< لاۋىيلار 1 >

ۋە پەرۋەردىگار مۇسانى چاقىرىپ جامائەت چېدىرىدىن ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
耶和华从会幕中呼叫摩西,对他说:
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىقنى سۇنماقچى بولساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى چارپايلاردىن، يەنى كالا ياكى ئۇششاق ماللاردىن سۇنۇشۇڭلار كېرەك. 2
“你晓谕以色列人说:你们中间若有人献供物给耶和华,要从牛群羊群中献牲畜为供物。
ئەگەر ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى كالىلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم ئەركەك ھايۋاننى كەلتۈرسۇن؛ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا سۇنسۇن. 3
“他的供物若以牛为燔祭,就要在会幕门口献一只没有残疾的公牛,可以在耶和华面前蒙悦纳。
ئۇ قولىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ئۇنىڭ ئورنىغا كافارەت بولۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. 4
他要按手在燔祭牲的头上,燔祭便蒙悦纳,为他赎罪。
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇقىنى بوغۇزلىسۇن؛ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى كەلتۈرۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. 5
他要在耶和华面前宰公牛;亚伦子孙作祭司的,要奉上血,把血洒在会幕门口、坛的周围。
ئاندىن [قۇربانلىق قىلغۇچى] كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ تېرىسىنى سويۇپ، تېنىنى پارچىلىسۇن 6
那人要剥去燔祭牲的皮,把燔祭牲切成块子。
ۋە ھارۇن كاھىننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانگاھتا ئوت قالاپ ئوتنىڭ ئۈستىگە ئوتۇنلارنى تىزسۇن. 7
祭司亚伦的子孙要把火放在坛上,把柴摆在火上。
ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى گۆش پارچىلىرىنى، بېشى ۋە مېيى بىلەن قوشۇپ، قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تەرتىپ بىلەن تىزىپ قويسۇن. 8
亚伦子孙作祭司的,要把肉块和头并脂油摆在坛上火的柴上。
لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى [قۇربانلىق سۇنغۇچى] سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. 9
但燔祭的脏腑与腿要用水洗。祭司就要把一切全烧在坛上,当作燔祭,献与耶和华为馨香的火祭。
ئەگەر ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇششاق ماللاردىن قوي يا ئۆچكە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقدا ئۇ بېجىرىم بولغان بىر ئەركىكىنى كەلتۈرسۇن. 10
“人的供物若以绵羊或山羊为燔祭,就要献上没有残疾的公羊。
ئۇ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ شىمال تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. 11
要把羊宰于坛的北边,在耶和华面前;亚伦子孙作祭司的,要把羊血洒在坛的周围。
[قۇربانلىق قىلغۇچى] بولسا گۆشنى پارچىلاپ، بېشى بىلەن مېيىنى كېسىپ ئايرىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇلارنى ئېلىپ قۇربانگاھتىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە تەرتىپ بويىچە تىزىپ قويسۇن. 12
要把燔祭牲切成块子,连头和脂油,祭司就要摆在坛上火的柴上;
لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلارنى [قۇربانلىق سۇنغۇچى] سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. 13
但脏腑与腿要用水洗,祭司就要全然奉献,烧在坛上。这是燔祭,是献与耶和华为馨香的火祭。
ئەگەر [قۇربانلىق قىلغۇچى] پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇچار-قاناتلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقتا ئۇ پاختەكلەردىن ياكى كەپتەر باچكىلىرىدىن قۇربانلىق كەلتۈرسۇن. 14
“人奉给耶和华的供物,若以鸟为燔祭,就要献斑鸠或是雏鸽为供物。
كاھىن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، بېشىنى تولغاپ ئۈزۈپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ ئۇنىڭ قېنى سىقىلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا سۈرتۈلسۇن. 15
祭司要把鸟拿到坛前,揪下头来,把鸟烧在坛上;鸟的血要流在坛的旁边;
لېكىن تاشلىقىنى پەيلىرى بىلەن قوشۇپ قۇربانگاھنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۈللۈككە تاشلىۋەتسۇن؛ 16
又要把鸟的嗉子和脏物除掉,丢在坛的东边倒灰的地方。
ئۇ قۇربانلىقنى ئىككى قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يارسۇن، بىراق ئۇنى ئىككى پارچە قىلىۋەتمىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇنى ئېلىپ قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. 17
要拿着鸟的两个翅膀,把鸟撕开,只是不可撕断;祭司要在坛上、在火的柴上焚烧。这是燔祭,是献与耶和华为馨香的火祭。”

< لاۋىيلار 1 >