< يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 5 >
بېشىمىزغا چۈشكەنلەرنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ قارا، بىزنىڭ رەسۋاچىلىقتا قالغىنىمىزنى نەزىرىڭگە ئالغايسەن! | 1 |
Remember, O LORD, what is come upon us; behold, and see our reproach.
مىراسىمىز ياتلارغا، ئۆيلىرىمىز ياقا يۇرتلۇقلارغا تاپشۇرۇلدى. | 2 |
Our inheritance is turned unto strangers, our houses unto aliens.
بىز يېتىم-يېسىرلەر، ئاتىسىزلار بولۇپ قالدۇق؛ ئانىلىرىمىزمۇ تۇل قالدى. | 3 |
We are become orphans and fatherless, our mothers are as widows.
ئىچىدىغان سۇنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك؛ ئوتۇننى پەقەت پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ. | 4 |
We have drunk our water for money; our wood cometh to us for price.
بىزنى قوغلىغۇچىلار تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ ھالسىراپ، ھېچ ئارام تاپالمايمىز. | 5 |
To our very necks we are pursued; we labour, and have no rest.
جان ساقلىغۇدەك بىر چىشلەم ناننى دەپ، مىسىر ھەم ئاسۇرىيەگە قول بېرىپ بويسۇنغانمىز. | 6 |
We have given the hand to Egypt, and to Assyria, to have bread enough;
ئاتا-بوۋىلىرىمىز گۇناھ سادىر قىلىپ دۇنيادىن كەتتى؛ بىز بولساق، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرۈشكە قالدۇق. | 7 |
Our fathers have sinned, and are not; and we have borne their iniquities.
ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر قۇللاردۇر؛ بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغۇچى يوقتۇر. | 8 |
Servants rule over us; there is none to deliver us out of their hand.
دالادا قىلىچ تۈپەيلىدىن، نېنىمىزنى تېپىشقا جېنىمىزنى تەۋەككۇل قىلماقتىمىز. | 9 |
We get our bread with the peril of our lives because of the sword of the wilderness.
تېرىمىز تونۇردەك قىزىق، ئاچلىق تۈپەيلىدىن قىزىتما بىزنى باسماقتا. | 10 |
Our skin is hot like an oven because of the burning heat of famine.
زىئوندا ئاياللار، يەھۇدا شەھەرلىرىدە پاك قىزلار ئاياغ ئاستى قىلىندى. | 11 |
They have ravished the women in Zion, the maidens in the cities of Judah.
ئەمىرلەر قولىدىن دارغا ئېسىپ قويۇلدى؛ ئاقساقاللارنىڭ ھۆرمىتى ھېچ قىلىنمىدى. | 12 |
Princes are hanged up by their hand; the faces of elders are not honoured.
ياش يىگىتلەر يارغۇنچاقتا جاپا تارتماقتا، ئوغۇل بالىلىرىمىز ئوتۇن يۈكلەرنى يۈدۈپ دەلدەڭشىپ ماڭماقتا. | 13 |
The young men have borne the mill, and the children have stumbled under the wood.
ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرماس بولدى؛ يىگىتلەر نەغمە-ناۋادىن قالدى. | 14 |
The elders have ceased from the gate, the young men from their music.
شاد-خۇراملىق كۆڭلىمىزدىن كەتتى، ئۇسسۇل ئوينىشىمىز ماتەمگە ئايلاندى. | 15 |
The joy of our heart is ceased; our dance is turned into mourning.
بېشىمىزدىن تاج يىقىلدى؛ ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق! | 16 |
The crown is fallen from our head; woe unto us! for we have sinned.
بۇنىڭ تۈپەيلىدىن يۈرەكلىرىمىز مۇجۇلدى؛ بۇلار تۈپەيلىدىن كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى ــ | 17 |
For this our heart is faint, for these things our eyes are dim;
ــ زىئون تېغىغا قاراپ كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى، چۈنكى ئۇ چۆلدەرەپ كەتتى، چىلبۆرە ئۇنىڭدا پايلاپ يۈرمەكتە. | 18 |
For the mountain of Zion, which is desolate, the foxes walk upon it.
سەن، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىسەن؛ تەختىڭ دەۋردىن-دەۋرگە داۋاملىشىدۇ. | 19 |
Thou, O LORD, art enthroned for ever, Thy throne is from generation to generation.
سەن نېمىشقا بىزنى دائىم ئۇنتۇيسەن؟ نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇنغىچە بىزدىن ۋاز كېچىسەن؟ | 20 |
Wherefore dost Thou forget us for ever, and forsake us so long time?
بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار! شۇنداق بولغاندا بىز قايتالايمىز! كۈنلىرىمىزنى قەدىمكىدەك ئەسلىگە كەلتۈرگەيسەن، | 21 |
Turn Thou us unto Thee, O LORD, and we shall be turned; renew our days as of old.
ــ ئەگەر سەن بىزنى مۇتلەق چەتكە قاقمىغان بولساڭ، ئەگەر بىزدىن چەكسىز غەزەپلەنمىگەن بولساڭ! | 22 |
Thou canst not have utterly rejected us, and be exceeding wroth against us!