< باتۇر ھاكىملار 19 >

ئىسرائىلدا تېخى پادىشاھ تىكلەنمىگەن شۇ كۈنلەردە، ئەفرائىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر لاۋىي كىشى بار ئىدى؛ ئۇ يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەملىك بىر قىزنى كېنىزەكلىككە ئالدى. 1
ויהי בימים ההם ומלך אין בישראל ויהי איש לוי גר בירכתי הר אפרים ויקח לו אשה פילגש מבית לחם יהודה׃
لېكىن ئۇ كېنىزەك ئېرىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمگە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۆت ئايچە تۇردى. 2
ותזנה עליו פילגשו ותלך מאתו אל בית אביה אל בית לחם יהודה ותהי שם ימים ארבעה חדשים׃
ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئېرى قوپۇپ كېنىزىكىگە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، كۆڭلىنى ئېلىپ ياندۇرۇپ كېلىشكە كېنىزىكىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بىر خىزمەتكارىنى ۋە ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ باردى. كېنىزەك ئېرىنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى؛ ئاتىسى ئۇنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ قارشى ئالدى. 3
ויקם אישה וילך אחריה לדבר על לבה להשיבו ונערו עמו וצמד חמרים ותביאהו בית אביה ויראהו אבי הנערה וישמח לקראתו׃
ئۇنىڭ قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى تۇتۇپ قالدى، ئۇ ئۇ يەردە ئۈچ كۈنگىچە يەپ-ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ قوپتى. 4
ויחזק בו חתנו אבי הנערה וישב אתו שלשת ימים ויאכלו וישתו וילינו שם׃
تۆتىنچى كۈنى لاۋىي كىشى سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، كېنىزىكىنىڭ ئاتىسى كۈيئوغلىغا: ــ بىر توغرام نان يەپ يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ئاندىن ماڭغىن، ــ دېدى. 5
ויהי ביום הרביעי וישכימו בבקר ויקם ללכת ויאמר אבי הנערה אל חתנו סעד לבך פת לחם ואחר תלכו׃
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى ئولتۇرۇپ بىللە يەپ-ئىچىپ تاماقلاندى. قىزنىڭ ئاتىسى ئۇ كىشىگە: ــ سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ كېچىمۇ قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن، دېدى. 6
וישבו ויאכלו שניהם יחדו וישתו ויאמר אבי הנערה אל האיש הואל נא ולין ויטב לבך׃
بۇ كىشى ماڭغىلى قوپۇۋىدى، لېكىن قېينئاتىسى ئۇنى زورلاپ، يەنە ئېلىپ قالدى، ئۇ يەنە بىر كۈن قوندى. 7
ויקם האיש ללכת ויפצר בו חתנו וישב וילן שם׃
بەشىنچى كۈنى ئۇ سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلاندى، لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ [ئاۋۋال] يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى كۈن ئېگىلگۈچە ئولتۇرۇپ، بىللە تاماقلاندى. 8
וישכם בבקר ביום החמישי ללכת ויאמר אבי הנערה סעד נא לבבך והתמהמהו עד נטות היום ויאכלו שניהם׃
ئاندىن بۇ كىشى كېنىزىكى ۋە خىزمەتكارىنى ئېلىپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ داداسى ئۇنىڭغا: ــ مانا، كەچ كىرەي دەۋاتىدۇ، سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ يەردە يەنە بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈڭلار؛ مانا، كۈن مەغرىققە ئېگىلىپتۇ، بۇ يەردە قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن؛ ئاندىن ئەتە سەھەردە يولغا چىقىپ، ئۆيۈڭلەرگە كېتىڭلار، ــ دېدى. 9
ויקם האיש ללכת הוא ופילגשו ונערו ויאמר לו חתנו אבי הנערה הנה נא רפה היום לערב לינו נא הנה חנות היום לין פה וייטב לבבך והשכמתם מחר לדרככם והלכת לאהלך׃
لېكىن ئۇ كىشى ئەمدى يەنە بىر كېچە قونۇشقا ئۇنىماي، قوپۇپ يولغا چىقىپ يەبۇسنىڭ، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى توقۇقلۇق ئېشەك ۋە كېنىزىكى بار ئىدى. 10
ולא אבה האיש ללון ויקם וילך ויבא עד נכח יבוס היא ירושלם ועמו צמד חמורים חבושים ופילגשו עמו׃
ئۇلار يەبۇسقا يېقىن كەلگەندە كۈن ئولتۇراي دەپ قالغاچقا، خىزمەتكارى غوجىسىغا: ــ يەبۇسىيلارنىڭ بۇ شەھىرىگە كىرىپ، شۇ يەردە قونايلى، دېدى. 11
הם עם יבוס והיום רד מאד ויאמר הנער אל אדניו לכה נא ונסורה אל עיר היבוסי הזאת ונלין בה׃
لېكىن غوجىسى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز ئىسرائىللار تۇرمايدىغان، يات ئەللەر تۇرىدىغان شەھەرگە كىرمەيلى، بەلكى گىبېئاھقا ئۆتۈپ كېتەيلى، دېدى. 12
ויאמר אליו אדניו לא נסור אל עיר נכרי אשר לא מבני ישראל הנה ועברנו עד גבעה׃
ئاندىن ئۇ يەنە خىزمەتكارىغا: ــ كەلگىن، بىز يېقىندىكى جايلاردىن بىرىگە بارايلى، گىبېئاھدا ياكى راماھدا قونايلى، دېدى. 13
ויאמר לנערו לך ונקרבה באחד המקמות ולנו בגבעה או ברמה׃
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېڭىپ، بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغاندا كۈن ئولتۇرغانىدى. 14
ויעברו וילכו ותבא להם השמש אצל הגבעה אשר לבנימן׃
ئۇلار گىبېئاھقا كىرىپ، ئۇ يەردە قونماقچى بولدى؛ شەھەرنىڭ چوڭ مەيدانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى؛ لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى قوندۇرۇشقا ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى. 15
ויסרו שם לבוא ללון בגבעה ויבא וישב ברחוב העיר ואין איש מאסף אותם הביתה ללון׃
ھالبۇكى، ئۇ كېچىسى قېرى بىر ئادەم ئىشىنى تۈگىتىپ، ئېتىزلىقتىن يېنىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇ ئەسلىدە ئەفرائىم تاغلىق رايونىلىق ئادەم ئىدى، ئۇ گىبېئاھدا مۇساپىر بولۇپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى؛ لېكىن ئۇ يەردىكى خەلقلەر بىنيامىنلاردىن ئىدى. 16
והנה איש זקן בא מן מעשהו מן השדה בערב והאיש מהר אפרים והוא גר בגבעה ואנשי המקום בני ימיני׃
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، بۇ يولۇچىنىڭ شەھەرنىڭ مەيدانىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ قەيەردىن كەلدىڭ؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 17
וישא עיניו וירא את האיש הארח ברחב העיר ויאמר האיש הזקן אנה תלך ומאין תבוא׃
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بىز يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمدىن ئەفرائىم تاغلىقىنىڭ چەت ياقىلىرىغا كېتىپ بارىمىز؛ مەن ئەسلى شۇ جايدىن بولۇپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمگە بارغانىدىم؛ ئىشلىرىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى؛ لېكىن بۇ يەردە ھېچ كىم مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى. 18
ויאמר אליו עברים אנחנו מבית לחם יהודה עד ירכתי הר אפרים משם אנכי ואלך עד בית לחם יהודה ואת בית יהוה אני הלך ואין איש מאסף אותי הביתה׃
بىزنىڭ ئېشەكلىرىمىزگە بېرىدىغان سامان ۋە بوغۇزىمىز بار، ئۆزۈم، دېدەكلىرى، شۇنداقلا كەمىنىلىرىڭ بىلەن بولغان يىگىتكىمۇ نان ۋە شارابلار بار، بىزگە ھېچ نېمە كەم ئەمەس، ــ دېدى. 19
וגם תבן גם מספוא יש לחמורינו וגם לחם ויין יש לי ולאמתך ולנער עם עבדיך אין מחסור כל דבר׃
بۇنى ئاڭلاپ قېرى كىشى: ــ تىنچ-ئامان بولغايسەن؛ سىلەرىڭ موھتاجلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۈستۈمگە بولسۇن، ئەمما كوچىدا ياتماڭلار! ــ دەپ، 20
ויאמר האיש הזקן שלום לך רק כל מחסורך עלי רק ברחוב אל תלן׃
ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئېشەكلىرىگە يەم بەردى. مېھمانلار پۇتلىرىنى يۇيۇپ، يەپ-ئىچىپ غىزالاندى. 21
ויביאהו לביתו ויבול לחמורים וירחצו רגליהם ויאכלו וישתו׃
ئۇلار كۆڭلىدە خۇش بولۇپ تۇرغىنىدا، مانا، شەھەرنىڭ ئادەملىرىدىن بىرنەچچەيلەن، يەنى بىرقانچە لۈكچەك كېلىپ ئۆينى قورشىۋېلىپ، ئىشىكنى ئۇرۇپ-قېقىپ، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان قېرى كىشىگە: ــ سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلگەن شۇ كىشىنى بىزگە چىقىرىپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى. 22
המה מיטיבים את לבם והנה אנשי העיר אנשי בני בליעל נסבו את הבית מתדפקים על הדלת ויאמרו אל האיש בעל הבית הזקן לאמר הוצא את האיש אשר בא אל ביתך ונדענו׃
بۇنى ئاڭلاپ ئۆي ئىگىسى ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ بولمايدۇ، ئەي بۇرادەرلىرىم، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار؛ بۇ كىشى مېنىڭ ئۆيۈمگە مېھمان بولۇپ كەلگەنىكەن، سىلەر بۇنداق ئىپلاسلىق قىلماڭلار. 23
ויצא אליהם האיש בעל הבית ויאמר אלהם אל אחי אל תרעו נא אחרי אשר בא האיש הזה אל ביתי אל תעשו את הנבלה הזאת׃
مانا، مېنىڭ پاك بىر قىزىم بار، يەنە ئۇ كىشىنىڭ كېنىزىكى بار. مەن ئۇلارنى قېشىڭلارغا چىقىرىپ بېرەي، سىلەر ئۇلارنى ئاياغ ئاستى قىلساڭلار مەيلى، نەزىرىڭلارغا نېمە خۇش ياقسا ئۇلارنى شۇنداق قىلىڭلار، لېكىن بۇ كىشىگە مۇشۇنداق ئىپلاسلىق ئىشنى قىلماڭلار، ــ دېدى. 24
הנה בתי הבתולה ופילגשהו אוציאה נא אותם וענו אותם ועשו להם הטוב בעיניכם ולאיש הזה לא תעשו דבר הנבלה הזאת׃
لېكىن ئۇ ئادەملەر ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ يولۇچى كېنىزىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا سۆرەپ چىقىرىپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەچتىن ئەتىگەنگىچە ئاياغ ئاستى قىلدى؛ ئۇلار تاڭ يورۇغاندا ئاندىن ئۇنى قويۇپ بەردى. 25
ולא אבו האנשים לשמע לו ויחזק האיש בפילגשו ויצא אליהם החוץ וידעו אותה ויתעללו בה כל הלילה עד הבקר וישלחוה בעלות השחר׃
چوكان تاڭ سەھەردە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ غوجىسى قونغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە يىقىلىپ قېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە شۇ يەردە يېتىپ قالدى. 26
ותבא האשה לפנות הבקר ותפל פתח בית האיש אשר אדוניה שם עד האור׃
ئەتىگەندە ئۇنىڭ غوجىسى قوپۇپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، يولغا چىقماقچى بولۇپ تېشىغا چىقىۋىدى، مانا، ئۇنىڭ كېنىزىكى بولغان چوكان ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قوللىرى بوسۇغىنىڭ ئۈستىگە قويۇقلۇق ھالدا ياتاتتى. 27
ויקם אדניה בבקר ויפתח דלתות הבית ויצא ללכת לדרכו והנה האשה פילגשו נפלת פתח הבית וידיה על הסף׃
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قوپقىن، بىز ماڭايلى، دېدى. لېكىن چوكان ھېچبىر جاۋاب بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوكاننى ئېشەككە ئارتىپ، قوزغىلىپ ئۆز ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتى. 28
ויאמר אליה קומי ונלכה ואין ענה ויקחה על החמור ויקם האיש וילך למקמו׃
ئۆز ئۆيىگە كەلگەندە، پىچاقنى ئېلىپ كېنىزىكىنىڭ جەسىتىنى سۆڭەكلىرى بويىچە ئون ئىككى پارچە قىلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل يۇرتىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئەۋەتتى. 29
ויבא אל ביתו ויקח את המאכלת ויחזק בפילגשו וינתחה לעצמיה לשנים עשר נתחים וישלחה בכל גבול ישראל׃
شۇنداق بولدىكى، بۇنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى: «ئىسرائىل مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغانىدى ياكى كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. ئەمدى بۇ ئىشنى ئوبدان ئويلىشىپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشەيلى» ــ دېيىشتى. 30
והיה כל הראה ואמר לא נהיתה ולא נראתה כזאת למיום עלות בני ישראל מארץ מצרים עד היום הזה שימו לכם עליה עצו ודברו׃

< باتۇر ھاكىملار 19 >