< باتۇر ھاكىملار 12 >
لېكىن ئەفرائىمىيلار بولسا توپلىشىپ زافون تەرەپكە ئۆتۈپ يەفتاھقا سوئال قويۇپ: ــ سەن ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى بارغىنىڭدا نېمىشقا بىزنى بىللە بېرىشقا چاقىرمايسەن؟ ئەمدى بىز ئۆيۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىمىز، ــ دېدى. | 1 |
Efrayimlilər yığılaraq Safona gedib İftaha dedilər: «Sən nəyə görə Ammon övladları ilə döyüşə çıxıb bizi özünlə getməyə çağırmadın? Buna görə biz səni də, evini də yandıracağıq».
يەفتاھ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن خەلقىم ئاممونىيلارغا قارشى قاتتىق جەڭ قىلىۋاتقاندا، سىلەرنى چاقىرسام، مېنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزمىدىڭلار. | 2 |
İftah onlara dedi: «Mən və xalqım Ammon övladları ilə ağır döyüşdə olan vaxt sizi köməyə çağırdım, lakin siz gəlib məni onların əlindən qurtarmadınız.
سىلەرنىڭ كېلىپ مېنى قۇتقۇزمايدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ، جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويۇپ، ئاممونىيلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندىم، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن كېلىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى. | 3 |
Mən də gördüm ki, siz məni qurtarmırsınız, onda həyatımı təhlükəyə atıb Ammon övladlarına qarşı özüm hücuma keçdim və Rəbb onları mənə təslim etdi. Nə üçün bu gün mənimlə davaya çıxmısınız?»
لېكىن ئەفرائىملار گىلېئادلارنى [ھاقارەتلەپ]: ــ سىلەر ئى گىلېئادلار، ئەفرائىمنىڭ ئارىسىدا ۋە ماناسسەھنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار، ئەفرائىمدا تۇرۇۋاتقان قاچقۇنسىلەر، خالاس! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ بارلىق گىلېئادتىكىلەرنى يىغىپ ئەفرائىم بىلەن سوقۇشتى. ئۇلار ئەفرائىملارنى ئۇرۇپ قىرىپ مەغلۇپ قىلدى. | 4 |
İftah bütün Gileadlıları toplayıb Efrayimlilərlə döyüşdü və Gileadlılar Efrayimliləri qırdılar, çünki Efrayimlilər belə demişdilər: «Ey Efrayimlə Menaşşe arasında yaşayan Gileadlılar, siz Efrayimdən qaçan fərarilərsiniz!»
ئاندىن گىلېئادتىكىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ئەفرائىملارنى ئۆتكۈزمىدى. شۇنداق بولدىكى، ئەفرائىملىق بىرەر قاچقون كېچىككە كېلىپ: ــ مېنى ئۆتكىلى قويغىن، دېسە گىلېئادتىكىلەر ئۇنىڭدىن: ــ سەن ئەفرائىمىيمۇ؟ ــ دەپ سورايتتى. ئۇ كىشى «ياق» دېسە، | 5 |
Gileadlılar Efrayimin qarşısındakı İordan çayının keçidlərini tutdular. Əgər qaçıb qurtulmaq istəyən Efrayimlilərdən biri gəlib «qoy çayı keçim» deyərdisə, Gileadlılar ondan «sən Efrayimlisənmi?» deyə soruşardılar. O «xeyr» desəydi,
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ «شىبولەت» دېگىن! ــ دەيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى ناتوغرا تەلەپپۇز قىلىپ «سىبولەت» دەپ جاۋاب بېرىپ قالسا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. شۇ تەرىقىدە شۇ ۋاقىتتا قىرىق ئىككى مىڭچە ئەفرائىمىي ئۆلتۈرۈلدى. | 6 |
o zaman ona «bir “şibbolet” de görək» deyərdilər. O da kəlməni doğru söyləyə bilməyib «sibbolet» deyərdi. Onda Gileadlılar onu tutub İordan çayının keçidlərində öldürərdi. Həmin dövrdə Efrayimlilərdən qırx iki min nəfər qırıldı.
يەفتاھ ئالتە يىل ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. ئاندىن گىلېئادلىق يەفتاھ ئالەمدىن ئۆتۈپ، گىلېئاد شەھەرلىرىنىڭ بىرىدە دەپنە قىلىندى. | 7 |
İftah altı il İsraildə hakimlik etdi. Sonra Gileadlı İftah öldü və Gileadın bir şəhərində dəfn olundu.
ئۇنىڭدىن كېيىن بەيت-لەھەملىك ئىبزان ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. | 8 |
Ondan sonra Bet-Lexemli İvsan İsraildə hakimlik etdi.
ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى، ئوتتۇز قىزى بولۇپ، ئوتتۇز قىزىنى سىرتقا ئەرگە بېرىپ، سىرتتىن ئوتتۇز قىزنى ئوغۇللىرىغا ئېلىپ بەردى. ئۇ يەتتە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. | 9 |
Onun otuz oğlu və otuz qızı var idi. Qızlarını başqa nəsillərə ərə vermiş, oğullarına isə başqa nəsillərdən otuz gəlin gətirmişdi. İvsan İsraildə yeddi il hakimlik etdi.
ئاندىن ئىبزان ئۆلۈپ، بەيت-لەھەمدە دەپنە قىلىندى. | 10 |
Sonra İvsan öldü və Bet-Lexemdə dəfn olundu.
ئۇنىڭدىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىلغا ھاكىم بولۇپ، ئون يىل ئىسرائىلدا ھۆكۈم سۈردى. | 11 |
Ondan sonra Zevulunlu Elon on il İsraildə hakimlik etdi.
ئاندىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئۆلۈپ، زەبۇلۇن زېمىنىدىكى ئايجالون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى. | 12 |
Zevulunlu Elon da öldü və Zevulun torpağında, Ayyalonda dəfn olundu.
ئۇنىڭدىن كېيىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. | 13 |
Ondan sonra Piratonlu Hillel oğlu Avdon İsraildə hakimlik etdi.
ئۇنىڭ قىرىق ئوغلى ۋە ئوتتۇز نەۋرىسى بار ئىدى. ئۇلار يەتمىش ئېشەككە مىنىپ ماڭاتتى. ئۇ ئىسرائىلغا سەككىز يىل ھاكىم بولدى. | 14 |
Onun yetmiş sıpaya minən qırx oğlu ilə otuz nəvəsi var idi və o, səkkiz il İsraildə hakimlik etdi.
ئاندىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ئۆلۈپ، ئەفرائىم زېمىنىدا، ئامالەكلەرنىڭ تاغلىق رايونىدىكى پىراتون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى. | 15 |
Piratonlu Hillel oğlu Avdon da öldü və Amaleqlilərin dağlıq bölgəsindəki Efrayim torpağında – Piratonda dəfn olundu.