< باتۇر ھاكىملار 15 >
ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ بۇغداي ئورۇش مەزگىلى كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، شىمشون بىر ئوغلاقنى ئېلىپ ئۆز ئايالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: «مەن خوتۇنۇمنىڭ قېشىغا ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىمەن» دېدى. لېكىن ئايالىنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىچكىرىگە كىرىشىگە يول قويمىدى. | 1 |
Post aliquantulum autem temporis, cum dies triticeae messis instarent, venit Samson, invisere volens uxorem suam, et attulit ei hoedum de capris. Cumque cubiculum eius solito vellet intrare, prohibuit eum pater illius, dicens:
قېينئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ مەن ھەقىقەتەن سىزنى ئۇنىڭغا مۇتلەق ئۆچ بولۇپ كەتتى، دەپ ئويلىدىم؛ شۇڭا مەن ئۇنى سىزنىڭ قولدىشىڭىزغا بېرىۋەتكەنىدىم. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ چىرايلىققۇ؟ ئۇنىڭ ئورنىغا شۇنى ئالغان بولسىڭىز! ــ دېدى. | 2 |
Putavi quod odisses eam, et ideo tradidi illam amico tuo: sed habet sororem, quae iunior et pulchrior illa est, sit tibi pro ea uxor.
ئەمما شىمشون ئۇلارغا: ــ ئەمدى مەن بۇ قېتىم فىلىستىيلەرگە زىيان يەتكۈزسەم، ماڭا گۇناھ بولمايدۇ! ــ دېدى. | 3 |
Cui Samson respondit: Ab hac die non erit culpa in me contra Philisthaeos: faciam enim vobis mala.
شۇنى دەپ شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز چىلبۆرىنى تۇتۇپ كېلىپ، ئوتقاشلارنى تەييارلاپ، چىلبۆرىلەرنى جۈپلەپ قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، ئىككى قۇيرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىردىن ئوتقاشنى ئاستى؛ | 4 |
Perrexitque et cepit trecentas vulpes, caudasque earum iunxit ad caudas, et faces ligavit in medio:
ئوتقاشلارغا ئوت يېقىپ چىلبۆرىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، فىلىستىيلەرنىڭ ئېتىزدىكى ئورمىغان زىرائەتلىرىگە قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۆۋە-دۆۋە ئۆنچىلەرنى، ئورۇلمىغان زىرائەتلەرنى، شۇنداقلا زەيتۇن باغلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. | 5 |
quas igne succendens, dimisit, ut huc illucque discurrerent. Quae statim perrexerunt in segetes Philisthinorum. Quibus succensis, et comportatae iam fruges, et adhuc stantes in stipula, concrematae sunt, in tantum, ut vineas quoque et oliveta flamma consumeret.
فىلىستىيلەر بۇنى كۆرۈپ: بۇنى كىم قىلدى، ــ دەپ سورىسا، خەلق جاۋاب بېرىپ: ــ تىمناھلىق ئادەمنىڭ كۈيئوغلى شىمشون قىلدى؛ قېينئاتىسى ئۇنىڭ ئايالىنى ئۇنىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر چىقىپ، ئۇ ئايال بىلەن ئاتىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. | 6 |
Dixeruntque Philisthiim: Quis fecit hanc rem? Quibus dictum est: Samson gener Thamnathaei: quia tulit uxorem eius, et alteri tradidit, haec operatus est. Ascenderuntque Philisthiim: et combusserunt tam mulierem quam patrem eius.
شىمشون ئۇلارغا: ــ سىلەر شۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەردىن ئىنتىقام ئالماي بولدى قىلمايمەن، ــ دېدى. | 7 |
Quibus ait Samson: Licet haec feceritis, tamen adhuc ex vobis expetam ultionem, et tunc quiescam.
شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇلارنى قىر-چاپ قىلىپ قەتل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن ئۇ بېرىپ ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىدە تۇردى. | 8 |
Percussitque eos ingenti plaga, ita ut stupentes suram femori imponerent. Et descendens habitavit in spelunca petrae Etam.
ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەر چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدا چېدىر تىكىپ، لېھى دېگەن جايدا يېيىلدى. | 9 |
Igitur ascendentes Philisthiim in Terram Iuda castrametati sunt in loco, qui postea vocatus est Lechi, id est, maxilla, ubi eorum fusus est exercitus.
يەھۇدالار بولسا: ــ نېمىشقا بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى بولىسىلەر؟ ــ دېۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىز شىمشوننى تۇتۇپ باغلاپ، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، دەپ چىقتۇق، ــ دېدى. | 10 |
Dixeruntque ad eos de tribu Iuda: Cur ascendistis adversum nos? Qui responderunt: Ut ligemus Samson, venimus, et reddamus ei quae in nos operatus est.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا يۇرتىدىكى ئۈچ مىڭ كىشى ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىگە چۈشۈپ، شىمشونغا: ــ سەن فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرۈۋاتقىنىنى بىلمەمسەن؟ شۇنى بىلىپ تۇرۇپ، سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق قىلدىڭ؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇلار ماڭا قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا قىلدىم، دەپ جاۋاب بەردى. | 11 |
Descenderunt ergo tria millia virorum de Iuda, ad specum silicis Etam, dixeruntque ad Samson: Nescis quod Philisthiim imperent nobis? quare hoc facere voluisti? Quibus ille ait: Sicut fecerunt mihi, sic feci eis.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، دېۋىدى، شىمشون ئۇلارغا: ــ «بىز ئۆزىمىز ساڭا ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرمەيمىز»، دەپ ماڭا قەسەم قىلىڭلار، دېدى. | 12 |
Ligare, inquiunt, te venimus, et tradere in manus Philisthinorum. Quibus Samson, Iurate, ait, et spondete mihi quod non occidatis me.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئۆلتۈرمەيمىز؛ پەقەت سېنى چىڭ باغلاپ، ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز؛ ھەرگىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمىز، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنى دەپ ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن ئۇنى باغلاپ، قورام تاشنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ ماڭدى. | 13 |
Dixerunt: Non te occidemus, sed vinctum trademus. Ligaveruntque eum duobus novis funibus, et tulerunt eum de petra Etam.
ئۇ لېھىگە كەلگەندە، فىلىستىيلەر ۋارقىراشقىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشۈپ كەلدى. ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، قوللىرىنى باغلىغان ئارغامچىلار ئوت تۇتاشقان كەندىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ، تۈگۈچلەر قوللىرىدىن يېشىلىپ كەتتى. | 14 |
Qui cum venisset ad locum Maxillae, et Philisthiim vociferantes occurrissent ei, irruit Spiritus Domini in eum: et sicut solent ad odorem ignis ligna consumi, ita vincula quibus ligatus erat, dissipata sunt et soluta.
ئاندىن ئۇ ئېشەكنىڭ يېڭى بىر ئېڭەك سۆڭىكىنى كۆرۈپ، قولىنى ئۇزىتىپلا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. | 15 |
Inventamque maxillam, id est, mandibulam asini, quae iacebat, arripiens, interfecit in ea mille viros,
شىمشون: ــ «ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىۋەتتىم، ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردۈم!» ــ دېدى. | 16 |
et ait: In maxilla asini, in mandibula pulli asinarum delevi eos, et percussi mille viros.
بۇلارنى دەپ ئېشەكنىڭ ئېڭەك سۆڭىكىنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭدەك ئۇ شۇ جايغا «راموت-لېھى» دەپ نام قويدى. | 17 |
Cumque haec verba canens complesset, proiecit mandibulam de manu, et vocavit nomen loci illius Ramathlechi, quod interpretatur elevatio maxillae.
ئۇ ئىنتايىن ئۇسساپ پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ سەن ئۆز قۇلۇڭنىڭ قولى بىلەن بۇنچە چوڭ نۇسرەتنى بارلىققا كەلتۈردۈڭ، ئەمدى مەن ھازىر ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، خەتنىسىزلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالارمەنمۇ؟ ــ دېدى. | 18 |
Sitiensque valde, clamavit ad Dominum, et ait: Tu dedisti in manu servi tui salutem hanc maximam atque victoriam: en siti morior, incidamque in manus incircumcisorum.
شۇنىڭ بىلەن خۇدا لېھىدىكى ئازگالنى ياردى، سۇ ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى. شىمشون ئىچىپ، روھى ئۇرغۇپ جان كىردى. بۇ سەۋەبتىن بۇ [بۇلاققا] «ئەن-ھاككورە» دەپ نام قويۇلدى؛ تا بۈگۈنگىچە ئۇ لېھىدا بار. | 19 |
Aperuit itaque Dominus molarem dentem in maxilla asini, et egressae sunt ex eo aquae. Quibus haustis, refocillavit spiritum, et vires recepit. Idcirco appellatum est nomen loci illius, Fons invocantis de maxilla, usque in praesentem diem.
شىمشون فىلىستىيلەرنىڭ دەۋرىدە يىگىرمە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. | 20 |
Iudicavitque Israel in diebus Philisthiim viginti annis.