< باتۇر ھاكىملار 17 >
ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. | 1 |
И бысть муж от горы Ефремли, и имя ему Миха:
ئۇ ئانىسىغا: ــ سېنىڭ ھېلىقى بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگەڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنىدى؛ سەن تەڭگىلەرنى قارغىدىڭ ۋە بۇنى ماڭا دەپ بەردىڭ. مانا، كۈمۈش مەندە، ئۇنى مەن ئالغاندىم، دېۋىدى، ئانىسى: ــ ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگار سېنى بەرىكەتلىگەي!، ــ دېدى. | 2 |
и рече матери своей: тысяща и сто сребреников иже украдены у тебе, и заклинала мя еси и глаголала еси во ушы мои: се, сребро у мене, аз взях е. И рече мати его: благословен сын мой Господеви.
مىكاھ بۇ بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئانىسىغا ياندۇرۇپ بەردى. ئانىسى: ــ مەن ئەسلىدە بۇ پۇلنى سەن ئوغلۇمنى دەپ پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئويما بۇت ۋە قۇيما بۇت ياساشقا ئاتىۋەتكەنىدىم؛ ئەمدى يەنىلا ساڭا بېرەي، دېدى. | 3 |
И отдаде тысящу и сто сребреников матери своей. И рече мати его: освящающи освятих сребро Господеви от руки моея, тебе сынови моему сотворити (кумир) изваян и слиян, и ныне отдам е тебе.
لېكىن مىكاھ كۈمۈشنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى؛ ئانىسى ئۇنىڭدىن ئىككى يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بىر زەرگەرگە بېرىپ، بىر ئويما بۇت بىلەن بىر قۇيما بۇت ياساتتى؛ ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويۇلدى. | 4 |
И отдаде сребро матери своей. И взя мати его двести сребреников и даде их среброделю, и сотвори тое (кумир) изваян и слиян: и бысть в дому Михи.
مىكاھ دېگەن بۇ كىشى ئەسلىدە بىر بۇتخانا پەيدا قىلغان، شۇنىڭدەك ئۆزىگە بىر ئەفود بىلەن بىرنەچچە «تەرافىم»نى ياسىغانىدى؛ ئاندىن ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنى كاھىنلىققا مەخسۇس تەيىنلەپ، ئۇنى ئۆزىگە كاھىن قىلدى. | 5 |
И дом Михин ему дом Божий. И сотвори ефуд и ферафин: и наполни руку единому от сынов своих, и бысть ему жрец.
شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى. | 6 |
В тыя же дни не бяше царя во Израили: кийждо муж, еже право видяшеся пред очима его, творяше.
يەھۇدا جەمەتىنىڭ تەۋەسىدىكى بەيت-لەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر يىگىت بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالغانىدى. | 7 |
И бысть юноша от Вифлеема Иудина и от рода племене Иудина, и сей левитин, и обиташе тамо:
بۇ يىگىت بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ، يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەم شەھىرىدىن چىقتى. ئۇ سەپەر قىلىپ، ئەفرائىم تاغلىقىغا، مىكاھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ چۈشتى. | 8 |
и пойде сей муж от града Вифлеема Иудина обитати, идеже обрящет место: и прииде до горы Ефремли и даже до дому Михина, еже сотворити путь свой.
مىكاھ ئۇنىڭدىن: ــ قەيەردىن كەلدىڭ، دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مەن يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەملىك بىر لاۋىيمەن، بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ چىقتىم، ــ دېدى. | 9 |
И рече ему Миха: откуду идеши? И рече ему левитин: аз есмь от Вифлеема Иудина, и иду обитати, идеже обрящу место.
مىكاھ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا مەن بىلەن تۇرۇپ، ماڭا ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن؛ مەن ساڭا ھەر يىلى ئون كۈمۈش تەڭگە، بىر يۈرۈش ئېگىن ۋە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىڭنى بېرەي، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ لاۋىي كىشى ئۇنىڭكىگە كىردى. | 10 |
И рече ему Миха: седи со мною и буди ми отец и жрец, и аз дам тебе сребреников десять в год и двои ризы, и яже на житие тебе.
لاۋىي ئۇ كىشى بىلەن تۇرۇشقا رازى بولدى؛ يىگىت شۇ كىشىگە ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىدەك بولۇپ قالدى. | 11 |
И пойде левит, и нача обитати у мужа. И бысть юноша ему яко един от сынов его.
ئاندىن مىكاھ بۇ لاۋىي كىشىنى [كاھىنلىققا] مەخسۇس تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن [لاۋىي] يىگىت ئۇنىڭغا كاھىن بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. | 12 |
И наполни Миха руку левитину, и бысть ему юноша жрец, и бяше в дому Михи.
ئاندىن مىكاھ: ــ بىر لاۋىي كىشى ماڭا كاھىن بولغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ياخشىلىق قىلىدىغىنىنى بىلىمەن، ــ دېدى. | 13 |
И рече Миха: ныне уведех, яко благосотворит мне Господь, яко бысть мне левитин жрец.