< لاۋىيلار 10 >
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىھۇ ئىككىسى ئۆز خۇشبۇيدېنىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بۇيرۇپ باقمىغان غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ | 1 |
Men Arons Sønner Nadab og Abihu tog hver sin Pande, kom Ild i dem og lagde Røgelse derpaa og frembar for HERRENS Aasyn fremmed Ild, som han ikke havde paalagt dem.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ ئۇلارنى يەۋەتتى؛ شۇئان ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى. | 2 |
Da for Ild ud fra HERRENS Aasyn og fortærede dem, saa de døde for HERRENS Aasyn.
مۇسا ھارۇنغا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «مەن ماڭا يېقىن كەلگەن ئادەملەردە ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن ۋە بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغلىنىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ ئۆزىدۇر، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ھارۇن جىم تۇرۇپ قالدى. | 3 |
Moses sagde da til Aron: »Det er det, HERREN talede om, da han sagde: Jeg viser min Hellighed paa dem, der staar mig nær, og min Herlighed for alt Folkets Øjne!« Og Aron tav.
مۇسا ھارۇننىڭ تاغىسى ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان مىشائەل بىلەن ئەلزافاننى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر يېقىن كېلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىن كۆتۈرۈپ، چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار» ــ دېدى. | 4 |
Da kaldte Moses Misjael og Elzafan, Arons Farbroder, Uzziels Sønner, til sig og sagde til dem: »Kom og bær eders Frænder bort fra Helligdommen uden for Lejren!«
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېقىن كېلىپ، ئۇلارنى كىيىكلىك كۆڭلەكلىرى بىلەن كۆتۈرۈپ مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقتى. | 5 |
Og de kom og bar dem uden for Lejren i deres Kjortler, som Moses havde sagt.
مۇسا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا: ــ سىلەر باشلىرىڭلارنى ئوچۇق قويماڭلار، كىيىملىرىڭلارنى يىرتماڭلار؛ بولمىسا ئۆزۈڭلار ئۆلۈپ، پۈتكۈل جامائەتكە غەزەپ كەلتۈرىسىلەر؛ لېكىن قېرىنداشلىرىڭلار بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى پەرۋەردىگار ياققان ئوت تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتۇپ يىغلىسۇن. | 6 |
Men Moses sagde til Aron og hans Sønner Eleazar og Itamar: »I maa hverken lade eders Haar vokse frit eller sønderrive eders Klæder, ellers skal I dø og Vrede komme over hele Menigheden; lad eders Brødre, hele Israels Hus, begræde den Brand, HERREN har antændt;
ئەمما سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلەش مېيى ئۈستۈڭلارغا سۈرۈلگەن بولغاچقا، جامائەت چېدىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقماڭلار؛ بولمىسا ئۆلىسىلەر، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. | 7 |
og vig ikke fra Aabenbaringsteltets Indgang, ellers skal I dø, thi HERRENS Salveolie er paa eder!« Og de gjorde som Moses sagde.
پەرۋەردىگار ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 8 |
Og HERREN talede til Aron og sagde:
«سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. | 9 |
Vin og stærk Drik maa hverken du eller dine Sønner drikke, naar I gaaet ind i Aabenbaringsteltet, for at I ikke skal dø. Det skal være eder en evig gyldig Anordning fra Slægt til Slægt,
شۇنداق قىلساڭلار، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكىنى، پاك بىلەن ناپاكنى پەرق ئېتىپ ئاجرىتالايدىغان بولىسىلەر؛ | 10 |
for at I kan gøre Skel mellem det hellige og det, der ikke er helligt, og mellem det urene og det rene,
شۇنداقلا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان ھەممە بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارغا ئۆگىتەلەيسىلەر». | 11 |
og for at I kan vejlede Israeliterne i alle de Love, HERREN har kundgjort dem ved Moses.
مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالغان ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەنى ئېلىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىدا ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا يەڭلار؛ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. | 12 |
Og Moses sagde til Aron og hans tilbageblevne Sønner Eleazar og Itamar: »Tag Afgrødeofferet, der er levnet fra HERRENS Ildoffer, og spis det usyret ved Siden af Alteret, thi det er højhelligt;
بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەردىن سېنىڭ نېسىۋەڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولغاچقا، ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلغاندۇر. | 13 |
I skal spise det paa et helligt Sted; det er jo din og dine Sønners retmæssige Del af HERRENS Ildofre; thi saaledes er det mig paabudt.
ئۇنىڭدىن باشقا پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇتنى سەن ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىللە پاك بىر جايدا يەڭلار؛ چۈنكى بۇلار سېنىڭ نېسىۋەڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن سىلەرگە بېرىلگەن. | 14 |
Og Svingningsbrystet og Offerydelseskøllen skal I spise paa et rent Sted, du, dine Sønner og Døtre, thi de er givet dig tillige med dine Sønner som en retmæssig Del af Israeliternes Takofre;
ئۇلار كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇت بىلەن پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆشنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان مايلىرى بىلەن قوشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىش ئۈچۈن كەلتۈرسۇن؛ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇلار سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ». | 15 |
Offerydelseskøllen og Svingningsbrystet skal man frembære sammen med de til Ildofre bestemte Fedtdele, for at Svingningen kan udføres for HERRENS Aasyn, og de skal tilfalde dig og dine Sønner tillige med dig som en evig gyldig Rettighed, saaledes som HERREN har paabudt!«
ئاندىن مۇسا گۇناھ قۇربانلىقى قىلىدىغان تېكىنى ئىزدىۋىدى، مانا ئۇ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلۈپ بولغانىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ھارۇننىڭ تىرىك قالغان ئىككى ئوغلى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ: | 16 |
Og Moses spurgte efter Syndofferbukken, men se, den var opbrændt. Da blev han fortørnet paa Eleazar og Itamar, Arons tilbageblevne Sønner, og sagde:
ــ نېمىشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس جايدا يېمىدىڭلار؟ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىناتتى، پەرۋەردىگار سىلەرنى جامائەتنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈپ ئۇلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرسۇن دەپ، شۇنى سىلەرگە تەقسىم قىلغانىدى. | 17 |
»Hvorfor har I ikke spist Syndofferet paa det hellige Sted? Det er jo dog højhelligt, og han har givet eder det, for at I skal borttage Menighedens Skyld og saaledes skaffe dem Soning for HERRENS Aasyn.
مانا، ئۇنىڭ قېنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈلمىدى؛ سىلەر ئەسلىدە مەن بۇيرۇغاندەك ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك ئىدى، ــ دېدى. | 18 |
Se, Blodet deraf er ikke blevet bragt ind i Helligdommens Indre, derfor havde det været eders Pligt at spise det paa det hellige Sted, saaledes som jeg har paabudt!«
لېكىن ھارۇن مۇساغا: ــ مانا، بۇلار بۈگۈن [توغرا ئىش قىلىپ] ئۆزلىرىنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇندى؛ مېنىڭ بېشىمغا شۇ ئىشلار كەلدى؛ ئەگەر مەن بۈگۈن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ [گۆشىنى] يېگەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئوبدان بولاتتىمۇ؟ ــ دېدى. | 19 |
Men Aron svarede Moses: »Se, de har i Dag frembaaret deres Syndoffer og Brændoffer for HERRENS Aasyn, og en saadan Tilskikkelse har ramt mig! Om jeg i Dag havde spist Syndofferkød, vilde HERREN da have billiget det?«
مۇسا بۇنى ئاڭلاپ جاۋابىدىن رازى بولدى. | 20 |
Da Moses hørte dette, billigede han det.