< باتۇر ھاكىملار 13 >
لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىرىق يىلغىچە فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويدى. | 1 |
Les enfants d’Israël recommencèrent à déplaire au Seigneur, et celui-ci les soumit aux Philistins durant quarante années.
شۇ چاغدا زورېئاھ دېگەن جايدا، دان جەمەتىدىن بولغان، مانوئاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولۇپ، ھېچ بالىسى يوق ئىدى. | 2 |
Il y avait alors à Çorea un homme d’une famille de Danites, appelé Manoah. Sa femme était stérile, elle n’avait jamais enfanté.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ ئايالغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن تۇغماس بولغىنىڭ ئۈچۈن بالا تۇغمىدىڭ؛ لېكىن ئەمدى سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن. | 3 |
Or, un ange du Seigneur apparut à cette femme et lui dit: "Vois, tu es stérile, tu n’as jamais eu d’enfant: eh bien! tu concevras, et tu auras un fils.
ئەمما سەن سەگەك بولۇپ، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە، ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن. | 4 |
Et maintenant observe-toi bien, ne bois ni vin ni autre liqueur enivrante, et ne mange rien d’impur.
چۈنكى مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن. بۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ خۇداغا ئاتالغان «نازارىي» بولىدىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا ھەرگىز ئۇستىرا سېلىنمىسۇن. ئۇ ئىسرائىلنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش ئىشىنى باشلايدۇ، ــ دېدى. | 5 |
Car tu vas concevoir et enfanter un fils; le rasoir ne doit pas toucher sa tête, car cet enfant doit être un Naziréen consacré à Dieu dès le sein maternel, et c’est lui qui entreprendra de sauver Israël de la main des Philistins."
ئايال ئېرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، خۇدانىڭ بىر ئادىمى يېنىمغا كەلدى؛ ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك، ئىنتايىن دەھشەتلىك ئىكەن؛ لېكىن مەن ئۇنىڭدىن: «نەدىن كەلدىڭ» دەپ سورىمىدىم، ئۇمۇ ئۆز نام-شەرىپىنى ماڭا دەپ بەرمىدى. | 6 |
La femme alla trouver son mari et lui dit: "Un homme de Dieu est venu à moi, et son aspect était comme celui d’un ange, fort imposant; je ne lui ai pas demandé d’où il venait, et il ne m’a point appris son nom.
ئۇ ماڭا: ــ «مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن؛ ئۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۆلىدىغان كۈنىگىچە خۇداغا ئاتالغان بىر نازارىي بولىدىغان بولغاچقا، ئەمدى سەن شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە ۋە ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن» دېدى، ــ دېدى. | 7 |
Il m’a dit: "Tu vas concevoir et enfanter un fils; et maintenant ne bois ni vin ni liqueur forte, ne mange rien d’impur, car cet enfant sera un Naziréen consacré à Dieu depuis le sein de sa mère jusqu’au jour de sa mort."
بۇنى ئاڭلاپ مانوئاھ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ ئاھ رەببىم، سەن بۇ يەرگە ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئادىمى بىزگە يەنە كېلىپ، تۇغۇلىدىغان بالىغا نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىپ قويسۇن، دەپ ئىلتىجا قىلدى. | 8 |
Alors Manoah implora l’Eternel en disant: "De grâce, Seigneur! que l’homme divin que tu as envoyé revienne nous visiter, pour nous enseigner nos devoirs à l’égard de l’enfant qui doit naître."
خۇدا مانوئاھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئايال ئېتىزلىقتا ئولتۇغىنىدا، خۇدانىڭ پەرىشتىسى يەنە ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېرى مانوئاھ ئۇنىڭ قېشىدا يوق ئىدى. | 9 |
Dieu exauça la prière de Manoah; l’ange du Seigneur vint de nouveau trouver la femme tandis qu’elle se tenait aux champs, Manoah son époux n’étant pas avec elle.
ئاندىن ئايال دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېرىگە خەۋەر بېرىپ: ــ مانا، ھېلىقى كۈنى يېنىمغا كەلگەن ئادەم ماڭا يەنە كۆرۈندى، دېۋىدى، | 10 |
Elle courut en toute hâte l’annoncer à son époux, lui disant: "Voici que j’ai revu l’homme qui était venu à moi l’autre jour."
مانوئاھ دەرھال قوپۇپ ئايالىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ بۇ ئايالغا كېلىپ سۆز قىلغان ئادەم سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋابەن: ــ شۇنداق، مەندۇرمەن، دېدى. | 11 |
Manoah se leva et suivit sa femme, et, arrivé près du personnage, lui dit: "Es-tu celui qui a parlé à cette femme?" Il répondit: "Je le suis."
مانوئاھ ئۇنىڭغا: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭ بەجا كەلتۈرۈلگەندە، بالا قايسى تەرىقىدە چوڭ قىلىنىشى كېرەك، ئۇ نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 12 |
Manoah reprit: "Vienne maintenant ce que tu as prédit, quelle règle, quelle conduite est recommandée pour cet enfant?"
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بۇ ئايالغا ئېيتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۇ ھېزى بولۇپ ئۆزىنى تارتسۇن؛ | 13 |
L’Ange de l’Eternel répondit à Manoah: "Tout ce que j’ai désigné à ta femme, elle doit se l’interdire:
ئۇ ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھېچقانداق نەرسىدىن يېمىسۇن، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمىسۇن، ھېچ ناپاك نەرسىلەردىن يېمىسۇن؛ مەن ئۇنىڭغا بارلىق ئەمر قىلغىنىمنى تۇتسۇن، دېدى. | 14 |
elle ne mangera rien de ce que produit la vigne, ne boira ni vin, ni liqueur enivrante, s’abstiendra de tout mets impur; bref, tout ce que je lui ai prescrit, elle l’observera."
مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: ــ ئىلتىپات قىلىپ، كەتمەي تۇرسىلا، ئۆزلىرىگە بىر ئوغلاق تەييارلايلى، دېۋىدى، | 15 |
Manoah dit à l’ange de l’Eternel: "Oh! permets que nous te retenions encore et que nous te servions un jeune chevreau."
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن مېنى تۇتۇپ قالساڭمۇ، مەن نېنىڭدىن يېمەيمەن؛ ئەگەر سەن بىرەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشۇڭ كېرەك، دېدى (ئۇنىڭ شۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، مانوئاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدى). | 16 |
L’Ange de l’Eternel répondit à Manoah: "Tu aurais beau me retenir, je ne mangerais point de ton pain; et si c’est un holocauste que tu veux faire, offre-le à l’Eternel!" Or, Manoah ignorait que c’était un ange de Dieu.
ئاندىن مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدىن: ــ ئۆزلىرىنىڭ نام-شەرىپى نېمىدۇ؟ ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا، سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدا، سىلىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرەتتۇق، ــ دېدى. | 17 |
Et il dit à l’ange: "Quel est ton nom? Dis-le, pour que, ta prédiction accomplie, nous puissions t’honorer."
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ نامىمنى سوراپ قالدىڭغۇ؟ مېنىڭ نامىم كارامەت تىلسىماتتۇر، ــ دېدى. | 18 |
L’Ange répondit: "A quoi bon t’enquérir de mon nom? c’est un mystère."
شۇنىڭ بىلەن مانوئاھ ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇندى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ كارامەت بىر ئىشنى قىلىپ كۆرسەتتى؛ مانوئاھ ۋە ئايالى قاراپ تۇردى. | 19 |
Et Manoah prit le jeune chevreau ainsi que l’oblation, et les offrit, sur le rocher, à l’Eternel. Alors un miracle s’accomplit, dont Manoah et sa femme furent témoins:
شۇنداق بولدىكى، ئوت يالقۇنى قۇربانگاھتىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ قۇربانگاھتىن چىققان ئوت يالقۇنى ئىچىدە يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى. مانوئاھ بىلەن ئايالى بۇنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ يۈزلىرىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. | 20 |
au moment où la flamme s’élevait de l’autel vers le ciel, l’ange du Seigneur disparut au milieu de cette flamme. Manoah et sa femme, à cette vue, se jetèrent la face contre terre.
شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا قايتا كۆرۈنمىدى. مانوئاھ شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى. | 21 |
L’Ange cessa ainsi d’être visible pour Manoah et pour sa femme; alors Manoah reconnut que c’était un ange de l’Eternel,
ئاندىن مانوئاھ ئايالىغا: ــ مانا، بىز چوقۇم ئۆلىمىز، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق! ــ دېدى. | 22 |
et il dit à sa femme: "Nous sommes morts, car c’est un être divin que nous avons vu!"
لېكىن ئايالى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر پەرۋەردىگار بىزنى ئۆلتۈرۈشكە لايىق كۆرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قولىمىزدىن قوبۇل قىلمىغان بولاتتى، بۇ ئىشنىمۇ كۆرسەتمىگەن بولاتتى ۋە شۇنداقلا بۇنداق سۆزلەرنى بىزگە ئېيتمىغان بولاتتى، ــ دېدى. | 23 |
Sa femme lui répartit: "Si l’Eternel avait voulu nous faire mourir, il n’aurait pas accepté de notre part holocauste et oblation; il ne nous aurait pas montré tous ces prodiges, ni fait à cette heure une telle prédiction."
شۇ ئىشتىن كېيىن ئايال بىر ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمشون قويدى. بۇ بالا ئۆسۈپ، چوڭ بولدى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىدى. | 24 |
Cette femme donna le jour à un fils, qu’elle nomma Samson. L’Enfant grandit et fut béni du Seigneur.
زورېئاھ بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماھانەھ-داندا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. | 25 |
L’Esprit divin le saisit pour la première fois à Mahané-Dan, entre Çorea et Echtaol.