝ ⱨaram bolidu.
چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 7
Qoxⱪa bolsa tuyaⱪliri aqimaⱪ (tuyaⱪliri pütünlǝy yeriⱪ) bolƣini bilǝn kɵximigini üqün silǝrgǝ ⱨaram bolidu.
سىلەر شۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگىمۇ تەگمەڭلار. ئۇلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 8
Silǝr xu ⱨaywanlarning gɵxidin yemǝslikinglar kerǝk wǝ ularning ɵlükigimu tǝgmǝnglar. Ular bolsa silǝrgǝ ⱨaram bolidu.
سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى، يەنى دەريا-دېڭىزلاردىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ؛ 9
Suda yaxaydiƣan janiwarlardin tɵwǝndikilǝrni yeyixkǝ bolidu: — sudiki, yǝni dǝrya-dengizlardiki janiwarlardin ⱪaniti wǝ ⱪasiraⱪliri bolƣanlarni yeyixkǝ bolidu;
لېكىن دەريا-دېڭىزلاردا ياشايدىغان، يەنى سۇلاردا توپ-توپ ئۈزىدىغان بارلىق جانىۋارلاردىن، قاسىراقلىرى ياكى قانىتى بولمىغانلىرىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. 10
lekin dǝrya-dengizlarda yaxaydiƣan, yǝni sularda top-top üzidiƣan barliⱪ janiwarlardin, ⱪasiraⱪliri yaki ⱪaniti bolmiƣanlirini yemǝslikinglar kerǝk; ular silǝrgǝ yirginqlik sanalsun.
مەزكۇر جانىۋارلار دەرۋەقە سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن؛ سىلەر ئۇلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يىرگىنچلىك دەپ قاراڭلار. 11
Mǝzkur janiwarlar dǝrwǝⱪǝ silǝrgǝ yirginqlik sanalsun; silǝr ularning gɵxidin yemǝslikinglar kerǝk; ularning ɵlükini yirginqlik dǝp ⱪaranglar.
سۇدىكى جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن قانىتى بىلەن قاسىرىقى بولمىغان جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. 12
Sudiki janiwarlarning iqidin ⱪaniti bilǝn ⱪasiriⱪi bolmiƣan janiwarlarning ⱨǝmmisi silǝrgǝ yirginqlik sanalsun.
ئۇچار-قاناتلاردىن تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە يىرگىنچلىكتۇر؛ ئۇلار يېيىلمەسلىكى كېرەك ۋە سىلەرگە يىرگىنچلىك بولسۇن: ــ يەنى بۈركۈت، قورۇلتاز-تاپقۇشلار، دېڭىز بۈركۈتى، 13
Uqar-ⱪanatlardin tɵwǝndikilǝr silǝrgǝ yirginqliktur; ular yeyilmǝsliki kerǝk wǝ silǝrgǝ yirginqlik bolsun: — yǝni bürküt, ⱪorultaz-tapⱪuxlar, dengiz bürküti,
قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 14
ⱪarliƣaq ⱪuyruⱪluⱪ sar, laqin wǝ ularning hilliri,
ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 15
ⱨǝmmǝ ⱪaƣa-ⱪozƣunlar wǝ ularning hilliri,
مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 16
müxükyapilaⱪ, tɵgiⱪux, qayka, sar wǝ ularning hilliri,
ھۇۋقۇش، قارنا، ئىبىس، 17
ⱨuwⱪux, ⱪarna, ibis,
ئاققۇ، ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ، 18
aⱪⱪu, saⱪiyⱪux, beliⱪ’alƣuq,
لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ قاتارلىقلار سىلەرگە ھارام سانالسۇن. 19
lǝylǝk, turna wǝ uning hilliri, ⱨɵpüp wǝ xǝpǝrǝng ⱪatarliⱪlar silǝrgǝ ⱨaram sanalsun.
بۇنىڭدىن باشقا تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك بولىدۇ. 20
Buningdin baxⱪa tɵt putlap mangidiƣan, uqidiƣan uxxaⱪ janiwarlarning ⱨǝmmisi silǝrgǝ yirginqlik bolidu.
ھالبۇكى، تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ: ــ پۇتى بىلەن ئۈگىلىك پاچىقى بولۇپ، يەر يۈزىدە سەكرىيەلەيدىغانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ؛ 21
Ⱨalbuki, tɵt putlap mangidiƣan, uqidiƣan uxxaⱪ janiwarlardin tɵwǝndikilǝrni yesǝnglar bolidu: — puti bilǝn ügilik paqiⱪi bolup, yǝr yüzidǝ sǝkriyǝlǝydiƣanlarni yesǝnglar bolidu;
بۇلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغانلىرى: ــ چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، قارا چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، تومۇزغا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، چاقچىقىز ۋە ئۇنىڭ خىللىرى. 22
bularning iqidin silǝrgǝ yeyixkǝ bolidiƣanliri: — qekǝtkǝ wǝ uning hilliri, ⱪara qekǝtkǝ wǝ uning hilliri, tomuzƣa wǝ uning hilliri, qaⱪqiⱪiz wǝ uning hilliri.
لېكىن تۆت پۇتلۇق بولغان ئۆمىلىگۈچى ھەم ئۇچىدىغان ھەممە باشقا جانىۋارلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. 23
Lekin tɵt putluⱪ bolƣan ɵmiligüqi ⱨǝm uqidiƣan ⱨǝmmǝ baxⱪa janiwarlar silǝrgǝ yirginqlik sanalsun.
بۇ جانىۋارلاردىنمۇ مۇنداق يول بىلەن ناپاك بولىسىلەر؛ بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. 24
Bu janiwarlardinmu mundaⱪ yol bilǝn napak bolisilǝr; birkim ularning ɵlük tenigǝ tǝgsǝ kǝq kirgüqǝ napak ⱨesablinidu.
كىمدەكىم بۇلارنىڭ ئۆلۈكىنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. 25
Kimdǝkim bularning ɵlükining bir ⱪismini kɵtürsǝ ɵz kiyimlirini yuyuxi kerǝk, u kixi kǝq kirgüqǝ napak ⱨesablinidu.
تۇياقلىرى ئاچىماق، بىراق پۈتۈنلەي بۆلۈنمىگەن ياكى كۆشىمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ھارامدۇر؛ ھەركىم [ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە] تەگسە ناپاك سانالسۇن. 26
Tuyaⱪliri aqimaⱪ, biraⱪ pütünlǝy bɵlünmigǝn yaki kɵximǝydiƣan ⱨaywanlarning ⱨǝmmisi silǝrgǝ ⱨaramdur; ⱨǝrkim [ularning ɵlükigǝ] tǝgsǝ napak sanalsun.
تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن تاپىنى بىلەن ماڭىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ناپاك بولۇپ، ھەركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تەنلىرىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. 27
Tɵt puti bilǝn mangidiƣan ⱨaywanlarning iqidin tapini bilǝn mangidiƣanlarning ⱨǝmmisi silǝrgǝ napak bolup, ⱨǝrkim ularning ɵlük tǝnlirigǝ tǝgsǝ kǝq kirgüqǝ napak sanilidu.
كىمكى ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك تۇرىدۇ. بۇ ھايۋانلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 28
Kimki ularning ɵlükini kɵtürsǝ ɵz kiyimlirini yuyuxi kerǝk, u kixi kǝq kirgüqǝ napak turidu. Bu ⱨaywanlar bolsa silǝrgǝ ⱨaram bolidu.
يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە ھارام بولغانلار مۇنۇلار: ــ قارىغۇ زوكور، چاشقان، كەسلەنچۈك ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، 29
Yǝr yüzidǝ ɵmiligüqi uxxaⱪ janiwarlarning iqidin silǝrgǝ ⱨaram bolƣanlar munular: — ⱪariƣu zokor, qaxⱪan, kǝslǝnqük wǝ ularning türliri,
سالما، قىزىل كەسلەنچۈك، تام كەسلەنچۈكى، تۈگۈرۈك كەسلەنچۈك ۋە خامېلېئون قاتارلىقلار ھارام بولىدۇ. 30
salma, ⱪizil kǝslǝnqük, tam kǝslǝnqüki, tügürük kǝslǝnqük wǝ hameleon ⱪatarliⱪlar ⱨaram bolidu.
بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدە سىلەرگە ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. 31
Bularning ⱨǝmmisi yǝr yüzidǝ ɵmüligüqi ⱨǝmmǝ uxxaⱪ janiwarlarning iqidǝ silǝrgǝ ⱨaram bolidu; ularning ɵlükigǝ tǝgsǝ, kǝq kirgüqǝ napak sanilidu.
بۇ جانىۋارلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق نېمىگە چۈشۈپ قالسا شۇ نېمە ناپاك ھېسابلىنىدۇ ــ ھەرقانداق ياغاچ قاچا-قۇچا بولسۇن، كىيىم بولسۇن، تېرە بولسۇن، تاغار بولسۇن، ھەرقانداق ئىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولسۇن، سۇغا چىلىنىشى كېرەك؛ ئۇلار كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىپ، كېيىن پاك بولىدۇ. 32
Bu janiwarlarning ɵlüki ⱨǝrⱪandaⱪ nemigǝ qüxüp ⱪalsa xu nemǝ napak ⱨesablinidu — ⱨǝrⱪandaⱪ yaƣaq ⱪaqa-ⱪuqa bolsun, kiyim bolsun, terǝ bolsun, taƣar bolsun, ⱨǝrⱪandaⱪ ixⱪa ixlitilidiƣan ǝswab bolsun, suƣa qilinixi kerǝk; ular kǝq kirgüqǝ napak sanilip, keyin pak bolidu.
بۇلارنىڭ بىرى ساپالدىن ياسالغان ھەرقانداق قاچا ئىچىگە چۈشۈپ قالسا، شۇ قاچا ئىچىدىكى ھەممە نەرسە ناپاك سانالسۇن ۋە قاچا ئۆزى سۇندۇرۇلسۇن. 33
Bularning biri sapaldin yasalƣan ⱨǝrⱪandaⱪ ⱪaqa iqigǝ qüxüp ⱪalsa, xu ⱪaqa iqidiki ⱨǝmmǝ nǝrsǝ napak sanalsun wǝ ⱪaqa ɵzi sundurulsun.
ئەگەر قاچىدىكى سۇدىن ئاش-تائام ئۈستىگە چاچراپ كەتسە، ئاش-تائام ناپاك سانالسۇن ۋە شۇنداقلا قاچىدىكى ھەرقانداق ئىچىملىكمۇ ناپاك سانالسۇن. 34
Əgǝr ⱪaqidiki sudin ax-taam üstigǝ qaqrap kǝtsǝ, ax-taam napak sanalsun wǝ xundaⱪla ⱪaqidiki ⱨǝrⱪandaⱪ iqimlikmu napak sanalsun.
ھەرنېمىگە ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسىمۇ، ناپاك سانالسۇن. ئەگەر تونۇر ۋە ئوچاق بولسا، ناپاك بولدى دەپ چېقىۋېتىلسۇن؛ ئۇلار سىلەرگە ھارام بولسۇن. 35
Ⱨǝrnemigǝ undaⱪ ɵlükning birǝr ⱪismi qüxüp ⱪalsimu, napak sanalsun. Əgǝr tonur wǝ oqaⱪ bolsa, napak boldi dǝp qeⱪiwetilsun; ular silǝrgǝ ⱨaram bolsun.
لېكىن شۇنداق ئەھۋالدا بۇلاق ياكى سۇ يىغىلىدىغان كۆلچەك يەنىلا پاك سانىلىدۇ؛ ئەمما بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە ناپاك بولىدۇ. 36
Lekin xundaⱪ ǝⱨwalda bulaⱪ yaki su yiƣilidiƣan kɵlqǝk yǝnila pak sanilidu; ǝmma birkim ularning ɵlük tenigǝ tǝgsǝ napak bolidu.
ئەگەر ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى تېرىشقا تەييارلانغان دانلارغا چۈشۈپ قالسا، بۇمۇ يەنىلا پاك سانىلىدۇ. 37
Əgǝr undaⱪ ɵlükning birǝr ⱪismi terixⱪa tǝyyarlanƣan danlarƣa qüxüp ⱪalsa, bumu yǝnila pak sanilidu.
لېكىن ئەگەر داننىڭ ئۈستىگە سۇ قۇيۇلغاندىن كېيىن شۇنداق بىر ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ دانلار سىلەرگە ناپاك سانالسۇن. 38
Lekin ǝgǝr danning üstigǝ su ⱪuyulƣandin keyin xundaⱪ bir ɵlükning birǝr ⱪismi qüxüp ⱪalsa, undaⱪta bu danlar silǝrgǝ napak sanalsun.
ئەگەر سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلاردىن بىرى ئۆلۈپ قالسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 39
Əgǝr silǝrgǝ yeyixkǝ bolidiƣan ⱨaywanlardin biri ɵlüp ⱪalsa, uning ɵlükigǝ tǝgkǝn kixi kǝq kirgüqǝ napak sanalsun.
كىمكى ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ شۇنداقلا ئۇنداق بىر ئۆلۈكنى كۆتۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 40
Kimki undaⱪ ɵlükning gɵxidin yesǝ, ɵz kiyimlirini yuyuxi kerǝk wǝ kǝq kirgüqǝ napak sanalsun; xundaⱪla undaⱪ bir ɵlükni kɵtürgǝn kiximu kiyimlirini yuyuxi kerǝk wǝ u kixi kǝq kirgüqǝ napak sanalsun.
يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلار يىرگىنچلىك سانىلىپ، ھەرگىز يېيىلمىسۇن. 41
Yǝr yüzidǝ ɵmüligüqi ⱨǝmmǝ uxxaⱪ janiwarlar yirginqlik sanilip, ⱨǝrgiz yeyilmisun.
قورسىقى بىلەن بېغىرلاپ ماڭىدىغان جانىۋار بولسۇن، يەر يۈزىدە يۈرۈپ تۆت پۇتى بىلەن ياكى كۆپ پۇتلىرى بىلەن ماڭىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەرتۈرلۈكىنى بولسا، ئۇلارنى ھەرگىز يېمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكدۇر. 42
Ⱪorsiⱪi bilǝn beƣirlap mangidiƣan janiwar bolsun, yǝr yüzidǝ yürüp tɵt puti bilǝn yaki kɵp putliri bilǝn mangidiƣan ɵmiligüqi janiwarlarning ⱨǝrtürlükini bolsa, ularni ⱨǝrgiz yemǝnglar; qünki ular yirginqlikdur.
سىلەر بولساڭلار مۇنداق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى يىرگىنچلىك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلارنى ئۇلار تۈپەيلىدىن ناپاك قىلماڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغىنىپ قالىسىلەر؛ 43
Silǝr bolsanglar mundaⱪ ɵmiligüqi janiwarning sǝwǝbidin ɵzünglarni yirginqlik ⱪilmasliⱪinglar kerǝk. Ɵzünglarni ular tüpǝylidin napak ⱪilmanglar, bolmisa ularning sǝwǝbidin bulƣinip ⱪalisilǝr;
چۈنكى مەن خۇدايىڭلاردۇرمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى [ئۆزۈمگە] ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشىڭلار كېرەك؛ مەن ئۆزۈم مۇقەددەس بولغاچ سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى مۇقەددەس تۇتۇشۇڭلار كېرەك. سىلەر ئۆزۈڭلارنى يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق ھەرقانداق جانىۋارلارنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك قىلماڭلار. 44
qünki Mǝn Hudayinglardurmǝn. Silǝr ɵzünglarni [Ɵzümgǝ] atap muⱪǝddǝs ⱪilixinglar kerǝk; Mǝn Ɵzüm muⱪǝddǝs bolƣaq silǝrmu ɵzünglarni muⱪǝddǝs tutuxunglar kerǝk. Silǝr ɵzünglarni yǝr yüzidǝ ɵmiligüqi uxxaⱪ ⱨǝrⱪandaⱪ janiwarlarning sǝwǝbidin napak ⱪilmanglar.
چۈنكى مەن ئۆز خۇدايىڭلار بولۇشقا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ سىلەر مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. 45
Qünki Mǝn ɵz Hudayinglar boluxⱪa silǝrni Misir zeminidin qiⱪirip kǝlgǝn Pǝrwǝrdigardurmǝn; silǝr muⱪǝddǝs bolunglar, qünki Mǝn muⱪǝddǝsturmǝn.
شۇلار بولسا چارپاي بىلەن ئۇچار-قاناتلار، سۇدا يۈرىدىغان ھەربىر جانىۋار بىلەن يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ھەربىر ئۇششاق جانىۋارلار توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. 46
Xular bolsa qarpay bilǝn uqar-ⱪanatlar, suda yüridiƣan ⱨǝrbir janiwar bilǝn yǝr yüzidǝ ɵmiligüqi ⱨǝrbir uxxaⱪ janiwarlar toƣrisidiki ⱪanun-bǝlgilimidur.
بۇلار بىلەن ھارام-ھالالنى ئۇقۇپ، يېيىشكە بولىدىغان ھايۋان بىلەن يېيىشكە بولمايدىغان ھايۋانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر. 47
Bular bilǝn ⱨaram-ⱨalalni uⱪup, yeyixkǝ bolidiƣan ⱨaywan bilǝn yeyixkǝ bolmaydiƣan ⱨaywanlarni pǝrⱪ etǝlǝysilǝr.

< لاۋىيلار 11 >