(ئالەف) ئاھ! ئالتۇن شۇنچە جۇلاسىز بولۇپ كەتتى! ساپ ئالتۇن شۇنچە تۇتۇق بولۇپ كەتتى! مۇقەددەس ئۆيدىكى تاشلار ھەربىر كوچىنىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ چېچىلدى! | 1 |
אֵיכָה֙ יוּעַ֣ם זָהָ֔ב יִשְׁנֶ֖א הַכֶּ֣תֶם הַטּ֑וֹב תִּשְׁתַּפֵּ֙כְנָה֙ אַבְנֵי־קֹ֔דֶשׁ בְּרֹ֖אשׁ כָּל־חוּצֽוֹת׃ ס |
(بەت) زىئوننىڭ ئوغۇللىرى شۇنچە قىممەتلىك، ساپ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئىدى، ھازىر ساپال كوزىلاردەك، ساپالچىنىڭ قولى ياسىغانلىرىچىلىكمۇ [قىممىتى يوق] دەپ قارىلىۋاتىدۇ! | 2 |
בְּנֵ֤י צִיּוֹן֙ הַיְקָרִ֔ים הַמְסֻלָּאִ֖ים בַּפָּ֑ז אֵיכָ֤ה נֶחְשְׁבוּ֙ לְנִבְלֵי־חֶ֔רֶשׂ מַעֲשֵׂ֖ה יְדֵ֥י יוֹצֵֽר׃ ס |
(گىمەل) ھەتتا چىلبۆرىلەر ئەمچىكىنى تۇتۇپ بېرىپ بالىلىرىنى ئېمىتىدۇ؛ لېكىن مېنىڭ خەلقىم چۆلدىكى تۆگىقۇشلارغا ئوخشاش رەھىمسىز بولدى. | 3 |
גַּם־תַּנִּים֙ חָ֣לְצוּ שַׁ֔ד הֵינִ֖יקוּ גּוּרֵיהֶ֑ן בַּת־עַמִּ֣י לְאַכְזָ֔ר כִּי כַּיְעֵנִ֖ים בַּמִּדְבָּֽר׃ ס |
(دالەت) بوۋاقنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن تاڭلىيىغا چاپلىشىۋاتىدۇ؛ كىچىك بالىلار نان تىلىمەكتە، ھېچكىم ئۇلارغا ئوشتۇپ بەرمەيۋاتىدۇ. | 4 |
דָּבַ֨ק לְשׁ֥וֹן יוֹנֵ֛ק אֶל־חכּ֖וֹ בַּצָּמָ֑א עֽוֹלָלִים֙ שָׁ֣אֲלוּ לֶ֔חֶם פֹּרֵ֖שׂ אֵ֥ין לָהֶֽם׃ ס |
(خې) نازۇنېمەتلەرنى يەپ كۆنگەنلەر كوچىلاردا سارغىيىپ يۈرىدۇ؛ سۆسۈن كىيىم كىيدۈرۈلۈپ چوڭ قىلىنغانلار تېزەكلىكنى قۇچاقلاپ يېتىۋاتىدۇ. | 5 |
הָאֹֽכְלִים֙ לְמַ֣עֲדַנִּ֔ים נָשַׁ֖מּוּ בַּחוּצ֑וֹת הָאֱמֻנִים֙ עֲלֵ֣י תוֹלָ֔ע חִבְּק֖וּ אַשְׁפַּתּֽוֹת׃ ס |
(ۋاۋ) خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشكەن جازا سودومنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر؛ چۈنكى سودوم بىراقلا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى، ھېچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنى قىينىمىغانىدى. | 6 |
וַיִּגְדַּל֙ עֲוֹ֣ן בַּת־עַמִּ֔י מֵֽחַטַּ֖את סְדֹ֑ם הַֽהֲפוּכָ֣ה כְמוֹ־רָ֔גַע וְלֹא־חָ֥לוּ בָ֖הּ יָדָֽיִם׃ ס |
(زائىن) خەلقىمنىڭ «نازارىي»لىرى بولسا قاردىن ساپ، سۈتتىن ئاق، تېنى قىزىل ياقۇتلاردىن پارقىراق ئىدى، تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك ئىدى. | 7 |
זַכּ֤וּ נְזִירֶ֙יהָ֙ מִשֶּׁ֔לֶג צַח֖וּ מֵחָלָ֑ב אָ֤דְמוּ עֶ֙צֶם֙ מִפְּנִינִ֔ים סַפִּ֖יר גִּזְרָתָֽם׃ ס |
(خەت) ھازىر چىرايلىرى قۇرۇمدىن قارا؛ كوچىلاردا كىشىلەر تونىيالمىغۇدەك بولۇپ قالدى؛ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى؛ ئۇ قاقشاللىشىپ ياغاچتەك بولۇپ كەتتى. | 8 |
חָשַׁ֤ךְ מִשְּׁחוֹר֙ תָּֽאֳרָ֔ם לֹ֥א נִכְּר֖וּ בַּחוּצ֑וֹת צָפַ֤ד עוֹרָם֙ עַל־עַצְמָ֔ם יָבֵ֖שׁ הָיָ֥ה כָעֵֽץ׃ ס |
(تەت) قىلىچتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قەھەتچىلىكتە ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇلار قاقشال بولۇپ كەتمەكتە، تۇپراقنىڭ مېۋىلىرى بولمىغاچقا يىقىتىلماقتا. | 9 |
טוֹבִ֤ים הָיוּ֙ חַלְלֵי־חֶ֔רֶב מֵֽחַלְלֵ֖י רָעָ֑ב שֶׁ֣הֵ֤ם יָז֙וּבוּ֙ מְדֻקָּרִ֔ים מִתְּנוּבֹ֖ת שָׂדָֽי׃ ס |
(يود) باغرى يۇمشاق ئاياللار ئۆز قوللىرى بىلەن بالىلىرىنى قاينىتىپ پىشۇردى؛ خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىنغىنىدا بالىلار ئۇلارنىڭ گۆشى بولۇپ قالدى. | 10 |
יְדֵ֗י נָשִׁים֙ רַחֲמָ֣נִיּ֔וֹת בִּשְּׁל֖וּ יַלְדֵיהֶ֑ן הָי֤וּ לְבָרוֹת֙ לָ֔מוֹ בְּשֶׁ֖בֶר בַּת־עַמִּֽי׃ ס |
(كاف) پەرۋەردىگار قەھرىنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقتى، ئوتلۇق غەزىپىنى تۆكتى؛ زىئوندا بىر ئوت يېقىپ، ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يۇتۇۋەتتى. | 11 |
כִּלָּ֤ה יְהוָה֙ אֶת־חֲמָת֔וֹ שָׁפַ֖ךְ חֲר֣וֹן אַפּ֑וֹ וַיַּצֶּת־אֵ֣שׁ בְּצִיּ֔וֹן וַתֹּ֖אכַל יְסוֹדֹתֶֽיהָ׃ ס |
(لامەد) يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە جاھاندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بولسا، نە كۈشەندە نە دۈشمەننىڭ يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرىدىن بۆسۈپ كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. | 12 |
לֹ֤א הֶאֱמִ֙ינוּ֙ מַלְכֵי־אֶ֔רֶץ כֹּ֖ל יֹשְׁבֵ֣י תֵבֵ֑ל כִּ֤י יָבֹא֙ צַ֣ר וְאוֹיֵ֔ב בְּשַׁעֲרֵ֖י יְרוּשָׁלִָֽם׃ ס |
(مەم) ھالبۇكى، پەيغەمبەرلىرىنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، كاھنلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ [زىئوندا] ھەققانىيلارنىڭ قانلىرىنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن، ــ بۇ ئىش [بېشىغا] چۈشتى! | 13 |
מֵֽחַטֹּ֣את נְבִיאֶ֔יהָ עֲוֹנ֖וֹת כֹּהֲנֶ֑יהָ הַשֹּׁפְכִ֥ים בְּקִרְבָּ֖הּ דַּ֥ם צַדִּיקִֽים׃ ס |
(نۇن) ھازىر ئۇلار قارغۇلاردەك كوچىلاردا تېنەپ يۈرمەكتە، ئۇلار قانغا بۇلغانغانكى، ھېچكىم كىيىملىرىگە تەگكۈچى بولمايدۇ. | 14 |
נָע֤וּ עִוְרִים֙ בַּֽחוּצ֔וֹת נְגֹֽאֲל֖וּ בַּדָּ֑ם בְּלֹ֣א יֽוּכְל֔וּ יִגְּע֖וּ בִּלְבֻשֵׁיהֶֽם׃ ס |
(سامەق) خەق ئۇلارغا: «يوقۇلۇش! ناپاكلار! يوقۇلۇش! يوقۇلۇش، بىزگە تەگكۈچى بولۇشما!» دەپ ۋارقىرىشماقتا. ئۇلار قېچىپ تەرەپ-تەرەپكە سەرگەردان بولۇپ كەتتى؛ لېكىن ئەللەر: «ئۇلارنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇشىغا بولمايدۇ!» ــ دەۋاتىدۇ. | 15 |
ס֣וּרוּ טָמֵ֞א קָ֣רְאוּ לָ֗מוֹ ס֤וּרוּ ס֙וּרוּ֙ אַל־תִּגָּ֔עוּ כִּ֥י נָצ֖וּ גַּם־נָ֑עוּ אָֽמְרוּ֙ בַּגּוֹיִ֔ם לֹ֥א יוֹסִ֖יפוּ לָגֽוּר׃ ס |
(پې) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى؛ ئۇ ئۇلارنى قايتا نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ كاھىنلارنىڭ ھۆرمىتى قىلىنمىدى، ياشانغانلارمۇ ھېچ مېھرىبانلىق كۆرمىدى. | 16 |
פְּנֵ֤י יְהוָה֙ חִלְּקָ֔ם לֹ֥א יוֹסִ֖יף לְהַבִּיטָ֑ם פְּנֵ֤י כֹהֲנִים֙ לֹ֣א נָשָׂ֔אוּ וּזְקֵנִ֖ים לֹ֥א חָנָֽנוּ׃ ס |
(ئايىن) كۆزىمىز ياردەمنى بىھۇدە كۈتۈپ ھالىدىن كەتتى؛ دەرۋەقە بىزنى قۇتقۇزالمىغان بىر ئەلنى كۈتۈپ كۆزەت مۇنارلىرىمىزدا تۇرۇپ كەلدۇق. | 17 |
עוֹדֵ֙ינוּ֙ תִּכְלֶ֣ינָה עֵינֵ֔ינוּ אֶל־עֶזְרָתֵ֖נוּ הָ֑בֶל בְּצִפִּיָּתֵ֣נוּ צִפִּ֔ינוּ אֶל־גּ֖וֹי לֹ֥א יוֹשִֽׁעַ׃ ס |
(تسادە) دۈشمەنلىرىمىز ئىزىمىزدىن قوغلاپ يۈردى؛ شۇڭا كوچىلاردا يۈرەلمەيتتۇق؛ ئەجىلىمىز يېقىنلاشتى، كۈنلىرىمىز توشتى؛ چۈنكى ئەجىلىمىز كەلدى! | 18 |
צָד֣וּ צְעָדֵ֔ינוּ מִלֶּ֖כֶת בִּרְחֹבֹתֵ֑ינוּ קָרַ֥ב קִצֵּ֛ינוּ מָלְא֥וּ יָמֵ֖ינוּ כִּי־בָ֥א קִצֵּֽינוּ׃ ס |
(كوف) پېيىمىزگە چۈشكەنلەر ئاسماندىكى بۈركۈتلەردىن ئىتتىك؛ تاغلاردىمۇ بىزنى قوغلاپ يۈگۈردى، باياۋاندىمۇ بىزنى بۆكتۈرمىدە پايلاشتى. | 19 |
קַלִּ֤ים הָיוּ֙ רֹדְפֵ֔ינוּ מִנִּשְׁרֵ֖י שָׁמָ֑יִם עַל־הֶהָרִ֣ים דְּלָקֻ֔נוּ בַּמִּדְבָּ֖ר אָ֥רְבוּ לָֽנוּ׃ ס |
(رەش) جېنىمىزنىڭ نەپىسى بولغان، پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى ئۇلارنىڭ ئورا-تۇزاقلىرىدا تۇتۇلدى؛ بىز ئۇ توغرىسىدا: «ئۇنىڭ سايىسىدە ئەللەر ئارىسىدا ياشايمىز» دەپ ئويلىدۇق! | 20 |
ר֤וּחַ אַפֵּ֙ינוּ֙ מְשִׁ֣יחַ יְהוָ֔ה נִלְכַּ֖ד בִּשְׁחִיתוֹתָ֑ם אֲשֶׁ֣ר אָמַ֔רְנוּ בְּצִלּ֖וֹ נִֽחְיֶ֥ה בַגּוֹיִֽם׃ ס |
(شىين) ئى ئۇز زېمىنىدا تۇرغۇچى، ئېدومنىڭ قىزى، خۇشال-خۇرام يايرىغىن! لېكىن بۇ [جازا] قەدەھى ساڭىمۇ ئۆتىدۇ؛ سەنمۇ مەست بولىسەن، يالىڭاچلىنىسەن! | 21 |
שִׂ֤ישִׂי וְשִׂמְחִי֙ בַּת־אֱד֔וֹם יוֹשֶׁ֖בֶת בְּאֶ֣רֶץ ע֑וּץ גַּם־עָלַ֙יִךְ֙ תַּעֲבָר־כּ֔וֹס תִּשְׁכְּרִ֖י וְתִתְעָרִֽי׃ ס |
(تاۋ) قەبىھلىكىڭنىڭ جازاسىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، ئى زىئون قىزى؛ ئۇ سېنى سۈرگۈنلۈككە قايتا ئېلىپ كەتمەيدۇ؛ لېكىن، ئى ئېدوم قىزى، ئۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى جازالايدۇ؛ ئۇ گۇناھلىرىڭنى ئېچىپ تاشلايدۇ! | 22 |
תַּם־עֲוֹנֵךְ֙ בַּת־צִיּ֔וֹן לֹ֥א יוֹסִ֖יף לְהַגְלוֹתֵ֑ךְ פָּקַ֤ד עֲוֹנֵךְ֙ בַּת־אֱד֔וֹם גִּלָּ֖ה עַל־חַטֹּאתָֽיִךְ׃ פ |