< يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 3 >
(ئالەف) مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن. | 1 |
I am the man that hath seen affliction under the rod of His wrath;
مېنى ئۇ ھەيدىۋەتتى، نۇرغا ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇققا ماڭدۇردى؛ | 2 |
He hath led me and brought me into darkness, and not into light;
بەرھەق، ئۇ كۈن بويى قولىنى ماڭا قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلدۇردى؛ | 3 |
Yea, against me doth he again and again turn his hand all the day long.
(بەت) ئەتلىرىمنى ۋە تېرىلىرىمنى قاقشال قىلىۋەتتى، سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرۇۋەتتى. | 4 |
My flesh and my skin hath he made old; he hath broken my bones.
ئۇ ماڭا مۇھاسىرە قۇردى، ئۆت سۈيى ۋە جاپا بىلەن مېنى قاپسىۋالدى. | 5 |
He hath builded against me, and encompassed me with bitterness and woe.
ئۇ مېنى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك قاپقاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. | 6 |
He hath set me in dark places, as those that have long been dead.
(گىمەل) ئۇ مېنى چىقالمايدىغان قىلىپ چىتلاپ قورشىۋالدى؛ زەنجىرىمنى ئېغىر قىلدى. | 7 |
He hath hedged me about, so that I cannot get out; he hath made my chain heavy;
مەن ۋارقىراپ نىدا قىلساممۇ، ئۇ دۇئايىمنى ھېچ ئىشتىمىدى. | 8 |
Yea, when I cry and call aloud, he shutteth out my prayer.
ئۇ يوللىرىمنى جىپسىلاشقان تاش تام بىلەن توسۇۋالدى، چىغىر يوللىرىمنى ئەگرى-توقاي قىلىۋەتتى. | 9 |
He blocketh up my way with hewn stone; he maketh my paths crooked.
(دالەت) ئۇ ماڭا پايلاپ ياتقان ئېيىقتەك، پىستىرمىدا ياتقان شىردەكتۇر. | 10 |
A bear lying in wait hath he been to me, a lion in lurking-places.
مېنى يوللىرىمدىن بۇراپ تېتما-تىتما قىلدى؛ مېنى تۈگەشتۈردى. | 11 |
He hath turned aside my ways, and torn me in pieces; he hath made me desolate.
ئۇ ئوقياسىنى كېرىپ، مېنى ئوقىنىڭ قارىسى قىلدى. | 12 |
He hath bent his bow, and set me as a mark for the arrow.
(خې) ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى. | 13 |
He hath caused the sons of his quiver to pierce my reins.
مەن ئۆز خەلقىمگە رەسۋا ئوبيېكتى، كۈن بويى ئۇلارنىڭ مەسخىرە ناخشىسىنىڭ نىشانى بولدۇم. | 14 |
I have been a laughing-stock to all my people, their song all the day.
ئۇ ماڭا زەردابنى تويغۇچە يۇتقۇزۇپ، كەكرە سۈيىنى تويغۇچە ئىچكۈزدى. | 15 |
He hath filled me with bitterness; he hath made me drunk with wormwood.
(ۋاۋ) ئۇ چىشلىرىمنى شېغىل تاشلار بىلەن چېقىۋەتتى، مېنى كۈللەردە تۈگۈلدۈردى؛ | 16 |
He hath also broken my teeth with gravel-stones; He hath covered me with ashes.
جېنىم تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇرۇلدى؛ ئارامبەخشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. | 17 |
Yea, thou hast removed my soul far from peace; I have forgotten prosperity.
مەن: «دەرمانىم قالمىدى، پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم قالمىدى» ــ دېدىم. | 18 |
And I say, “My confidence and my hope in Jehovah are gone!”
(زائىن) مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىمنى، سەرگەدان بولغانلىرىمنى، ئەمەن ۋە ئۆت سۈيىنى [يەپ-ئىچكىنىمنى] ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن! | 19 |
Remember my affliction and my misery, the wormwood and the gall!
جېنىم بۇلارنى ھەردائىم ئەسلەۋاتىدۇ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماقتا. | 20 |
Yea, thou wilt remember them, for my soul sinketh within me!
لېكىن شۇنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرۈپ ئەسلەيمەنكى، شۇنىڭ بىلەن ئۈمىد قايتىدىن يانىدۇ، ــ | 21 |
This I recall to my mind; therefore have I hope;
(خەت) مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى! شۇڭا بىز تۈگەشمىدۇق؛ چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىنىڭ ئايىغى يوقتۇر؛ | 22 |
It is of the mercy of Jehovah that we are not consumed; yea, his compassion faileth not;
ئۇلار ھەر سەھەردە يېڭىلىنىدۇ؛ سېنىڭ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تولىمۇ مولدۇر! | 23 |
It is new every morning; great is thy faithfulness.
ئۆز-ئۆزۈمگە: «پەرۋەردىگار مېنىڭ نېسىۋەمدۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايمەن» ــ دەيمەن. | 24 |
Jehovah is my portion, saith my soul, therefore do I hope in him.
(تەت) پەرۋەردىگار ئۆزىنى كۈتكەنلەرگە، ئۆزىنى ئىزدىگەن جان ئىگىسىگە مېھرىباندۇر؛ | 25 |
Jehovah is good to them that trust in him, to the soul that seeketh him.
پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتىنى كۈتۈش، ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر. | 26 |
It is good that a man hope, and quietly wait for salvation from Jehovah.
ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈشى ياخشىدۇر. | 27 |
It is good for a man that he bear the yoke in his youth;
(يود) ئۇ يېگانە بولۇپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرسۇن؛ چۈنكى رەب بۇنى ئۇنىڭغا يۈكلىدى. | 28 |
That he sit alone and keep silence, since He layeth it upon him;
يۈزىنى توپا-تۇپراققا تەگكۈزسۇن، ــ ئېھتىمال، ئۈمىد بولۇپ قالار؟ | 29 |
That he put his mouth in the dust, [[saying to himself, ]] “Perhaps there may be hope!”
مەڭزىنى ئۇرغۇچىغا تۇتۇپ بەرسۇن؛ تىل-ئاھانەتلەرنى تويغۇچە ئىشىتسۇن! | 30 |
That he offer his cheek to the smiter; that he be filled with reproach.
(كاف) چۈنكى رەب ئەبەدىل-ئەبەد ئىنساندىن ۋاز كەچمەيدۇ؛ | 31 |
For the Lord will not cast off forever;
ئازار بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ | 32 |
For though he cause grief, yet doth he have compassion according to his great mercy;
چۈنكى ئۇ ئىنسان بالىلىرىنى خار قىلىشنى ياكى ئازابلاشنى خالىغان ئەمەستۇر. | 33 |
For he doth not willingly afflict and grieve the children of men.
(لامەد) يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئاياغ ئاستىدا يانجىشقا، | 34 |
Doth one trample under foot all the prisoners of the earth,
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ئۆز ھەققىدىن مەھرۇم قىلىشقا، | 35 |
Doth he bend the right of a man before the face of the Most High,
ئىنسانغا ئۆز دەۋاسىدا ئۇۋال قىلىشقا، ــ رەب بۇلارنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھچى ئەمەسمۇ؟ | 36 |
Doth he subvert a man in his cause, and shall not the Lord behold it?
(مەم) رەب ئۇنى بۇيرۇمىغان بولسا، كىم دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسۇن؟ | 37 |
Who is he that saith, and it cometh to pass, when the Lord hath not commanded?
كۈلپەتلەر بولسۇن، بەخت-سائادەت بولسۇن، ھەممىسى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن ئەمەسمۇ؟ | 38 |
Cometh not evil, as well as good, from the mouth of the Most High?
ئەمدى تىرىك بىر ئىنسان نېمە دەپ ئاغرىنىدۇ، ئادەم بالىسى گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن نېمە دەپ ۋايسايدۇ؟ | 39 |
Wherefore then murmureth the living man? Let him murmur at his own sin!
(نۇن) يوللىرىمىزنى تەكشۈرۈپ سىناپ بىلەيلى، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا يەنە قايتايلى؛ | 40 |
Let us search and try our ways, and turn again to Jehovah!
قوللىرىمىزنى كۆڭلىمىز بىلەن بىللە ئەرشتىكى تەڭرىگە كۆتۈرەيلى! | 41 |
Let us lift up our hearts with our hands to God in the heavens!
بىز ئىتائەتسىزلىك قىلىپ سەندىن يۈز ئۆرىدۇق؛ سەن كەچۈرۈم قىلمىدىڭ. | 42 |
We have transgressed; we have rebelled; thou hast not forgiven!
(سامەق) سەن ئۆزۈڭنى غەزەپ بىلەن قاپلاپ، بىزنى قوغلىدىڭ؛ سەن ئۆلتۈردۈڭ، ھېچ رەھىم قىلمىدىڭ. | 43 |
Thou hast hidden thyself in anger, and hast pursued us; thou hast slain and hast not spared;
سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇت بىلەن قاپلىغانسەنكى، دۇئا-تىلاۋەت ئۇنىڭدىن ھېچ ئۆتەلمەس. | 44 |
Thou hast hidden thyself in a cloud, that our prayer may not pass through;
سەن بىزنى خەلقلەر ئارىسىدا داشقال ۋە نىجاسەت قىلدىڭ. | 45 |
Thou hast made us the offscouring and refuse in the midst of the nations.
(پې) بارلىق دۈشمەنلىرىمىز بىزگە قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ [مازاق قىلدى]؛ | 46 |
All our enemies have opened their mouths against us;
ئۈستىمىزگە چۈشتى ئالاقزادىلىك ۋە ئورا-تۇزاق، ۋەيرانچىلىق ھەم ھالاكەت. | 47 |
Terror and the pit have come upon us, desolation and destruction;
خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت بولغىنى ئۈچۈن، كۆزۈمدىن ياشلار ئۆستەڭ بولۇپ ئاقماقتا. | 48 |
Mine eye runneth down with streams of water for the destruction of the daughter of my people.
(ئايىن) كۆزۈم ياشلارنى ئۈزۈلمەي تۆكۈۋاتىدۇ، ئۇلار ھېچ توختىيالمايدۇ، | 49 |
Mine eye trickleth down and ceaseth not, without any intermission,
تاكى پەرۋەردىگار ئاسمانلاردىن تۆۋەنگە نەزەر سېلىپ [ھالىمىزغا] قارىغۇچە. | 50 |
Until Jehovah look down and behold from heaven.
مېنىڭ كۆزۈم روھىمغا ئازاب يەتكۈزمەكتە، شەھىرىمنىڭ بارلىق قىزلىرىنىڭ ھالى تۈپەيلىدىن. | 51 |
Mine eye is painful to me on account of all the daughters of my city.
(تسادە) ماڭا سەۋەبسىز دۈشمەن بولغانلار، مېنى قۇشتەك ھەدەپ ئوۋلاپ كەلدى. | 52 |
They that are my enemies without cause hunt me down like a bird;
ئۇلار ئورىدا جېنىمنى ئۈزمەكچى بولۇپ، ئۈستۈمگە تاشنى چۆرىدى. | 53 |
They take away my life in the dungeon; they cast a stone upon me;
سۇلار بېشىمدىن تېشىپ ئاقتى؛ مەن: «ئۈزۈپ تاشلاندىم!» ــ دېدىم. | 54 |
Waters flow over my head; I say, “I am undone!”
(كوف) ھاڭنىڭ تۈۋلىرىدىن نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ | 55 |
I call upon thy name, O Jehovah, from the deep dungeon;
سەن ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭ؛ قۇتۇلدۇرۇشقا نىدايىمغا قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالمىغىن! | 56 |
Hear thou my voice! hide not thine ear from my cry for relief!
ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە ماڭا يېقىن كەلدىڭ، «قورقما» ــ دېدىڭ. | 57 |
Be near to me, when I call upon thee! Say, “Fear not!”
(رەش) ئى رەب، جېنىمنىڭ دەۋاسىنى ئۆزۈڭ سورىدىڭ؛ سەن ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ ھاياتىمنى قۇتقۇزدۇڭ. | 58 |
Thou maintainest my cause, O Lord; thou redeemest my life!
ئى پەرۋەردىگار، ماڭا بولغان ئۇۋاللىقنى كۆردۈڭسەن؛ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ | 59 |
Thou, O Jehovah, seest the wrong done to me; Maintain thou my cause!
سەن ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان بارلىق ئۆچمەنلىكلىرىنى، بارلىق قەستلىرىنى كۆردۇڭسەن. | 60 |
Thou seest all their vengeance, all their devices against me.
(شىين) ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئاھانەتلىرىنى، مېنى بارلىق قەستلىگەنلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن، | 61 |
Thou hearest their reproach, O Jehovah, all their devices against me,
ماڭا قارشى تۇرغانلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى، ئۇلارنىڭ كۈن بويى كەينىمدىن كۇسۇر-كۇسۇر قىلىشقانلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن. | 62 |
The words of my adversaries, and their machinations against me all the day long!
ئولتۇرغانلىرىدا، تۇرغانلىرىدا ئۇلارغا قارىغايسەن! مەن ئۇلارنىڭ [مەسخىرە] ناخشىسى بولدۇم. | 63 |
Behold their sitting down and their rising up! I am their song.
(تاۋ) ئۇلارنىڭ قوللىرى قىلغانلىرى بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، بېشىغا جازا ياندۇرغايسەن؛ | 64 |
Render to them a recompense, O Jehovah, according to the work of their hands!
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى كاج قىلغايسەن! بۇ سېنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان لەنىتىڭ بولىدۇ! | 65 |
Give them blindness of mind! thy curse be upon them!
غەزەپ بىلەن ئۇلارنى قوغلىغايسەن، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرى ئاستىدىن يوقاتقايسەن! | 66 |
Pursue them in thine anger, and destroy them from under Jehovah's heaven!