< يەشۇئا 7 >

لېكىن ئىسرائىل «ھارام» نەرسىلەر ئۈستىدە ئىتائەتسىزلىك قىلدى؛ چۈنكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراھنىڭ ئەۋرىسى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاقان دېگەن كىشى ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى. 1
Lékin Israil «haram» nersiler üstide itaetsizlik qildi; chünki Yehuda qebilisidin bolghan Zerahning ewrisi, Zabdining newrisi, Karmining oghli Aqan dégen kishi haram dep békitilgen nersilerdin alghanidi. Buning bilen Perwerdigarning ghezipi Israilgha qozghaldi.
يەشۇئا يېرىخودىن بەيت-ئەلنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بەيت-ئاۋەننىڭ يېنىدا بولغان ئايى شەھىرىگە بىرنەچچە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ ئۇ يەرگە چىقىپ ئۇ زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەملەر چىقىپ ئايى زېمىنىنى چارلاپ كەلدى. 2
Yeshua Yérixodin Beyt-Elning sherq teripidiki Beyt-Awenning yénida bolghan Ayi shehirige birnechche adem ewetip ulargha: — U yerge chiqip u zéminni charlap kélinglar, dep buyrudi. Shuning bilen u ademler chiqip Ayi zéminini charlap keldi.
ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يەشۇئاغا: ــ ھەممە خەلقنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، ئىككى-ئۈچ مىڭچە ئادەم بولسىلا ئايىغا ھۇجۇم قىلىپ [ئۇنى ئىگىلىيەلەيدۇ؛] ئۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر ئاز بولغاچقا، پۈتكۈل خەلقنى ئاۋارە قىلىپ ئۇ يەرگە ئەۋەتمىگىن، ــ دېدى. 3
Ular qaytip kélip, Yeshuagha: — Hemme xelqning u yerge bérishining hajiti yoq iken, ikki-üch mingche adem bolsila ayigha hujum qilip [uni igiliyeleydu; ] u yerde olturushluq kishiler az bolghachqa, pütkül xelqni aware qilip u yerge ewetmigin, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن خەلقتىن ئۈچ مىڭچە كىشى ئۇ يەرگە چىقتى؛ لېكىن بۇلار ئايىنىڭ ئادەملىرى ئالدىدىن قېچىپ كېتىشتى. 4
Shuning bilen xelqtin üch mingche kishi u yerge chiqti; lékin bular Ayining ademliri aldidin qéchip kétishti.
ئايىنىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن ئوتتۇز ئالتىچە كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ قالغانلارنى سېپىل قوۋۇقىنىڭ ئالدىدىن شېبارىمغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى داۋاندا ئۇلارنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدى. ئاندىن خەلقنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، قاتتىق ساراسىمگە چۈشتى. 5
Ayining ademliri ulardin ottuz altiche kishini urup öltürdi; qalghanlarni sépil qowuqining aldidin Shébarimghiche qoghlap bérip, u yerdiki dawanda ularni urup meghlup qildi. Andin xelqning yüriki su bolup, qattiq sarasimge chüshti.
يەشۇئا كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەرگە دۈم يىقىلىپ، باشلىرىغا توپىلارنى چېچىپ، ئۇ يەردە كەچ كىرگۈچە يېتىپ قالدى. 6
Yeshua kiyimlirini yirtip, Israilning aqsaqalliri Perwerdigarning ehde sanduqining aldida yerge düm yiqilip, bashlirigha topilarni chéchip, u yerde kech kirgüche yétip qaldi.
يەشۇئا: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار، سەن بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن، بۇ خەلقنى نېمىشقا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزگەنسەن؟ بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇۋەرگەن بولساق بوپتىكەن! 7
Yeshua: — Ah, Reb Perwerdigar, sen bizni Amoriylarning qoligha tapshurup halak qilish üchün, bu xelqni némishqa Iordan deryasining bu teripige ötküzgensen? Biz Iordan deryasining u teripide turuwergen bolsaq boptiken!
ئەي رەببىم! ئىسرائىل ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ قاچقان يەردە مەن نېمىمۇ دېيەلەيمەن؟ 8
Ey Rebbim! Israil öz düshmenlirining aldidin burulup qachqan yerde men némimu déyeleymen?
قانائانىيلار، شۇنداقلا زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بۇنى ئاڭلىسا بىزنى قاپسىۋېلىپ يەر يۈزىدىن نامىمىزنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ شۇ چاغدا سەن ئۇلۇغ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىسەن؟! ــ دېدى. 9
Qanaaniylar, shundaqla zéminda barliq turuwatqanlar buni anglisa bizni qapsiwélip yer yüzidin namimizni üzüp tashlaydu; shu chaghda Sen ulugh nam-shöhriting üchün némilerni qilisen?! — dédi.
لېكىن پەرۋەردىگار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئورنۇڭدىن قوپ! نېمىشقا شۇنداق دۈم ياتىسەن؟ 10
Lékin Perwerdigar Yeshuagha jawab bérip mundaq dédi: — «Ornungdin qop! Némishqa shundaq düm yatisen?
ئىسرائىل گۇناھ قىلدى! ئۇلار يەنە مەن ئۇلارغا تاپىلىغان ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئوغرىلىق قىلىپ، ئالدامچىلىق قىلىپ ھەم ھارام بېكىتىلگەننى ئۆز ماللىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ قويدى. 11
Israil gunah qildi! Ular yene Men ulargha tapilighan ehdemge xilapliq qilip, haram dep békitilgen nersilerdin élip, oghriliq qilip, aldamchiliq qilip hem haram békitilgenni öz mallirining arisigha tiqip qoydi.
شۇڭا ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى «ھارام» قىلىپ بېكىتىپ، مۇتلەق يوقىتىلىشقا يۈزلەنگەچكە، دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ ئارقىسىغا قاچىدۇ. ئەگەر سىلەر «ھارام» دەپ بېكىتىلگەننى ئاراڭلاردىن تامامەن يوق قىلمىساڭلار، مۇندىن كېيىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن. 12
Shunga Israillar düshmenlirining aldida tik turalmaydu; ular özlirini «haram» qilip békitip, mutleq yoqitilishqa yüzlen’gechke, düshmenlirining aldidin burulup arqisigha qachidu. Eger siler «haram» dep békitilgenni aranglardin tamamen yoq qilmisanglar, mundin kéyin men siler bilen bille bolmaymen.
ئەمدى سەن تۇرۇپ خەلقنى پاك-مۇقەددەس قىلىپ ئۇلارغا: ــ «ئەتە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىڭلار؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ ئەي ئىسرائىل، سەندە «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسە باردۇر؛ بۇ ھارام نەرسىنى ئاراڭلاردىن يوق قىلمىغۇچىلىك دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايسىلەر. 13
Emdi sen turup xelqni pak-muqeddes qilip ulargha: — «Ete üchün özünglarni pak qilinglar; chünki Israilning Xudasi Perwerdigar shundaq deydu: — Ey Israil, sende «haram» dep békitilgen nerse bardur; bu haram nersini aranglardin yoq qilmighuchilik düshmenliringlarning aldida tik turalmaysiler.
ئەتە سەھەردە سىلەر قەبىلە بويىچە ھازىر قىلىنىسىلەر؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بېكىتكەن قەبىلە جەمەت-جەمەتى بويىچە بىردىن-بىردىن ئالدىغا كەلسۇن؛ پەرۋەردىگار بېكىتكەن جەمەت ئائىلە-ئائىلە بويىچە بىردىن-بىردىن ھازىر بولۇپ ئالدىغا كەلسۇن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار بېكىتكەن ئائىلىدىكى ئەركەكلەر بىردىن-بىردىن ئالدىغا كېلىپ ھازىر بولسۇن. 14
Ete seherde siler qebile boyiche hazir qilinisiler; shundaq boliduki, Perwerdigar békitken qebile jemet-jemeti boyiche birdin-birdin aldigha kelsun; Perwerdigar békitken jemet aile-aile boyiche birdin-birdin hazir bolup aldigha kelsun; andin Perwerdigar békitken ailidiki erkekler birdin-birdin aldigha kélip hazir bolsun.
شۇنداق بولىدۇكى، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىنى ئۆز يېنىدا ساقلىغان كىشى تېپىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەم شۇنداقلا ئىسرائىل ئىچىدە رەزىللىك سادىر قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق تەۋە بولغانلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن، ــ دەيدۇ»، دەپ ئېيتقىن». 15
Shundaq boliduki, haram dep békitilgen nersini öz yénida saqlighan kishi tépilghanda, Perwerdigarning ehdisige xilapliq qilghanliqi üchün hem shundaqla Israil ichide rezillik sadir qilghini üchün u we uninggha barliq tewe bolghanlar otta köydürülsun, — deydu», dep éytqin».
يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ ئىسرائىلنى ئالدىغا يىغىپ، قەبىلە-قەبىلىنى ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسى بېكىتىلدى؛ 16
Yeshua etisi tang seherde turup Israilni aldigha yighip, qebile-qebilini hazir qiliwidi, Yehuda qebilisi békitildi;
ئۇ يەھۇدانىڭ جەمەتلىرىنى ھازىر قىلىۋىدى، زارھىيلار جەمەتى بېكىتىلدى. ئۇ زارھىيلار جەمەتىنى ئائىلە-ئائىلە بويىچە ئالدىغا كەلتۈرۈۋىدى، زابدى دېگەن كىشى بېكىتىلدى. 17
u Yehudaning jemetlirini hazir qiliwidi, Zarhiylar jemeti békitildi. U Zarhiylar jemetini aile-aile boyiche aldigha keltürüwidi, Zabdi dégen kishi békitildi.
زابدى ئۆز ئائىلىسىدىكى ئەركەكلەرنى بىردىن-بىردىن ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسىدىن زەراھنىڭ ئەۋلادى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاقان بېكىتىلدى. 18
Zabdi öz ailisidiki erkeklerni birdin-birdin hazir qiliwidi, Yehuda qebilisidin Zerahning ewladi, Zabdining newrisi, Karmining oghli Aqan békitildi.
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئاقانغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپنى قايتۇرۇپ بېرىپ، [ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن] قىلغانلىرىڭنى ئىقرار قىلغىن؛ مەندىن ھېچنېمىنى يوشۇرماي، قىلغىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى. 19
Shuning bilen Yeshua Aqan’gha: — Ey oghlum, Israilning Xudasi Perwerdigargha shan-sherepni qayturup bérip, [Uning hörmiti üchün] qilghanliringni iqrar qilghin; mendin héchnémini yoshurmay, qilghiningning hemmisini manga éytqin, dédi.
ئاقان يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن دەرۋەقە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلىپ، مۇنداق-مۇنداق قىلدىم: 20
Aqan Yeshuagha jawab bérip: — Men derweqe Israilning Xudasi Perwerdigar aldida gunah qilip, mundaq-mundaq qildim:
مەن ئولجىنىڭ ئارىسىدىن شىناردا چىققان چىرايلىق بىر تونغا، ئىككى يۈز شەكەل كۈمۈش، ئەللىك شەكەل ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن تاختىغا كۆزۈم قىزىرىپ ئۇلارنى ئېلىۋالدىم. مانا، بۇ نەرسىلەرنى چېدىرىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە كۆمۈپ قويدۇم، كۈمۈش ئۇلارنىڭ ئاستىدا، ــ دېدى. 21
men oljining arisidin Shinarda chiqqan chirayliq bir ton’gha, ikki yüz shekel kümüsh, ellik shekel éghirliqtiki altun taxtigha közüm qizirip ularni éliwaldim. Mana, bu nersilerni chédirimning otturisidiki yerge kömüp qoydum, kümüsh ularning astida, — dédi.
شۇلارنى دېۋىدى، يەشۇئا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلار چېدىرغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە مانا، نەرسىلەر دەرۋەقە چېدىردا يوشۇرۇقلۇق بولۇپ، كۈمۈش بۇلارنىڭ ئاستىدا ئىدى. 22
Shularni déwidi, Yeshua elchilerni ewetti, ular chédirgha yügürüp bardi we mana, nersiler derweqe chédirda yoshuruqluq bolup, kümüsh bularning astida idi.
ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى چېدىردىن ئېلىپ چىقىپ يەشۇئاغا، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. 23
Ular bu nersilerni chédirdin élip chiqip Yeshuagha, shundaqla barliq Israillarning qéshigha keltürüp, Perwerdigarning aldigha qoydi.
ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ زەراھنىڭ ئوغلى ئاقاننى، كۈمۈش، تون ۋە ئالتۇن تاختا بىلەن قوشۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى، ئۇيلىرى بىلەن ئېشەكلىرى، قويلىرى، چېدىرى بىلەن بارلىق تەۋەلىكلىرىنى ئېلىپ ئاقور جىلغىسىغا كەلتۈردى. 24
Andin Yeshua bilen pütkül Israil jamaiti qopup Zerahning oghli Aqanni, kümüsh, ton we altun taxta bilen qoshup, uning oghulliri bilen qizlirini, uyliri bilen éshekliri, qoyliri, chédiri bilen barliq teweliklirini élip Aqor jilghisigha keltürdi.
يەشۇئا ئاقانغا: ــ سەن بېشىمىزغا قانچىلىك ئاپەت كەلتۈردۈڭ! مانا، بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ، ــ دېدى. ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ھەممىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. 25
Yeshua Aqan’gha: — Sen béshimizgha qanchilik apet keltürdüng! Mana, bügün Perwerdigar séning üstüngge apet keltüridu, — dédi. Andin pütkül Israil jamaiti uni chalma-kések qilip öltürdi. Ular ailisidikilernimu chalma-kések qilip öltürgendin kéyin, hemmini otta köydürüwetti.
ئاندىن خالايىق بىر چوڭ دۆۋە تاشنى ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ ئۇ يەردە تۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ياندى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەرگە «ئاپەت جىلغىسى» [«(ئاقور جىلغىسى)»] دەپ نام قويۇلدى ۋە بۇ كۈنگىچە شۇنداق ئاتالماقتا. 26
Andin xalayiq bir chong döwe tashni uning üstige döwilep qoydi. Bügün’ge qeder u u yerde turmaqta. Buning bilen Perwerdigarning ghezipi yandi. Shuning bilen shu yerge «Apet jilghisi» [«(Aqor jilghisi)»] dep nam qoyuldi we bu kün’giche shundaq atalmaqta.

< يەشۇئا 7 >