< باتۇر ھاكىملار 10 >

ئابىمەلەكتىن كېيىن ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان دودونىڭ نەۋرىسى، پۇئاھنىڭ ئوغلى تولا دېگەن كىشى ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇشقا تۇردى؛ ئۇ ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدىكى شامىر دېگەن جايدا تۇراتتى؛ 1
Efter Abimelek fremstod som Israels Befrier Tola, en Søn af Dodos Søn Pua, en Mand af Issakar, som boede i Sjamir i Efraims Bjerge.
ئۇ ئىسرائىلغا يىگىرمە ئۈچ يىل ھاكىم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى ۋە شامىردا دەپنە قىلىندى. 2
Han var Dommer i Israel i tre og tyve Aar. Da han døde, blev han jordet i Sjamir.
ئۇنىڭدىن كېيىن گىلېئادلىق يائىر تۇردى؛ ئۇ ئىسرائىلغا يىگىرمە ئىككى يىل ھاكىم بولدى. 3
Efter ham fremstod Gileaditen Ja'ir; han var Dommer i Israel i to og tyve Aar.
ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇز تەخەيگە مىنىپ يۈرەتتى. ئۇلار ئوتتۇز شەھەرگە ئىگىدارچىلىق قىلاتتى؛ بۇ شەھەرلەر گىلېئاد يۇرتىدا بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە «يائىرنىڭ كەنتلىرى» دەپ ئاتالماقتا. 4
Han havde tredive Sønner, som red paa tredive Æsler, og de havde tredive Byer, som endnu den Dag i Dag kaldes Ja'irs Teltbyer; de ligger i Gilead.
يائىر ۋاپات بولۇپ، كاموندا دەپنە قىلىندى. 5
Da Ja'ir døde, blev han jordet i Kamon.
لېكىن ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، بائال بىلەن ئاشىراھ بۇتلىرىغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا سۇرىيەنىڭ ئىلاھلىرى، زىدوندىكىلەرنىڭ ئىلاھلىرى، موئابنىڭ ئىلاھلىرى، ئاممونىيلارنىڭ ئىلاھلىرى ۋە فىلىستىيلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئىبادەتتە بولمىدى. 6
Men Israeliterne blev ved at gøre, hvad der var ondt i HERRENS Øjne, idet de dyrkede Ba'alerne og Astarterne og Aramæernes, Zidons, Moabs, Ammoniternes og Filisternes Guder og faldt fra HERREN og undlod at dyrke ham.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغىلىپ، ئۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ ۋە ئاممونىيلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. 7
Da blussede HERRENS Vrede op mod Israel, og han gav dem til Pris for Filisterne og Ammoniterne,
بۇلار بولسا شۇ يىلى ئىسرائىللارنى قاتتىق بېسىپ ئەزدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدە ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدىكى گىلېئادتا ئولتۇرۇشلۇق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە ئون سەككىز يىلغىچە زۇلۇم قىلدى. 8
som kuede og mishandlede Israeliterne i det Aar; i atten Aar kuede de alle Israeliterne hinsides Jordan i Amoriternes Land i Gilead.
ئاممونىيلار يەنە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرائىم جەمەتىگە قارشى ھۇجۇم قىلدى: شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل قاتتىق ئازابلاندى. 9
Og Ammoniterne satte over Jordan for ogsaa at angribe Juda, Benjamin og Efraims Slægt, saa at Israeliterne kom i stor Nød.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ بىز ساڭا گۇناھ قىلدۇق، ئۆز خۇدايىمىزنى تاشلاپ، بائال بۇتلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ كەتتۇق، دېدى. 10
Da raabte Israeliterne til HERREN og sagde: »Vi har syndet imod dig, thi vi har forladt HERREN vor Gud og dyrket Ba'alerne!«
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: ــ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن، ئامورىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن ۋە فىلىستىيلەردىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟ 11
Men HERREN svarede Israeliterne: »Har ikke Ægypterne, Amoriterne, Ammoniterne, Filisterne,
زىدونىيلار، ئامالەكلەر ۋە مائونلار كېلىپ سىلەرگە زۇلۇم قىلغىنىدا، ماڭا پەرياد قىلغىنىڭلاردا سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟ 12
Zidonierne, Amalekiterne og Midjaniterne mishandlet eder? Og da I raabte til mig, frelste jeg eder af deres Haand.
شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنە مېنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردىڭلار. مەن سىلەرنى ئەمدى قۇتقۇزمايمەن! 13
Men I forlod mig og dyrkede andre Guder! Derfor vil jeg ikke mere frelse eder!
ئەمدى بېرىپ ئۆزۈڭلار تاللىغان ئىلاھلارغا پەرياد قىلىڭلار، قىيىنچىلىققا قالغان چېغىڭلاردا شۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن، ــ دېدى. 14
Gaa nu hen og raab til de Guder, I udvalgte eder, og lad dem frelse eder i eders Nød!«
ئەمما ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ: ــ بىز گۇناھ قىلدۇق! ئەمدى نەزىرىڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە بىزگە شۇنداق قىلغىن، بىزنى پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا قۇتقۇزۇۋالغايسەن! ــ دېدى. 15
Da sagde Israeliterne til HERREN: »Vi har syndet! Gør med os, hvad dig tykkes godt, men frels os blot nu!«
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل يات ئىلاھلارنى ئۆز ئارىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىگە كىرىشتى؛ [پەرۋەردىگار] ئىسرائىلنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يېرىم بولدى. 16
Og de skilte sig af med de fremmede Guder og dyrkede HERREN; da kunde han ikke længer holde ud at se Israels Nød.
شۇ ۋاقىتتا ئاممونىيلار توپلىنىپ گىلېئادتا چېدىرگاھ تىكتى؛ ئىسرائىللارمۇ يىغىلىپ كېلىپ مىزپاھغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكتى. 17
Ammoniterne stævnedes sammen, og de slog Lejr i Gilead; ogsaa Israeliterne samlede sig, og de slog Lejr i Mizpa.
گىلېئادتىكى خەلقنىڭ چوڭلىرى ئۆزئارا: ــ كىم ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا باشلامچى بولسا، ئۇ بارلىق گىلېئادتتىكىلەرگە باش بولىدۇ، دېدى. 18
Da sagde Folket, Gileads Høvdinger, til hverandre: »Hvis der findes en Mand, som vil tage Kampen op med Ammoniterne, skal han være Høvding over alle Gileads Indbyggere!«

< باتۇر ھاكىملار 10 >