< باتۇر ھاكىملار 4 >

ئەمدى ئەھۇد ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلغىلى تۇردى. 1
Mas os filhos de Israel voltaram a fazer o mal aos olhos do SENHOR, depois da morte de Eúde.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. يابىن ھازور شەھىرىدە سەلتەنەت قىلاتتى؛ ئۇنىڭ قوشۇن سەردارىنىڭ ئىسمى سىسېرا بولۇپ، ئۇ ھاروشەت-گويىم دېگەن شەھەردە تۇراتتى. 2
E o SENHOR os vendeu em mão de Jabim rei de Canaã, o qual reinou em Hazor: e o capitão de seu exército se chamava Sísera, e ele habitava em Harosete das nações.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد كۆتۈردى، چۈنكى يابىننىڭ توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئىسرائىللارغا يىگىرمە يىلدىن بۇيان تولىمۇ زۇلۇم قىلىپ كەلگەنىدى. 3
E os filhos de Israel clamaram ao SENHOR, porque aquele tinha novecentos carros de ferro: e havia afligido em grande maneira aos filhos de Israel por vinte anos.
ئۇ ۋاقىتتا لاپىدوتنىڭ خوتۇنى دەبوراھ دېگەن ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىلغا ھاكىم ئىدى. 4
E governava naquele tempo a Israel uma mulher, Débora, profetisa, mulher de Lapidote:
ئۇ ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماھ بىلەن بەيت-ئەلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «دەبوراھنىڭ خورما دەرىخى»نىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى؛ بارلىق ئىسرائىللار دەۋالىرى توغرىسىدا ھۆكۈم سورىغىلى ئۇنىڭ قېشىغا كېلەتتى. 5
A qual se sentava debaixo da palmeira de Débora entre Ramá e Betel, no monte de Efraim: e os filhos de Israel subiam a ela a juízo.
ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ نافتالى يۇرتىدىكى كەدەشتىن ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار [مۇنداق] ئەمر قىلغان ئەمەسمۇ؟! ئۇ: ــ سەن بېرىپ نافتالىلار قەبىلىسى ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ تابور تېغىغا چىققىن؛ 6
E ela mandou chamar a Baraque filho de Abinoão, de Quedes de Naftali, e disse-lhe: Não te mandou o SENHOR Deus de Israel, dizendo: Vai, e ajunta gente no monte de Tabor, e toma contigo dez mil homens dos filhos de Naftali, e dos filhos de Zebulom:
شۇنىڭ بىلەن مەن يابىننىڭ قوشۇن سەردارى سىسېرانى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قوشۇپ كىشون ئېقىنىنىڭ بويىغا، سېنىڭ قېشىڭغا بارغۇسى نىيەتكە سېلىپ، ئۇنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن دېگەن، ــ دېدى. 7
E eu atrairei a ti ao ribeiro de Quisom a Sísera, capitão do exército de Jabim, com seus carros e seu exército, e o entregarei em tuas mãos?
باراق ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن مەن بىلەن بىللە بارساڭ، مەنمۇ بارىمەن. سەن مەن بىلەن بارمىساڭ، مەنمۇ بارمايمەن! ــ دېدى. 8
E Baraque lhe respondeu: Se tu fores comigo, eu irei: mas se não fores comigo, não irei.
دەبوراھ جاۋابەن: ــ ماقۇل، مەن سەن بىلەن بارسام باراي؛ ھالبۇكى، سەپىرىڭ ساڭا ھېچ شان-شەرەپ كەلتۈرمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىسېرانى بىر ئايال كىشىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دەبوراھ قوپۇپ باراق بىلەن بىللە كەدەشكە ماڭدى. 9
E ela disse: Irei contigo; mas não será tua honra no caminho que vais; porque por mão de mulher venderá o SENHOR a Sísera. E levantando-se Débora foi com Baraque a Quedes.
باراق زەبۇلۇنلار ۋە نافتالىلارنى كەدەشكە چاقىرتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ دەبوراھمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقتى 10
E juntou Baraque a Zebulom e a Naftali em Quedes, e subiu com dez mil homens a seu mando, e Débora subiu com ele.
(شۇ چاغدا كېنىيلەردىن بولغان ھەبەر ئۆزىنى مۇسانىڭ قېينئاتىسى ھوبابنىڭ نەسلىدىن بولغان كېنىيلەردىن ئايرىپ چىقىپ، كەدەشنىڭ يېنىدىكى زائانائىمنىڭ دۇب دەرىخىنىڭ يېنىدا چېدىر تىككەنىدى). 11
E Héber queneu, dos filhos de Hobabe sogro de Moisés, havia se afastado dos queneus, e posto sua tenda até o vale de Zaanim, que está junto a Quedes.
ئەمدى سىسېراغا: ــ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق تابور تېغىغا چىقىپتۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. 12
Vieram, pois, as notícias a Sísera como Baraque filho de Abinoão havia subido ao monte de Tabor.
شۇنى ئاڭلاپ سىسېرا بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى، يەنى توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسىنى ۋە بارلىق ئەسكەرلىرىنى يىغىپ، ھاروشەت-گويىمدىن چىقىپ، كىشون ئېقىنىنىڭ يېنىدا توپلىدى. 13
E reuniu Sísera todos os seus carros, novecentos carros de ferro, com todo o povo que com ele estava, desde Harosete das Nações até o ribeiro de Quisom.
دەبوراھ باراققا: ــ قوپقىن؛ بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسېرانى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان كۈندۈر. مانا، پەرۋەردىگار ئالدىڭدا يول باشلىغىلى چىقتى ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، باراق ۋە ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تابور تېغىدىن چۈشتى. 14
Então Débora disse a Baraque: Levanta-te; porque este é o dia em que o SENHOR entregou a Sísera em tuas mãos: Não saiu o SENHOR diante de ti? E Baraque desceu do monte de Tabor, e dez mil homens atrás dele.
پەرۋەردىگار سىسېرانى، ئۇنىڭ ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە بارلىق قوشۇنىنى قوشۇپ باراقنىڭ قىلىچى ئالدىدا تىرىپىرەن قىلدى؛ سىسېرا ئۆزى جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، پىيادە قېچىپ كەتتى. 15
E o SENHOR derrotou a Sísera, e a todos os seus carros e a todo seu exército, a fio de espada diante de Baraque: e Sísera desceu do carro, e fugiu a pé.
باراق جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە قوشۇننى ھاروشەت-گويىمگىچە قوغلاپ باردى؛ سىسېرانىڭ بارلىق قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، بىرىمۇ قالمىدى. 16
Mas Baraque seguiu os carros e o exército até Harosete das Nações, e todo aquele exército de Sísera caiu a fio de espada até não restar nenhum.
لېكىن سىسېرا پىيادە قېچىپ، كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ ئايالى يائەلنىڭ چېدىرىغا باردى؛ چۈنكى ھازورنىڭ پادىشاھى يابىن بىلەن كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ئالاقىسى بار ئىدى. 17
E Sísera se refugiou a pé à tenda de Jael mulher de Héber queneu; porque havia paz entre Jabim rei de Hazor e a casa de Héber queneu.
يائەل سىسېرانى قارشى ئېلىشقا چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي خوجام، كىرگىنە! قورقما، مېنىڭكىگە كىرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سىسېرا ئۇنىڭ چېدىرىغا كىردى، ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە يوتقان يېپىپ قويدى. 18
E saindo Jael a receber a Sísera, disse-lhe: Vem, senhor meu, vem a mim, não tenhas medo. E ele veio a ela à tenda, e ela lhe cobriu com uma manta.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۇسساپ كەتتىم، ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگىنە، دېۋىدى، ئايال بېرىپ سۈت تۇلۇمىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ، ئاندىن يەنە ئۇنى يېپىپ قويدى. 19
E ele lhe disse: Rogo-te me dês a beber um pouco de água, que tenho sede. E ela abriu um odre de leite e deu-lhe de beber, e voltou-lhe a cobrir.
ئاندىن سىسېرا ئۇنىڭغا: ــ سەن چېدىرنىڭ ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرغىن. بىركىم كېلىپ سەندىن: ــ بۇ يەردە بىرەرسى بارمۇ، دەپ سورىسا، يوق دەپ جاۋاب بەرگىن، ــ دېدى. 20
E ele lhe disse: Fica-te à porta da tenda, e se alguém vier, e te perguntar, dizendo: Há aqui alguém? Tu responderás que não.
ئەمدى ھەبەرنىڭ ئايالى يائەل قوپۇپ، بىر چېدىر قوزۇقىنى ئېلىپ، قولىدا بولقىنى تۇتقىنىچە شەپە چىقارماي ئۇنىڭ قېشىغا باردى؛ ئۇ ھېرىپ كەتكەچكە، قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنىدى. يائەل ئۇنىڭ چېكىسىگە قوزۇقنى شۇنداق قاقتىكى، قوزۇق چېكىسىدىن ئۆتۈپ يەرگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. 21
E Jael, mulher de Héber, tomou uma estaca da tenda, e pondo uma marreta em sua mão, veio a ele caladamente, e meteu-lhe a estaca pela têmpora, e encravou-o na terra, pois ele estava carregado de sonho e cansado; e assim morreu.
شۇ چاغدا، باراق سىسېرانى قوغلاپ كەلدى، يائەل ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ كەلگىن، سەن ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى ساڭا كۆرسىتەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭ چېدىرىغا كىرىپ قارىۋىدى، مانا سىسېرا ئۆلۈك ياتاتتى، قوزۇق تېخىچە چېكىسىگە قېقىقلىق تۇراتتى. 22
E seguindo Baraque a Sísera, Jael saiu a recebê-lo, e disse-lhe: Vem, e te mostrarei ao homem que tu buscas. E ele entrou de onde ela estava, e eis que Sísera jazia morto com a estaca pela têmpora.
شۇنداق قىلىپ، خۇدا شۇ كۈنى قانائان پادىشاھى يابىننى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا تۆۋەن قىلدى. 23
Assim abateu Deus aquele dia a Jabim, rei de Canaã, diante dos filhos de Israel.
شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچىيىپ، قانائان پادىشاھى يابىندىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ ئاخىردا ئۇلار قانائان پادىشاھى يابىننى يوقاتتى. 24
E a mão dos filhos de Israel começou a crescer e a fortificar-se contra Jabim rei de Canaã, até que o destruíram.

< باتۇر ھاكىملار 4 >