< باتۇر ھاكىملار 20 >
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى چىقىپ، جامائەت داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يىغىلىپ گىلېئاد زېمىنىنىڭ خەلقى بىلەن قوشۇلۇپ مىزپاھدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر ئادەمدەك بولدى. | 1 |
Тада изиђоше сви синови Израиљеви, и сабра се сав народ једнодушно, од Дана до Вирсавеје и до земље Галадове, ка Господу у Миспу.
پۈتكۈل قوۋمنىڭ چوڭلىرى، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى خۇدانىڭ خەلقىنىڭ جامائىتى ئارىسىدا ھازىر بولدى. جامائەت جەمئىي بولۇپ تۆت يۈز مىڭ قىلىچ تۇتقان پىيادە ئەسكەر ئىدى | 2 |
И главари свега народа, свих племена Израиљевих, дођоше на збор народа Божјег, четири стотине хиљада људи пешака који махаху мачем.
(بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىدىن ئەمدى خەۋەر تاپقانىدى). ئىسرائىللار سۈرۈشتە قىلىپ: «بۇ رەزىل ئىش قانداق يۈز بەردى؟» ــ دەپ سورىدى. | 3 |
А синови Венијаминови чуше да су синови Израиљеви отишли у Миспу. Синови Израиљеви рекоше: Кажите како се догодило то зло.
ئۆلتۈرۈلگەن چوكاننىڭ ئېرى لاۋىي كىشى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بولسام ئۆز كېنىزىكىمنى ئېلىپ، بىنيامىننىڭ گىبېئاھ شەھىرىگە قونغىلى بارغانىدىم؛ | 4 |
А Левит, муж убијене жене одговори и рече: Дођох с иночом својом у Гавају Венијаминову да преноћим.
گىبېئاھنىڭ ئادەملىرى كېچىدە ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ، مېنى دەپ ئۆينى قورشىۋالدى. ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى، كېنىزىكىمنى بولسا ئۇلار ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. | 5 |
А Гавајани усташе на ме, опколише ме у кући ноћу, и хтеше ме убити; и иночу моју злоставише тако да умре.
شۇنىڭ بىلەن مەن كېنىزىكىمنىڭ جەسىتىنى پارچە-پارچە قىلىپ، كىشىلەرگە كۆتۈرتكۈزۈپ ئىسرائىلنىڭ مىراسى بولغان زېمىننىڭ ھەربىر يۇرتىغا ئەۋەتتىم. چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل ئىچىدە پاسىقلىق ۋە ئىپلاسلىق قىلدى. | 6 |
Зато узевши иночу своју исекох је на комаде и разаслах је у све крајеве наследства Израиљевог; јер учинише грдило и срамоту у Израиљу.
مانا، ئەي بارلىق ئىسرائىللار، سىلەر ھەممىڭلار ئويلىنىپ، مەسلىھەت كۆرسىتىڭلار». | 7 |
Ето, ви сте сви синови Израиљеви; промислите и већајте.
شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق بىر ئادەمدەك قوپۇپ: ــ ئارىمىزدىن نە ھېچكىم ئۆز چېدىرىگە بارمىسۇن نە ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە قايتمىسۇن، | 8 |
А сав народ уста једнодушно и рече: Да не идемо ниједан к шатору свом, и ни један да се не враћа кући својој.
بەلكى بىز گىبېئاھقا شۇنداق قىلايلىكى: ــ بىز چەك تاشلاپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى؛ | 9 |
Него ово да учинимо Гаваји: Да бацимо жреб за њу.
بىز ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىدىكىلەردىن يۈزنىڭ ئىچىدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى خەلق ئۈچۈن ئوزۇق-تالقان يەتكۈزۈشكە تەيىنلەيلى. شۇنداق قىلىپ خەلق بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھ شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە قىلغان بارلىق ئىپلاسلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇرسۇن، ــ دېيىشتى. | 10 |
Да узмемо по десет људи од стотине по свим племенима Израиљевим, и по стотину од хиљаде, и по хиљаду од десет хиљада, да донесе храну народу, а он да иде да учини Гаваји Венијаминовој како је заслужила грдилом које је учинила Израиљу.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بىر ئادەمدەك بولۇپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا توپلاندى. | 11 |
И скупи се сав народ Израиљев на онај град сложивши се једнодушно.
ئاندىن ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىننىڭ بارلىق جەمەتلىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ: ــ ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن بۇ رەزىللىك زادى نېمە ئىش؟ | 12 |
Тада послаше племена Израиљева људе у све породице Венијаминове, и поручише им: Какво се то зло учини међу вама?
ئەمدى گىبېئاھدىكى بۇ لۈكچەكلەرنى بىزگە تۇتۇپ بېرىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ، ئىسرائىلدىن رەزىللىكنى يوق قىلايلى، ــ دېدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ سۆزىنى تىڭشىمىدى، | 13 |
Сада дајте те безаконике што су у Гаваји, да их погубимо и извадимо зло из Израиља. Али не хтеше синови Венијаминови послушати браћу своју, синове Израиљеве.
بەلكى بىنيامىنلار ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن شەھەر-شەھەرلەردىن كېلىپ گىبېئاھدا يىغىلدى. | 14 |
Него се скупише синови Венијаминови из својих места у Гавају да изиђу да се бију са синовима Израиљевим.
ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىنلاردىن شەھەر-شەھەرلەردىن تىزىملانغانلار يىگىرمە ئالتە مىڭ قىلىچ تۇتقان ئەركەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا گىبېئاھدىن خىللانغان يەتتە يۈز ئەسكەر بار ئىدى. | 15 |
И наброја се у то време синова Венијаминових из њихових градова двадесет и шест хиљада људи који махаху мачем осим становника гавајских, којих беше на број седам стотина људи одабраних.
بۇ پۈتكۈل قوشۇن ئارىسىدا خىللانغان يەتتە يۈز سولخاي ئەسكەر بولۇپ، سالغۇغا تاشنى سېلىپ نىشانغا ئاتسا، قىلچىمۇ قېيىپ كەتمەيتتى. | 16 |
У свем том народу беше седам стотина људи одабраних, који беху леваци, и сваки гађаше каменом из праћке у длаку не промашујући.
بىنيامىن قەبىلىسىدىن باشقا، ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلىۋىدى، قىلىچ تۇتقانلار تۆت يۈز مىڭ ئەركەك چىقتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭچىلەر ئىدى. | 17 |
А људи Израиљаца наброја се осим синова Венијаминових четири стотине хиљада људи који махаху мачем, самих војника.
ئىسرائىل قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ خۇدادىن: ــ بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ بىنيامىنلار بىلەن سوقۇشسۇن، دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ يەھۇدا [ئاۋۋال] چىقسۇن، دېدى. | 18 |
И уставши отидоше к дому Бога Силнога, и упиташе Бога и рекоше синови Израиљеви: Ко ће између нас ићи први у бој на синове Венијаминове? А Господ рече: Јуда нек иде први.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئەتىسى سەھەر قوپۇپ گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىدا چېدىرگاھ تىكتى. | 19 |
Потом уставши рано синови Израиљеви стадоше у логор према Гаваји.
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقىپ، گىبېئاھنىڭ يېنىدا راسلىنىپ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزدى. | 20 |
И изиђоше синови Израиљеви у бој на синове Венијаминове, и уврсташе се синови Израиљеви да ударе на Гавају.
شۇ كۈنى بىنيامىنلار گىبېئاھدىن چىقىپ، ئىسرائىلدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى. | 21 |
А синови Венијаминови изиђоше из Гаваје, и поваљаше по земљи између Израиљаца у онај дан двадесет и две хиљаде људи.
لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى جاسارەتكە كېلىپ، ئاۋۋالقى كۈنى سەپ تۈزگەن جايدا ئىككىنچى كۈنى يەنە سەپ تۈزدى. | 22 |
Али се народ синова Израиљевих ослободи, те се опет уврсташе на истом месту где се беху уврстали првог дана.
[سەپ تۈزۈشتىن ئاۋۋالقى ئاخشىمى] ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كەچ كىرگۈچە پەرياد قىلىپ يىغلاپ، پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىن نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقساق بولامدۇ، بولمامدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، دېدى. | 23 |
Јер синови Израиљеви отидоше те плакаше пред Господом до вечера, и упиташе Господа говорећи: Хоћемо ли опет изаћи у бој на синове Венијамина брата свог? А Господ им рече: Изиђите на њих.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئىككىنچى كۈنى بىنيامىنلارغا يېقىن كېلىپ ھۇجۇم قىلدى. | 24 |
И изиђоше синови Израиљеви на синове Венијаминове други дан.
بىنيامىنمۇ ئىككىنچى كۈنى گىبېئاھدىن چىقىپ ئىسرائىللار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئون سەككىز مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچ تۇتقانلاردىن ئىدى. | 25 |
И синови Венијаминови изиђоше пред њих из Гаваје други дан; и поваљаше по земљи између синова Израиљевих опет осамнаест хиљада људи, који сви махаху мачем.
ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى پۈتۈن قوشۇن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ يىغلاپ، شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەچكىچە روزا تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۆتكۈزدى. | 26 |
Тада сви синови Израиљеви и сав народ изиђоше и дођоше к дому Бога Силнога, и плакаше и стајаше онде пред Господом, и постише се онај дан до вечера, и принесоше жртве паљенице и жртве захвалне пред Господом.
شۇ كۈنلەردە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە بولۇپ، ھارۇننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىننىڭ نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقامدۇق ياكى توختاپ قالامدۇق؟ ــ دەپ سورىدى؛ پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ چىقىڭلار، چۈنكى ئەتە مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى. | 27 |
Па упиташе синови Израиљеви Господа; јер онде беше ковчег завета Божјег у оно време;
И Финес син Елеазара сина Ароновог стајаше пред њим у оно време. И рекоше: Хоћемо ли опет изаћи у бој на синове Венијамина брата свог или ћемо се оканити? А Господ им рече: Изиђите, јер ћу их сутра предати вама у руке.
بۇنى ئاڭلاپ ئىسرائىل خەلقى گىبېئاھنىڭ ئەتراپىغا ئەسكەرلەرنى پىستىرما قويدى؛ | 29 |
Тада намести Израиљ заседе око Гаваје.
ئۈچىنچى كۈنى ئىسرائىللار ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلىشقا گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ سەپ تۈزدى. | 30 |
И синови Израиљеви изиђоше трећи дан на синове Венијаминове, и уврсташе се према Гаваји као првом и другом.
بىنيامىن [ئىسرائىل] خەلقىگە قارشى جەڭگە چىقىۋىدى، خەلق ئۇلارنى شەھەردىن ئازدۇرۇپ چىقتى. ئۇلار بەيت-ئەلگە چىقىدىغان يول ۋە گىبېئاھقا بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىدە ھەم دالادا خەلقنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك ئۇرۇپ قىرغىلى تۇردى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىدىن ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈردى. | 31 |
А синови Венијаминови изашавши пред народ одвојише се од града, и стадоше бити и сећи народ као првом и другом по путевима, од којих један иде к дому Бога Силнога а други у Гавају, и по пољу, и убише до тридесет људи из Израиља.
بىنيامىنلار: ــ ئۇلار يەنىلا ئاۋۋالقىدەك مەغلۇپ بولدى، ــ دېيىشتى. ئەمما ئىسرائىل: ــ بىزلەر قېچىپ ئۇلارنى شەھەردىن ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ، يوللارغا ئېلىپ چىقايلى، دەپ مەسلىھەتلىشىۋالغانىدى. | 32 |
И рекоше синови Венијаминови: Падају пред нама као пре. А синови Израиљеви рекоше: Да бежимо да их отргнемо од града на путеве.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئۆز جايىدىن قوپۇپ بائال-تامارغا بېرىپ سەپ تۈزدى، پىستىرمىدا تۇرغان ئىسرائىللارمۇ ئۆز جايىدىن، يەنى گېبادىكى چىمەندىن چىقىپ كەلدى. | 33 |
Тада сви синови Израиљеви кретоше се са свог места и уврсташе се у Вал-Тамару; и заседе Израиљеве искочише из места свог, из лука гавајских.
ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن سەرخىل ئون مىڭ كىشى گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى، جەڭ قاتتىق بولدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە بالا يېقىنلاشقىنىنى بىلمەي قالدى. | 34 |
И дође на Гавају десет хиљада људи изабраних из свега Израиља, и бој поста жешћи, а они не опазише да ће их зло задесити.
پەرۋەردىگار بىنيامىنلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلغاچقا، ئۇلار ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن يىگىرمە بەش مىڭ بىر يۈز قىلىچ تۇتقان ئادەمنى ئۆلتۈردى. | 35 |
И Господ поби Венијамина пред Израиљем, и синови Израиљеви погубише онај дан од синова Венијаминових двадесет и пет хиљада и сто људи, који сви мачем махаху.
ئەمدى بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى كۆردى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئەسلىدە گىبېئاھقا قويغان پىستىرمىدىكى كىشىلىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، ئالدىدا چېكىنگەنىدى. | 36 |
И синови Венијаминови видеше да су надбијени: јер синови Израиљеви узмакоше испред синова Венијаминових уздајући се у заседе које беху наместили код Гаваје;
ئۇ ۋاقىتتا پىستىرمىدىكىلەر تېزدىن ئاتلىنىپ گىبېئاھقا ھۇجۇم قىلىپ بېسىپ كىرىپ، شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچلاپ قىردى. | 37 |
А они што беху у заседи навалише брже у Гавају, и ушавши исекоше све по граду оштрим мачем.
ئىسرائىللار ئەسلىدە پىستىرمىدىكىلەر بىلەن ئالدىنئالا نىشان ئۈچۈن بەلگە بېكىتكەنىدى، يەنى شەھەرگە ئوت قۇيۇپ، قېلىن تۈتۈن تۈۋرۈكىنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىنى بەلگە قىلىشقا كېلىشىۋالغانىدى. | 38 |
А беху синови Израиљеви уговорили с онима у заседи да за знак запале ватру да се дигне велик дим из града.
شۇڭا ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇشتىن ۋاقتىنچە چېكىنگەندە، بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ سوقۇپ، ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ: ــ مانا، ئىسرائىل ئاۋۋالقى جەڭدىكىدەك ئالدىمىزدا شەكسىز تارمار بولىدۇ، ــ دېيىشتى. | 39 |
Тако синови Израиљеви стадоше бежати из боја, а синови Венијаминови почеше убијати, и исекоше до тридесет људи између синова Израиљевих говорећи: Доиста падају пред нама као у пређашњем боју.
لېكىن شەھەرنىڭ ئىچىدىن تۈتۈن تۈۋرۈك ئۆرلەپ چىققاندا، بىنيامىنلار كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا، پۈتكۈل شەھەر ئىس-تۈتەك بولۇپ ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. | 40 |
Али кад се пламен и дим као стуб диже из града, обазреше се синови Венијаминови, и гле, огањ се из града дизаше до неба.
شۇ ھامان ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ يېنىپ كەلدى، بىنيامىننىڭ ئادەملىرى بولسا: بىزگە بالا يېقىنلاشتى دەپ، ۋەھىمىگە چۈشتى. | 41 |
Тада се вратише синови Израиљеви, а синови Венијаминови сметоше се видећи да их је зло задесило;
ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ چۆللۈككە ماڭىدىغان يول بىلەن قېچىپ كەتتى؛ لېكىن جەڭ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ ماڭدى؛ ئەتراپىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن ئادەملەر چىقىپ ئۇلارنى ئارىغا ئېلىپ ھالاك قىلدى. | 42 |
И побегоше испред синова Израиљевих к пустињи; али их војска гоњаше, и који из градова излажаху, бише их међу собом.
شۇ تەرىقىدە ئۇلار بىنيامىنلارنى قورشىۋالدى، ئۇلارنى كۈن چىقىش تەرىپىدىكى گېبانىڭ ئۇدۇلىغىچە توختىماي قوغلاپ بېرىپ، چەيلەپ ئۆلتۈردى. | 43 |
Тако опколише синове Венијаминове, гонише их, тлачише их од Менује до Гаваје к истоку.
بۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلاردىن ئون سەككىز مىڭ كىشى ئۆلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار ئىدى. | 44 |
И погибе синова Венијаминових осамнаест хиљада људи, самих јунака.
باشقىلىرى بۇرۇلۇپ چۆل تەرەپكە قېچىپ، رىممون قورام تېشىغا باردى؛ ئەمما ئىسرائىللار يوللاردا خۇددى باشاق تەرگەندەك ئۇلاردىن بەش مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن گىدومغىچە قوغلاپ بېرىپ، يەنە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. | 45 |
А оних што се окретоше и побегоше у пустињу к стени Римону, напабирчише их по путевима пет хиљада људи, и тераше их до Гидома и побише их две хиљаде људи.
ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىگىرمە بەش مىڭ ئادەم ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلار بولۇپ، قىلىچ تۇتقانلار ئىدى. | 46 |
И тако свега погибе онај дан синова Венијаминових двадесет и пет хиљада људи који махаху мачем, све самих јунака.
ھالبۇكى، ئۇلاردىن پەقەت ئالتە يۈز ئادەم قالغانىدى، ئۇلار بۇرۇلۇپ چۆل تەرەپكە قېچىپ، رىمموندىكى تىك يارغا باردى. ئۇلار رىمموندىكى تىك ياردا تۆت ئاي تۇردى. | 47 |
И беше шест стотина људи који се окретоше и утекоше у пустињу к стени Римону, и осташе на стени Римону четири месеца.
ئىسرائىللار يەنە بىنيامىنلارنىڭ زېمىنىغا يېنىپ كېلىپ، ھەممە شەھەرلەردىكى ئادەملەرنى، چارپايلارنى ھەم ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىۋەتتى، شۇنداقلا ئوت قۇيۇپ، ئۇدۇل كەلگەن شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. | 48 |
Потом синови Израиљеви вративши се к синовима Венијаминовим исекоше оштрим мачем и људе по градовима и стоку и шта се год нађе; и све градове који осташе попалише огњем.