< باتۇر ھاكىملار 2 >
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگالدىن بوكىمغا كېلىپ: ــ مەن سىلەرنى مىسىردىن چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ئېلىپ كېلىپ: «مەن سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدەمنى ئەبەدگىچە بىكار قىلمايمەن؛ | 1 |
И дође анђео Господњи од Галгала у Воким и рече: Извео сам вас из Мисира и довео вас у земљу за коју сам се заклео оцима вашим; и рекох: Нећу покварити завет свој с вама довека.
لېكىن سىلەر بۇ زېمىننىڭ خەلقى بىلەن ھېچقانداق ئەھدە باغلىماڭلار، بەلكى ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇپ تاشلىشىڭلار كېرەك» ــ دېگەنىدىم؛ لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار؟! | 2 |
А ви не хватајте веру са становницима те земље, олтаре њихове раскопајте. Али не послушасте глас мој. Шта сте то учинили?
شۇڭا مەن [شۇ چاغدا] سىلەرگە: «[شۇنداق قىلساڭلار] ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن قوغلىۋەتمەيمەن؛ ئۇلار بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرگە تور-تۇزاق بولىدۇ» ــ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم، ــ دېدى. | 3 |
Зато и ја рекох: Нећу их одагнати испред вас, него ће вам бити као трње, и богови њихови биће вам замка.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بارلىق ئىسرائىللارغا بۇلارنى دېگەندە، ئۇلار ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى. | 4 |
А кад изговори анђео Господњи ове речи свим синовима Израиљевим, народ подиже глас свој и плака.
شۇنىڭ بىلەن بۇ جاينىڭ نامى «بوكىم» دەپ قويۇلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى سۇندى. | 5 |
Зато прозваше оно место Воким; и онде принесоше жртве Господу.
يەشۇئا خەلقنى تارقىتىۋېتىۋىدى، ئىسرائىللار ھەرقايسىسى ئۆزلىرىگە مىراس قىلىنغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن قايتىپ كېتىشتى. | 6 |
А Исус распусти народ, и разиђоше се синови Израиљеви сваки на своје наследство, да наследе земљу.
يەشۇئانىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدە، شۇنداقلا يەشۇئادىن كېيىن قالغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە كارامەت ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلگەن ئاقساقاللارنىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدىمۇ [ئىسرائىل] خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ تۇردى. | 7 |
И служи народ Господу свега века Исусовог и свега века старешина који живеше дуго иза Исуса које беху виделе сва велика дела Господња што учини Израиљу.
ئەمدى نۇننىڭ ئوغلى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى. | 8 |
Али умре Исус син Навин слуга Господњи, кад му беше сто и десет година.
ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا، گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆز مىراس ئۈلۈشى بولغان تىمنات-سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. | 9 |
И погребоше га у међама наследства његовог у Тамнат-Аресу у гори Јефремовој са севера гори Гасу.
بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ ھەممىسى [ئۆلۈپ] ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ئۇلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىمۇ تونۇمايدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىنى بىلمىگەن بىر دەۋر پەيدا بولدى. | 10 |
И сав онај нараштај прибра се к оцима својим, и наста други нараштај иза њих, који не познаваше Господа ни дела која је учинио Израиљу.
شۇنىڭدىن تارتىپ ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ بائال-بۇتلارنىڭ ئىبادىتىگە كىرىشتى. | 11 |
И синови Израиљеви, чинише што је зло пред Господом, и служише Валима.
ئۇلار ئۆزلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئېلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئەتراپىدىكى تائىپىلەرنىڭ ئىلاھلىرىدىن بولغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. | 12 |
И оставише Господа Бога отаца својих, који их је извео из земље мисирске, и пођоше за другим боговима између богова оних народа који беху око њих, и клањаше им се, и разгневише Господа.
ئۇلار پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، بائال ۋە ئاشەراھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىشتى. | 13 |
И оставише Господа, и служише Валу и Астаротама.
بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا تۇتىشىپ، خاراب قىلىنسۇن دەپ، ئۇ ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، يەنە ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا باش كۆتۈرەلمىدى. | 14 |
И разгневи се Господ на Израиља, и даде их у руке људима који их плењаху, и продаде их у руке непријатељима њиховим унаоколо, и не могаше се више држати пред непријатељима својим.
ئۇلار قەيەرگە بارمىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇلارنى ئاپەت بىلەن ئۇردى، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇلار تولىمۇ ئازابلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. | 15 |
Куд год полажаху, рука Господња беше против њих на зло, као што беше рекао Господ и као што им се беше заклео Господ; и беху у великој невољи.
ئاندىن پەرۋەردىگار [ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن] باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزدى، ئۇلار [ئىسرائىللارنى] تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. | 16 |
Тада им Господ подизаше судије, који их избављаху из руку оних што их плењаху.
شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئۆز ھاكىملىرىغا قۇلاق سالمىدى؛ ئەكسىچە ئۇلار يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقلۇق قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇپ چوقۇندى؛ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماڭغان يولىدىن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىش يولىدىن تېزلا چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ھېچ ئىتائەت قىلمىدى. | 17 |
Али ни судија својих не слушаше, него чинише прељубу за другим боговима, и клањаше им се; брзо зађоше с пута којим идоше оци њихови слушајући заповести Господње; они не чинише тако.
پەرۋەردىگار قاچانىكى ئۇلار ئۈچۈن باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزسا، پەرۋەردىگار ھامان شۇ باتۇر ھاكىم بىلەن بىللە بولاتتى، باتۇر ھاكىمنىڭ ھايات كۈنلىرىدە ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقاتتى؛ چۈنكى ئۇلارنى خارلاپ ئەزگەنلەر تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاھ-زارلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئىچىنى ئاغرىتاتتى. | 18 |
И кад им Господ подизаше судије, беше Господ са сваким судијом, и избављаше их из руку непријатеља њихових свега века судијиног; јер се сажали Господ ради њиховог уздисања на оне који им криво чињаху и који их цвељаху.
لېكىن باتۇر ھاكىم ئۆلۈپ كېتىشى بىلەنلا، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ، يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇشۇپ، ئۆزلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىدىنمۇ زىيادە بۇلغايتتى؛ ئۇلار نە شۇ قىلمىشلىرىدىن توختىمايتتى، نە ئۆز جاھىل يولىدىن ھېچ يانمايتتى. | 19 |
А кад судија умре, они се враћаху опет и биваху гори од отаца својих идући за боговима другим и служећи им и клањајући им се; не остављаху се дела својих нити путева својих опаких.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قاتتىق تۇتاشتى، ئۇ: ــ «بۇ خەلق مەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تاپىلىغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغىنى ئۈچۈن، | 20 |
Зато се распали гнев Господњи на Израиља, и рече: Кад је тај народ преступио мој завет који сам заповеди оцима њиховим, и не послушаше глас мој,
بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەشۇئا ئۆلگەندە بۇ يۇرتتا قالدۇرغان تائىپىلەردىن ھېچبىرىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتمەيمەن؛ | 21 |
Ни ја нећу више ниједнога гонити испред њих између народа које остави Исус кад умре,
بۇنىڭدىكى مەقسەت، مەن شۇلار ئارقىلىق ئىسرائىلنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تۇتقاندەك، مەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايمەن» ــ دېدى. | 22 |
Да њима кушам Израиља хоће ли се држати пута Господњег ходећи по њему, као што су се држали оци њихови, или неће.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شۇ تائىپىلەرنى قالدۇرۇپ، ئۇلارنى نە دەرھاللا زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ قوغلىۋەتمىدى نە يەشۇئانىڭ قولىغىمۇ تاپشۇرۇپ بەرمىگەنىدى. | 23 |
И Господ остави те народе и не изагна их одмах не предавши их у руке Исусу.