< باتۇر ھاكىملار 4 >
ئەمدى ئەھۇد ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلغىلى تۇردى. | 1 |
Emdi Ehud wapat bolghandin kéyin Israillar Perwerdigarning neziride yene rezil bolghanni qilghili turdi.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. يابىن ھازور شەھىرىدە سەلتەنەت قىلاتتى؛ ئۇنىڭ قوشۇن سەردارىنىڭ ئىسمى سىسېرا بولۇپ، ئۇ ھاروشەت-گويىم دېگەن شەھەردە تۇراتتى. | 2 |
Shuning bilen Perwerdigar ularni Qanaaniylarning padishahi Yabinning qoligha tashlap berdi. Yabin Hazor shehiride seltenet qilatti; uning qoshun serdarining ismi Siséra bolup, u Haroshet-Goyim dégen sheherde turatti.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد كۆتۈردى، چۈنكى يابىننىڭ توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئىسرائىللارغا يىگىرمە يىلدىن بۇيان تولىمۇ زۇلۇم قىلىپ كەلگەنىدى. | 3 |
Israillar Perwerdigargha nale-peryad kötürdi, chünki Yabinning toqquz yüz tömür jeng harwisi bolup, Israillargha yigirme yildin buyan tolimu zulum qilip kelgenidi.
ئۇ ۋاقىتتا لاپىدوتنىڭ خوتۇنى دەبوراھ دېگەن ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىلغا ھاكىم ئىدى. | 4 |
U waqitta Lapidotning xotuni Deborah dégen ayal peyghember Israilgha hakim idi.
ئۇ ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماھ بىلەن بەيت-ئەلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «دەبوراھنىڭ خورما دەرىخى»نىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى؛ بارلىق ئىسرائىللار دەۋالىرى توغرىسىدا ھۆكۈم سورىغىلى ئۇنىڭ قېشىغا كېلەتتى. | 5 |
U Efraim taghliqidiki Ramah bilen Beyt-Elning otturisidiki «Deborahning xorma derixi»ning tüwide olturatti; barliq Israillar dewaliri toghrisida höküm sorighili uning qéshigha kéletti.
ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ نافتالى يۇرتىدىكى كەدەشتىن ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار [مۇنداق] ئەمر قىلغان ئەمەسمۇ؟! ئۇ: ــ سەن بېرىپ نافتالىلار قەبىلىسى ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ تابور تېغىغا چىققىن؛ | 6 |
U adem ewetip Naftali yurtidiki Kedeshtin Abinoamning oghli Baraqni chaqirtip kélip, uninggha: — Mana, Israilning Xudasi Perwerdigar [mundaq] emr qilghan emesmu?! U: — Sen bérip Naftalilar qebilisi hem Zebulun qebilisidin on ming ademni özüng bilen bille élip Tabor téghigha chiqqin;
شۇنىڭ بىلەن مەن يابىننىڭ قوشۇن سەردارى سىسېرانى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قوشۇپ كىشون ئېقىنىنىڭ بويىغا، سېنىڭ قېشىڭغا بارغۇسى نىيەتكە سېلىپ، ئۇنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن دېگەن، ــ دېدى. | 7 |
shuning bilen Men Yabinning qoshun serdari Sisérani jeng harwiliri we qoshunliri bilen qoshup Kishon éqinining boyigha, séning qéshinggha barghusi niyetke sélip, uni qolunggha tapshurimen dégen, — dédi.
باراق ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن مەن بىلەن بىللە بارساڭ، مەنمۇ بارىمەن. سەن مەن بىلەن بارمىساڭ، مەنمۇ بارمايمەن! ــ دېدى. | 8 |
Baraq uninggha: — Eger sen men bilen bille barsang, menmu barimen. Sen men bilen barmisang, menmu barmaymen! — dédi.
دەبوراھ جاۋابەن: ــ ماقۇل، مەن سەن بىلەن بارسام باراي؛ ھالبۇكى، سەپىرىڭ ساڭا ھېچ شان-شەرەپ كەلتۈرمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىسېرانى بىر ئايال كىشىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دەبوراھ قوپۇپ باراق بىلەن بىللە كەدەشكە ماڭدى. | 9 |
Deborah jawaben: — Maqul, men sen bilen barsam baray; halbuki, sepiring sanga héch shan-sherep keltürmeydu; chünki Perwerdigar Sisérani bir ayal kishining qoligha tapshuridu, — dédi. Shuning bilen Deborah qopup Baraq bilen bille Kedeshke mangdi.
باراق زەبۇلۇنلار ۋە نافتالىلارنى كەدەشكە چاقىرتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ دەبوراھمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقتى | 10 |
Baraq Zebulunlar we Naftalilarni Kedeshke chaqirtti; shuning bilen on ming adem uninggha egeshti; Deborahmu uning bilen chiqti
(شۇ چاغدا كېنىيلەردىن بولغان ھەبەر ئۆزىنى مۇسانىڭ قېينئاتىسى ھوبابنىڭ نەسلىدىن بولغان كېنىيلەردىن ئايرىپ چىقىپ، كەدەشنىڭ يېنىدىكى زائانائىمنىڭ دۇب دەرىخىنىڭ يېنىدا چېدىر تىككەنىدى). | 11 |
(shu chaghda kéniylerdin bolghan Heber özini Musaning qéynatisi Hobabning neslidin bolghan kéniylerdin ayrip chiqip, Kedeshning yénidiki Zaanaimning dub derixining yénida chédir tikkenidi).
ئەمدى سىسېراغا: ــ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق تابور تېغىغا چىقىپتۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. | 12 |
Emdi Siséragha: — Abinoamning oghli Baraq Tabor téghigha chiqiptu, dégen xewer yetküzüldi.
شۇنى ئاڭلاپ سىسېرا بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى، يەنى توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسىنى ۋە بارلىق ئەسكەرلىرىنى يىغىپ، ھاروشەت-گويىمدىن چىقىپ، كىشون ئېقىنىنىڭ يېنىدا توپلىدى. | 13 |
Shuni anglap Siséra barliq jeng harwilirini, yeni toqquz yüz tömür jeng harwisini we barliq eskerlirini yighip, Haroshet-Goyimdin chiqip, Kishon éqinining yénida toplidi.
دەبوراھ باراققا: ــ قوپقىن؛ بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسېرانى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان كۈندۈر. مانا، پەرۋەردىگار ئالدىڭدا يول باشلىغىلى چىقتى ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، باراق ۋە ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تابور تېغىدىن چۈشتى. | 14 |
Deborah Baraqqa: — Qopqin; bügün Perwerdigar Sisérani séning qolunggha tapshuridighan kündür. Mana, Perwerdigar aldingda yol bashlighili chiqti emesmu?! — dédi. Shuni déwidi, Baraq we on ming adem uninggha egiship Tabor téghidin chüshti.
پەرۋەردىگار سىسېرانى، ئۇنىڭ ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە بارلىق قوشۇنىنى قوشۇپ باراقنىڭ قىلىچى ئالدىدا تىرىپىرەن قىلدى؛ سىسېرا ئۆزى جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، پىيادە قېچىپ كەتتى. | 15 |
Perwerdigar Sisérani, uning hemme jeng harwiliri we barliq qoshunini qoshup Baraqning qilichi aldida tiripiren qildi; Siséra özi jeng harwisidin chüshüp, piyade qéchip ketti.
باراق جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە قوشۇننى ھاروشەت-گويىمگىچە قوغلاپ باردى؛ سىسېرانىڭ بارلىق قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، بىرىمۇ قالمىدى. | 16 |
Baraq jeng harwilirini we qoshunni Haroshet-Goyimgiche qoghlap bardi; Siséraning barliq qoshuni qilich astida yiqildi, birimu qalmidi.
لېكىن سىسېرا پىيادە قېچىپ، كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ ئايالى يائەلنىڭ چېدىرىغا باردى؛ چۈنكى ھازورنىڭ پادىشاھى يابىن بىلەن كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ئالاقىسى بار ئىدى. | 17 |
Lékin Siséra piyade qéchip, Kéniylerdin bolghan Heberning ayali Yaelning chédirigha bardi; chünki Hazorning padishahi Yabin bilen Kéniylerdin bolghan Heberning jemeti otturisida dostluq alaqisi bar idi.
يائەل سىسېرانى قارشى ئېلىشقا چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي خوجام، كىرگىنە! قورقما، مېنىڭكىگە كىرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سىسېرا ئۇنىڭ چېدىرىغا كىردى، ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە يوتقان يېپىپ قويدى. | 18 |
Yael Sisérani qarshi élishqa chiqip uninggha: — Ey xojam, kirgine! Qorqma, méningkige kirgin, dédi. Shuning bilen Siséra uning chédirigha kirdi, u uning üstige yotqan yépip qoydi.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۇسساپ كەتتىم، ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگىنە، دېۋىدى، ئايال بېرىپ سۈت تۇلۇمىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ، ئاندىن يەنە ئۇنى يېپىپ قويدى. | 19 |
U uninggha: — Men ussap kettim, manga bir otlam su bergine, déwidi, ayal bérip süt tulumini échip, uninggha ichküzüp, andin yene uni yépip qoydi.
ئاندىن سىسېرا ئۇنىڭغا: ــ سەن چېدىرنىڭ ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرغىن. بىركىم كېلىپ سەندىن: ــ بۇ يەردە بىرەرسى بارمۇ، دەپ سورىسا، يوق دەپ جاۋاب بەرگىن، ــ دېدى. | 20 |
Andin Siséra uninggha: — Sen chédirning ishikide saqlap turghin. Birkim kélip sendin: — Bu yerde birersi barmu, dep sorisa, yoq dep jawab bergin, — dédi.
ئەمدى ھەبەرنىڭ ئايالى يائەل قوپۇپ، بىر چېدىر قوزۇقىنى ئېلىپ، قولىدا بولقىنى تۇتقىنىچە شەپە چىقارماي ئۇنىڭ قېشىغا باردى؛ ئۇ ھېرىپ كەتكەچكە، قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنىدى. يائەل ئۇنىڭ چېكىسىگە قوزۇقنى شۇنداق قاقتىكى، قوزۇق چېكىسىدىن ئۆتۈپ يەرگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. | 21 |
Emdi Heberning ayali Yael qopup, bir chédir qozuqini élip, qolida bolqini tutqiniche shepe chiqarmay uning qéshigha bardi; u hérip ketkechke, qattiq uxlap ketkenidi. Yael uning chékisige qozuqni shundaq qaqtiki, qozuq chékisidin ötüp yerge kirip ketti. Buning bilen u öldi.
شۇ چاغدا، باراق سىسېرانى قوغلاپ كەلدى، يائەل ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ كەلگىن، سەن ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى ساڭا كۆرسىتەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭ چېدىرىغا كىرىپ قارىۋىدى، مانا سىسېرا ئۆلۈك ياتاتتى، قوزۇق تېخىچە چېكىسىگە قېقىقلىق تۇراتتى. | 22 |
Shu chaghda, Baraq Sisérani qoghlap keldi, Yael aldigha chiqip uninggha: — Kelgin, sen izdep kelgen ademni sanga körsitey, — dédi. U uning chédirigha kirip qariwidi, mana Siséra ölük yatatti, qozuq téxiche chékisige qéqiqliq turatti.
شۇنداق قىلىپ، خۇدا شۇ كۈنى قانائان پادىشاھى يابىننى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا تۆۋەن قىلدى. | 23 |
Shundaq qilip, Xuda shu küni Qanaan padishahi Yabinni Israillarning aldida töwen qildi.
شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچىيىپ، قانائان پادىشاھى يابىندىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ ئاخىردا ئۇلار قانائان پادىشاھى يابىننى يوقاتتى. | 24 |
Shu waqittin tartip Israillar barghanséri küchiyip, Qanaan padishahi Yabindin üstünlükni igilidi; axirda ular Qanaan padishahi Yabinni yoqatti.