< باتۇر ھاكىملار 11 >
شۇ چاغدا گىلېئادلىق يەفتاھ دېگەن كىشى باتۇر پالۋان ئىدى. ئۇ بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئوغلى بولۇپ، گىلېئادتىن تۆرەلگەنىدى. | 1 |
Fuit illo tempore Jephte Galaadites vir fortissimus atque pugnator, filius mulieris meretricis, qui natus est de Galaad.
لېكىن گىلېئادنىڭ ئۆز ئايالى ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل بالا تۇغۇپ بەرگەنىدى؛ بۇ ئايالدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى چوڭ بولغاندا يەفتاھنى ئۆيدىن قوغلاپ: ــ سەن باشقا خوتۇندىن بولغان ئوغۇل بولغاچقا، ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدىن مىراسقا ئىگە بولمايسەن، ــ دېدى. | 2 |
Habuit autem Galaad uxorem, de qua suscepit filios: qui postquam creverant, ejecerunt Jephte, dicentes: Hæres in domo patris nostri esse non poteris, quia de altera matre natus es.
شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب دېگەن زېمىندا تۇرۇپ قالدى. شۇ يەردە بىرمۇنچە بىكار تەلەپلەر يەفتاھنىڭ ئەتراپىغا بىر-بىرلەپ يىغىلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن كىرىپ-چىقىپ يۈرەتتى. | 3 |
Quos ille fugiens atque devitans, habitavit in terra Tob: congregatique sunt ad eum viri inopes, et latrocinantes, et quasi principem sequebantur.
ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندە ئاممونىيلار ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقا چىقتى. | 4 |
In illis diebus pugnabant filii Ammon contra Israël.
ئاممونىيلار ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغاندا گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھنى توب زېمىنىدىن ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى. | 5 |
Quibus acriter instantibus perrexerunt majores natu de Galaad, ut tollerent in auxilium sui Jephte de terra Tob:
ئۇلار بېرىپ يەفتاھقا ئىلتىجا قىلىپ: ــ بىزنىڭ ئاممونىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىمىز ئۈچۈن سەن كېلىپ بىزگە سەردار بولۇپ بەرگىن، ــ دېدى. | 6 |
dixeruntque ad eum: Veni et esto princeps noster, et pugna contra filios Ammon.
يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىغا جاۋابەن: ــ سىلەر مېنى ئۆچ كۆرۈپ ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ھەيدىۋەتكەنىدىڭلارغۇ، ئەمدى بېشىڭلارغا بالايىئاپەت چۈشكەندە قانداقسىگە مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ قالدىڭلار، ــ دېدى. | 7 |
Quibus ille respondit: Nonne vos estis, qui odistis me, et ejecistis de domo patris mei? et nunc venistis ad me necessitate compulsi.
گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا: ــ دۇرۇس، لېكىن سېنى بىز بىلەن بىللە بېرىپ ئاممونىيلارغا قارشى جەڭ قىلىپ، گىلېئادتا ھەممە ئولتۇرۇۋاتقانلارغا باش بولسۇن دەپ، قېشىڭغا كەلدۇق، ــ دېدى. | 8 |
Dixeruntque principes Galaad ad Jephte: Ob hanc igitur causam nunc ad te venimus, ut proficiscaris nobiscum, et pugnes contra filios Ammon, sisque dux omnium qui habitant in Galaad.
يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىدىن: ــ ئەگەر سىلەر مېنى ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا ياندۇرۇپ بارغىنىڭلاردا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرسا، مەن سىلەرگە باش بولامدىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. | 9 |
Jephte quoque dixit eis: Si vere venistis ad me, ut pugnem pro vobis contra filios Ammon, tradideritque eos Dominus in manus meas, ego ero vester princeps?
گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلمىساق، پەرۋەردىگار ئۆزى ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇپ ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى. | 10 |
Qui responderunt ei: Dominus, qui hæc audit, ipse mediator ac testis est quod nostra promissa faciemus.
بۇنى ئاڭلاپ يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن باردى؛ خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە ھەم باش ھەم سەردار قىلىپ تىكلىدى. يەفتاھ مىزپاھغا بارغاندا ھەممە سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بايان قىلدى. | 11 |
Abiit itaque Jephte cum principibus Galaad, fecitque eum omnis populus principem sui. Locutusque est Jephte omnes sermones suos coram Domino in Maspha.
ئاندىن يەفتاھ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: ــ مېنىڭ زېمىنىمغا بېسىپ كىرىپ، مەن بىلەن سوقۇشۇشقا مەندە نېمە ھەققىڭ بار ئىدى؟ ــ دەپ سورىدى. | 12 |
Et misit nuntios ad regem filiorum Ammon, qui ex persona sua dicerent: Quid mihi et tibi est, quia venisti contra me, ut vastares terram meam?
ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچىلىرىگە جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە ئۇلار ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ [شىمالدىكى] ياببوك ئېقىنىغىچە ۋە [غەربتە] ئىئوردان دەرياسىغىچە مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلاپ ئىگىلىۋالغانىدى. ئەمدى سەن بۇ يەرلەرنى تىنچلىق بىلەن ماڭا ياندۇرۇپ بەر! ــ دېدى. | 13 |
Quibus ille respondit: Quia tulit Israël terram meam, quando ascendit de Ægypto, a finibus Arnon usque Jaboc atque Jordanem: nunc ergo cum pace redde mihi eam.
يەفتاھ ئەلچىلەرنى ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا يەنە ئەۋەتىپ | 14 |
Per quos rursum mandavit Jephte, et imperavit eis ut dicerent regi Ammon:
ئۇنىڭغا: ــ يەفتاھ سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل نە موئابنىڭ زېمىنىنى نە ئامموننىڭ زېمىنىنى ئىگىلىمىدى، | 15 |
Hæc dicit Jephte: Non tulit Israël terram Moab, nec terram filiorum Ammon:
بەلكى ئۇلار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە چۆل-باياۋاندا مېڭىپ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئاندىن قادەش دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەنىدى؛ | 16 |
sed quando de Ægypto conscenderunt, ambulavit per solitudinem usque ad mare Rubrum, et venit in Cades.
شۇ چاغدا ئىسرائىللىقلار ئېدوم پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «زېمىنلىرىدىن كېسىپ ئۆتۈۋېلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا» دەپ سورىۋىدى، ئېدوم پادىشاھى ئۇنىمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار موئاب پادىشاھىنىڭ قېشىغا [ئىلتىجا بىلەن] ئەلچىلەرنى ئەۋەتسە، ئۇمۇ قوشۇلمىغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار قادەشتە تۇرۇپ قالغان؛ | 17 |
Misitque nuntios ad regem Edom, dicens: Dimitte me ut transeam per terram tuam. Qui noluit acquiescere precibus ejus. Misit quoque ad regem Moab, qui et ipse transitum præbere contempsit. Mansit itaque in Cades,
ئاندىن ئۇلار چۆل-باياۋان بىلەن مېڭىپ ئېدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرق تەرىپىدىن كېلىپ، ئاخىرىدا ئارنون دەرياسىنىڭ شۇ قېتىدا چېدىر تىكتى. ئۇلار موئابنىڭ چېگرىسى ئىچىگە كىرمىدى؛ چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسىدۇر. | 18 |
et circuivit ex latere terram Edom et terram Moab: venitque contra orientalem plagam terræ Moab, et castrametatus est trans Arnon: nec voluit intrare terminos Moab. (Arnon quippe confinium est terræ Moab.)
ئاندىن ئىسرائىل ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھونغا، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بىزنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ ئۆز جايىمىزغا بېرىۋېلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيلا» ــ دېدى. | 19 |
Misit itaque Israël nuntios ad Sehon regem Amorrhæorum, qui habitabat in Hesebon, et dixerunt ei: Dimitte ut transeam per terram tuam usque ad fluvium.
لېكىن سىھون ئىسرائىلغا ئىشەنچ قىلالماي، يۇرتىدىن ئۆتكىلى قويمىدى؛ ئۇ بەلكى خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، جاھزاھ دېگەن جايغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكىپ، ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشتى. | 20 |
Qui et ipse Israël verba despiciens, non dimisit eum transire per terminos suos: sed infinita multitudine congregata, egressus est contra eum in Jasa, et fortiter resistebat.
ئەمما ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىھوننى بارلىق خەلقى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. ئاندىن ئىسرائىل شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ھەممە زېمىنىنى ئىگىلىدى. | 21 |
Tradiditque eum Dominus in manus Israël cum omni exercitu suo: qui percussit eum, et possedit omnem terram Amorrhæi habitatoris regionis illius,
ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ياببوك ئېقىنىغىچە، چۆل-باياۋاندىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە ئامورىيلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىدى. | 22 |
et universos fines ejus, de Arnon usque Jaboc, et de solitudine usque ad Jordanem.
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقاردى، ئەمدى سەن شۇ يۇرتقا ئىگە بولماقچىمۇسەن؟ | 23 |
Dominus ergo Deus Israël subvertit Amorrhæum, pugnante contra illum populo suo Israël, et tu nunc vis possidere terram ejus?
سېنىڭ ئىلاھىڭ قېموش ساڭا ئىگىلەتكەن يەرگە ئۆزۈڭ ئىگە بولدۇڭغۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن خەلقنىڭ يېرىگە بولسا، بىزمۇ شۇنىڭغا ئىگە بولىمىز. | 24 |
nonne ea quæ possidet Chamos deus tuus, tibi jure debentur? quæ autem Dominus Deus noster victor obtinuit, in nostram cedent possessionem:
ئەمدى سەن دەرۋەقە موئابنىڭ پادىشاھى بولغان زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقتىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ قاچان ئىسرائىل بىلەن تىركەشكەن ياكى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلغان؟ | 25 |
nisi forte melior es Balac filio Sephor rege Moab; aut docere potes, quod jurgatus sit contra Israël, et pugnaverit contra eum,
يەنە كېلىپ، ئىسرائىل ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلاردا، ئاروئەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلاردا ھەمدە ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى بارلىق شەھەرلەردە ئۈچ يۈز يىل ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا، نېمىشقا سىلەر شۇ يەرلەرنى قايتۇرۇۋالمىدىڭلار؟ | 26 |
quando habitavit in Hesebon et viculis ejus, et in Aroër et villis illius, vel in cunctis civitatibus juxta Jordanem, per trecentos annos. Quare tanto tempore nihil super hac repetitione tentastis?
شۇڭا مەن ساڭا گۇناھ قىلمىدىم، بەلكى ماڭا تاجاۋۇز قىلىپ، يامانلىق قىلغۇچى سەن ئۆزۈڭدۇرسەن. بىردىنبىر ئادالەت چىقارغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزى بۈگۈن ئىسرائىللار بىلەن ئاممونىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارسۇن!» ــ دېدى. | 27 |
Igitur non ego pecco in te, sed tu contra me male agis, indicens mihi bella non justa. Judicet Dominus arbiter hujus diei inter Israël, et inter filios Ammon.
لېكىن ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى تىڭشىمىدى. | 28 |
Noluitque acquiescere rex filiorum Ammon verbis Jephte, quæ per nuntios mandaverat.
شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى يەفتاھنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ [قۇۋۋەتلىنىپ] گىلېئاد بىلەن ماناسسەھلەرنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ گىلېئادتىكى مىزپاھقا بېرىپ، ئاندىن گىلېئادتىكى مىزپاھدىن ئاممونىيلار تەرەپكە ماڭدى. | 29 |
Factus est ergo super Jephte spiritus Domini, et circuiens Galaad et Manasse, Maspha quoque Galaad, et inde transiens ad filios Ammon,
شۇ چاغدا يەفتاھ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: ــ ئەگەر سەن دەرۋەقە ئاممونىيلارنى قولۇمغا تۇتۇپ بەرسەڭ، | 30 |
votum vovit Domino, dicens: Si tradideris filios Ammon in manus meas,
ئۇنداقتا مەن ئاممونىيلارنىڭ قېشىدىن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگىنىمدە، ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ ماڭا تۇنجى يولۇققىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولىدۇ، مەن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىمەن، ــ دېدى. | 31 |
quicumque primus fuerit egressus de foribus domus meæ, mihique occurrerit revertenti cum pace a filiis Ammon, eum holocaustum offeram Domino.
شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ چىقىپ ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشقىلى ئۇلار تەرەپكە ئۆتتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى. | 32 |
Transivitque Jephte ad filios Ammon, ut pugnaret contra eos: quos tradidit Dominus in manus ejus.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاروئەردىن تارتىپ مىننىتقىچە ئۇلارنى قاتتىق ئۇرۇپ قىرىپ، يىگىرمە شەھەرنى ئېلىپ، ئابەل-قېرامىمغىچىمۇ يېتىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلار ئىسرائىلغا بويسۇندۇرۇلدى. | 33 |
Percussitque ab Aroër usque dum venias in Mennith, viginti civitates, et usque ad Abel, quæ est vineis consita, plaga magna nimis: humiliatique sunt filii Ammon a filiis Israël.
ئاندىن يەفتاھ مىزپاھقا قايتىپ ئۆيىگە كەلگەندە ئۆز قىزى داپ چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ئۇنىڭ ئالدىغا كۆرۈشكىلى چىقتى. بۇ ئۇنىڭ يالغۇز قىزى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئوغۇل-قىزى يوق ئىدى. | 34 |
Revertente autem Jephte in Maspha domum suam, occurrit ei unigenita filia sua cum tympanis et choris: non enim habebat alios liberos.
ئۇ ئۇنى كۆرگەندە ئۆز ئىگىنلىرىنى يىرتىپ: ــ ئاھ، ئاھ، مېنىڭ قىزىم! سەن مېنى ئىنتايىن يامان ھالغا چۈشۈردۇڭ، مېنى دەردكە چۈشۈرگۈچىلەردىن بىرى بولۇپ قالدىڭ؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگارغا ئاغزىمنى ئېچىپ، ئېيتقان گېپىمدىن يېنىۋالالمايمەن، ــ دېدى. | 35 |
Qua visa, scidit vestimenta sua, et ait: Heu me, filia mea! decepisti me, et ipsa decepta es: aperui enim os meum ad Dominum, et aliud facere non potero.
قىزى ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئاتا، پەرۋەردىگارغا ئاغزىڭنى ئېچىپ ۋەدە قىلغان بولساڭ، ئاغزىڭدىن چىققىنى بويىچە، ماڭا شۇنى قىلغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ بولغان ئاممونىيلاردىن ئىنتىقامىڭنى ئېلىپ بەردى، ــ دېدى. | 36 |
Cui illa respondit: Pater mi, si aperuisti os tuum ad Dominum, fac mihi quodcumque pollicitus es, concessa tibi ultione atque victoria de hostibus tuis.
ئاندىن ئۇ ئاتىسىغا يەنە: ــ مېنىڭ شۇ ئىلتىماسىمنى قوبۇل كۆرگىنكى، ماڭا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بەرسەڭ؛ مەن قىز دوستلىرىم بىلەن بېرىپ تاغلاردا يۈرۈپ، قىزلىقىم ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋالاي، ــ دېدى. | 37 |
Dixitque ad patrem: Hoc solum mihi præsta quod deprecor: dimitte me ut duobus mensibus circumeam montes, et plangam virginitatem meam cum sodalibus meis.
ئاتىسى جاۋاب بېرىپ: ــ بارغىن، دېدى. ئۇنىڭغا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بېرىپ دالاغا ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ، قىز دوستلىرىنى ئېلىپ تاغلارغا چىقىپ، ئىككى ئايغىچە ئۆزىنىڭ قىز پېتى قالغىنىغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ يىغلاپ يۈردى. | 38 |
Cui ille respondit: Vade. Et dimisit eam duobus mensibus. Cumque abiisset cum sociis ac sodalibus suis, flebat virginitatem suam in montibus.
شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئىككى ئايدىن كېيىن ئاتىسىنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئاتىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلغان قەسىمىنى بەجا كەلتۈردى. بۇ قىز بولسا ھېچ ئەر كىشىگە يېقىنلاشمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلدا شۇنداق بىر ئۆرپ-ئادەت پەيدا بولدىكى، | 39 |
Expletisque duobus mensibus, reversa est ad patrem suum, et fecit ei sicut voverat, quæ ignorabat virum. Exinde mos increbruit in Israël, et consuetudo servata est,
ھەر يىلى ئىسرائىلنىڭ قىزلىرى ئۆيدىن چىقىپ يەفتاھنىڭ قىزىنى تۆت كۈن ئەسلەپ خاتىرىلەيدىغان بولدى. | 40 |
ut post anni circulum conveniant in unum filiæ Israël, et plangant filiam Jephte Galaaditæ diebus quatuor.