< باتۇر ھاكىملار 18 >
شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ شۇنداقلا شۇ كۈنلەردە دانلارنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىگە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن جاي ئىزدەۋاتقانىدى، چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئۇلار ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا چەك تاشلىنىپ بېكىتىلگەن مىراس زېمىنغا ئېرىشمىگەنىدى. | 1 |
U to vrijeme ne bješe cara u Izrailju, i u to vrijeme pleme Danovo tražaše sebi našljedstvo gdje bi nastavalo, jer mu do tada ne bješe dopalo našljedstvo meðu plemenima Izrailjevijem.
شۇنىڭ بىلەن دانلار پۈتكۈل جەمەتىدىن زورېئاھ ۋە ئەشتائولدا ئولتۇرۇشلۇق بەش پالۋاننى زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا تاپىلاپ: ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇلار سەپەر قىلىپ ئەفرائىم تاغلىق يۇرتىغا كېلىپ مىكاھنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ ئۇ يەردە قوندى. | 2 |
Zato poslaše sinovi Danovi iz porodice svoje pet ljudi izmeðu sebe, hrabre ljude od Saraje i Estaola, da uhode zemlju i dobro razmotre, i rekoše im: idite, razmotrite zemlju. I oni otidoše u goru Jefremovu u kuæu Mišinu i zanoæiše ondje.
ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇرغىنىدا لاۋىي يىگىتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى كىم بۇ جايغا ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟ بۇ جايدا نېمىگە ئېرىشتىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. | 3 |
I kad bijahu kod kuæe Mišine, poznaše glas onoga mladiæa Levita, i svrativši se onamo rekoše mu: ko te dovede ovamo? i šta radiš tu? i šta æeš tu?
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مىكاھ ماڭا مۇنداق-مۇنداق قىلىپ، مېنى ياللاپ ئۆزىگە كاھىن قىلدى، دېدى. | 4 |
A on im reèe: tako i tako uèini mi Miha, i najmi me da mu budem sveštenik.
بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا بىزنىڭ ماڭغان سەپىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمىكىمىز ئۈچۈن، خۇدادىن سوراپ بەرگىن، ــ دېدى. | 5 |
A oni mu rekoše: upitaj Boga da znamo hoæe li nam biti sreæan put na koji poðosmo.
كاھىن ئۇلارغا: ــ خاتىرجەم بېرىۋېرىڭلار. ماڭغان يولۇڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىدۇر، ــ دېدى. | 6 |
A sveštenik im reèe: idite s mirom; po volji je Gospodu put kojim idete.
شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش ئادەم چىقىپ، لائىش دېگەن جايغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تىنچ-ئامان ياشاۋاتقىنىنى، تۇرمۇشىنىڭ زىدونىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئىكەنلىكىنى، خاتىرجەملىك ۋە راھەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقىنىنى كۆردى؛ شۇ زېمىندا ئۇلارنى خار قىلغۇچى ھېچقانداق ھوقۇقدار يوق ئىدى؛ ئۇلار زىدونىيلاردىن يىراقتا تۇراتتى، شۇنداقلا باشقىلار بىلەنمۇ ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. | 7 |
I tako pošavši onijeh pet ljudi doðoše u Lais, i vidješe tamošnji narod gdje živi bez straha po obièaju Sidonskom, mirno i bez straha, i da nema nikoga u zemlji ko bi im èimgod dosaðivao ili otimao vlast, i da su daleko od Sidonjana niti imaju šta s kim.
[بەش پالۋان] زورېئاھ ۋە ئەشتائولغا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدى. قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن: ــ نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. | 8 |
Pa kad se vratiše k braæi svojoj u Saraju i Estaol, rekoše im braæa: što je?
ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز قوپۇپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلايلى! چۈنكى بىز شۇ زېمىننى چارلاپ كەلدۇق، مانا، ئۇ ئىنتايىن ياخشى بىر يۇرت ئىكەن. ئەمدى نېمىشقا قىمىر قىلماي جىم ئولتۇرىسىلەر؟ ئەمدى دەرھال بېرىپ، ئۇ يۇرتنى ئېلىشقا ئەزمەڭلەرنى ئەزمەڭلار، بېرىپ ھۇجۇم قىلىپ زېمىننى ئىگىلەڭلار. | 9 |
A oni rekoše: ustajte da idemo na njih; jer vidjesmo zemlju, i vrlo je dobra. I vi ne marite? nemojte se lijeniti, nego pohitajte da uzmete zemlju.
ئۇ يەرگە بارغىنىڭلاردا سىلەر تىنچ-ئامان تۇرۇۋاتقان بىر خەلقنى، ھەر ئەتراپىغا سوزۇلغان كەڭ-ئازادە بىر زېمىننى كۆرىسىلەر! خۇدا ئۇ يەرنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندۇر. ئۇ يۇرتتا يەر يۈزىدە تېپىلىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن ھېچبىرى كەم ئەمەس، دېدى. | 10 |
Kad doðete, doæi æete k narodu bezbrižnom i u zemlju prostranu; jer je predade Bog u vaše ruke; to je mjesto gdje nema nedostataka ni u èem što ima na zemlji.
شۇنىڭ بىلەن دانلارنىڭ جەمەتىدىن ئالتە يۈز ئادەم جەڭگە قوراللىنىپ، زورېئاھ ۋە ئەشتائولدىن چىقىپ ماڭدى. | 11 |
Tada poðoše odande iz Saraje i Estaola šest stotina ljudi od porodice Danove naoružanijeh.
ئۇلار يەھۇدا يۇرتىدىكى كىرىئات-يېئارىم دېگەن جايغا بېرىپ، چېدىر تىكتى (شۇڭا بۇ جاي تاكى بۈگۈنگىچە «داننىڭ لەشكەرگاھى» دەپ ئاتالماقتا؛ ئۇ كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقانىدى). | 12 |
I otišavši stadoše u oko kod Kirijat-Jarima u Judi; zato se prozva ono mjesto Mahane-Dan do danas, i jest iza Kirijat-Jarima.
ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بېرىپ، مىكاھنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. | 13 |
A odande pošavši u goru Jefremovu doðoše u kuæu Mišinu.
لائىش يۇرتىغا چارلاش ئۈچۈن بارغان بەش كىشى ئۆز قېرىنداشلىرىغا: ــ بىلەمسىلەر؟ بۇ ئۆيدە بىر ئەفود تونى، بىرنەچچە تەرافىم بۇتلىرى، بىر ئويما مەبۇد ۋە قۇيما مەبۇد باردۇر! ئەمدى قانداق قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئويلىشىڭلار! ــ دېدى. | 14 |
Tada progovoriše petorica što bijahu išli da uhode zemlju Laisku, i rekoše braæi svojoj: znate li da u ovijem kuæama ima opleæak i likova, i lik rezan i lik liven? Sada dakle gledajte što æete raditi.
ئۇلار بۇرۇلۇپ لاۋىي يىگىتنىڭ ئۆيىگە (مىكاھقا تەۋە ئۆيگە) كىرىپ ئۇنىڭدىن ھال سورىدى. | 15 |
A oni svrativši se onamo uðoše u kuæu gdje bješe mladiæ Levit, u kuæu Mišinu, i upitaše ga za zdravlje.
دان قەبىلىسىدىن بولغان جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ تۇردى. | 16 |
A šest stotina ljudi naoružanijeh od sinova Danovijeh stadoše pred vratima.
ئۇ زېمىننى چارلاشقا بارغان بەش ئادەم [بۇتخانىغا] كىرىپ، ئويما بۇت، ئەفود تونى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىقتى. كاھىن جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى بىلەن بىللە دەرۋازىدا تۇراتتى. | 17 |
A pet ljudi što bjehu išli da uhode zemlju otišavši uðoše i uzeše lik rezan i opleæak i likove i lik liven; a sveštenik stajaše na vratima sa šest stotina ljudi naoružanijeh.
بۇ بەش ئادەم مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئويما بۇت، ئەفود تونىنى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىققاندا كاھىن ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ــ دەپ سورىدى. | 18 |
I oni što uðoše u kuæu Mišinu kad uzeše lik rezani, opleæak, likove i lik liveni, sveštenik im reèe: šta radite?
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئۈن چىقارماي، ئاغزىڭنى قولۇڭ بىلەن ئېتىپ، بىز بىلەن مېڭىپ، بىزگە ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن. سېنىڭ پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ، ياكى ئىسرائىلنىڭ بىر جەمەتى بولغان پۈتۈن بىر قەبىلىگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ؟ ــ دېدى. | 19 |
A oni mu rekoše: muèi, metni ruku na usta, pa hajde s nama, i budi nam otac i sveštenik. Što ti je bolje, biti sveštenik kuæi jednoga èovjeka ili biti sveštenik plemenu i porodici u Izrailju?
شۇنداق دېۋىدى، كاھىننىڭ كۆڭلى خۇش بولۇپ، ئەفود، تەرافىم بۇتلىرى ۋە ئويما مەبۇدنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇردى. | 20 |
I sveštenik se obradova u srcu, i uze opleæak i likove i lik rezani, i uðe meðu narod.
ئاندىن ئۇلار بۇرۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى؛ ئۇلار بالىلىرى ۋە چارپايلارنى ۋە يۈك-تاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا ماڭدۇرۇۋەتكەنىدى. | 21 |
I okrenuvši se poðoše pustivši djecu i stoku i zaklade naprijed.
مىكاھنىڭ ئۆيىدىن خېلى يىراقلىغاندا مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەر يىغىلىپ، دانلارغا قوغلاپ يېتىشتى. | 22 |
A kad bijahu daleko od kuæe Mišine, onda ljudi koji življahu u kuæama blizu kuæe Mišine skupiše se i poðoše u potjeru za sinovima Danovijem.
ئۇلار دانلارنى توۋلاپ چاقىردى، دانلار بۇرۇلۇپ مىكاھقا: ــ ساڭا نېمە بولدى، بۇنچىۋىلا كۆپ خەلقنى يىغىپ كېلىپ نېمە قىلماقچىسەن؟! ــ دېدى. | 23 |
I vikaše za sinovima Danovijem, a oni obazrevši se rekoše Miši: što ti je, te si skupio tolike ljude?
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر مەن ياساتقان مەبۇدلارنى كاھىنىم بىلەن قوشۇپ ئالدىڭلار، ئاندىن كەتتىڭلار! ماڭا يەنە نېمە قالدى؟! شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر تېخى: «ساڭا نېمە بولدى؟» ــ دەۋاتىسىلەرغۇ! ــ دېدى. | 24 |
A on reèe: uzeli ste moje bogove koje sam naèinio, i sveštenika, pa otidoste. Šta još imam? pa još kažete: što ti je?
دانلار ئۇنىڭغا: ــ ئۈنۈڭنى چىقارما، بولمىسا ئاچچىقى يامان كىشىلەر سېنى تۇتۇۋېلىپ، سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى جانلىرىدىن جۇدا قىلمىسۇن، يەنە، ــ دېدى. | 25 |
A sinovi Danovi rekoše mu: nemoj da ti se èuje glas za nama, da ne bi udarili na vas ljudi gnjevni, te æeš izgubiti dušu svoju i dušu doma svojega.
بۇلارنى دەپ دانلار ئۆز يولىغا ماڭدى؛ مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يېنىپ ئۆز ئۆيىگە كەتتى. | 26 |
I sinovi Danovi otidoše svojim putem, a Miha videæi da su jaèi od njega vrati se i otide kuæi svojoj.
ئۇلار مىكاھ ياساتقۇزغان نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ كاھىنىنى ئېلىپ، لائىشقا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ يەردىكى خەلق تىنچ-ئامان ۋە خاتىرجەم تۇرۇۋاتقانىدى؛ ئۇلار ئۇلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. | 27 |
I oni uzevši što bješe naèinio Miha, i sveštenika, kojega imaše, doðoše u Lais k narodu mirnom i bezbrižnom; pa ih isjekoše oštrijem maèem, a grad upališe ognjem.
شەھەرنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچ ئادەم چىقىمىدى؛ چۈنكى بۇ شەھەر زىدوندىن يىراقتا ئىدى، خەلقى ھېچكىم بىلەن باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. شەھەر بەيت-رەھوبنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى. دانلار شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئولتۇراقلاشتى. | 28 |
I ne bješe nikoga da ih izbavi; jer bijahu daleko od Sidona i ne imahu ništa ni s kim; a grad bijaše u dolini koja je kod Vet-Reova. Poslije sazidaše grad i naseliše se u njemu.
ئۇلار بۇ شەھەرگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان، ئۆز ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ دان دەپ ئاتىدى. ئىلگىرى ئۇ شەھەرنىڭ نامى لائىش ئىدى. | 29 |
I nazvaše grad Dan po imenu Dana oca svojega, koji se rodi Izrailju; a prije se grad zvaše Lais.
دانلار شۇ يەردە بۇ ئويما بۇتنى ئۆزلىرىگە تىكلىدى؛ مۇسانىڭ ئوغلى گەرشومنىڭ ئەۋلادى يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شۇ زېمىننىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇشقا ئېلىپ كېتىلگەن كۈنگىچە دانلارنىڭ قەبىلىسىگە كاھىن بولۇپ تۇرغانىدى. | 30 |
I sinovi Danovi namjestiše sebi onaj lik rezani; a Jonatan sin Girsona sina Manasijina i sinovi njegovi bijahu sveštenici plemenu Danovu dokle se god ne iseli iz zemlje.
خۇدانىڭ ئۆيى شىلوھدا تۇرغان بارلىق ۋاقىتلاردا، دانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن تىكلىگەن، مىكاھ ياساتقۇزغان ئويما مەبۇد [داندا] تۇرغۇزۇلدى. | 31 |
I namješten im stajaše onaj lik rezani, koji naèini Miha, za sve vrijeme dokle dom Božji bijaše u Silomu.