< باتۇر ھاكىملار 7 >
يەرۇببائال (يەنى گىدېئون) ۋە ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە خەلق ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، ھارود دېگەن بۇلاقنىڭ يېنىغا بېرىپ چېدىر تىكتى. مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇنىڭ شىمال تەرىپىدە، مورەھ ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى. | 1 |
Yerubbaal (yeni Gidéon) we özige qoshulghan hemme xelq etisi seher qopup, Harod dégen bulaqning yénigha bérip chédir tikti. Midiyaniylarning leshkergahi bolsa uning shimal teripide, Moreh égizlikining yénidiki jilghida idi.
ئەمدى پەرۋەردىگار گىدېئونغا: ــ ساڭا ئەگەشكەن خەلقنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، شۇڭا مەن مىدىيانىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرالمايمەن. بولمىسا ئىسرائىل: «ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ قولى قۇتقۇزدى» دەپ ماختىنىپ كېتىشى مۇمكىن. | 2 |
Emdi Perwerdigar Gidéon’gha: — Sanga egeshken xelqning sani intayin köp, shunga Men Midiyaniylarni ularning qoligha tapshuralmaymen. Bolmisa Israil: «Özimizni özimizning qoli qutquzdi» dep maxtinip kétishi mumkin.
شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئەمدى خەلققە: «كىملەر قورقۇپ تىترەك باسقان بولسا، ئۇلار گىلېئاد تېغىدىن يېنىپ كەتسۇن» دەپ جاكارلىغىن ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئارىسىدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، پەقەت ئون مىڭىلا قېلىپ قالدى. | 3 |
Shuning üchün sen emdi xelqqe: «Kimler qorqup titrek basqan bolsa, ular Giléad téghidin yénip ketsun» dep jakarlighin — dédi. Shuning bilen xelqning arisidin yigirme ikki ming kishi qaytip kétip, peqet on mingila qélip qaldi.
پەرۋەردىگار گىدېئونغا يەنە: ــ خەلقنىڭ سانى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ؛ ئەمدى سەن بۇلارنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلگىن. ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سەن ئۈچۈن سىناقتىن ئۆتكۈزەي؛ مەن كىمنى كۆرسىتىپ: «ئۇ سەن بىلەن بارسۇن دېسەم»، ئۇ سەن بىلەن بارسۇن؛ لېكىن مەن كىمنى كۆرسىتىپ: «ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن، ــ دېدى. | 4 |
Perwerdigar Gidéon’gha yene: — Xelqning sani yenila intayin köp; emdi sen bularni suning léwige élip kelgin. U yerde Men ularni sen üchün sinaqtin ötküzey; Men kimni körsitip: «U sen bilen barsun désem», u sen bilen barsun; lékin Men kimni körsitip: «U sen bilen barmisun» désem, u sen bilen barmisun, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون خەلقنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ كىمكى ئىت سۇ ئىچكەندەك تىلى بىلەن يالاپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنى ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن؛ ھەم كىمكى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنىمۇ ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن، ــ دېدى. | 5 |
Shuning bilen Gidéon xelqni suning léwige élip keldi. Perwerdigar uninggha: — Kimki it su ichkendek tili bilen yalap su ichse, ularni ayrim bir terepte turghuzghin; hem kimki tizlinip turup su ichse, ularnimu ayrim bir terepte turghuzghin, — dédi.
شۇنداق بولدىكى، ئوچۇمىنى ئاغزىغا تەگكۈزۈپ يالاپ سۇ ئىچكەنلەردىن ئۈچ يۈزى چىقتى. قالغانلارنىڭ ھەممىسى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچتى. | 6 |
Shundaq boldiki, ochumini aghzigha tegküzüp yalap su ichkenlerdin üch yüzi chiqti. Qalghanlarning hemmisi tizlinip turup su ichti.
ئاندىن پەرۋەردىگار گىدېئونغا: ــ مەن مۇشۇ سۇنى يالاپ ئىچكەن ئۈچ يۈز ئادەمنىڭ قولى بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىدىياننى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ لېكىن قالغان خەلق بولسا ھەممىسى ئۆز جايىغا يېنىپ كەتسۇن، ــ دېدى. | 7 |
Andin Perwerdigar Gidéon’gha: — Men mushu suni yalap ichken üch yüz ademning qoli bilen silerni qutquzup, Midiyanni séning qolunggha tapshurimen; lékin qalghan xelq bolsa hemmisi öz jayigha yénip ketsun, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن بۇ [ئۈچ يۈز ئادەم] ئوزۇق-تۈلۈك ۋە كانايلىرىنى قولىغا ئېلىشتى؛ گىدېئون ئىسرائىلنىڭ قالغان بارلىق ئادەملىرىنى ئۆز چېدىرىغا قايتۇرۇۋېتىپ، پەقەت شۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئېلىپ قالدى. ئەمدى مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى جىلغىدا ئىدى. | 8 |
Shuning bilen bu [üch yüz adem] ozuq-tülük we kanaylirini qoligha élishti; Gidéon Israilning qalghan barliq ademlirini öz chédirigha qayturuwétip, peqet shu üch yüz ademni élip qaldi. Emdi Midiyaniylarning leshkergahi bolsa ularning töwen teripidiki jilghida idi.
شۇ كېچىسى شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن قوپۇپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن، چۈنكى مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ | 9 |
Shu kéchisi shundaq boldiki, Perwerdigar uninggha: — Sen qopup leshkergahqa chüshkin, chünki Men uni séning qolunggha tapshurdum;
ئەگەر سەن چۈشۈشتىن قورقساڭ، ئۆز خىزمەتكارىڭ پۇراھنى بىللە ئېلىپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن. | 10 |
eger sen chüshüshtin qorqsang, öz xizmetkaring Purahni bille élip leshkergahqa chüshkin.
سەن ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلايسەن، ئاندىن سەن لەشكەرگاھقا [ھۇجۇم قىلىپ] چۈشۈشكە جۈرئەت قىلالايسەن، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇ خىزمەتكارى پۇراھنى ئېلىپ لەشكەرگاھنىڭ چېتىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ يېنىغا باردى. | 11 |
Sen ularning néme déyishiwatqinini anglaysen, andin sen leshkergahqa [hujum qilip] chüshüshke jür’et qilalaysen, dédi. Buni anglap u xizmetkari Purahni élip leshkergahning chétidiki eskerlerning yénigha bardi.
مانا مىدىيان، ئامالەك ۋە بارلىق مەشرىقتىكىلەر چېكەتكىلەردەك كۆپ بولۇپ، جىلغىنىڭ بويىغا يېيىلغانىدى؛ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى كۆپلىكىدىن دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز ئىدى. | 12 |
Mana Midiyan, Amalek we barliq meshriqtikiler chéketkilerdek köp bolup, jilghining boyigha yéyilghanidi; ularning tögiliri köplikidin déngiz sahilidiki qumdek heddi-hésabsiz idi.
گىدېئون بارغاندا، مانا، ئۇ يەردە بىرسى ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى: ــ مانا، مەن بىر چۈش كۆردۇم، چۈشۈمدە مانا، بىر ئارپا توقىچى مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا دومۇلاپ چۈشۈپتۇدەك؛ ئۇ چېدىرغا كېلىپ سوقۇلۇپتىدەك، شۇنىڭ بىلەن چېدىر ئۆرۇلۈپ، دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ ــ دەۋاتاتتى. | 13 |
Gidéon barghanda, mana, u yerde birsi hemrahigha körgen chüshini sözlep bériwatatti: — Mana, men bir chüsh kördum, chüshümde mana, bir arpa toqichi Midiyanning leshkergahigha domulap chüshüptudek; u chédirgha kélip soquluptidek, shuning bilen chédir örulüp, düm kömtürülüp kétiptu — dewatatti.
ئۇنىڭ ھەمراھى جاۋابەن تەبىر بېرىپ: ــ بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇ توقاچ يوئاشنىڭ ئوغلى، ئىسرائىللىق ئادەم گىدېئوننىڭ قىلىچىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر؛ خۇدا مىدىيان ۋە ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپتۇ، دېدى. | 14 |
Uning hemrahi jawaben tebir bérip: — Buning menisi shuki, u toqach Yoashning oghli, Israilliq adem Gidéonning qilichidin bashqa nerse emestur; Xuda Midiyan we uning barliq qoshunini uning qoligha tapshuruptu, dédi.
شۇنداق بولدىكى، گىدېئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ بېرىلگەن تەبىرىنى ئاڭلاپ، سەجدە قىلدى. ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىغا يېنىپ كېلىپ: ــ قوپۇڭلار، پەرۋەردىگار مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېدى. | 15 |
Shundaq boldiki, Gidéon bu chüshni we uning bérilgen tebirini anglap, sejde qildi. Andin u Israilning leshkergahigha yénip kélip: — Qopunglar, Perwerdigar Midiyanning leshkergahini qolunglargha tapshurdi, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ھەممىسىنىڭ قولىغا بىردىن كاناي بىلەن بىردىن قۇرۇق كومزەكنى بەردى؛ ھەربىر كومزەك ئىچىدە بىردىن مەشئەل قويۇلدى. | 16 |
Shuning bilen u bu üch yüz ademni üch guruppigha bölüp, hemmisining qoligha birdin kanay bilen birdin quruq komzekni berdi; herbir komzek ichide birdin mesh’el qoyuldi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر ماڭا قاراپ، مېنىڭ قىلغىنىمدەك قىلىڭلار. مانا، مەن لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا بارغاندا، نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار؛ | 17 |
U ulargha: — Siler manga qarap, méning qilghinimdek qilinglar. Mana, men leshkergahning qéshigha barghanda, néme qilsam, silermu shuni qilinglar;
مەن ۋە مەن بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بارلىق ئادەملەر كاناي چالساق، سىلەرمۇ لەشكەرگاھنىڭ چۆرىسىدە تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار ۋە: «پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھەم گىدېئون ئۈچۈن!» دەپ توۋلاڭلار، ــ دېدى. | 18 |
men we men bilen hemrah bolup mangghan barliq ademler kanay chalsaq, silermu leshkergahning chöriside turup kanay chélinglar we: «Perwerdigar üchün hem Gidéon üchün!» dep towlanglar, — dédi.
كېيىنكى يېرىم كېچىلىك كۆزەتنىڭ باشلىنىشىدا، كۆزەتچىلەر يېڭىدىن ئالماشقاندا، گىدېئون ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان يۈز ئادەم لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ ئاندىن ئۇلار كاناي چېلىپ قوللىرىدىكى كومزەكلەرنى چاقتى. | 19 |
Kéyinki yérim kéchilik közetning bashlinishida, közetchiler yéngidin almashqanda, Gidéon we uning bilen bille bolghan yüz adem leshkergahning qéshigha keldi; andin ular kanay chélip qolliridiki komzeklerni chaqti.
شۇ ھامان ئۈچ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كاناي چېلىپ، كومزەكلەرنى چېقىپ، سول قوللىرىدا مەشئەللەرنى تۇتۇپ، ئوڭ قوللىرىدا كانايلارنى ئېلىپ: ــ پەرۋەردىگارغا ۋە گىدېئونغا ئاتالغان قىلىچ! ــ دەپ توۋلاشقىنىچە، | 20 |
Shu haman üch guruppidikilerning hemmisi kanay chélip, komzeklerni chéqip, sol qollirida mesh’ellerni tutup, ong qollirida kanaylarni élip: — Perwerdigargha we Gidéon’gha atalghan qilich! — dep towlashqiniche,
ئۇلارنىڭ ھەربىرى لەشكەرگاھنىڭ ئەتراپىدا، ئۆز جايىدا تۇرۇشتى؛ ياۋ قوشۇنى تەرەپ-تەرەپكە پېتىراپ، ۋارقىراپ-جارقىرىغان پېتى قاچقىلى تۇردى. | 21 |
ularning herbiri leshkergahning etrapida, öz jayida turushti; yaw qoshuni terep-terepke pétirap, warqirap-jarqirighan péti qachqili turdi.
بۇ ئۈچ يۈز ئادەم كاناي چالغاندا، پەرۋەردىگار پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكى ياۋ لەشكەرلىرىنى بىر-بىرىنى قىلىچلاشقا سېلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ياۋ قوشۇنى زېرەراھقا بارىدىغان يولدىكى بەيت-شىتتاھ تەرەپكە قاچتى؛ ئۇلار تابباتنىڭ يېنىدىكى ئابەل-مەھولاھنىڭ چېگرىسىغىچە قاچتى. | 22 |
Bu üch yüz adem kanay chalghanda, Perwerdigar pütkül leshkergahtiki yaw leshkerlirini bir-birini qilichlashqa sélip qoydi, shuning bilen yaw qoshuni Zérerahqa baridighan yoldiki Beyt-Shittah terepke qachti; ular Tabbatning yénidiki Abel-Meholahning chégrisighiche qachti.
ئاندىن نافتالى، ئاشىر ۋە پۈتكۈل ماناسسەھنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئىسرائىللار چاقىرىپ كېلىندى ۋە ئۇلار مىدىيانىيلارنى قوغلىدى. | 23 |
Andin Naftali, Ashir we pütkül Manassehning qebililiridin Israillar chaqirip kélindi we ular Midiyaniylarni qoghlidi.
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئەفرائىم پۈتكۈل تاغلىقىنى ئارىلاپ كېلىشكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئەفرائىملارغا: ــ «سىلەر چۈشۈپ مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، بەيت-باراھقىچە، شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى توسۇۋېلىڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمنىڭ ھەممە ئادەملىرى يىغىلىپ، بەيت-باراھقىچە ۋە ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلىدى. | 24 |
Shuning bilen Gidéon Efraim pütkül taghliqini arilap kélishke elchilerni ewetip Efraimlargha: — «Siler chüshüp Midiyaniylargha hujum qilinglar, Beyt-Barahqiche, shundaqla Iordan deryasighiche barliq éqin kéchiklirini igilep, ularni tosuwélinglar», dédi. Shuning bilen Efraimning hemme ademliri yighilip, Beyt-Barahqiche we Iordan deryasighiche barliq éqin kéchiklirini igilidi.
ئۇلار مىدىياننىڭ ئورەب ۋە زەئەب دېگەن ئىككى ئەمىرىنى تۇتۇۋالدى؛ ئورەبنى ئۇلار «ئورەب قورام تېشى» ئۈستىدە، زەئەبنى «زەئەب شاراب كۆلچىكى»دە ئۆلتۈردى، مىدىيانىيلارنى قوغلاپ بېرىپ، ئورەب ۋە زەئەبنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە گىدېئوننىڭ قېشىغا كەلدى. | 25 |
Ular Midiyanning Oreb we Zeeb dégen ikki emirini tutuwaldi; Orebni ular «Oreb qoram téshi» üstide, Zeebni «Zeeb sharab kölchiki»de öltürdi, Midiyaniylarni qoghlap bérip, Oreb we Zeebning bashlirini élip, Iordan deryasining u teripige Gidéonning qéshigha keldi.