< باتۇر ھاكىملار 11 >

شۇ چاغدا گىلېئادلىق يەفتاھ دېگەن كىشى باتۇر پالۋان ئىدى. ئۇ بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئوغلى بولۇپ، گىلېئادتىن تۆرەلگەنىدى. 1
Shu chaghda Giléadliq Yeftah dégen kishi batur palwan idi. U bir pahishe ayalning oghli bolup, Giléadtin törelgenidi.
لېكىن گىلېئادنىڭ ئۆز ئايالى ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل بالا تۇغۇپ بەرگەنىدى؛ بۇ ئايالدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى چوڭ بولغاندا يەفتاھنى ئۆيدىن قوغلاپ: ــ سەن باشقا خوتۇندىن بولغان ئوغۇل بولغاچقا، ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدىن مىراسقا ئىگە بولمايسەن، ــ دېدى. 2
Lékin Giléadning öz ayali uninggha birnechche oghul bala tughup bergenidi; bu ayaldin tughulghan oghulliri chong bolghanda Yeftahni öydin qoghlap: — Sen bashqa xotundin bolghan oghul bolghachqa, atimizning öyidin mirasqa ige bolmaysen, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب دېگەن زېمىندا تۇرۇپ قالدى. شۇ يەردە بىرمۇنچە بىكار تەلەپلەر يەفتاھنىڭ ئەتراپىغا بىر-بىرلەپ يىغىلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن كىرىپ-چىقىپ يۈرەتتى. 3
Shuning bilen Yeftah qérindashliridin qéchip, Tob dégen zéminda turup qaldi. Shu yerde birmunche bikar telepler Yeftahning etrapigha bir-birlep yighildi. Ular uning bilen kirip-chiqip yüretti.
ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندە ئاممونىيلار ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقا چىقتى. 4
Emma birnechche waqit ötkende Ammoniylar Israil bilen soqushqa chiqti.
ئاممونىيلار ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغاندا گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھنى توب زېمىنىدىن ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى. 5
Ammoniylar Israilgha hujum qilghanda Giléadning aqsaqalliri Yeftahni Tob zéminidin élip kelmekchi bolup uning yénigha bardi.
ئۇلار بېرىپ يەفتاھقا ئىلتىجا قىلىپ: ــ بىزنىڭ ئاممونىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىمىز ئۈچۈن سەن كېلىپ بىزگە سەردار بولۇپ بەرگىن، ــ دېدى. 6
Ular bérip Yeftahqa iltija qilip: — Bizning Ammoniylar bilen urush qilishimiz üchün sen kélip bizge serdar bolup bergin, — dédi.
يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىغا جاۋابەن: ــ سىلەر مېنى ئۆچ كۆرۈپ ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ھەيدىۋەتكەنىدىڭلارغۇ، ئەمدى بېشىڭلارغا بالايىئاپەت چۈشكەندە قانداقسىگە مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ قالدىڭلار، ــ دېدى. 7
Yeftah Giléadning aqsaqallirigha jawaben: — Siler méni öch körüp atamning jemetidin heydiwetkenidinglarghu, emdi béshinglargha balayi’apet chüshkende qandaqsige méning qéshimgha kélip qaldinglar, — dédi.
گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا: ــ دۇرۇس، لېكىن سېنى بىز بىلەن بىللە بېرىپ ئاممونىيلارغا قارشى جەڭ قىلىپ، گىلېئادتا ھەممە ئولتۇرۇۋاتقانلارغا باش بولسۇن دەپ، قېشىڭغا كەلدۇق، ــ دېدى. 8
Giléadning aqsaqalliri Yeftahqa: — Durus, lékin séni biz bilen bille bérip Ammoniylargha qarshi jeng qilip, Giléadta hemme olturuwatqanlargha bash bolsun dep, qéshinggha kelduq, — dédi.
يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىدىن: ــ ئەگەر سىلەر مېنى ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا ياندۇرۇپ بارغىنىڭلاردا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرسا، مەن سىلەرگە باش بولامدىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. 9
Yeftah Giléadning aqsaqalliridin: — Eger siler méni Ammoniylar bilen soqushushqa yandurup barghininglarda, Perwerdigar ularni méning qolumgha tapshursa, men silerge bash bolamdimen? — dep soridi.
گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلمىساق، پەرۋەردىگار ئۆزى ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇپ ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى. 10
Giléadning aqsaqalliri Yeftahqa jawab bérip: —Éytqiningdek qilmisaq, Perwerdigar Özi arimizda guwah bolup höküm chiqarsun! — dédi.
بۇنى ئاڭلاپ يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن باردى؛ خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە ھەم باش ھەم سەردار قىلىپ تىكلىدى. يەفتاھ مىزپاھغا بارغاندا ھەممە سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بايان قىلدى. 11
Buni anglap Yeftah Giléadning aqsaqalliri bilen bardi; xelq uni özlirige hem bash hem serdar qilip tiklidi. Yeftah Mizpahgha barghanda hemme sözlirini Perwerdigarning aldida bayan qildi.
ئاندىن يەفتاھ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: ــ مېنىڭ زېمىنىمغا بېسىپ كىرىپ، مەن بىلەن سوقۇشۇشقا مەندە نېمە ھەققىڭ بار ئىدى؟ ــ دەپ سورىدى. 12
Andin Yeftah Ammoniylarning padishahigha elchilerni ewetip, uningdin: — Méning zéminimgha bésip kirip, men bilen soqushushqa mende néme heqqing bar idi? — dep soridi.
ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچىلىرىگە جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە ئۇلار ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ [شىمالدىكى] ياببوك ئېقىنىغىچە ۋە [غەربتە] ئىئوردان دەرياسىغىچە مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلاپ ئىگىلىۋالغانىدى. ئەمدى سەن بۇ يەرلەرنى تىنچلىق بىلەن ماڭا ياندۇرۇپ بەر! ــ دېدى. 13
Ammoniylarning padishahi Yeftahning elchilirige jawab bérip: — Chünki Israillar Misirdin chiqip kelgende ular Arnon deryasidin tartip [shimaldiki] Yabbok éqinighiche we [gherbte] Iordan deryasighiche méning zéminimni bulap igiliwalghanidi. Emdi sen bu yerlerni tinchliq bilen manga yandurup ber! — dédi.
يەفتاھ ئەلچىلەرنى ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا يەنە ئەۋەتىپ 14
Yeftah elchilerni Ammoniylarning padishahining qéshigha yene ewetip
ئۇنىڭغا: ــ يەفتاھ سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل نە موئابنىڭ زېمىنىنى نە ئامموننىڭ زېمىنىنى ئىگىلىمىدى، 15
uninggha: — Yeftah söz qilip mundaq deydu: «Israil ne Moabning zéminini ne Ammonning zéminini igilimidi,
بەلكى ئۇلار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە چۆل-باياۋاندا مېڭىپ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئاندىن قادەش دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەنىدى؛ 16
belki ular Misirdin chiqip kelgende chöl-bayawanda méngip Qizil déngizdin ötüp, andin Qadesh dégen jaygha yétip kelgenidi;
شۇ چاغدا ئىسرائىللىقلار ئېدوم پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «زېمىنلىرىدىن كېسىپ ئۆتۈۋېلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا» دەپ سورىۋىدى، ئېدوم پادىشاھى ئۇنىمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار موئاب پادىشاھىنىڭ قېشىغا [ئىلتىجا بىلەن] ئەلچىلەرنى ئەۋەتسە، ئۇمۇ قوشۇلمىغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار قادەشتە تۇرۇپ قالغان؛ 17
shu chaghda Israilliqlar Édom padishahining qéshigha elchiler ewetip: «Zéminliridin késip ötüwélishqa ijazet bergeyla» dep soriwidi, Édom padishahi unimighanidi. Shuning bilen ular Moab padishahining qéshigha [iltija bilen] elchilerni ewetse, umu qoshulmighanidi. Shu sewebtin Israillar Qadeshte turup qalghan;
ئاندىن ئۇلار چۆل-باياۋان بىلەن مېڭىپ ئېدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرق تەرىپىدىن كېلىپ، ئاخىرىدا ئارنون دەرياسىنىڭ شۇ قېتىدا چېدىر تىكتى. ئۇلار موئابنىڭ چېگرىسى ئىچىگە كىرمىدى؛ چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسىدۇر. 18
andin ular chöl-bayawan bilen méngip Édom zémini bilen Moab zéminini aylinip ötüp, Moab zéminining sherq teripidin kélip, axirida Arnon deryasining shu qétida chédir tikti. Ular Moabning chégrisi ichige kirmidi; chünki Arnon deryasi Moabning chégrasidur.
ئاندىن ئىسرائىل ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھونغا، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بىزنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ ئۆز جايىمىزغا بېرىۋېلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيلا» ــ دېدى. 19
Andin Israil Amoriylarning padishahi Sihon’gha, yeni Heshbonning padishahining qéshigha elchilerni ewetip: «Bizning zéminlirining ichidin ötüp öz jayimizgha bériwélishimizgha ijazet bergeyla» — dédi.
لېكىن سىھون ئىسرائىلغا ئىشەنچ قىلالماي، يۇرتىدىن ئۆتكىلى قويمىدى؛ ئۇ بەلكى خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، جاھزاھ دېگەن جايغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكىپ، ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشتى. 20
Lékin Sihon Israilgha ishench qilalmay, yurtidin ötkili qoymidi; u belki xelqlirining hemmisini yighip, Jahzah dégen jaygha chüshüp chédirgah tikip, Israil bilen urushti.
ئەمما ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىھوننى بارلىق خەلقى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. ئاندىن ئىسرائىل شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ھەممە زېمىنىنى ئىگىلىدى. 21
Emma Israilning Xudasi Perwerdigar Sihonni barliq xelqi bilen qoshup Israilning qoligha tapshurdi, Israillar ularni urup qirdi. Andin Israil shu yerde olturushluq Amoriylarning hemme zéminini igilidi.
ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ياببوك ئېقىنىغىچە، چۆل-باياۋاندىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە ئامورىيلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىدى. 22
Arnon deryasidin tartip Yabbok éqinighiche, chöl-bayawandin tartip Iordan deryasighiche Amoriylarning pütkül zéminini igilidi.
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقاردى، ئەمدى سەن شۇ يۇرتقا ئىگە بولماقچىمۇسەن؟ 23
Israilning Xudasi Perwerdigar Amoriylarni Öz xelqi bolghan Israilning aldidin qoghlap chiqardi, emdi sen shu yurtqa ige bolmaqchimusen?
سېنىڭ ئىلاھىڭ قېموش ساڭا ئىگىلەتكەن يەرگە ئۆزۈڭ ئىگە بولدۇڭغۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن خەلقنىڭ يېرىگە بولسا، بىزمۇ شۇنىڭغا ئىگە بولىمىز. 24
Séning ilahing Qémosh sanga igiletken yerge özüng ige boldungghu? Shuninggha oxshash Perwerdigar Xudayimiz aldimizdin heydep chiqiriwetken xelqning yérige bolsa, bizmu shuninggha ige bolimiz.
ئەمدى سەن دەرۋەقە موئابنىڭ پادىشاھى بولغان زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقتىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ قاچان ئىسرائىل بىلەن تىركەشكەن ياكى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلغان؟ 25
Emdi sen derweqe Moabning padishahi bolghan Zipporning oghli Balaqtinmu küchlükmu? U qachan Israil bilen tirkeshken yaki Israil bilen jeng qilishqa jür’et qilghan?
يەنە كېلىپ، ئىسرائىل ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلاردا، ئاروئەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلاردا ھەمدە ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى بارلىق شەھەرلەردە ئۈچ يۈز يىل ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا، نېمىشقا سىلەر شۇ يەرلەرنى قايتۇرۇۋالمىدىڭلار؟ 26
Yene kélip, Israil Heshbon we uninggha qarashliq yéza-qishlaqlarda, Aroer we uninggha qarashliq yéza-qishlaqlarda hemde Arnon deryasining boyidiki barliq sheherlerde üch yüz yil makan tutup olturghan waqitlarda, némishqa siler shu yerlerni qayturuwalmidinglar?
شۇڭا مەن ساڭا گۇناھ قىلمىدىم، بەلكى ماڭا تاجاۋۇز قىلىپ، يامانلىق قىلغۇچى سەن ئۆزۈڭدۇرسەن. بىردىنبىر ئادالەت چىقارغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزى بۈگۈن ئىسرائىللار بىلەن ئاممونىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارسۇن!» ــ دېدى. 27
Shunga men sanga gunah qilmidim, belki manga tajawuz qilip, yamanliq qilghuchi sen özüngdursen. Birdinbir adalet chiqarghuchi Perwerdigar Özi bügün Israillar bilen Ammoniylarning otturisida höküm chiqarsun!» — dédi.
لېكىن ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى تىڭشىمىدى. 28
Lékin Ammoniylarning padishahi Yeftahning elchi ewetip éytqan sözlirini tingshimidi.
شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى يەفتاھنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ [قۇۋۋەتلىنىپ] گىلېئاد بىلەن ماناسسەھلەرنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ گىلېئادتىكى مىزپاھقا بېرىپ، ئاندىن گىلېئادتىكى مىزپاھدىن ئاممونىيلار تەرەپكە ماڭدى. 29
Shu waqitta Perwerdigarning Rohi Yeftahning üstige chüshüp, u [quwwetlinip] Giléad bilen Manassehlerning yurtidin ötüp Giléadtiki Mizpahqa bérip, andin Giléadtiki Mizpahdin Ammoniylar terepke mangdi.
شۇ چاغدا يەفتاھ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: ــ ئەگەر سەن دەرۋەقە ئاممونىيلارنى قولۇمغا تۇتۇپ بەرسەڭ، 30
Shu chaghda Yeftah Perwerdigargha qesem ichip: — Eger Sen derweqe Ammoniylarni qolumgha tutup berseng,
ئۇنداقتا مەن ئاممونىيلارنىڭ قېشىدىن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگىنىمدە، ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ ماڭا تۇنجى يولۇققىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولىدۇ، مەن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىمەن، ــ دېدى. 31
undaqta men Ammoniylarning qéshidin tinch-aman yénip kelginimde, öyümning ishikidin chiqip manga tunji yoluqqini Perwerdigargha atalghan bolidu, men uni köydürme qurbanliq qilimen, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ چىقىپ ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشقىلى ئۇلار تەرەپكە ئۆتتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 32
Shuning bilen Yeftah chiqip Ammoniylar bilen soqushqili ular terepke ötti; Perwerdigar ularni uning qoligha tapshurdi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاروئەردىن تارتىپ مىننىتقىچە ئۇلارنى قاتتىق ئۇرۇپ قىرىپ، يىگىرمە شەھەرنى ئېلىپ، ئابەل-قېرامىمغىچىمۇ يېتىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلار ئىسرائىلغا بويسۇندۇرۇلدى. 33
Shuning bilen u Aroerdin tartip Minnitqiche ularni qattiq urup qirip, yigirme sheherni élip, Abel-Qéramimghichimu yétip bardi. Buning bilen Ammoniylar Israilgha boysunduruldi.
ئاندىن يەفتاھ مىزپاھقا قايتىپ ئۆيىگە كەلگەندە ئۆز قىزى داپ چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ئۇنىڭ ئالدىغا كۆرۈشكىلى چىقتى. بۇ ئۇنىڭ يالغۇز قىزى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئوغۇل-قىزى يوق ئىدى. 34
Andin Yeftah Mizpahqa qaytip öyige kelgende öz qizi dap chélip ussul oynap uning aldigha körüshkili chiqti. Bu uning yalghuz qizi bolup, uningdin bashqa héch oghul-qizi yoq idi.
ئۇ ئۇنى كۆرگەندە ئۆز ئىگىنلىرىنى يىرتىپ: ــ ئاھ، ئاھ، مېنىڭ قىزىم! سەن مېنى ئىنتايىن يامان ھالغا چۈشۈردۇڭ، مېنى دەردكە چۈشۈرگۈچىلەردىن بىرى بولۇپ قالدىڭ؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگارغا ئاغزىمنى ئېچىپ، ئېيتقان گېپىمدىن يېنىۋالالمايمەن، ــ دېدى. 35
U uni körgende öz iginlirini yirtip: — Ah, ah, méning qizim! Sen méni intayin yaman halgha chüshürdung, méni derdke chüshürgüchilerdin biri bolup qalding; chünki men Perwerdigargha aghzimni échip, éytqan gépimdin yéniwalalmaymen, — dédi.
قىزى ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئاتا، پەرۋەردىگارغا ئاغزىڭنى ئېچىپ ۋەدە قىلغان بولساڭ، ئاغزىڭدىن چىققىنى بويىچە، ماڭا شۇنى قىلغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ بولغان ئاممونىيلاردىن ئىنتىقامىڭنى ئېلىپ بەردى، ــ دېدى. 36
Qizi uninggha: — Ey ata, Perwerdigargha aghzingni échip wede qilghan bolsang, aghzingdin chiqqini boyiche, manga shuni qilghin; chünki Perwerdigar séning düshmenliring bolghan Ammoniylardin intiqamingni élip berdi, — dédi.
ئاندىن ئۇ ئاتىسىغا يەنە: ــ مېنىڭ شۇ ئىلتىماسىمنى قوبۇل كۆرگىنكى، ماڭا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بەرسەڭ؛ مەن قىز دوستلىرىم بىلەن بېرىپ تاغلاردا يۈرۈپ، قىزلىقىم ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋالاي، ــ دېدى. 37
Andin u atisigha yene: — Méning shu iltimasimni qobul körginki, manga ikki ayliq möhlet berseng; men qiz dostlirim bilen bérip taghlarda yürüp, qizliqim üchün matem tutuwalay, — dédi.
ئاتىسى جاۋاب بېرىپ: ــ بارغىن، دېدى. ئۇنىڭغا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بېرىپ دالاغا ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ، قىز دوستلىرىنى ئېلىپ تاغلارغا چىقىپ، ئىككى ئايغىچە ئۆزىنىڭ قىز پېتى قالغىنىغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ يىغلاپ يۈردى. 38
Atisi jawab bérip: — Barghin, dédi. Uninggha ikki ayliq möhlet bérip dalagha ewetti. U bérip, qiz dostlirini élip taghlargha chiqip, ikki ayghiche özining qiz péti qalghinigha ah-zar kötürüp yighlap yürdi.
شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئىككى ئايدىن كېيىن ئاتىسىنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئاتىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلغان قەسىمىنى بەجا كەلتۈردى. بۇ قىز بولسا ھېچ ئەر كىشىگە يېقىنلاشمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلدا شۇنداق بىر ئۆرپ-ئادەت پەيدا بولدىكى، 39
Shundaq boldiki, u ikki aydin kéyin atisining qéshigha yénip kelgende, atisi uning üstige qilghan qesimini beja keltürdi. Bu qiz bolsa héch er kishige yéqinlashmighanidi. Shuning bilen Israilda shundaq bir örp-adet peyda boldiki,
ھەر يىلى ئىسرائىلنىڭ قىزلىرى ئۆيدىن چىقىپ يەفتاھنىڭ قىزىنى تۆت كۈن ئەسلەپ خاتىرىلەيدىغان بولدى. 40
her yili Israilning qizliri öydin chiqip Yeftahning qizini töt kün eslep xatirileydighan boldi.

< باتۇر ھاكىملار 11 >