< باتۇر ھاكىملار 14 >
بىر ۋاقىتتا، شىمشون تىمناھقا چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىر قىزنى كۆردى؛ ئۇ فىلىستىي قىزلىرىدىن بىرى ئىدى. | 1 |
Bir waqitta, Shimshon Timnahqa chüshüp, u yerde bir qizni kördi; u Filistiy qizliridin biri idi.
ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ: ــ مەن تىمناھدا فىلىستىي قىزلىرىدىن بىرىنى كۆردۈم، ئۇنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. | 2 |
U shu yerdin chiqip ata-anisining yénigha qaytip: — Men Timnahda Filistiy qizliridin birini kördüm, uni manga xotunluqqa élip béringlar, — dédi.
بىراق ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قېرىنداشلىرىڭنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىچىدە ياكى بىزنىڭ پۈتكۈل قوۋمىمىزنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بىر قىز چىقماسمۇ؟ نېمىشقا خەتنىسىز بولغان فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلاردىن خوتۇن ئالماقچى بولىسەن؟ ــ دېدى؛ ئەمما شىمشون ئاتىسىغا: ــ ئۇنى ماڭا ئېلىپ بەرگىن، چۈنكى ئۇ ماڭا بەك ياقتى، ــ دېدى. | 3 |
Biraq ata-anisi uninggha: — Qérindashliringning qizlirining ichide yaki bizning pütkül qowmimizning arisidin sanga bir qiz chiqmasmu? Némishqa xetnisiz bolghan Filistiylerning qéshigha bérip, ulardin xotun almaqchi bolisen? — dédi; emma Shimshon atisigha: — Uni manga élip bergin, chünki u manga bek yaqti, — dédi.
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولغىنىنى بىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيلەر شۇ چاغدا ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇ فىلىستىيلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پۇرسەت ياراتماقچى ئىدى. | 4 |
Uning ata-anisi bu ishning Perwerdigar teripidin bolghinini bilmidi. Chünki Filistiyler shu chaghda Israil üstidin höküm sürüp turghan bolghachqa, U Filistiylerge taqabil turushqa purset yaratmaqchi idi.
ئەمدى شىمشون ئاتا-ئانىسى بىلەن تىمناھقا چۈشتى؛ ئۇلار تىمناھدىكى ئۈزۈمزارلىقلارغا يېتىپ كەلگەندە، مانا بىر ياش شىر ھۆركىرىگەن پېتى ئۇنىڭغا ئېتىلدى. | 5 |
Emdi Shimshon ata-anisi bilen Timnahqa chüshti; ular Timnahdiki üzümzarliqlargha yétip kelgende, mana bir yash shir hörkirigen péti uninggha étildi.
شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ قولىدا ھېچنېمە بولمىغان ھالەتتە شىرنى تۇتۇپ، ئۇنى ئوغلاقنى يىرتقاندەك يىرتىپ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى. لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا دېمىدى. | 6 |
Shuan Perwerdigarning Rohi uning üstige chüshüp, u qolida héchnéme bolmighan halette shirni tutup, uni oghlaqni yirtqandek yirtip titma-titma qiliwetti. Lékin u bu ishni ata-anisigha démidi.
ئاندىن ئۇ [تىمناھقا] چۈشۈپ، ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇ قىز شىمشونغا بەك ياراپ كەتتى. | 7 |
Andin u [Timnahqa] chüshüp, u qiz bilen paranglashti, u qiz Shimshon’gha bek yarap ketti.
بىرمەزگىلدىن كېيىن ئۇ قىزنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قايتا بارغاندا، شىرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرۈپ باقاي دەپ يولدىن بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا شىرنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ ئىچىدە بىر توپ ھەسەل ھەرىلىرى بىلەن ھەسەل تۇراتتى. | 8 |
Birmezgildin kéyin u qizni élip kélish üchün qayta barghanda, shirning ölükini körüp baqay dep yoldin burulup qariwidi, mana shirning iskilitining ichide bir top hesel heriliri bilen hesel turatti.
ئۇ ھەسەلدىن ئوچۇمىغا ئېلىپ يەپ ماڭدى؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇلارغىمۇ بەردى، ئۇلارمۇ يېدى، لېكىن ئۆزىنىڭ ھەسەلنى شىرنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ كەلگىنىنى ئۇلارغا دېمىدى. | 9 |
U heseldin ochumigha élip yep mangdi; ata-anisining yénigha kelgende, ularghimu berdi, ularmu yédi, lékin özining heselni shirning iskilitining ichidin élip kelginini ulargha démidi.
ئۇنىڭ ئاتىسى [ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ] چۈشۈپ قىزنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇ يەردە شىمشون بىر زىياپەت بەردى، چۈنكى بۇرۇندىنلا توي قىلىدىغان يىگىتلەر شۇنداق قىلىدىغان رەسم-قائىدە بار ئىدى. | 10 |
Uning atisi [uninggha hemrah bolup] chüshüp qizning öyige keldi, u yerde Shimshon bir ziyapet berdi, chünki burundinla toy qilidighan yigitler shundaq qilidighan resm-qaide bar idi.
ئۇلار شىمشوننى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا ئوتتۇز يىگىتنى تېپىپ كەلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. | 11 |
Ular Shimshonni körüp, uninggha hemrah bolushqa ottuz yigitni tépip keldi; ular uninggha hemrah boldi.
شىمشون ئۇلارغا: ــ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي، ئەگەر سىلەر زىيارەت قىلىنىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسەڭلار، مەن سىلەرگە ئوتتۇز دانە كاناپ كۆينەك بىلەن ئوتتۇز يۈرۈش ئېگىن بېرىمەن؛ | 12 |
Shimshon ulargha: — Men silerdin bir tépishmaq soray, eger siler ziyaret qilinidighan yette kün ichide uning menisini manga dep bérelisenglar, men silerge ottuz dane kanap köynek bilen ottuz yürüsh égin bérimen;
ئەگەر ئۇنى يېشىپ بېرەلمىسەڭلار، سىلەر ماڭا ئوتتۇز دانە كاناپ كۆينەك بىلەن ئوتتۇز يۈرۈش ئېگىن بېرىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ماقۇل، ئۇنداق بولسا تېپىشمىقىڭنى ئېيتقىن، قېنى ئاڭلايلى، ــ دېدى. | 13 |
eger uni yéship bérelmisenglar, siler manga ottuz dane kanap köynek bilen ottuz yürüsh égin béringlar, — dédi. Ular uninggha: — Maqul, undaq bolsa tépishmiqingni éytqin, qéni anglayli, — dédi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ يېيىلىدىغىنى يېگۈچىنىڭ ئىچىدىن چىقتى؛ تاتلىق كۈچتۈڭگۈرنىڭ ئىچىدىن چىقتى، [بۇ نېمە]؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە بۇ تېپىشماقنى تاپالمىدى. | 14 |
U ulargha: — Yéyilidighini yégüchining ichidin chiqti; tatliq küchtünggürning ichidin chiqti, [bu néme]? — dédi. Ular üch kün’giche bu tépishmaqni tapalmidi.
يەتتىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شىمشوننىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن ئېرىڭنى ئالداپ-سىيلاپ، تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىشكە ماقۇل قىلغىن؛ بولمىسا سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. سىلەر بىزنى يوقسۇل قىلىشقا بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! ــ دېدى. | 15 |
Yettinchi küni shundaq boldiki, ular Shimshonning ayalining qéshigha bérip: — Sen éringni aldap-siylap, tépishmaqning menisini bizge éytip bérishke maqul qilghin; bolmisa séni atangning öyi bilen qoshup köydürüwétimiz. Siler bizni yoqsul qilishqa bu yerge chaqirghanmu?! — dédi.
شىمشوننىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: ــ سەن ماڭا ئۆچ، مېنى پەقەت سۆيمەيسەن؛ سەن مېنىڭ قوۋمىمنىڭ بالىلىرىدىن بىر تېپىشماقنى سورىدىڭ، ئەمما ماڭا مەنىسىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭ، دەپ يىغلىغىلى تۇردى. شىمشون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مانا، مەن ئۇنى ئاتا-ئانامغىمۇ دەپ بەرمىگەن تۇرسام، ساڭا دەپ بېرەمدىم؟ ــ دېدى. | 16 |
Shimshonning ayali uning aldida yighlap turup: — Sen manga öch, méni peqet söymeysen; sen méning qowmimning baliliridin bir tépishmaqni soriding, emma manga menisini éytip bermiding, dep yighlighili turdi. Shimshon uninggha jawaben: — Mana, men uni ata-anamghimu dep bermigen tursam, sanga dep béremdim? — dédi.
زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە كۈنىدە ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپلا يۈردى. شۇنداق بولدىكى، يەتتىنچى كۈنى بولغاندا ئايالى ئۇنى قىستاپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇنىڭغا تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئايال بېرىپ ئۆز خەلقىنىڭ ئادەملىرىگە تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى. | 17 |
Ziyapet ötküzülgen yette künide u érining aldida yighlapla yürdi. Shundaq boldiki, yettinchi küni bolghanda ayali uni qistap turuwalghachqa, uninggha tépishmaqning menisini éytip berdi. Andin ayal bérip öz xelqining ademlirige tépishmaqning menisini dep berdi.
شۇنىڭ بىلەن يەتتىنچى كۈنى كۈن پاتماستا، شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھەسەلدىنمۇ تاتلىقى بارمۇ؟ شىردىنمۇ كۈچتۈڭگۈرى بارمۇ؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشمىقىمنى ھەرگىز تاپالمايتتىڭلار! ــ دېدى. | 18 |
Shuning bilen yettinchi küni kün patmasta, sheherning ademliri uninggha jawab bérip: — Heseldinmu tatliqi barmu? Shirdinmu küchtünggüri barmu? — dédi. U ulargha jawab bérip: — Eger siler méning inikim bilen yer aghdurmighan bolsanglar, tépishmiqimni hergiz tapalmayttinglar! — dédi.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ئۇ ئاشكېلونغا چۈشۈپ، ئاشكېلوندىكىلەردىن ئوتتۇز كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئولجا ئېلىپ، ئولجىدىن ئىگىنلەرنى ئېلىپ كېلىپ، تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بەرگەنلەرگە بەردى. شۇنىڭدەك شىمشوننىڭ غەزىپى كېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەتتى. | 19 |
U waqitta Perwerdigarning Rohi uning üstige chüshti; u Ashkélon’gha chüshüp, Ashkélondikilerdin ottuz kishini öltürüp, ulardin olja élip, oljidin iginlerni élip kélip, tépishmaqning menisini yéship bergenlerge berdi. Shuningdek Shimshonning ghezipi kélip, ata-anisining öyige yénip ketti.
ئاندىن شىمشوننىڭ ئايالى شىمشوننىڭ ھەمراھلىرىدىن قولداش بولغان يىگىتكە تەۋە قىلىندى. | 20 |
Andin Shimshonning ayali Shimshonning hemrahliridin qoldash bolghan yigitke tewe qilindi.