< باتۇر ھاكىملار 3 >
تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار قانائانىيلار بىلەن بولغان جەڭنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىلنىڭ [ئەۋلادلىرىنى] سىناش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان تائىپىلەر | 1 |
Magi e oganda mane Jehova Nyasaye oweyo mondo otem jo-Israel duto mane ok osekalo e lweny moro amora e piny Kanaan.
(ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، بولۇپمۇ جەڭ-ئۇرۇشلارنى كۆرۈپ باقمىغانلارنى پەقەت جەڭنى ئۆگۈنسۇن دەپ قالدۇرغانىدى): ــ | 2 |
Mano notimo mana mondo opuonjgo nyikwa jo-Israel lweny, mago mane onge gi lony e kedo.
ــ ئۇلار فىلىستىيلەرنىڭ بەش ئەمىرلىكى، بارلىق قانائانىيلار، زىدونلۇقلار ۋە بائال-ھەرمون تېغىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە لىۋان تاغلىقىدا تۇرۇۋاتقان ھىۋىيلار ئىدى؛ | 3 |
Ogendinigo ne gin: ruodhi abich mag jo-Filistia, jo-Kanaan duto, jo-Sidon, kod jo-Hivi mane odak e gode mag Lebanon kochakore got Baal Hermon nyaka got Lebo Hamath.
ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويۇشتىكى مەقسىتى ئىسرائىلنى سىناش، يەنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بۇيرۇغان ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىدى. | 4 |
Jehova Nyasaye nowegi mondo otemgo jo-Israel kendo ongʼego ka ginyalo rito chike mane omiyo kweregi kokalo kuom Musa.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار قانائانىيلار، يەنى ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار ئارىسىدا تۇردى؛ | 5 |
Jo-Israel nodak e kind jo-Kanaan, jo-Hiti, jo-Amor, jo-Perizi, jo-Hivi kod jo-Jebus.
ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلىنىپ، ئۆز قىزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. | 6 |
Negikendo nyi ogendinigo bangʼe negichiwo nyigi mondo okend gi yawuot pinjego kendo negilamo nyisechegi.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ، بائاللار ۋە ئاشەراھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. | 7 |
Jo-Israel notimo tim mamono e wangʼ Jehova Nyasaye; ne wigi owil gi Jehova Nyasaye ma Nyasachgi mi gitiyone Baal kod Ashera.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا تۇتىشىپ، ئۇلارنى ئارام-ناھارائىمنىڭ پادىشاھى قۇشان-رىشاتائىمنىڭ قولىغا تاپشۇردى. بۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار سەككىز يىلغىچە قۇشان-رىشاتائىمغا بېقىندى بولدى. | 8 |
Mirimb Jehova Nyasaye mager nobiro kuom jo-Israel ma nojwangʼogi e lwet jo-Kushan-Rishathaim ruodh Aram-Naharaim, ma jo-Israel nobedo wasumbinigi kuom higni aboro.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇ ئۇلارنى قۇتقۇزدى. ئۇ كىشى كالەبنىڭ ئىنىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئىدى. | 9 |
To kane giywakne Jehova Nyasaye, nochiwonegi jakony, ma en Othniel wuod Kenaz, owadgi Kaleb matin, mane oresogi.
پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ ئىسرائىلغا ھاكىملىق قىلدى؛ ئۇ جەڭگە چىقىۋىدى، پەرۋەردىگار ئارامنىڭ پادىشاھى قۇشان-رىشاتائىمنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇشان-رىشاتائىمنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. | 10 |
Roho mar Jehova Nyasaye nobiro kuome, mi nobedo jangʼad bura mar jo-Israel kendo negidhi e lweny. Jehova Nyasaye nochiwo Kushan-Rishathaim ruodh Aram e lwet Othniel, mane oloye.
شۇنىڭدىن كېيىن زېمىندا قىرىق يىلغىچە ئامانلىق بولدى؛ كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئالەمدىن ئۆتتى. | 11 |
Omiyo piny nobedo gi kwe kuom higni piero angʼwen; nyaka Othniel wuod Kenaz notho.
ئاندىن ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغاچقا، ئۇ موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننى ئىسرائىل بىلەن قارىشىلىشىشقا كۈچلەندۈردى. | 12 |
Jo-Israel nochako timo timbe mamono e wangʼ Jehova Nyasaye, kendo nikech timno, Jehova Nyasaye nochiwogi e lwet Eglon ruodh Moab.
ئۇ ئاممونىيلار ۋە ئامالەكىيلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، جەڭگە چىقىپ ئىسرائىلنى ئۇرۇپ قىرىپ، «خورمىلىق شەھەر»نى ئىشغال قىلدى. | 13 |
Eglon kaachiel gi jo-Amon kod jo-Amalek, nobiro momonjo jo-Israel, mi gikawo Dala Maduongʼ mar Jeriko.
بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئون سەككىز يىلغىچە موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا بېقىندى بولدى. | 14 |
Jo-Israel nobedo e bwo loch Eglon ruodh Moab kuom higni apar gaboro.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گەرانىڭ ئوغلى ئەھۇدنى تۇرغۇزدى؛ ئۇ سولخاي ئىدى. ئىسرائىل ئۇنىڭ قولى بىلەن موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا سوۋغات ئەۋەتتى. | 15 |
Jo-Israel nochako oywak ne Jehova Nyasaye mi nomiyogi jakony, Ehud, wuod Gera ja-Benjamin, mane racham. Jo-Israel noore gi chudo ir Eglon ruodh Moab.
ئەمدى ئەھۇد ئۆزىگە بىر گەز ئۇزۇنلۇقتا ئىككى بىسلىق بىر شەمشەر ياساتقانىدى؛ ئۇنى كىيىمىنىڭ ئىچىگە، ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قىستۇرۇۋالدى؛ | 16 |
Ehud nothedho pand ligangla ma dhoge ariyo ma borne dirom fut achiel gi nus, mane oliere e bamne korachwich ei lepe.
ئۇ شۇ ھالەتتە سوۋغاتنى موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەگلون تولىمۇ سېمىز بىر ئادەم ئىدى. | 17 |
Ne ochiwo chudo ne Eglon ruodh Moab, mane ngʼat machwe ahinya.
ئەھۇد سوۋغاتنى تەقدىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سوۋغاتنى كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشىلەرنى كەتكۈزۈۋەتتى؛ | 18 |
Bangʼ ka Ehud nosechiwo chudo, nooro jogo mane okelo chudo mondo odogi.
ئاندىن ئۆزى گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جايدىن يېنىپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئەي پادىشاھ، مەندە ئۆزلىرىگە دەيدىغان بىر مەخپىيەتلىك بار ئىدى، ــ دېۋىدى، پادىشاھ: ــ جىم تۇر! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى خىزمەتكارلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ كەتتى. | 19 |
Kane oneno gigo mopa man Gilgal ne olokore en owuon kendo owacho niya, “An kodi gi wach ma lingʼ-lingʼ, yaye ruoth.” Ruoth nowacho niya, “Lingʼ thi!” Kendo joge duto mantie noa moweye.
ئاندىن ئەھۇد پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى؛ پادىشاھ يالغۇز سالقىن بالىخانىدا ئولتۇراتتى. ئەھۇد: ــ مەندە سىلى ئۈچۈن خۇدادىن كەلگەن بىر سۆز بار، دېۋىدى، پادىشاھ ئورۇندۇقتىن قوپۇپ ئۆرە تۇردى. | 20 |
Eka Ehud nosudo ire kama nobetie kende e agola ma malo mar ode mar yweyo, mane ojabetie ndalo oro mi owacho niya, “Nyasaye oora iri.” Ka Ruoth noa malo e kome,
شۇنىڭ بىلەن ئەھۇد سول قولىنى ئۇزىتىپ ئوڭ يوتىسىدىن شەمشەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقتى. | 21 |
Ehud norieyo bade koracham, mi owuodho ligangla koa e bamne korachwich kendo ochwoyo ii ruoth.
شۇنداق قىلىپ شەمشەرنىڭ دەستىسىمۇ تىغى بىلەن قوشۇلۇپ كىرىپ كەتتى، سېمىز ئېتى شەمشەرنى قىسىۋالغاچقا، ئەھۇد شەمشەرنى قورسىقىدىن تارتىپ چىقىرىۋالمىدى؛ ئۈچەي-پوقى ئارقىدىن چىقتى. | 22 |
Ligangla nodonjo e iye molal kuno gi loge duto motuch nyaka e dier ngʼeye oko. Ehud ne ok opudho liganglano oko, kendo bor noume.
ئاندىن ئەھۇد دالانغا چىقىپ، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئىچىدىن ئېتىپ قۇلۇپلاپ قويدى. | 23 |
Eka Ehud nowuok gie otuchi manie wi tado; nochiego dhoudi manie agola mamalo mi olorogi.
ئۇ چىقىپ كەتكەندە، پادىشاھنىڭ خىزمەتچىلىرى كېلىپ قارىسا، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرى قۇلۇپلاقلىق ئىدى. ئۇلار: ــ پادىشاھ سالقىن ئۆيدە چوڭ تەرەتكە ئولتۇرغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى. | 24 |
Bangʼ kane osedhi, jotich nobiro kendo oyudo ka dhoudi manie agola mamalo olor. Negiwacho niya, “Nyaka bed ni okonyore e agola ma iye mar ot.”
ئۇلار ئۇزۇن ساقلاپ كىرمىسەك سەت بولارمۇ دەپ ئويلاشتى؛ ئۇ يەنىلا بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچمىغاندىن كېيىن، ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكلەرنى ئېچىۋىدى، مانا، خوجىسىنىڭ يەردە ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆردى. | 25 |
Negirito ma wigi okuot, to kane ok oyawo dhout agola, negikawo kifungu kendo giyawogi. Kanyo negineno ruodhgi koriere e dier ot, kosetho.
ئەمدى ئۇلار ئىككىلىنىپ قاراپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئەھۇد قېچىپ چىققانىدى؛ ئۇ تاش ئويمىلار بار جايدىن ئۆتۈپ، سېئىراھقا قېچىپ كەلگەنىدى. | 26 |
Kane pod girito, Ehud noluchore mi owuok odhi. Ne okalo machiegni gi gik mopa mi opondo odhi Seira.
شۇ يەرگە يەتكەندە، ئۇ ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا كاناي چېلىۋىدى، ئىسرائىللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاغلىق رايوندىن چۈشتى، ئۇ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى. | 27 |
Kane ochopo kanyo, nogoyo turumbete e piny gode mag Efraim, kendo jo-Israel nolor kode piny koa e got, ka otelonegi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ ماڭا ئەگىشىپ يۈرۈڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابىيلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. | 28 |
Nowachonegi niya, “Luwauru, nimar Jehova Nyasaye osechiwo Moab, jasiku, e lwetu.” Omiyo ne giluwe kendo negikawo bath aora Jordan mane ochiko yo Moab, maonge ngʼama ne nyalo pondo mondo okadh aora Jordan.
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار موئابىيلاردىن ئون مىڭچە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تەمبەل پالۋانلار ئىدى؛ ئۇلاردىن ھېچبىر ئادەم قېچىپ قۇتۇلالمىدى. | 29 |
E sechego neginego jo-Moab madirom alufu apar, jogo mongirore kendo maroteke; maonge ngʼama nopondo kata achiel.
شۇ كۈنى موئاب ئىسرائىلنىڭ قولىدا بېسىقتۇرۇلدى. زېمىن سەكسەن يىلغىچە ئامان-تىنچلىقتا تۇردى. | 30 |
Chiengʼno Moab nobedo e bwo loch Israel, kendo piny nobedo gi kwe kuom higni piero aboro.
ئەھۇددىن كېيىن ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار ھاكىم بولدى؛ ئۇ ئالتە يۈز فىلىستىيەلىكنى بىراقلا كالا سانجىغۇچ بىلەن ئۆلتۈردى؛ ئۇمۇ ئىسرائىلنى قۇتقۇزدى. | 31 |
Bangʼ Ehud, Shamgar wuod Anath nobiro, en ema ne onego jo-Filistia mia auchiel gi bidhi. En bende noreso jo-Israel.