پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ سەن ھېچ قورقما، ھەم ھودۇقمىغىن. تۇرۇپ، بارلىق جەڭچىلەرنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ، ئايى شەھىرىگە چىققىن. مانا، مەن ئايىنىڭ پادىشاھى، خەلقى، شەھىرى ۋە زېمىنىنى قوشۇپ سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. | 1 |
ئینجا یەزدان بە یەشوعی فەرموو: «مەترسە و ورە بەرمەدە. هەموو جەنگاوەرەکان لەگەڵ خۆت ببە و هەستە سەربکەوە بۆ عای، ببینە من پاشاکەی و گەلەکەی و شارەکەی و خاکەکەیم داوەتە دەست تۆ. |
سەن يېرىخو بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغا قانداق قىلغان بولساڭ ئايى شەھىرى بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلىسەن. پەقەت سىلەر بۇ قېتىم شەھەردىن ئولجا ۋە چارپايلارنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەمدى سەن شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىشقا پىستىرما قويغىن، ــ دېدى. | 2 |
ئەوەی بە ئەریحا و پاشاکەیتان کرد، بە عای و پاشاکەی بکەن، بەڵام دەستکەوتەکان و ئاژەڵە ماڵییەکانی بۆ خۆتان تاڵان بکەن. لە پشتییەوە بۆسەیەک بۆ شارەکە بنێوە.» |
شۇنىڭ بىلەن، يەشۇئا بىلەن ھەممە جەڭچىلەر قوزغىلىپ، ئايىغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى. يەشۇئا ئوتتۇز مىڭ باتۇر جەڭچىنى ئىلغاپ كېچىدە ئۇلارنى ماڭدۇردى | 3 |
جا یەشوع و هەموو جەنگاوەرەکانی سوپا هەستان بۆ ئەوەی بەسەر عایدا بدەن، یەشوع سی هەزار جەنگاوەری قارەمانی هەڵبژارد و بە شەو ناردنی، |
ۋە ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «سىلەر ئاگاھ بولۇپ، شەھەردىن بەك نېرى كەتمەي شەھەرنىڭ كەينىدە مۆكۈنۈپ تۇرۇپ، ھەممىڭلار بۆكتۈرمە ھۇجۇمغا تەييار تۇرۇڭلار. | 4 |
فەرمانی پێ کردن و گوتی: «وریابن، ئێوە لە پشتەوە بۆسە بۆ شارەکە دەنێنەوە و زۆر لە شارەکە دوور مەکەونەوە و هەمووتان لە ئامادەباشیدا بن. |
مەن ئۆزۈم بىلەن قالغان ھەممە كىشىلەرنى ئېلىپ شەھەرگە يېقىن بارىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار بالدۇرقىدەك ئالدىمىزغا چىقىپ ھۇجۇم قىلغاندا، بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچىمىز؛ | 5 |
منیش لەگەڵ هەموو ئەم گەلە لە شارەکە نزیک دەبینەوە و ئیتر کە ئەوان دێنە دەرەوە بۆمان، ئێمە وەک یەکەم جار لەبەردەمیاندا هەڵدێین و |
ئۇلار جەزمەن بىزنىڭ كەينىمىزدىن قوغلايدۇ؛ ئۇلار: «ئىسرائىللار بالدۇرقىدەك ئالدىمىزدىن قېچىپ كەتتى» دەپ ئويلايدۇ، بىز ئۇلارنى ئازدۇرۇپ شەھەردىن يىراق ئېلىپ چىقىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچىمىز. | 6 |
ئەوان بەدوامان دەکەون هەتا لە شارەکە دووریان دەخەینەوە، چونکە دەڵێن:”ئەوەتا وەک یەکەم جار لەبەردەممان هەڵدێن،“جا کاتێک لەبەردەمیان هەڵدێین، |
ئۇ ۋاقىتتا سىلەر بۆكتۈرمىدىن قوپۇپ چىقىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ شەھەرنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ. | 7 |
ئێوەش لە بۆسەکەوە دێنە دەرەوە و دەست بەسەر شارەکەدا دەگرن و یەزدانی پەروەردگارتان دەیدات بە دەستتانەوە. |
شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئۇ شەھەرنى ئوت يېقىپ كۆيدۈرىۋېتىڭلار. مانا، مەن سىلەرگە ئەمر بەردىم». | 8 |
کاتێک شارەکە دەگرن، ئاگری تێبەر دەدەن. ئەوە بکەن کە یەزدان فەرمانی پێ کردوون. سەیر بکەن ئەوە فەرمانی منە بۆ ئێوە.» |
يەشۇئا ئۇلارنى يولغا سالدى، ئۇلار بېرىپ بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئايىنىڭ غەرب تەرىپىدە بۆكتۈرمە سېلىپ ماراپ ئولتۇردى. يەشۇئا بولسا ئۇ كېچىسى خەلقنىڭ ئارىسىدا قوندى. | 9 |
ئینجا یەشوع ناردنی و ئەوانیش بۆ شوێنی بۆسەکە ڕۆیشتن و لەنێوان بێتئێل و عای، لە ڕۆژئاوای عای مانەوە. ئەو شەوە یەشوع لەناوەڕاستی گەل مایەوە. |
ئەتىسى سەھەر يەشۇئا قوپۇپ، خەلقنى يىغىپ تەكشۈردى؛ ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن بىللە خەلقنىڭ ئالدىدا ئايىغا قارشى ماڭدى. | 10 |
بۆ بەیانی یەشوع زوو لە خەو هەستا و گەلەکەی کۆکردەوە و خۆی و پیرانی ئیسرائیل لەپێش گەلەوە سەرکەوتن بۆ عای. |
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ھەممە جەڭچىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقىپ، شەھەرنىڭ ئالدىغا يېقىن بېرىپ، ئايىنىڭ شىمال تەرىپىدە چېدىر تىكتى. ئۇلار چۈشكەن جاي بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى. | 11 |
هەروەها هەموو ئەو لەشکرەی لەگەڵیدا بوون سەرکەوتن و چوونە پێشەوە و هاتنە بەرامبەر شارەکە، لە باکووری عای چادریان هەڵدا و دۆڵەکە لەنێوان ئەوان و عای بوو. |
يەشۇئا بەش مىڭچە ئادەمنى تاللاپ ئېلىپ بېرىپ، بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدە بۆكتۈرمە تۇرغۇزغانىدى. | 12 |
یەشوع نزیکەی پێنج هەزار پیاوی نارد و لەنێوان بێتئێل و عای، لە ڕۆژئاوای عای لە بۆسەدا داینان. |
شۇنداق قىلىپ، بارلىق خەلق، يەنى شەھەرنىڭ شىمال تەرىپىدىكى بارگاھتىكى قوشۇن بىلەن غەرب تەرىپىدىكى پىستىرما قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ بۆلۈندى. شۇ كېچىسى يەشۇئا ئۆزى جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشتى. | 13 |
ئیتر گەل، واتە هەموو لەشکرەکە کە لە باکووری شارەکە بوو لەگەڵ ئەوانەی کە لە بۆسەکەی ڕۆژئاوای شارەکە بوون، جێگیر بوون، یەشوعیش ئەو شەوە چووە ناوەڕاستی دۆڵەکە. |
ئايىنىڭ پادىشاھى شۇ ئەھۋالنى كۆردى ۋە شەھەردىكىلەر ئالدىراپ سەھەر قوپۇشتى؛ پادىشاھ بىلەن بارلىق خەلقى ئىسرائىل بىلەن سوقۇشۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چىقتى. لېكىن پادىشاھنىڭ شەھەرنىڭ كەينىدىكى پىستىرما قوشۇندىن خەۋىرى يوق ئىدى. | 14 |
کاتێک پاشای عای ئەمەی بینی، خۆی و پیاوانی شارەکە بەیانی زوو بە پەلە هاتنە دەرەوە بۆ بەرەنگاربوونەوەی ئیسرائیل لە بەرزاییەک کە دەیڕوانییە عەراڤا، بەڵام پاشا نەیدەزانی کە لە پشت شارەکەوە بۆسەیەکی بۆ نراوەتەوە. |
يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل بولسا ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن يېڭىلگەنگە سېلىپ، چۆل تەرەپكە قاچتى. | 15 |
یەشوع لەگەڵ هەموو ئیسرائیل وایان پیشان دا کە شکستیان خواردوو و بە ڕێگای چۆڵەوانیدا هەڵاتن. |
شەھەردە بار خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى قوغلاشقا چاقىرىلدى؛ ئۇلار كېلىپ يەشۇئانى قوغلىغاندا، ئۇلار ئازدۇرۇلۇپ شەھەردىن يىراق قىلىندى. | 16 |
لەنێو هەموو خەڵکی شاری عای بانگەواز بڵاو بووەوە کە دوایان بکەون، ئەوانیش دوای یەشوع کەوتن و لە شارەکە دوورکەوتنەوە. |
ئايى بىلەن بەيت-ئەلنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلنى قوغلاشقا چىقمىغان ھېچبىر ئەر كىشى قالمىدى؛ ئۇلار شەھەرنى ئوچۇق قويۇپ، ھەممىسى ئىسرائىلنى قوغلاپ چىقىپ كەتتى. | 17 |
یەک پیاو لە عای یان لە بێتئێل نەما کە بەدوای ئیسرائیل نەکەوتبێت. شارەکەیان بە کراوەیی بەجێهێشت و بەدوای ئیسرائیل کەوتن. |
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ قولۇڭدىكى نەيزىنى ئايىغا قارىتىپ ئۇزاتقىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ــ دېۋىدى، يەشۇئا قولىدىكى نەيزىنى شەھەرگە قارىتىپ ئۇزاتتى. | 18 |
ئینجا یەزدان بە یەشوعی فەرموو: «ڕمەکەی دەستت ڕووەو عای بگرە، چونکە من دەیدەمە دەستتەوە.» یەشوعیش ئەو ڕمەی بە دەستیەوە بوو ڕووەو شارەکەی کرد. |
ئۇ قولىدىكى نەيزىنى ئۇزاتقان ھامان پىستىرمىدا ياتقانلار جايىدىن تېزلا چىقىپ، يۈگۈرگىنىچە شەھەرگە ئېتىلىپ كىرىپ، ئۇنى ئىشغال قىلىپ شۇئان ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. | 19 |
کاتێک دەستی درێژکرد ئەوانەی لە بۆسەکە بوون بە پەلە لە جێی خۆیان هەستان و ڕایانکرد و چوونە ناو شارەکەوە و گرتیان و بە پەلە سووتاندیان. |
ئايىنىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا شەھەردىن ئاسمان-پەلەك ئۆرلەۋاتقان تۈتۈننى كۆردى، يا ئۇ ياققا يا بۇ ياققا قاچايلى دېسە، ھېچ ھالى قالمىغانىدى؛ چۆل تەرەپكە قاچقان ئىسرائىللار بۇرۇلۇپ ئۆزلىرىنى قوغلاپ كېلىۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى. | 20 |
پیاوەکانی عای ئاوڕیان دایەوە و تەماشایان کرد وا دووکەڵی شارەکە بۆ ئاسمان بەرز بووەتەوە و هیچ جێیەکیش نییە بۆی هەڵبێن، نە بەملا و نە بەولا، ئیسرائیلییەکانیش کە بۆ چۆڵەوانی ڕایاندەکرد بەسەر ڕاونەرەکاندا هەڵگەڕانەوە. |
يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل پىستىرما قوشۇننىڭ شەھەرنى ئېلىپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا شەھەردىن تۈتۈننىڭ ئۆرلەپ چىققىنىنى كۆرۈپ، يېنىپ كېلىپ، ئايىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگىلى تۇردى. | 21 |
جا کە یەشوع و هەموو ئیسرائیل بینییان بۆسەکە شارەکەی گرتووە و دووکەڵی شارەکە بەرز بووەتەوە، گەڕانەوە و لە پیاوەکانی عاییان دا. |
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەھەرنى ئالغانلارمۇ شەھەردىن چىقىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بەزىلىرى بۇ تەرەپتىن، بەزىلىرى ئۇ تەرەپتىن قاپسىلىپ قالدى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قويماي، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. | 22 |
جەنگاوەران لەناو بۆسەکەش لە شارەکەوە بۆ پەلاماردانیان هاتنە دەرەوە و پیاوەکانی عای کەوتنە نێوان ئیسرائیلییەکان. ئەمان لەم لاوە و ئەوان لەولاوە، ئینجا لێیان دان تاکو کەسیان لێ نەما هەڵبێت و دەرباز بێت. |
ئۇلار ئايىنىڭ پادىشاھىنى تىرىك تۇتۇپ، يەشۇئانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. | 23 |
بەڵام پاشای عاییان بە زیندوویی دەستگیر کرد و بردیانە بەردەم یەشوع. |
ئىسرائىل دالادا ئۇچرىغان بارلىق ئايىلىقلارنى، يەنى ئۆزلىرىنى چۆلگىچە قوغلاپ كەلگەنلەرنى قىرىپ يوقاتقاندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچلىنىپ يوقىتىلغانىدى)، بارلىق ئىسرائىل ئايىغا يېنىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. | 24 |
پاش ئەوەی ئیسرائیل لە کوشتنی هەموو پیاوەکانی عای بوونەوە کە لە کێڵگە و چۆڵەوانیدا دوایان کەوتبوون هەتا قڕیان بکەن، هەموو ئیسرائیلییەکان گەڕانەوە ناو شار و هەموو ئەو دانیشتووانانەیان بە شمشێر کوشت کە لەوێ مابوونەوە. |
شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئەر-ئاياللار، يەنى ئايىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئون ئىككى مىڭ ئادەم ئىدى. | 25 |
سەرجەم دانیشتووانی عای، هەموو ئەوانەی لەو ڕۆژەدا کەوتن لە پیاو و لە ژن، دوازدە هەزار کەس بوون. |
چۈنكى يەشۇئا ئايىدا تۇرۇۋاتقان ھەممە ئادەم يوقىتىلمىغۇچە قولىدىكى ئۇزۇتۇپ تۇرغان نەيزىسىنى يىغمىغانىدى. | 26 |
یەشوعیش ئەو دەستەی کە ڕمەکەی پێ درێژکردبوو نەیگەڕاندەوە دواوە هەتا سەرجەم دانیشتووانی عای قڕ بوون. |
ھالبۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بۇيرۇغان سۆزى بويىچە ئىسرائىللار شەھەردىكى چارپاي بىلەن ئولجىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدى. | 27 |
بەڵام نەوەی ئیسرائیل ئاژەڵی ماڵی و دەستکەوتی ئەو شارەیان بۆ خۆیان تاڵان کرد، بەگوێرەی فەرمایشتی یەزدان کە فەرمانی بە یەشوع کردبوو. |
ئاندىن يەشۇئا ئايى شەھىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنى ئەبەدگىچە خارابىلىك دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى؛ تاكى بۈگۈنگىچە ئۇ شۇنداق تۇرماقتا. | 28 |
ئینجا یەشوع عایی سووتاند و کردییە گردێکی وێرانی هەتاهەتایی، هەتا ئەمڕۆش هەروا ماوەتەوە. |
ئايىنىڭ پادىشاھىنى بولسا، ئۇ بىر دەرەخقە ئاستۇرۇپ، ئۇ يەردە كەچكىچە تۇرغۇزدى. كۈن پاتقاندا يەشۇئا ئەمر قىلىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئۇنى شەھەرنىڭ قوۋۇقىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئۈستىگە چوڭ بىر دۆۋە تاشنى دۆۋىلىۋەتتى؛ بۇ تاش دۆۋىسى بۈگۈنگىچە تۇرماقتا. | 29 |
هەروەها لاشەی پاشای عایی هەتا ئێوارە لەسەر دار هەڵواسی، لە کاتی ئاوابوونی خۆر یەشوع فەرمانی دا و لاشەکەیان هێنا خوارەوە و لەبەردەم دەروازەی شارەکە فڕێیان دا و کۆمەڵە بەردێکی گەورەیان لەسەر کەڵەکە کرد کە هەتا ئەمڕۆ ماوەتەوە. |
ئاندىن يەشۇئا ئېبال تېغىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قۇربانگاھ ياسىدى. | 30 |
ئینجا یەشوع قوربانگایەکی بۆ یەزدانی پەروەردگاری ئیسرائیل لە کێوی عێبال بنیاد نا. |
پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ ئىسرائىلغا بۇيرۇغىنى بويىچە، مۇساغا نازىل قىلىنغان قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەندەك، قۇربانگاھ ھېچبىر تۆمۈر ئەسۋاب تەگكۈزۈلمىگەن پۈتۈن تاشلاردىن ياسالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە خەلق پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇپ تۇردى. | 31 |
هەروەک موسای بەندەی یەزدان فەرمانی بە نەوەی ئیسرائیل کردبوو، بەپێی ئەوەی لە پەڕتووکی تەوراتی موسادا نووسراوە، قوربانگایەک لە بەردی نەتاشراو، کە ئامێری ئاسنی بەسەردا بەرز نەکرابووەوە، قوربانی سووتاندنیان بۆ یەزدان سەرخستە سەری و قوربانی هاوبەشییان سەربڕی. |
شۇ يەردە يەشۇئا ئۇنىڭ تاشلىرىنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مۇسا پۈتكەن قانۇننى كۆچۈرۈپ پۈتۈپ قويدى. | 32 |
لەوێ یەشوع لەبەرچاوی نەوەی ئیسرائیل وێنەیەکی لەو فێرکردنە نووسییەوە کە موسا نووسیبووی. |
ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى، ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرى، ئەمەلدارلىرى بىلەن ھاكىملىرى، مەيلى مۇساپىرلار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغۇلغانلار بولسۇن، ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار بولغان لاۋىيلارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ دەسلەپتە بۇيرۇغىنى بويىچە، ئىسرائىللارنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى تىلەشكە خەلقنىڭ يېرىمى گەرىزىم تېغى ئالدىدا، يەنە بىر يېرىمى ئېبال تېغى ئالدىدا تۇردى. | 33 |
هەموو ئیسرائیلیش نامۆ و هاوڵاتی وەک یەک، لەگەڵ پیر و کوێخا و دادوەریان لەتەنیشت سندوقەکەوە، لەم لا و ئەو لاوە بەرامبەر بە کاهینە لێڤییەکان هەڵگرانی سندوقی پەیمانی یەزدان وەستان، نیوەیان بەلای کێوی گەریزیم و نیوەکەی دیکەیان بەلای کێوی عێبال، وەک چۆن لەوەو پێش موسای بەندەی یەزدان فەرمانی دابوو، کاتێک فەرمانی دا بۆ داواکردنی بەرەکەت بۆ گەلی ئیسرائیل. |
ئاندىن يەشۇئا قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قانۇندىكى ھەممە سۆزلەرنى، جۈملىدىن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرى ۋە لەنەت سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەردى. | 34 |
پاشان هەموو وشەکانی ئەو فێرکردنەی خوێندەوە، بەرەکەت و نەفرەت، بەگوێرەی هەموو ئەوەی لە پەڕتووکی تەوراتدا نووسرابوو. |
يەشۇئا بۇلارنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە، جۈملىدىن ئاياللار، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا ئوقۇپ بەردى؛ مۇسانىڭ بارلىق بۇيرۇغانلىرىدىن ھېچبىر سۆزنى قالدۇرمىدى. | 35 |
وشەیەک نەبوو لە هەموو ئەو شتانەی کە موسا فەرمانی پێ کردبوو، کە یەشوع نەیخوێنێتەوە، لەبەردەم هەموو کۆمەڵی ئیسرائیلدا بە ئافرەت و منداڵ و ئەو نامۆیانەش کە لەنێویاندا بوو. |