< باتۇر ھاكىملار 6 >
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىلغىچە مىدىيانىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. | 1 |
Again the Israelites did evil in the sight of the LORD; so He delivered them into the hand of Midian for seven years,
ئۇ ۋاقىتتا مىدىيانىيلار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىسرائىل مىدىيانىيلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن تاغلاردىن، ئۆڭكۈرلەردىن ۋە قورام تاشلاردىن پاناھ جايلارنى ياسىدى. | 2 |
and the hand of Midian prevailed against Israel. Because of the Midianites, the Israelites prepared shelters for themselves in the mountains, caves, and strongholds.
ھەر قېتىم ئىسرائىللار ئۇرۇق تېرىغاندا شۇنداق بولاتتىكى، مىدىيانىيلار، ئامالەكىيلەر ۋە مەشرىقتىكىلەر كېلىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. | 3 |
Whenever the Israelites would plant their crops, the Midianites, Amalekites, and other people of the east would come up and invade them,
ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا بارگاھلارنى تىكىپ، زېمىندىكى ھوسۇلنى ۋەيران قىلىپ، گازاغىچە ئىسرائىلغا ھېچقانداق ئاشلىق قالدۇرماي، ئۇلارنىڭ قوي، كالا، ئېشەكلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتەتتى. | 4 |
encamping against them as far as Gaza and destroying the produce of the land. They left Israel with no sustenance, neither sheep nor oxen nor donkeys.
چۈنكى ئۇلار چېكەتكىلەردەك كۆپ بولۇپ، ئۆز مال-چارۋىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ۋە تۆگىلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، زېمىننى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن تاجاۋۇز قىلاتتى. | 5 |
For the Midianites came with their livestock and their tents like a great swarm of locusts. They and their camels were innumerable, and they entered the land to ravage it.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مىدىيانىيلارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خار ھالەتكە چۈشۈپ قالدى؛ ئاندىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد كۆتۈردى. | 6 |
Israel was greatly impoverished by Midian, and the Israelites cried out to the LORD.
مىدىيانىيلارنىڭ دەستىدىن ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرگىنىدە شۇنداق بولدىكى، | 7 |
Now when the Israelites cried out to the LORD because of Midian,
پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى مىسىردىن چىقىرىپ، «قۇللۇق ماكانى»دىن ئېلىپ چىققانىدىم؛ | 8 |
He sent them a prophet, who told them, “This is what the LORD, the God of Israel, says: I brought you up out of Egypt, out of the house of slavery.
سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن، شۇنداقلا سىلەرگە بارلىق زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە بەردىم | 9 |
I delivered you out of the hands of Egypt and all your oppressors. I drove them out before you and gave you their land.
ۋە سىلەرگە: «مانا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن؛ سىلەر ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قورقماڭلار» دېگەنىدىم. لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار»، ــ دېدى. | 10 |
And I said to you: ‘I am the LORD your God. You must not fear the gods of the Amorites, in whose land you dwell.’ But you did not obey Me.”
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى كېلىپ ئوفراھ دېگەن جايدا ئابىئېزەر جەمەتىدىكى يوئاشقا تەۋە بولغان دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. ئۇ ۋاقىتتا [يوئاشنىڭ] ئوغلى گىدېئون مىدىيانىيلارنىڭ [بۇلاڭچىلىقىدىن] ساقلىنىش ئۈچۈن شاراب كۆلچىكى ئىچىدە بۇغداي تېپىۋاتاتتى. | 11 |
Then the angel of the LORD came and sat down under the oak in Ophrah that belonged to Joash the Abiezrite, where his son Gideon was threshing wheat in a winepress to hide it from the Midianites.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ ئەي جاسارەتلىك پالۋان، پەرۋەردىگار سەن بىلەن بىللىدۇر! ــ دېدى. | 12 |
And the angel of the LORD appeared to Gideon and said, “The LORD is with you, O mighty man of valor.”
گىدېئون ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، ئەگەر پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە بولغان بولسا، بۇ كۆرگۈلۈكلەر نېمىشقا ئۈستىمىزگە كەلدى؟ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە سۆزلەپ بەرگەن ئۇنىڭ بارلىق مۆجىزىلىرى قېنى؟ بۇلار توغرىسىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىز: «مانا، پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ كەلمىگەنمىدى؟» ــ دېدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە پەرۋەردىگار بىزنى تاشلاپ، مىدىياننىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى! ــ دېدى. | 13 |
“Please, my Lord,” Gideon replied, “if the LORD is with us, why has all this happened to us? And where are all His wonders of which our fathers told us, saying, ‘Has not the LORD brought us up out of Egypt?’ But now the LORD has forsaken us and delivered us into the hand of Midian.”
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قاراپ: ــ سەن مۇشۇ كۈچۈڭگە تايىنىپ، بېرىپ ئىسرائىلنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن! مانا، مەن سېنى ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. | 14 |
The LORD turned to him and said, “Go in the strength you have and save Israel from the hand of Midian. Am I not sending you?”
گىدېئون ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، مەن ئىسرائىلنى قانداق قۇتقۇزالايمەن؟ مېنىڭ ئائىلەم بولسا ماناسسەھ قەبىلىسى ئىچىدە ئەڭ نامرىتى، ئۆزۈم ئاتامنىڭ جەمەتىدە ئەڭ كىچىكىدۇرمەن، ــ دېدى. | 15 |
“Please, my Lord,” Gideon replied, “how can I save Israel? Indeed, my clan is the weakest in Manasseh, and I am the youngest in my father’s house.”
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مەن جەزمەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ شۇڭا سەن مىدىيانلارنى بىر ئادەمنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ قىرىسەن، ــ دېدى. | 16 |
“Surely I will be with you,” the LORD replied, “and you will strike down all the Midianites as one man.”
گىدېئون ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ: ــ مەن نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، مەن بىلەن سۆزلەشكۈچىنىڭ ھەقىقەتەن سەن ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىگە بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسەن؛ | 17 |
Gideon answered, “If I have found favor in Your sight, give me a sign that it is You speaking with me.
ئۆتۈنىمەن، مەن يېنىپ كېلىپ ئۆز ھەدىيە-قۇربانلىقىمنى ئالدىڭغا قويغۇچە بۇ يەردىن كەتمىگەيسەن، ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سەن يېنىپ كەلگۈچە كۈتىمەن، دېدى. | 18 |
Please do not depart from this place until I return to You. Let me bring my offering and set it before You.” And the LORD said, “I will stay until you return.”
گىدېئون بېرىپ [ئۆيگە] كىرىپ بىر ئوغلاقنى تەييارلاپ، بىر ئەفاھ ئېسىل ئۇندىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە سېلىپ، شورپىسىنى كورىغا ئۇسۇپ بۇلارنى ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سۇندى (ئۇ تېخىچە دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى). | 19 |
So Gideon went in and prepared a young goat and unleavened bread and an ephah of flour. He placed the meat in a basket and the broth in a pot and brought them out to present to Him under the oak.
ئاندىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى ئېلىپ بېرىپ، مۇشۇ يەردىكى [قورام] تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى تۆككىن، ــ دېۋىدى، ئۇ شۇنداق قىلدى. | 20 |
And the angel of God said to him, “Take the meat and the unleavened bread, lay them on this rock, and pour out the broth.” And Gideon did so.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزىتىپ ئۇچىنى گۆش بىلەن پېتىر نانلارغا تەككۈزىۋىدى، [قورام] تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى يەپ كەتتى. شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى. | 21 |
Then the angel of the LORD extended the tip of the staff that was in his hand and touched the meat and the unleavened bread. And fire flared from the rock and consumed the meat and the unleavened bread. Then the angel of the LORD vanished from his sight.
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: ــ ئاپلا، ئى رەب پەرۋەردىگار! چاتاق بولدى، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپ قالدىم...! ــ دېدى. | 22 |
When Gideon realized that it was the angel of the LORD, he said, “Oh no, Lord GOD! I have seen the angel of the LORD face to face!”
لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ خاتىرجەم بولغىن! قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ــ دېدى. | 23 |
But the LORD said to him, “Peace be with you. Do not be afraid, for you will not die.”
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «ياھۋەھ-شالوم» دەپ ئاتىدى. بۇ قۇربانگاھ تا بۈگۈنگىچە ئابىئېزەر جەمەتىنىڭ ئوفراھ دېگەن جايىدا بار. | 24 |
So Gideon built an altar to the LORD there and called it The LORD Is Peace. To this day it stands in Ophrah of the Abiezrites.
ئۇ كېچىسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن ئاتاڭنىڭ [چوڭ] بۇقىسى ۋە يەتتە ياشلىق ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ ئاتاڭغا تەۋە بولغان بائال قۇربانگاھىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشەراھ بۇتىنى كېسىۋەتكىن. | 25 |
On that very night the LORD said to Gideon, “Take your father’s young bull and a second bull seven years old, tear down your father’s altar to Baal, and cut down the Asherah pole beside it.
ئاندىن مۇشۇ قورغاننىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان، بەلگىلەنگەن رەسىم بويىچە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئىككىنچى بىر بۇقىنى ئېلىپ، ئۆزۈڭ كېسىۋەتكەن ئاشەراھنىڭ پارچىلىرىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، ــ دېدى. | 26 |
Then build a proper altar to the LORD your God on the top of this stronghold. And with the wood of the Asherah pole you cut down, take the second bull and offer it as a burnt offering.”
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۆز خىزمەتچىلىرىدىن ئون ئادەمنى ئېلىپ بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقىنىدەك قىلدى؛ لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن ۋە شەھەر ئادەملىرىدىن قورققىنى ئۈچۈن، ئۇ بۇ ئىشنى كۈندۈزى قىلماي، كېچىسى قىلدى. | 27 |
So Gideon took ten of his servants and did as the LORD had told him. But because he was too afraid of his father’s household and the men of the city, he did it by night rather than in the daytime.
ئەتىسى سەھەردە شەھەر خەلقى قوپۇپ قارىسا، مانا، بائال قۇربانگاھى ئۆرۈۋېتىلگەن، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشىراھ بۇتى كېسىۋېتىلگەنىدى ۋە يېڭى ياسالغان قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ئىككىنچى بۇقا قۇربانلىق قىلىنغانىدى. | 28 |
When the men of the city got up in the morning, there was Baal’s altar torn down, with the Asherah pole cut down beside it and the second bull offered up on the newly built altar.
بۇنى كۆرۈپ ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ ــ دېيىشتى. ئۇلار سۈرۈشتۈرىۋىدى، بۇنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئوننىڭ قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. | 29 |
“Who did this?” they said to one another. And after they had investigated thoroughly, they were told, “Gideon son of Joash did it.”
شۇنىڭ ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئادەملىرى يوئاشقا: ــ ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەرگىن! ئۇ بائال قۇربانگاھىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشىراھنى كېسىۋەتكىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن! ــ دېدى. | 30 |
Then the men of the city said to Joash, “Bring out your son. He must die, because he has torn down Baal’s altar and cut down the Asherah pole beside it.”
بىراق يوئاش ئۆزىگە قارشىلىشىشقا تۇرغان كۆپچىلىككە جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر بائال ئۈچۈن دەۋالاشماقچىمۇسىلەر؟ سىلەر ئۇنى قۇتقۇزماقچىمۇ؟ كىمكى ئۇنىڭ توغرىسىدا دەۋالاشسا ئەتىگە قالماي ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن! ئەگەر بائال دەرۋەقە بىر خۇدا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قۇربانگاھىنى بىرسى ئۆرۈۋەتكىنى ئۈچۈن، ئۇ شۇ ئادەم بىلەن ئۆزى دەۋالاشسۇن! ــ دېدى. | 31 |
But Joash said to all who stood against him, “Are you contending for Baal? Are you trying to save him? Whoever pleads his case will be put to death by morning! If Baal is a god, let him contend for himself with the one who has torn down his altar.”
بۇ سەۋەبتىن [ئاتىسى] گىدېئوننى «يەرۇببائال» دەپ ئاتىدى، چۈنكى [ئاتىسى]: «ئۇ بائالنىڭ قۇربانگاھىنى ئۆرۈۋەتكىنى ئۈچۈن، بائال ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالاشسۇن!» دېگەنىدى. | 32 |
So on that day Gideon was called Jerubbaal, that is to say, “Let Baal contend with him,” because he had torn down Baal’s altar.
ئەمما مىدىيان، ئامالەكلەر ۋە مەشرىقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، [ئىئوردان] دەرياسىدىن ئۆتۈپ يىزرەئەل جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى. | 33 |
Then all the Midianites, Amalekites, and other people of the east gathered together, crossed over the Jordan, and camped in the Valley of Jezreel.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدېئوننىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ئۇ كاناي چېلىۋىدى، ئابىئېزەر جەمەتىدىكىلەر يىغىلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. | 34 |
So the Spirit of the LORD came upon Gideon, who blew the ram’s horn and rallied the Abiezrites behind him.
ئاندىن ئۇ ئەلچىلەرنى ماناسسەھنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەرنى ئايلىنىپ كېلىشكە ئەۋەتىۋىدى، ماناسسەھلەر يىغىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئاشىرلارغا، زەبۇلۇنلارغا ۋە نافتالىلارغا ئەلچى ئەۋەتىۋىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشتى. | 35 |
Calling them to arms, Gideon sent messengers throughout Manasseh, as well as Asher, Zebulun, and Naphtali, so that they came up to meet him.
گىدېئون خۇداغا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم بىلەن ئىسرائىلنى قۇتقۇزىدىغان بولساڭ، | 36 |
Then Gideon said to God, “If You are going to save Israel by my hand, as You have said,
ئۇنداقتا مانا، مەن خامانغا بىر پارچە قوي تېرىسى قويۇپ قويىمەن؛ ئەگەر پەقەت تېرىنىڭ ئۈستىگىلا شەبنەم چۈشۈپ، چۆرىسىدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق تۇرسا، مەن ئۆزۈڭ ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ئىسرائىلنى قۇتقۇزماقچى بولغىنىڭنى بىلىمەن، ــ دېدى. | 37 |
then behold, I will place a fleece of wool on the threshing floor. If there is dew only on the fleece and all the ground is dry, then I will know that You are going to save Israel by my hand, as You have said.”
ئىش دەرۋەقە شۇنداق بولدى. ئەتىسى سەھەردە گىدېئون قوپۇپ، يۇڭنى سىقىۋىدى، لىق بىر پىيالە شەبنەم سۈيى چىقتى. | 38 |
And that is what happened. When Gideon arose the next morning, he squeezed the fleece and wrung out the dew—a bowlful of water.
ئاندىن گىدېئون خۇداغا يەنە: غەزىپىڭنى ماڭا قوزغىمىغايسەن، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا دەيمەن! سەندىن ئۆتۈنەي، مەن پەقەت يەنە بۇ قېتىم بۇ تېرە بىلەن سىناپ باقاي؛ ئىلتىجا قىلىمەنكى، ئەمدى بۇ قېتىم پەقەت تېرە قۇرۇق بولۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشكەي، ــ دېدى. | 39 |
Then Gideon said to God, “Do not be angry with me; let me speak one more time. Please allow me one more test with the fleece. This time let it be dry, and the ground covered with dew.”
بۇ كېچىسىمۇ خۇدا شۇنداق قىلدى؛ دەرۋەقە پەقەت تېرىلا قۇرۇق بولۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشكەنىدى. | 40 |
And that night God did so. Only the fleece was dry, and dew covered the ground.