< يەشۇئا 1 >
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ خىزمەتكارى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Después de la muerte de Moisés, siervo del Señor, vino la palabra del Señor a Josué, hijo de Nun, ayudante de Moisés, diciendo:
مېنىڭ قۇلۇم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن قوزغىلىپ، بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مەن ئۇلارغا، يەنى ئىسرائىللارغا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرگىن. | 2 |
Moisés mi siervo ha muerto; así que ahora levántate! Ve sobre el Jordán, tú y todo este pueblo, a la tierra que les estoy dando, a los hijos de Israel.
مەن مۇساغا ئېيتقىنىمدەك، پۇتۇڭلارنىڭ تاپىنى قەيەرگە تەگكەن بولسا، شۇ جاينى سىلەرگە بەردىم؛ | 3 |
Les he dado todo lugar que toquen sus pies, como dije a Moisés.
چېگراڭلار چۆل-باياۋاندىن تارتىپ لىۋانغىچە، ھىتتىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئەفرات دەرياسىدىن كۈن پېتىشتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولىدۇ. | 4 |
Desde el desierto hasta la montaña del Líbano, hasta el gran río, el río Eufrates y toda la tierra de los hititas hasta el Gran Mar, en el oeste, será su país.
سېنىڭ بارلىق ھايات كۈنلىرىڭدە ھېچكىم ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ. مەن ئۆزۈم مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. | 5 |
Mientras vivas, todos se rendirán ante ti: como estuve con Moisés, estaré contigo; No te quitaré mi ayuda ni te daré por vencido.
سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى سەن بۇ خەلقنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا مىراسخور قىلىپ ئىگىلىتىسەن. | 6 |
Anímate y sé fuerte. porque tú darás a este pueblo por su herencia la tierra que di por juramento a sus padres.
مېنىڭ قۇلۇم مۇسا ساڭا بۇيرۇغان بارلىق قانۇنغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، قەتئىي جۈرئەتلىك ۋە تولىمۇ قەيسەر بولغىن؛ سەن قەيەرگىلا بارساڭ ئىشلىرىڭ غەلىبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يا ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمە؛ | 7 |
Solo ten valor y firmeza; cuida de hacer toda la ley que Moisés mi siervo te dio, y no gires de ella a la mano derecha ni a la izquierda, para que te vaya bien dondequiera que vayas.
بۇ قانۇن كىتابىنى ئۆز ئاغزىڭدىن نېرى قىلماي، ئۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇنى كېچە-كۈندۈز زىكىر قىلىپ ئويلا؛ شۇنداق قىلساڭ يوللىرىڭدا غەلىبىلىك بولۇپ، ئۆزۈڭ روناق تاپىسەن. | 8 |
Deja que este libro de la ley esté siempre en tus labios y en tus pensamientos día y noche, para que puedas hacer todo lo que se te ordena; entonces una bendición estará en tu camino, y todo lo que hagas te saldrá bien.
مانا ساڭا: ــ جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بول، دەپ بۇيرۇغانىدىمغۇ؟ شۇڭا ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمە، يۈرەكسىز بولما؛ چۈنكى قەيەرگە بارساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن بىرگىدۇر. | 9 |
¿No te he dado tus órdenes? Anímate y sé fuerte; no tengas miedo y no te preocupes; porque el Señor tu Dios está contigo dondequiera que vayas,
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا خەلقنىڭ باشلىرىغا بۇيرۇپ: ــ | 10 |
Entonces Josué dio sus órdenes a los que tenían autoridad sobre la gente, diciendo:
سىلەر چېدىرگاھتىن ئۆتۈپ خەلققە: ــ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەييار قىلىڭلار، چۈنكى ئۈچ كۈن توشقاندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن كىرىسىلەر، ــ دەڭلار، دېدى. | 11 |
Vayan a las tiendas y den órdenes a la gente, diciendo: Preparen una provisión de alimentos para ustedes; porque en tres días cruzarán este río Jordán a poseer la tierra que el Señor tu Dios te está dando.
يەشۇئا رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە سۆز قىلىپ: ــ | 12 |
Y a los rubenitas, y a los gaditas y a la media tribu de Manasés, dijo Josué:
خۇدانىڭ قۇلى بولغان مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇپ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاراملىق ئاتا قىلىپ بۇ زېمىننى سىلەرگە بەرگەن، دەپ ئېيتقىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. | 13 |
Ten en cuenta lo que Moisés, el siervo del Señor, les dijo: El Señor su Dios les da reposo y les ha dado esta tierra.
خوتۇن بالا-چاقاڭلار ۋە چارپايلىرىڭلار مۇسا ئۆزى سىلەرگە تەقسىم قىلغان، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى زېمىندا قالسۇن، لېكىن ئاراڭلاردا قانچىلىك باتۇر پالۋان بولساڭلار، سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا سەپتە تۇرۇپ ئۇلارغا ياردەم بېرىپ جەڭ قىلىڭلار؛ تاكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارغا سىلەرگە ئاتا قىلغىنىغا ئوخشاش ئارام ئاتا قىلىپ، قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۇ ئۇلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلەتگۈچە شۇنداق قىلىڭلار. ئاندىن سىلەر تەۋەلىكىڭلار بولغان زېمىننى، يەنى خۇدانىڭ قۇلى بولغان مۇسا سىلەرگە تەقسىم قىلغان، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى بۇ زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن قايتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. | 14 |
Sus esposas, sus pequeños y su ganado serán guardados aquí en la tierra que Moisés les dio a este lado del Jordán; pero ustedes, los combatientes, deben pasar delante de sus hermanos, armados, para ayudarlos;
Hasta que el Señor les de reposo, como se los ha dado a ustedes, y han tomado su herencia en la tierra que el Señor su Dios les está dando: entonces regresarás a la tierra de su herencia que Moisés, el siervo del Señor, te dio en el lado este del Jordán.
ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن بىزگە ئەمر قىلغاننىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز، سەن بىزنى قەيەرگە ئەۋەتسەڭ، شۇ يەرگە بارىمىز. | 16 |
Entonces le respondieron a Josué: Lo que nos digas, lo haremos, y donde nos envíes, iremos.
بىز ھەممە ئىشتا مۇسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىنىمىزدەك ساڭا قۇلاق سالىمىز؛ بىردىنبىر تىلىكىمىز، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەنمۇ بىللە بولغاي! | 17 |
Como le prestamos atención a Moisés en todas las cosas, así te haremos caso; y que el Señor tu Dios esté contigo como lo fue con Moisés.
كىمكى سېنىڭ ئەمرىڭگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سەن بىزگە بۇيرۇغان ھەرقانداق سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىسا، ئۆلتۈرۈلىدۇ! سەن پەقەتلا جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن، ــ دېدى. | 18 |
Cualquiera que vaya en contra de tus órdenes, y no le preste atención a todas tus palabras, será condenado a muerte. Solo ten valor y firmeza.