< باتۇر ھاكىملار 18 >

شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ شۇنداقلا شۇ كۈنلەردە دانلارنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىگە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن جاي ئىزدەۋاتقانىدى، چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئۇلار ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا چەك تاشلىنىپ بېكىتىلگەن مىراس زېمىنغا ئېرىشمىگەنىدى. 1
Ngalezonsuku kwakungelankosi koIsrayeli; langalezonsuku isizwe sakoDani sazidingela ilifa lokuhlala, ngoba kuze kube ngalolosuku babengawelwanga yilifa phakathi kwezizwe zakoIsrayeli.
شۇنىڭ بىلەن دانلار پۈتكۈل جەمەتىدىن زورېئاھ ۋە ئەشتائولدا ئولتۇرۇشلۇق بەش پالۋاننى زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا تاپىلاپ: ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇلار سەپەر قىلىپ ئەفرائىم تاغلىق يۇرتىغا كېلىپ مىكاھنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ ئۇ يەردە قوندى. 2
Abantwana bakoDani basebethuma amadoda amahlanu avela kusendo lwabo esuka emaphethelweni abo, amaqhawe, evela eZora leEshitawoli, ukuhlola ilizwe lokuliphenya. Basebesithi kuwo: Hambani liphenye ilizwe. Asefika entabeni yakoEfrayimi, endlini kaMika, alala khona.
ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇرغىنىدا لاۋىي يىگىتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى كىم بۇ جايغا ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟ بۇ جايدا نېمىگە ئېرىشتىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. 3
Esendlini kaMika wona alazi ilizwi lejaha umLevi; asephendukela khona athi kuye: Ngubani owakuletha lapha? Njalo wenzani lapha? Njalo ulani lapha?
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مىكاھ ماڭا مۇنداق-مۇنداق قىلىپ، مېنى ياللاپ ئۆزىگە كاھىن قىلدى، دېدى. 4
Wasesithi kiwo: UMika ungenzele kanje lakanje; ungiqhatshile, sengingumpristi wakhe.
بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا بىزنىڭ ماڭغان سەپىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمىكىمىز ئۈچۈن، خۇدادىن سوراپ بەرگىن، ــ دېدى. 5
Asesithi kuye: Ake ubuze uNkulunkulu ukuze sazi ukuthi indlela yethu esihamba ngayo izaphumelela yini.
كاھىن ئۇلارغا: ــ خاتىرجەم بېرىۋېرىڭلار. ماڭغان يولۇڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىدۇر، ــ دېدى. 6
Umpristi wasesithi kibo: Hambani ngokuthula. Indlela yenu elihamba ngayo iphambi kweNkosi.
شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش ئادەم چىقىپ، لائىش دېگەن جايغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تىنچ-ئامان ياشاۋاتقىنىنى، تۇرمۇشىنىڭ زىدونىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئىكەنلىكىنى، خاتىرجەملىك ۋە راھەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقىنىنى كۆردى؛ شۇ زېمىندا ئۇلارنى خار قىلغۇچى ھېچقانداق ھوقۇقدار يوق ئىدى؛ ئۇلار زىدونىيلاردىن يىراقتا تۇراتتى، شۇنداقلا باشقىلار بىلەنمۇ ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. 7
Asehamba lawomadoda amahlanu, ayafika eLayishi, abona abantu abaphakathi kwayo, behlezi bonwabile, ngokwendlela yamaSidoni, belokuthula, bengethuki lutho, kwakungelamahluleli elizweni ukubathiba, babekhatshana lamaSidoni, bengasebenzelani lamuntu.
[بەش پالۋان] زورېئاھ ۋە ئەشتائولغا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدى. قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن: ــ نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 8
Asefika kubafowabo eZora leEshitawoli, abafowabo basebesithi kuwo: Lithini?
ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز قوپۇپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلايلى! چۈنكى بىز شۇ زېمىننى چارلاپ كەلدۇق، مانا، ئۇ ئىنتايىن ياخشى بىر يۇرت ئىكەن. ئەمدى نېمىشقا قىمىر قىلماي جىم ئولتۇرىسىلەر؟ ئەمدى دەرھال بېرىپ، ئۇ يۇرتنى ئېلىشقا ئەزمەڭلەرنى ئەزمەڭلار، بېرىپ ھۇجۇم قىلىپ زېمىننى ئىگىلەڭلار. 9
Asesithi: Sukumani asenyuke simelane labo, ngoba sibonile ilizwe, khangelani-ke, lihle kakhulu; pho lina lithule? Lingavilaphi ukuyangena ukudla ilifa lelizwe.
ئۇ يەرگە بارغىنىڭلاردا سىلەر تىنچ-ئامان تۇرۇۋاتقان بىر خەلقنى، ھەر ئەتراپىغا سوزۇلغان كەڭ-ئازادە بىر زېمىننى كۆرىسىلەر! خۇدا ئۇ يەرنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندۇر. ئۇ يۇرتتا يەر يۈزىدە تېپىلىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن ھېچبىرى كەم ئەمەس، دېدى. 10
Ekufikeni kwenu khona lizafika ebantwini abonwabileyo lelizweni elibanzi inhlangothi zombili, ngoba uNkulunkulu ulinikele esandleni senu; indawo lapho okungasweleki lutho khona elizweni.
شۇنىڭ بىلەن دانلارنىڭ جەمەتىدىن ئالتە يۈز ئادەم جەڭگە قوراللىنىپ، زورېئاھ ۋە ئەشتائولدىن چىقىپ ماڭدى. 11
Asesuka lapho evela kusendo lwabakoDani eZora leEshitawoli amadoda angamakhulu ayisithupha ehlomile izikhali zempi,
ئۇلار يەھۇدا يۇرتىدىكى كىرىئات-يېئارىم دېگەن جايغا بېرىپ، چېدىر تىكتى (شۇڭا بۇ جاي تاكى بۈگۈنگىچە «داننىڭ لەشكەرگاھى» دەپ ئاتالماقتا؛ ئۇ كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقانىدى). 12
enyuka amisa inkamba eKiriyathi-Jeyarimi koJuda. Ngenxa yalokho ayibiza leyondawo ngokuthi yiMahane-Dani kuze kube lamuhla; khangela isemuva kweKiriyathi-Jeyarimi.
ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بېرىپ، مىكاھنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. 13
Asesedlula esuka lapho, aya entabeni yakoEfrayimi, afika endlini kaMika.
لائىش يۇرتىغا چارلاش ئۈچۈن بارغان بەش كىشى ئۆز قېرىنداشلىرىغا: ــ بىلەمسىلەر؟ بۇ ئۆيدە بىر ئەفود تونى، بىرنەچچە تەرافىم بۇتلىرى، بىر ئويما مەبۇد ۋە قۇيما مەبۇد باردۇر! ئەمدى قانداق قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئويلىشىڭلار! ــ دېدى. 14
Khona amadoda amahlanu ayehambile ukuhlola ilizwe iLayishi aphendula athi kubafowabo: Liyazi yini ukuthi kulezizindlu kukhona i-efodi lamatherafi lesithombe esibaziweyo lesithombe esibunjwe ngokuncibilikisa? Ngakho-ke cabangani elizakwenza.
ئۇلار بۇرۇلۇپ لاۋىي يىگىتنىڭ ئۆيىگە (مىكاھقا تەۋە ئۆيگە) كىرىپ ئۇنىڭدىن ھال سورىدى. 15
Asephambukela khona, aya endlini yejaha umLevi endlini kaMika, ambuza impilo.
دان قەبىلىسىدىن بولغان جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ تۇردى. 16
Amadoda angamakhulu ayisithupha ayehlomile ngezikhali zempi, ayengabantwana bakoDani, asesima ekungeneni kwesango.
ئۇ زېمىننى چارلاشقا بارغان بەش ئادەم [بۇتخانىغا] كىرىپ، ئويما بۇت، ئەفود تونى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىقتى. كاھىن جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى بىلەن بىللە دەرۋازىدا تۇراتتى. 17
Lawomadoda amahlanu ayehambile ukuhlola ilizwe enyuka angena lapho athatha isithombe esibaziweyo, le-efodi, lamatherafi, lesithombe esibunjwe ngokuncibilikisa, umpristi esemi ekungeneni kwesango lamadoda angamakhulu ayisithupha ayebhince izikhali zempi.
بۇ بەش ئادەم مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئويما بۇت، ئەفود تونىنى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىققاندا كاھىن ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ــ دەپ سورىدى. 18
La-ke esengenile endlini kaMika athatha isithombe esibaziweyo, i-efodi, lamatherafi, lesithombe esibunjwe ngokuncibilikisa, umpristi wathi kiwo: Lenzani?
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئۈن چىقارماي، ئاغزىڭنى قولۇڭ بىلەن ئېتىپ، بىز بىلەن مېڭىپ، بىزگە ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن. سېنىڭ پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ، ياكى ئىسرائىلنىڭ بىر جەمەتى بولغان پۈتۈن بىر قەبىلىگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ؟ ــ دېدى. 19
Asesithi kuye: Thula, bamba umlomo wakho, uhambe lathi, ube ngubaba kithi lompristi. Kungcono yini ukuthi ube ngumpristi wendlu yomuntu oyedwa kumbe ukuthi ube ngumpristi wesizwe losendo lwakoIsrayeli?
شۇنداق دېۋىدى، كاھىننىڭ كۆڭلى خۇش بولۇپ، ئەفود، تەرافىم بۇتلىرى ۋە ئويما مەبۇدنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇردى. 20
Lenhliziyo yompristi yathokoza, wasethatha i-efodi lamatherafi lesithombe esibaziweyo, wangena phakathi kwabantu.
ئاندىن ئۇلار بۇرۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى؛ ئۇلار بالىلىرى ۋە چارپايلارنى ۋە يۈك-تاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا ماڭدۇرۇۋەتكەنىدى. 21
Basebephenduka behamba, babeka abantwanyana lezifuyo lempahla phambi kwabo.
مىكاھنىڭ ئۆيىدىن خېلى يىراقلىغاندا مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەر يىغىلىپ، دانلارغا قوغلاپ يېتىشتى. 22
Sebekhatshana lomuzi kaMika, amadoda ayesezindlini ezaziseduze lendlu kaMika abizelwa ndawonye abafica abantwana bakoDani.
ئۇلار دانلارنى توۋلاپ چاقىردى، دانلار بۇرۇلۇپ مىكاھقا: ــ ساڭا نېمە بولدى، بۇنچىۋىلا كۆپ خەلقنى يىغىپ كېلىپ نېمە قىلماقچىسەن؟! ــ دېدى. 23
Amemeza abantwana bakoDani. Basebephendula ubuso babo bathi kuMika: Ulani ukuze libuthane?
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر مەن ياساتقان مەبۇدلارنى كاھىنىم بىلەن قوشۇپ ئالدىڭلار، ئاندىن كەتتىڭلار! ماڭا يەنە نېمە قالدى؟! شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر تېخى: «ساڭا نېمە بولدى؟» ــ دەۋاتىسىلەرغۇ! ــ دېدى. 24
Wasesithi: Lithethe onkulunkulu bami engabenzayo, lompristi, lahamba; pho ngiseselani? Kuyini lokho elikutsho kimi: Uhlutshwa yini?
دانلار ئۇنىڭغا: ــ ئۈنۈڭنى چىقارما، بولمىسا ئاچچىقى يامان كىشىلەر سېنى تۇتۇۋېلىپ، سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى جانلىرىدىن جۇدا قىلمىسۇن، يەنە، ــ دېدى. 25
Abantwana bakoDani basebesithi kuye: Ilizwi lakho kalingezwakali phakathi kwethu, hlezi amadoda alolaka akuhlasele, ulahlekelwe yimpilo yakho lempilo yabendlu yakho.
بۇلارنى دەپ دانلار ئۆز يولىغا ماڭدى؛ مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يېنىپ ئۆز ئۆيىگە كەتتى. 26
Basebezihambela ngendlela yabo abantwana bakoDani. Lapho uMika esebonile ukuthi balamandla kulaye, waphenduka wabuyela endlini yakhe.
ئۇلار مىكاھ ياساتقۇزغان نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ كاھىنىنى ئېلىپ، لائىشقا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ يەردىكى خەلق تىنچ-ئامان ۋە خاتىرجەم تۇرۇۋاتقانىدى؛ ئۇلار ئۇلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. 27
Bona basebethatha lokho uMika ayekwenzile lompristi owayelaye, bafika eLayishi ebantwini ababelokuthula bengethuki lutho, babatshaya ngobukhali benkemba, batshisa umuzi ngomlilo.
شەھەرنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچ ئادەم چىقىمىدى؛ چۈنكى بۇ شەھەر زىدوندىن يىراقتا ئىدى، خەلقى ھېچكىم بىلەن باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. شەھەر بەيت-رەھوبنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى. دانلار شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئولتۇراقلاشتى. 28
Njalo kwakungekho umkhululi, ngoba wawukhatshana leSidoni, bengasebenzelani lamuntu. Wawusesihotsheni esasingaseBeti-Rehobi. Basebesakha umuzi, bahlala kiwo.
ئۇلار بۇ شەھەرگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان، ئۆز ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ دان دەپ ئاتىدى. ئىلگىرى ئۇ شەھەرنىڭ نامى لائىش ئىدى. 29
Basebebiza ibizo lomuzi ngokuthi yiDani ngebizo likaDani uyise owazalelwa uIsrayeli. Kodwa ibizo lomuzi laliyiLayishi kuqala.
دانلار شۇ يەردە بۇ ئويما بۇتنى ئۆزلىرىگە تىكلىدى؛ مۇسانىڭ ئوغلى گەرشومنىڭ ئەۋلادى يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شۇ زېمىننىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇشقا ئېلىپ كېتىلگەن كۈنگىچە دانلارنىڭ قەبىلىسىگە كاھىن بولۇپ تۇرغانىدى. 30
Abantwana bakoDani basebezimisela isithombe esibaziweyo. Njalo uJonathani indodana kaGereshoma, indodana kaManase, yena lamadodana akhe babengabapristi besizwe sakoDani kwaze kwaba lusuku lokuthunjwa kwelizwe.
خۇدانىڭ ئۆيى شىلوھدا تۇرغان بارلىق ۋاقىتلاردا، دانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن تىكلىگەن، مىكاھ ياساتقۇزغان ئويما مەبۇد [داندا] تۇرغۇزۇلدى. 31
Basebezimisela isithombe esibaziweyo sikaMika ayesenzile, zonke izinsuku indlu kaNkulunkulu iseShilo.

< باتۇر ھاكىملار 18 >