< باتۇر ھاكىملار 21 >
ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى مىزپاھدا قەسەم قىلىشىپ: ــ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچكىم ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن، ــ دېيىشكەنىدى. | 1 |
Israelfo aka ntam wɔ Mispa sɛ, wɔremfa wɔn mmabea mma ɔbarima biara a ofi Benyamin abusuakuw mu aware.
شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق بەيت-ئەلگە كېلىپ، ئۇ يەردە كەچ كىرگۈچە خۇدانىڭ ئالدىدا پەرياد كۆتۈرۈپ قاتتىق يىغلىشىپ: ــ | 2 |
Nnipa no kɔɔ Bet-El kɔtenaa Onyankopɔn anim kosii anwummere, maa wɔn nne so, suu denneennen kae se,
ئەي ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدا نېمىشقا شۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ، نېمىشقا ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن بىرى يوقاپ كەتسۇن؟ ــ دېيىشتى. | 3 |
“Ao Awurade, Israel Nyankopɔn, adɛn nti na saa asɛm yi asi? Mprempren yɛn mmusuakuw no mu baako ayera!”
ئەتىسى خەلق سەھەر قوپۇپ، ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇندى. | 4 |
Adekyee mu no, nnipa no sii afɔremuka, na wɔbɔɔ ɔhyew ne asomdwoe afɔre.
ئىسرائىللار ئۆزئارا: ــ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن جامائەتكە قوشۇلۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا كەلمىگەن كىملەر بار؟ ــ دەپ سوراشتى، چۈنكى ئۇلار كىمكى مىزپاھقا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولمىسا، ئۇ شەكسىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، دەپ قاتتىق قەسەم قىلىشقانىدى. | 5 |
Wobisae se, “Abusuakuw bi wɔ hɔ a wannya ɔnanmusini bere a yɛkɔɔ nhyiamu kɛse wɔ Awurade anim wɔ Mispa no ana?” Saa bere no, na wɔaka ntankɛse wɔ Awurade anim sɛ, obiara a wamma no, ɛsɛ sɛ owu.
ئىسرائىل ئۆز قېرىندىشى بولغان بىنيامىن توغرۇلۇق پۇشايمان قىلىپ: ــ مانا، ئەمدى ئىسرائىل ئارىسىدىن بىر قەبىلە ئۈزۈۋېتىلدى. | 6 |
Na Israelfo no dii yaw wɔ Benyaminfo no ho kae se, “Nnɛ yi, abusuakuw baako afi yɛn mu; na nʼase reyɛ atɔre.
بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچقايسىمىز ئۆز قىزىمىزنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمەيمىز، ــ دەپ قەسەم قىلغانىدۇق؛ ئەمدى قانداق قىلساق ئۇلاردىن قالغانلىرىنى خوتۇنلۇق قىلالايمىز ــ دېيىشتى. | 7 |
Na ɛbɛyɛ dɛn na yɛanya yerenom ama wɔn a wɔaka no, esiane Awurade ntam a yɛaka sɛ yɛremfa yɛn mmabea mu biara mma wɔn aware nti?”
ئۇلار يەنە ئۆزئارا: ــ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن قايسىسى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقمىدى؟ ــ دەپ سوراشتى. مانا، يابەش-گىلېئادلىقلاردىن ھېچقايسىسى چېدىرگاھقا، جامائەتكە قوشۇلۇشقا كەلمىگەنىدى. | 8 |
Enti wobisae se, “Bere a yɛde yɛn ho kyerɛɛ Awurade wɔ Mispa no na obi nni hɔ bi ana?” Ɛhɔ na wohui sɛ, obiara amfi Yabes Gilead amma saa aguabɔ no ase bi.
چۈنكى خەلقنى ساناپ كۆرگەندە يابەش-گىلېئادنىڭ ئادەملىرىدىن ئۇ يەردە ھېچكىم يوق ئىدى. | 9 |
Na wɔkan nnipa no nyinaa no, wɔannya obiara a ofi Yabes Gilead.
شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئون ئىككى مىڭ پالۋاننى ئۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: ــ يابەش-گىلېئادتا تۇرۇۋاتقانلارنى، جۈملىدىن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۇرۇپ-قىرىپ قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ | 10 |
Enti wɔsomaa akofo mpem dumien kɔɔ Yabes Gilead sɛ wonkokunkum obiara a ɔwɔ hɔ a mmea ne mmofra ka ho.
شۇنداق قىلىڭلاركى، بارلىق ئەركەكلەرنى ۋە ئەرلەر بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، دېدى. | 11 |
Wɔkae se, “Eyi na ɛsɛ sɛ moyɛ. Munkum ɔbarima ne ɔbea biara a ɔnyɛ ɔbabun.”
ئۇلار شۇنداق قىلىپ يابەش-گىلېئادتىكى خەلقىنىڭ ئىچىدە تېخى ئەرلەر بىلەن بىللە بولۇپ باقمىغان تۆت يۈز قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ قانائان زېمىنىدىكى شىلوھقا، چېدىرگاھغا ئېلىپ كەلدى. | 12 |
Yabes Gileadfo mu no, wohuu mmabun ahannan a wɔne mmarima nnaa da, na wɔde wɔn baa nsraban a ɛwɔ Silo wɔ Kanaan asase so hɔ.
ئاندىن پۈتكۈل جامائەت رىمموندىكى تىك ياردىكى بىنيامىنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تىنچلىق سالىمىنى جاكارلىدى. | 13 |
Na Israelfo bagua no somaa asomdwoe abɔfo ma wɔkɔɔ Benyaminfo nkae no a na wɔte Rimon botan ho no nkyɛn.
شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار قايتىپ كەلدى؛ ئىسرائىللار يابەش-گىلېئادتىكى ھايات قالغان قىزلارنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەردى، لېكىن بۇلار ئۇلارغا يېتىشمىدى. | 14 |
Na Benyaminfo no san kɔɔ wɔn afi mu, na wɔde mmabun a wofi Yabes Gilead a wɔankum bi no maa wɔn aware. Nanso mmea no anso wɔn so.
ۋە خەلق بىنيامىن توغرۇلۇق پۇشايمان قىلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىدا كەمتۈك پەيدا قىلىپ قويغانىدى. | 15 |
Nnipa no dii Benyaminfo no ho yaw, sɛ Awurade ama mpaapaemu aba Israel mmusuakuw no mu.
بۇ ۋاقىتتا جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى: ــ بىنيامىننىڭ قىز-ئاياللىرى يوقۇتىۋېتىلدى، ئەمدى بىز قانداق قىلساق قالغانلىرىنى خوتۇنلۇق قىلالايمىز، ــ دېدى. | 16 |
Enti Israel ntuanofo no bisae se, “Sɛ wɔatɔre mmea a wofi Benyamin ase yi, ɛbɛyɛ dɛn na yɛanya yerenom ama mmarima a wɔaka no?
ئاندىن يەنە: ــ بىنيامىندىن قېچىپ قۇتۇلغان قالدىسىغا مىراس ساقلىنىشى كېرەككى، ئىسرائىلنىڭ بىر قەبىلىسىمۇ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. | 17 |
Ɛsɛ sɛ Benyaminfo a wɔaka no nya adedifo sɛnea ɛbɛyɛ a Israel abusuakuw bi ase ntɔre.
پەقەت بىزلا قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەرسەك بولمايدۇ، چۈنكى ئىسرائىللار: «ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرگەن كىشى لەنەتكە قالسۇن!» دەپ قەسەم قىلىشقان، ــ دېيىشتى. | 18 |
Nanso yɛrentumi mfa yɛn mmabea mma wɔn aware, efisɛ yɛaka ntankɛse sɛ, obiara a ɔde ne babea bɛma Benyaminni aware no, Awurade nnome mmra ne so.”
ئۇلار يەنە: ــ مانا، بەيت-ئەلنىڭ شىمال تەرىپىدىكى، بەيت-ئەلدىن شەكەمگە چىقىدىغان يولنىڭ شەرق تەرىپىدىكى، لىبوناھنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى شىلوھدا ھەر يىلى پەرۋەردىگارنىڭ بىر ھېيتى بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى. | 19 |
Afei wɔdwenee Awurade afeafe afahyɛ no ho, nea wodi wɔ Silo, a ɛwɔ Lebona ne Bet-El ntam, wɔ ɔkwan a efi Bet-El kosi Sekem no apuei fam.
ئاندىن ئىسرائىللار بىنيامىنلارغا بۇيرۇپ: ــ سىلەر بېرىپ، [شۇ يەردىكى] ئۈزۈمزارلىقلارغا يوشۇرۇنىۋېلىڭلار. | 20 |
Na wɔka kyerɛɛ Benyamin mmarima a wɔda so hwehwɛ yerenom no se, “Monkɔtɛw wɔ bobe nturo no mu.
كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، قاچانىكى شىلوھدىكى قىزلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغىلى چىققىنىنى كۆرسەڭلار، ئۈزۈمزارلىقلاردىن چىقىپ ھەربىرىڭلار شىلوھنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئۆزۈڭلارغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېچىڭلار، ئاندىن بىنيامىننىڭ زېمىنىغا كېتىڭلار. | 21 |
Sɛ mmea a wofi Silo no ba bɛsaw wɔn asaw no a, mumpue mfi bobe nturo no mu, na mo mu biara betumi afa wɔn mu baako de no akɔ fie sɛ ne yere.
شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى يا ئاكا-ئۇكىلىرى كېلىپ بىزگە پەرياد كۆتۈرسە، بىز ئۇلارغا: «بىزگە يۈز-خاتىرە قىلىپ، ئۇلارغا يول قويۇڭلار، چۈنكى بىز جەڭدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خوتۇنلۇققا تولۇق بىردىن قىز ئالالمىدۇق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر بۇ قېتىم قىزلىرىڭلارنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن ئۇلارغا بەرمىدىڭلار؛ ئىختىيارەن بەرگەن بولساڭلار، گۇناھقا تارتىلاتتىڭلار»، دەيمىز، ــ دېدى. | 22 |
Na sɛ wɔn agyanom ne wɔn nuanom mmarima ba sɛ wɔmpene so a, yɛbɛka akyerɛ wɔn se, ‘Yɛsrɛ mo, monte ase. Momma wɔmfa mo mmabea no, efisɛ bere a yekunkum Yabes Gileadfo no, yɛannyaw mmea a ɛbɛso wɔn nyinaa so amma wɔn. Munnni ntam no ho fɔ, efisɛ ɛnyɛ mo na mode mo mmabea maa wɔn aware.’”
بىنيامىنلار شۇنداق قىلىپ سانى بويىچە ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىزلاردىن ئۆزلىرىگە خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېچىپ، ئۆز مىراس زېمىنىغا قايتىپ بېرىپ، شەھەرلەرنى يەنە ياساپ ئۇ يەردە تۇردى. | 23 |
Enti Benyamin mmarima no yɛɛ sɛnea wɔkyerɛɛ wɔn no. Wowiawiaa mmea a wɔbaa afahyɛ no ase, de wɔn kɔɔ asase a ɛyɛ wɔn agyapade no so. Na wɔkyekyeree wɔn nkurow no bio tenaa mu.
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ھەربىرى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە جەمەتىگە يېنىپ باردى، ئاندىن ھەربىرى ئۆز مىراس زېمىنىغا كەتتى. | 24 |
Na Israelfo mmusuakuw ne mmusua no fii hɔ san kɔɔ wɔn ankasa afi mu.
شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى. | 25 |
Saa bere no na Israel nni ɔhene, nti na nea nnipa no gye di sɛ eye wɔ wɔn ani so no na wɔyɛ.