< لاۋىيلار 11 >
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
ヱホバ、モーセとアロンに告てこれに言給はく
ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان جانىۋارلار شۇكى: ــ | 2 |
イスラエルの子孫に告て言へ地の諸の獣畜の中汝らが食ふべき四足は是なり
ھايۋانلار ئىچىدە ھەم تۇياقلىرى پۈتۈن ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەربىرىنى يېسەڭلار بولىدۇ. | 3 |
凡て獣畜の中蹄の分たる者すなはち蹄の全く分たる反芻者は汝等これを食ふべし
لېكىن كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە: چۈنكى ئۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس. شۇڭا ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. | 4 |
但し反芻者と蹄の分たる者の中汝等の食ふべからざる者は是なり即ち駱駝是は反芻ども蹄わかれざれば汝等には汚たる者なり
سۇغۇر بولسا كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. | 5 |
山鼠是は反芻ども蹄わかれざれば汝等には汚たる者なり
توشقان بولسا بۇمۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. | 6 |
兎是は反芻ども蹄わかれざれば汝等には汚たる者なり
چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. | 7 |
猪是は蹄あひ分れ蹄まったく分るれども反芻ことをせざれば汝等には汚たる者なり
سىلەر شۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگىمۇ تەگمەڭلار. ئۇلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ. | 8 |
汝等是等の者の肉を食ふべからずまたその死體にさはるべからず是等は汝等には汚たる者なり
سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى، يەنى دەريا-دېڭىزلاردىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ؛ | 9 |
水にある諸の族の中汝等の食ふべき者は是なり凡て水の中にをり海河に居る者にして翅と鱗のある者は汝等これを食ふべし
لېكىن دەريا-دېڭىزلاردا ياشايدىغان، يەنى سۇلاردا توپ-توپ ئۈزىدىغان بارلىق جانىۋارلاردىن، قاسىراقلىرى ياكى قانىتى بولمىغانلىرىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. | 10 |
凡て水に動く者凡て水に生る者即ち凡て海河にある者にして翅と鱗なき者は是汝等には忌はしき者なり
مەزكۇر جانىۋارلار دەرۋەقە سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن؛ سىلەر ئۇلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يىرگىنچلىك دەپ قاراڭلار. | 11 |
是等は汝等には忌はしき者なり汝等その肉を食ふべからずまたその死體をば忌はしき者となすべし
سۇدىكى جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن قانىتى بىلەن قاسىرىقى بولمىغان جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. | 12 |
凡て水にありて翅も鱗もなき者は汝等には忌はしき者たるべし
ئۇچار-قاناتلاردىن تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە يىرگىنچلىكتۇر؛ ئۇلار يېيىلمەسلىكى كېرەك ۋە سىلەرگە يىرگىنچلىك بولسۇن: ــ يەنى بۈركۈت، قورۇلتاز-تاپقۇشلار، دېڭىز بۈركۈتى، | 13 |
鳥の中に汝等が忌はしとすべき者は是なり是をば食ふべからず是は忌はしき者なり即ち鵰黄鷹鳶
قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، | 14 |
鸇鷹の類
ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، | 15 |
諸の鴉の類
مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، | 16 |
駝鳥梟鴎雀鷹の類
ئاققۇ، ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ، | 18 |
白鳥鸅鸕大鷹
لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ قاتارلىقلار سىلەرگە ھارام سانالسۇن. | 19 |
鶴鸚鵡の類鷸および蝙蝠
بۇنىڭدىن باشقا تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك بولىدۇ. | 20 |
また凡て羽翼のありて四爬にあるくところの昆蟲は汝等には忌はしき者なり
ھالبۇكى، تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ: ــ پۇتى بىلەن ئۈگىلىك پاچىقى بولۇپ، يەر يۈزىدە سەكرىيەلەيدىغانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ؛ | 21 |
但し羽翼のありて四爬にあるく諸の昆蟲の中その足に飛腿のありて地に飛ぶものは汝等これを食ふことを得べし
بۇلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغانلىرى: ــ چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، قارا چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، تومۇزغا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، چاقچىقىز ۋە ئۇنىڭ خىللىرى. | 22 |
即ちその中蝗蟲の類大蜢の類小蜢の類螇蚸の類を汝等食ふことを得べし
لېكىن تۆت پۇتلۇق بولغان ئۆمىلىگۈچى ھەم ئۇچىدىغان ھەممە باشقا جانىۋارلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. | 23 |
凡て羽翼ありて四爬にあるくところの昆蟲はみな汝等には忌はしき者たるなり
بۇ جانىۋارلاردىنمۇ مۇنداق يول بىلەن ناپاك بولىسىلەر؛ بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. | 24 |
これ等はなんぢらを汚すなり凡て是等の者の死體に捫る者は晩まで汚るべし
كىمدەكىم بۇلارنىڭ ئۆلۈكىنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. | 25 |
凡てその死體を身に携ふる者はその衣服を洗ふべしその身は晩まで汚るるなり
تۇياقلىرى ئاچىماق، بىراق پۈتۈنلەي بۆلۈنمىگەن ياكى كۆشىمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ھارامدۇر؛ ھەركىم [ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە] تەگسە ناپاك سانالسۇن. | 26 |
凡そ蹄の分れたる獣畜の中その蹄の全く分れざる者あるひは反芻ことをせざる者の死體は汝等には汚穢たるべし凡てこれに捫る者は汚るべし
تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن تاپىنى بىلەن ماڭىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ناپاك بولۇپ، ھەركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تەنلىرىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. | 27 |
四足にてあるく諸の獣畜の中その掌底にて歩む者は皆汝等には汚穢たるべしその死骸に捫る者は晩まで汚るべし
كىمكى ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك تۇرىدۇ. بۇ ھايۋانلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ. | 28 |
その死體を身に携ふる者はその衣服を洗ふべしその身は晩まで汚るるなり是等は汝等には汚たる者なり
يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە ھارام بولغانلار مۇنۇلار: ــ قارىغۇ زوكور، چاشقان، كەسلەنچۈك ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، | 29 |
地に匍ところの匍行者の中汝等に汚穢となる者は是なり即ち鼬鼠鼫鼠大蜥蜴の類
سالما، قىزىل كەسلەنچۈك، تام كەسلەنچۈكى، تۈگۈرۈك كەسلەنچۈك ۋە خامېلېئون قاتارلىقلار ھارام بولىدۇ. | 30 |
蛤蚧龍子守宮蛇醫蝘蜓
بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدە سىلەرگە ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. | 31 |
諸の匍者の中是等は汝等には汚穢たるなり凡てその死たるに捫る者は晩まで汚るべし
بۇ جانىۋارلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق نېمىگە چۈشۈپ قالسا شۇ نېمە ناپاك ھېسابلىنىدۇ ــ ھەرقانداق ياغاچ قاچا-قۇچا بولسۇن، كىيىم بولسۇن، تېرە بولسۇن، تاغار بولسۇن، ھەرقانداق ئىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولسۇن، سۇغا چىلىنىشى كېرەك؛ ئۇلار كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىپ، كېيىن پاك بولىدۇ. | 32 |
是等の者の死て上に墜たる物は何にもあれ汚るべし木の器具にもあれ衣服にもあれ皮革にもあれ嚢袋にもあれ凡そ事に用ふる器は皆これを水にいるべし是は晩まで汚穢ん斯せば是は清まるべし
بۇلارنىڭ بىرى ساپالدىن ياسالغان ھەرقانداق قاچا ئىچىگە چۈشۈپ قالسا، شۇ قاچا ئىچىدىكى ھەممە نەرسە ناپاك سانالسۇن ۋە قاچا ئۆزى سۇندۇرۇلسۇن. | 33 |
また是等の中の者瓦の器におつればその内にある者みな汚るべし汝らその器を毀つべきなり
ئەگەر قاچىدىكى سۇدىن ئاش-تائام ئۈستىگە چاچراپ كەتسە، ئاش-تائام ناپاك سانالسۇن ۋە شۇنداقلا قاچىدىكى ھەرقانداق ئىچىملىكمۇ ناپاك سانالسۇن. | 34 |
また水の入たる食ふべき食物も是等によりて汚るべく諸般の器にある飮べき飮物も是等に由て汚るべし
ھەرنېمىگە ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسىمۇ، ناپاك سانالسۇن. ئەگەر تونۇر ۋە ئوچاق بولسا، ناپاك بولدى دەپ چېقىۋېتىلسۇن؛ ئۇلار سىلەرگە ھارام بولسۇن. | 35 |
是等の者の死體物の上に堕ればその物都て汚るべし爐にもあれ土鍋にもあれ之を毀つべきなり是は汚れて汝等には汚れたる者となればなり
لېكىن شۇنداق ئەھۋالدا بۇلاق ياكى سۇ يىغىلىدىغان كۆلچەك يەنىلا پاك سانىلىدۇ؛ ئەمما بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە ناپاك بولىدۇ. | 36 |
然ど泉水あるひは塘池水の潴は汚るること無し唯その死體に觸る者汚るべし
ئەگەر ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى تېرىشقا تەييارلانغان دانلارغا چۈشۈپ قالسا، بۇمۇ يەنىلا پاك سانىلىدۇ. | 37 |
是等の者の死體は播べき種の上に堕るも其は汚るることなし
لېكىن ئەگەر داننىڭ ئۈستىگە سۇ قۇيۇلغاندىن كېيىن شۇنداق بىر ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ دانلار سىلەرگە ناپاك سانالسۇن. | 38 |
然ど種の上に水のかかれる時にその死體上に堕なば其は汝等には汚たるべし
ئەگەر سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلاردىن بىرى ئۆلۈپ قالسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 39 |
汝等が食ふところの獣畜の死たる時はその死體に捫る者は晩まで汚るべし
كىمكى ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ شۇنداقلا ئۇنداق بىر ئۆلۈكنى كۆتۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 40 |
その死體を食ふ者はその衣服を濯ふべし其身は晩まで汚るるなりその死體を携ふる者もその衣服を洗ふべしその身は晩まで汚るるなり
يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلار يىرگىنچلىك سانىلىپ، ھەرگىز يېيىلمىسۇن. | 41 |
地の上に匍ところの諸の匍行物は忌べき者なり食ふべからず
قورسىقى بىلەن بېغىرلاپ ماڭىدىغان جانىۋار بولسۇن، يەر يۈزىدە يۈرۈپ تۆت پۇتى بىلەن ياكى كۆپ پۇتلىرى بىلەن ماڭىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەرتۈرلۈكىنى بولسا، ئۇلارنى ھەرگىز يېمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكدۇر. | 42 |
即ち地に匍ところの諸の匍行物の中凡て腹ばひ行く者四足にて歩く者ならびに多の足を有つ者是等をば汝等食ふべからず是等は忌べき者たるなり
سىلەر بولساڭلار مۇنداق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى يىرگىنچلىك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلارنى ئۇلار تۈپەيلىدىن ناپاك قىلماڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغىنىپ قالىسىلەر؛ | 43 |
汝等は匍ところの匍行物のためにその身を忌はしき者にするなかれ是等をもてその身を汚すなかれ又是等に汚さるるなかれ
چۈنكى مەن خۇدايىڭلاردۇرمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى [ئۆزۈمگە] ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشىڭلار كېرەك؛ مەن ئۆزۈم مۇقەددەس بولغاچ سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى مۇقەددەس تۇتۇشۇڭلار كېرەك. سىلەر ئۆزۈڭلارنى يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق ھەرقانداق جانىۋارلارنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك قىلماڭلار. | 44 |
我は汝等の神ヱホバなれば汝等その身を聖潔せよ然ば汝等聖者とならん我聖ければなり汝等は必ず地に匍ところの匍行者をもてその身を汚すことをせざれ
چۈنكى مەن ئۆز خۇدايىڭلار بولۇشقا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ سىلەر مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. | 45 |
我は汝等の神とならんとて汝等をエジプトの國より導きいだせしヱホバなり我聖ければ汝等聖潔なるべし
شۇلار بولسا چارپاي بىلەن ئۇچار-قاناتلار، سۇدا يۈرىدىغان ھەربىر جانىۋار بىلەن يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ھەربىر ئۇششاق جانىۋارلار توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. | 46 |
是すなはち獣畜と鳥と水に動く諸の生物と地に匍ふ諸の匍行物にかかはるところの例にして
بۇلار بىلەن ھارام-ھالالنى ئۇقۇپ، يېيىشكە بولىدىغان ھايۋان بىلەن يېيىشكە بولمايدىغان ھايۋانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر. | 47 |
汚たる者と潔き者とを分ち食るる生物と食はれざる生物とを分つ者なり