< لاۋىيلار 1 >
ۋە پەرۋەردىگار مۇسانى چاقىرىپ جامائەت چېدىرىدىن ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Wǝ Pǝrwǝrdigar Musani qaⱪirip jamaǝt qediridin uningƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: —
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىقنى سۇنماقچى بولساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى چارپايلاردىن، يەنى كالا ياكى ئۇششاق ماللاردىن سۇنۇشۇڭلار كېرەك. | 2 |
Sǝn Israillarƣa sɵz ⱪilip ularƣa mundaⱪ degin: — Əgǝr silǝrdin biringlar Pǝrwǝrdigarning aldiƣa bir ⱪurbanliⱪni sunmaⱪqi bolsanglar, ⱪurbanliⱪinglarni qarpaylardin, yǝni kala yaki uxxaⱪ mallardin sunuxunglar kerǝk.
ئەگەر ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى كالىلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم ئەركەك ھايۋاننى كەلتۈرسۇن؛ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا سۇنسۇن. | 3 |
Əgǝr uning sunidiƣini kalilardin kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ bolsa, undaⱪta u bejirim ǝrkǝk ⱨaywanni kǝltürsun; uning Pǝrwǝrdigarning aldida ⱪobul boluxi üqün uni jamaǝt qedirining kirix aƣzining aldida sunsun.
ئۇ قولىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ئۇنىڭ ئورنىغا كافارەت بولۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. | 4 |
U ⱪolini kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪning bexiƣa ⱪoysun; xuning bilǝn ⱪurbanliⱪ uning orniƣa kafarǝt boluxⱪa ⱪobul ⱪilinidu.
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇقىنى بوغۇزلىسۇن؛ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى كەلتۈرۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. | 5 |
Andin u Pǝrwǝrdigarning ⱨuzurida buⱪini boƣuzlisun; kaⱨinlar bolƣan Ⱨarunning oƣulliri ⱪenini kǝltürüp, jamaǝt qedirining kirix aƣzidiki ⱪurbangaⱨning üsti ⱪismining ǝtrapiƣa sǝpsun.
ئاندىن [قۇربانلىق قىلغۇچى] كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ تېرىسىنى سويۇپ، تېنىنى پارچىلىسۇن | 6 |
Andin [ⱪurbanliⱪ ⱪilƣuqi] kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ ⱪilinƣan ⱨaywanning terisini soyup, tenini parqilisun
ۋە ھارۇن كاھىننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانگاھتا ئوت قالاپ ئوتنىڭ ئۈستىگە ئوتۇنلارنى تىزسۇن. | 7 |
wǝ Ⱨarun kaⱨinning oƣulliri ⱪurbangaⱨta ot ⱪalap otning üstigǝ otunlarni tizsun.
ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى گۆش پارچىلىرىنى، بېشى ۋە مېيى بىلەن قوشۇپ، قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تەرتىپ بىلەن تىزىپ قويسۇن. | 8 |
Andin kaⱨinlar bolƣan Ⱨarunning oƣulliri gɵx parqilirini, bexi wǝ meyi bilǝn ⱪoxup, ⱪurbangaⱨdiki otning üstidiki otunning üstigǝ tǝrtip bilǝn tizip ⱪoysun.
لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى [قۇربانلىق سۇنغۇچى] سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. | 9 |
Lekin uning iq-ⱪarni bilǝn paqaⱪlirini [ⱪurbanliⱪ sunƣuqi] suda yusun; andin kaⱨin ⱨǝmmisini elip kelip ⱪurbangaⱨning üstidǝ kɵydürsun. Bu ot arⱪiliⱪ sunulidiƣan ⱪurbanliⱪ ⱨesabida, Pǝrwǝrdigarƣa huxbuy qiⱪirilidiƣan kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ bolidu.
ئەگەر ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇششاق ماللاردىن قوي يا ئۆچكە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقدا ئۇ بېجىرىم بولغان بىر ئەركىكىنى كەلتۈرسۇن. | 10 |
Əgǝr u kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ ⱪilix üqün uxxaⱪ mallardin ⱪoy ya ɵqkǝ ⱪurbanliⱪ ⱪilay desǝ, undaⱪda u bejirim bolƣan bir ǝrkikini kǝltürsun.
ئۇ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ شىمال تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. | 11 |
U uni ⱪurbangaⱨning ximal tǝripidǝ Pǝrwǝrdigarning ⱨuzurida boƣuzlisun. Andin kaⱨinlar bolƣan Ⱨarunning oƣulliri ⱪenini elip, ⱪurbangaⱨning üsti ⱪismining ǝtrapiƣa sǝpsun.
[قۇربانلىق قىلغۇچى] بولسا گۆشنى پارچىلاپ، بېشى بىلەن مېيىنى كېسىپ ئايرىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇلارنى ئېلىپ قۇربانگاھتىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە تەرتىپ بويىچە تىزىپ قويسۇن. | 12 |
[ⱪurbanliⱪ ⱪilƣuqi] bolsa gɵxni parqilap, bexi bilǝn meyini kesip ayrisun. Andin kaⱨin bularni elip ⱪurbangaⱨtiki otning üstidiki otunning üstidǝ tǝrtip boyiqǝ tizip ⱪoysun.
لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلارنى [قۇربانلىق سۇنغۇچى] سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. | 13 |
Lekin uning iq-ⱪarni bilǝn paqaⱪlarni [ⱪurbanliⱪ sunƣuqi] suda yusun; andin kaⱨin ⱨǝmmisini elip kelip ⱪurbangaⱨning üstidǝ kɵydürsun. Bu ot arⱪiliⱪ sunulidiƣan ⱪurbanliⱪ ⱨesabida, Pǝrwǝrdigarƣa huxbuy qiⱪirilidiƣan kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ bolidu.
ئەگەر [قۇربانلىق قىلغۇچى] پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇچار-قاناتلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقتا ئۇ پاختەكلەردىن ياكى كەپتەر باچكىلىرىدىن قۇربانلىق كەلتۈرسۇن. | 14 |
Əgǝr [ⱪurbanliⱪ ⱪilƣuqi] Pǝrwǝrdigarƣa atap uqar-ⱪanatlardin kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ ⱪilay desǝ, undaⱪta u pahtǝklǝrdin yaki kǝptǝr baqkiliridin ⱪurbanliⱪ kǝltürsun.
كاھىن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، بېشىنى تولغاپ ئۈزۈپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ ئۇنىڭ قېنى سىقىلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا سۈرتۈلسۇن. | 15 |
Kaⱨin uni ⱪurbangaⱨning yeniƣa elip kelip, bexini tolƣap üzüp uni ⱪurbangaⱨning üstidǝ kɵydürsun; uning ⱪeni siⱪilip ⱪurbangaⱨning temiƣa sürtülsun.
لېكىن تاشلىقىنى پەيلىرى بىلەن قوشۇپ قۇربانگاھنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۈللۈككە تاشلىۋەتسۇن؛ | 16 |
Lekin taxliⱪini pǝyliri bilǝn ⱪoxup ⱪurbangaⱨning xǝrⱪ tǝripidiki küllükkǝ taxliwǝtsun;
ئۇ قۇربانلىقنى ئىككى قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يارسۇن، بىراق ئۇنى ئىككى پارچە قىلىۋەتمىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇنى ئېلىپ قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. | 17 |
u ⱪurbanliⱪni ikki ⱪanitining otturisidin yarsun, biraⱪ uni ikki parqǝ ⱪiliwǝtmisun. Andin kaⱨin buni elip ⱪurbangaⱨdiki otning üstidiki otunning üstigǝ ⱪoyup kɵydürsun; bu ot arⱪiliⱪ sunulidiƣan ⱪurbanliⱪ ⱨesabida, Pǝrwǝrdigarƣa huxbuy qiⱪirilidiƣan kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ bolidu.