< يەشۇئا 9 >
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى، يەنى تاغلىق رايوندىكى، شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى، ئۇلۇغ دېڭىز بويىدىكى، لىۋاننىڭ ئۇدۇلىغىچە سوزۇلغان بارلىق يۇرتلاردىكى پادىشاھلار ۋە شۇنىڭدەك ھىتتىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنىڭ پادىشاھلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندا، | 1 |
約旦河西,住山地、高原,並對着黎巴嫩山沿大海一帶的諸王,就是赫人、亞摩利人、迦南人、比利洗人、希未人、耶布斯人的諸王,聽見這事,
ھەممىسى بىر بولۇپ يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلغىلى ئىتتىپاقلاشتى. | 2 |
就都聚集,同心合意地要與約書亞和以色列人爭戰。
ئەمما گىبېئون ئاھالىلىرى يەشۇئانىڭ يېرىخو بىلەن ئايىغا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا، | 3 |
基遍的居民聽見約書亞向耶利哥和艾城所行的事,
ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنى [ئۇزۇن] سەپەردە بولغاندەك كۆرسىتىپ، ئېشەكلەرگە كونا تاغار-خۇرجۇن بىلەن كونا، يىرتىق-ياماق شاراب تۇلۇملىرىنى ئارتىپ، | 4 |
就設詭計,假充使者,拿舊口袋和破裂縫補的舊皮酒袋馱在驢上,
پۇتلىرىغا ياماق چۈشكەن كونا كەشلەرنى كىيىپ، كونا جۇل-جۇل ئېگىنلەرنى ئۈستىگە ئورىغان ئىدى؛ ئۇلار سەپەرگە ئالغان نانلارنىڭ ھەممىسى پاختىلىشىپ قۇرۇپ كەتكەنىدى. | 5 |
將補過的舊鞋穿在腳上,把舊衣服穿在身上;他們所帶的餅都是乾的,長了霉了。
ئۇلار گىلگال چېدىرگاھىغا بېرىپ يەشۇئانىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا: ــ بىز يىراق يۇرتتىن كەلدۇق؛ بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭلار، دېدى. | 6 |
他們到吉甲營中見約書亞,對他和以色列人說:「我們是從遠方來的,現在求你與我們立約。」
لېكىن ئىسرائىللار ھىۋىيلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇ يەرلىكلەر بولۇشۇڭلار مۇمكىن؛ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ ئەھدە تۈزىمىز؟ ــ دېدى. | 7 |
以色列人對這些希未人說:「只怕你們是住在我們中間的;若是這樣,怎能和你們立約呢?」
ئۇلار يەشۇئاغا: ــ بىز سېنىڭ قۇللىرىڭمىز، دېدى. يەشۇئا ئۇلاردىن: ــ سىلەر كىم، قەيەردىن كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. | 8 |
他們對約書亞說:「我們是你的僕人。」約書亞問他們說:「你們是甚麼人?是從哪裏來的?」
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ سېنىڭ قۇللىرىڭ بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى يىراق يۇرتتىن كەلدى. چۈنكى بىز ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى ۋە ئۇنىڭ مىسىردا قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى، | 9 |
他們回答說:「僕人從極遠之地而來,是因聽見耶和華-你上帝的名聲和他在埃及所行的一切事,
شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىئورداننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھون بىلەن ئاشتاروتتا تۇرۇقلۇق باشاننىڭ پادىشاھى ئوگقا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىدۇق. | 10 |
並他向約旦河東的兩個亞摩利王,就是希實本王西宏和在亞斯他錄的巴珊王噩一切所行的事。
شۇڭا ئاقساقاللىرىمىز بىلەن يۇرتتا تۇرغۇچى ھەممە خەلق بىزگە سۆز قىلىپ: ــ قولۇڭلارغا سەپەرگە لازىملىق ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ، بېرىپ ئىسرائىللار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا: «بىز سىلەرنىڭ قۇللۇقۇڭلاردا بولىمىز؛ شۇڭا بىز بىلەن ئەھدە تۈزۈڭلار»، دەڭلار، دەپ بىزنى ئەۋەتتى. | 11 |
我們的長老和我們那地的一切居民對我們說:『你們手裏要帶着路上用的食物去迎接以色列人,對他們說:我們是你們的僕人;現在求你們與我們立約。』
سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قاراپ يولغا چىققان كۈنىدە بىز سەپىرىمىز ئۈچۈن ئۆيىمىزدىن ئالغان نان ئىسسىق ئىدى، مانا ھازىر ئۇ قۇرۇپ، پاختىلىشىپ كېتىپتۇ. | 12 |
我們出來要往你們這裏來的日子,從家裏帶出來的這餅還是熱的;看哪,現在都乾了,長了霉了。
بۇ شاراب تۇلۇملىرى بولسا شاراب قاچىلىغاندا يېڭى ئىدى، مانا ئەمدى يىرتىلىپ كېتىپتۇ. بىز كىيگەن بۇ كىيىملەر ۋە كەشلەر سەپەرنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنلۇقىدىن كونىراپ كەتتى، ــ دېدى. | 13 |
這皮酒袋,我們盛酒的時候還是新的;看哪,現在已經破裂。我們這衣服和鞋,因為道路甚遠,也都穿舊了。」
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىدىن ئازراق ئالدى، لېكىن پەرۋەردىگاردىن يول سورىمىدى. | 14 |
以色列人受了他們些食物,並沒有求問耶和華。
شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇلارنى تىرىك قويۇشقا ئۇلار بىلەن ئەھد باغلىدى؛ جامائەت ئەمىرلىرىمۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ بەردى. | 15 |
於是約書亞與他們講和,與他們立約,容他們活着;會眾的首領也向他們起誓。
ئۇلار ئەھدە باغلىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ خەلقنىڭ ئۆزلىرىگە قوشنا ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى ئۇلارغا مەلۇم بولدى. | 16 |
以色列人與他們立約之後,過了三天才聽見他們是近鄰,住在以色列人中間的。
ئىسرائىللار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى گىبېئون، كەفىراھ، بەئەروت بىلەن كىرىئات-يېئارىم ئىدى. | 17 |
以色列人起行,第三天到了他們的城邑,就是基遍、基非拉、比錄、基列‧耶琳。
جامائەتنىڭ ئەمىرلىرى ئىلگىرى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا قەسەم قىلغان بولغاچقا، ئىسرائىللار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جامائەت ئەمىرلەر ئۈستىدىن غوتۇلداشقىلى تۇردى. | 18 |
因為會眾的首領已經指着耶和華-以色列的上帝向他們起誓,所以以色列人不擊殺他們;全會眾就向首領發怨言。
لېكىن ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتكۈل جامائەتكە: ــ بىز ئۇلارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ [نامى] بىلەن قەسەم قىلىپ بەرگەچكە، ئۇلارغا قول تەگكۈزەلمەيمىز. | 19 |
眾首領對全會眾說:「我們已經指着耶和華-以色列的上帝向他們起誓,現在我們不能害他們。
بىز ئۇلارغا قىلغان قەسەمىمىز تۈپەيلىدىن، ئۈستىمىزگە غەزەپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇشمىز كېرەك؛ ئۇلارغا شۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ، دېدى. | 20 |
我們要如此待他們,容他們活着,免得有忿怒因我們所起的誓臨到我們身上。」
ئاندىن ئەمىرلەر جامائەتكە يەنە: ــ ئۇلارنى تىرىك قويۇڭلار؛ ھالبۇكى، ئۇلار پۈتكۈل جامائەت ئۈچۈن ئوتۇن يارغۇچى ۋە سۇ توشۇغۇچىلار بولىدۇ، دېدى. بۇ ئىش ئەمىرلەر جامائەتكە دېگەندەك بولدى. | 21 |
首領又對會眾說:「要容他們活着。」於是他們為全會眾作了劈柴挑水的人,正如首領對他們所說的話。
ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا ئۇلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئارىمىزدىكى يەرلىكلەر تۇرۇپ، نېمىشقا بىز يىراقتىن كەلدۇق، دەپ بىزنى ئالدىدىڭلار؟ | 22 |
約書亞召了他們來,對他們說:「為甚麼欺哄我們說『我們離你們甚遠』呢?其實你們是住在我們中間。
بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئەمدى لەنەتكە قېلىپ، ئاراڭلاردا خۇدايىمنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ئوتۇن يارىدىغان ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولۇشتىن بىرەر ئادەممۇ مۇستەسنا بولمايدۇ، ــ دېدى. | 23 |
現在你們是被咒詛的!你們中間的人必斷不了作奴僕,為我上帝的殿作劈柴挑水的人。」
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆز قۇلى بولغان مۇساغا ئەمر قىلىپ، بارلىق زېمىننى سىلەرگە بېرىشكە، شۇنداقلا زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىڭلاردىن يوقىتىشقا ۋەدە قىلغانلىقى قۇللىرىڭ بولغان پېقىرلارغا ئېنىق مەلۇم قىلىندى؛ شۇڭا بىز سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن جېنىمىزدىن جەزمەن ئايرىلىپ قالىمىز دەپ ۋەھىمىگە چۈشۈپ، بۇ ئىشنى قىلىپ سالدۇق. | 24 |
他們回答約書亞說:「因為有人實在告訴你的僕人,耶和華-你的上帝曾吩咐他的僕人摩西,把這全地賜給你們,並在你們面前滅絕這地的一切居民,所以我們為你們的緣故甚怕喪命,就行了這事。
ئەمدى بىز قولۇڭغا چۈشتۇق؛ نەزىرىڭگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. | 25 |
現在我們在你手中,你以怎樣待我們為善為正,就怎樣做吧!」
يەشۇئا ئەنە شۇنداق قىلىش بىلەن ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى؛ ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى. | 26 |
於是約書亞這樣待他們,救他們脫離以色列人的手,以色列人就沒有殺他們。
لېكىن شۇ كۈنى يەشۇئا پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا جامائەت ئۈچۈن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوتۇن يارغۇچىلار ۋە سۇ توشۇغۇچىلار دەپ بېكىتتى. ئۇلار بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق قىلىپ كەلمەكتە. | 27 |
當日約書亞使他們在耶和華所要選擇的地方,為會眾和耶和華的壇作劈柴挑水的人,直到今日。