< يەشۇئا 6 >
يېرىخو سېپىلىنىڭ قوۋۇق-دەرۋازىلىرى ئىسرائىللارنىڭ سەۋەبىدىن مەھكەم ئېتىلىپ، ھېچكىم چىقالمايتتى، ھېچكىم كىرەلمەيتتى. | 1 |
Yeriho sepilining ⱪowuⱪ-dǝrwaziliri Israillarning sǝwǝbidin mǝⱨkǝm etilip, ⱨeqkim qiⱪalmaytti, ⱨeqkim kirǝlmǝytti.
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ مانا، مەن يېرىخو شەھىرىنى، پادىشاھىنى ھەمدە باتۇر جەڭچىلىرىنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم. | 2 |
Pǝrwǝrdigar Yǝxuaƣa sɵz ⱪilip: — Mana, Mǝn Yeriho xǝⱨirini, padixaⱨini ⱨǝmdǝ batur jǝngqilirini ⱪolungƣa tapxurdum.
ئەمدى سىلەر، يەنى بارلىق جەڭچىلەر شەھەرنى بىر قېتىم ئايلىنىپ مېڭىڭلار؛ ئالتە كۈنگىچە ھەر كۈنى شۇنداق قىلىڭلار. | 3 |
Əmdi silǝr, yǝni barliⱪ jǝngqilǝr xǝⱨǝrni bir ⱪetim aylinip menginglar; altǝ küngiqǝ ⱨǝr küni xundaⱪ ⱪilinglar.
ھەمدە يەتتە كاھىن ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا قوچقار مۈڭگۈزىدىن ئېتىلگەن يەتتە بۇرغىنى كۆتۈرۈپ ماڭسۇن؛ يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە سىلەر شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلىنىسىلەر؛ كاھىنلار بۇرغىلارنى چالسۇن. | 4 |
Ⱨǝmdǝ yǝttǝ kaⱨin ǝⱨdǝ sanduⱪining aldida ⱪoqⱪar münggüzidin etilgǝn yǝttǝ burƣini kɵtürüp mangsun; yǝttinqi künigǝ kǝlgǝndǝ silǝr xǝⱨǝrni yǝttǝ ⱪetim aylinisilǝr; kaⱨinlar burƣilarni qalsun.
شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار قوچقار بۇرغىلىرى بىلەن سوزۇپ بىر ئاۋاز چىقارغىنىدا، بارلىق كىشىلەر بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قاتتىق تەنتەنە قىلىپ توۋلىسۇن؛ بۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ سېپىللىرى تېگىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، ھەربىر ئادەم ئالدىغا قاراپ ئېتىلىپ كىرىدۇ، ــ دېدى. | 5 |
Xundaⱪ boliduki, ular ⱪoqⱪar burƣiliri bilǝn sozup bir awaz qiⱪarƣinida, barliⱪ kixilǝr burƣining awazini anglap, ⱪattiⱪ tǝntǝnǝ ⱪilip towlisun; buning bilǝn xǝⱨǝrning sepilliri tegidin ɵrülüp qüxidu, ⱨǝrbir adǝm aldiƣa ⱪarap etilip kiridu, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كاھىنلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىڭلار؛ يەتتە كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭسۇن، دېدى. | 6 |
Xuning bilǝn Nunning oƣli Yǝxua kaⱨinlarni qaⱪirip ularƣa: — Silǝr ǝⱨdǝ sanduⱪini kɵtürüp menginglar; yǝttǝ kaⱨin Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪining aldida yǝttǝ ⱪoqⱪar burƣisini kɵtürüp mangsun, dedi
ئۇ خەلققە: ــ چىقىپ شەھەرنى ئايلىنىڭلار؛ قوراللىق لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن، دېدى. | 7 |
U hǝlⱪⱪǝ: — Qiⱪip xǝⱨǝrni aylininglar; ⱪoralliⱪ lǝxkǝrlǝr Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪining aldida mangsun, dedi.
يەشۇئا بۇنى خەلققە بۇيرۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرگەن يەتتە كاھىن ئالدىغا مېڭىپ بۇرغىلارنى چالدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئېلىپ مېڭىلدى. | 8 |
Yǝxua buni hǝlⱪⱪǝ buyruƣandin keyin, Pǝrwǝrdigarning aldida yǝttǝ ⱪoqⱪar burƣisini kɵtürgǝn yǝttǝ kaⱨin aldiƣa mengip burƣilarni qaldi; Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪi bolsa ularning kǝynidin elip mengildi.
قوراللىق لەشكەرلەر بۇرغا چېلىۋاتقان كاھىنلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئارقىدىن قوغدىغۇچى قوشۇن ئەگىشىپ ماڭدى. كاھىنلار ماڭغاچ بۇرغا چالاتتى. | 9 |
Ⱪoralliⱪ lǝxkǝrlǝr burƣa qeliwatⱪan kaⱨinlarning aldida mangdi; ǝⱨdǝ sanduⱪining arⱪidin ⱪoƣdiƣuqi ⱪoxun ǝgixip mangdi. Kaⱨinlar mangƣaq burƣa qalatti.
يەشۇئا خەلققە بۇيرۇپ: ــ مەن سىلەرگە: «توۋلاڭلار» دېمىگۈچە نە توۋلىماڭلار، نە ئاۋازىڭلارنى چىقارماڭلار، نە ئاغزىڭلاردىن ھېچبىر سۆزمۇ چىقمىسۇن؛ لېكىن سىلەرگە «توۋلاڭلار» دېگەن كۈنىدە، شۇ چاغدا توۋلاڭلار، ــ دېگەنىدى. | 10 |
Yǝxua hǝlⱪⱪǝ buyrup: — Mǝn silǝrgǝ: «Towlanglar» demigüqǝ nǝ towlimanglar, nǝ awazinglarni qiⱪarmanglar, nǝ aƣzinglardin ⱨeqbir sɵzmu qiⱪmisun; lekin silǝrgǝ «Towlanglar» degǝn künidǝ, xu qaƣda towlanglar, — degǝnidi.
شۇ تەرىقىدە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ شەھەرنى بىر ئايلاندى. خالايىق چېدىرگاھقا قايتىپ كېلىپ، چېدىرگاھدا قوندى. | 11 |
Xu tǝriⱪidǝ ular Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪini kɵtürüp xǝⱨǝrni bir aylandi. Halayiⱪ qedirgaⱨⱪa ⱪaytip kelip, qedirgaⱨda ⱪondi.
ئەتىسى يەشۇئا تاڭ سەھەردە قوپتى، كاھىنلارمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەنە كۆتۈردى؛ | 12 |
Ətisi Yǝxua tang sǝⱨǝrdǝ ⱪopti, kaⱨinlarmu Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪini yǝnǝ kɵtürdi;
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرگەن يەتتە كاھىن ئالدىغا مېڭىپ توختىماي چېلىپ ماڭاتتى؛ [كاھىنلار] ماڭغاچ بۇرغا چالغاندا، قوراللىق لەشكەرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، ئارقىدىن قوغدىغۇچى قوشۇن ئەگىشىپ ماڭدى. | 13 |
Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪining aldida yǝttǝ ⱪoqⱪar burƣisini kɵtürgǝn yǝttǝ kaⱨin aldiƣa mengip tohtimay qelip mangatti; [kaⱨinlar] mangƣaq burƣa qalƣanda, ⱪoralliⱪ lǝxkǝrlǝr ularning aldida mangdi, arⱪidin ⱪoƣdiƣuqi ⱪoxun ǝgixip mangdi.
ئىككىنچى كۈنىمۇ ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتراپىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ، يەنە چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى. ئۇلار ئالتە كۈنگىچە شۇنداق قىلىپ تۇردى. | 14 |
Ikkinqi künimu ular xǝⱨǝrning ǝtrapini bir ⱪetim aylinip, yǝnǝ qedirgaⱨⱪa yenip kǝldi. Ular altǝ küngiqǝ xundaⱪ ⱪilip turdi.
يەتتىنچى كۈنى ئۇلار تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ئوخشاش ھالەتتە يەتتە قېتىم شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئايلاندى؛ پەقەت شۇ كۈنىلا ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتراپىنى يەتتە قېتىم ئايلاندى. | 15 |
Yǝttinqi küni ular tang sǝⱨǝrdǝ ⱪopup, ohxax ⱨalǝttǝ yǝttǝ ⱪetim xǝⱨǝrning ǝtrapini aylandi; pǝⱪǝt xu künila ular xǝⱨǝrning ǝtrapini yǝttǝ ⱪetim aylandi.
يەتتىنچى قېتىم ئايلىنىپ بولۇپ، كاھىنلار بۇرغا چالغاندا يەشۇئا خەلققە: ــ ئەمدى توۋلاڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى! | 16 |
Yǝttinqi ⱪetim aylinip bolup, kaⱨinlar burƣa qalƣanda Yǝxua hǝlⱪⱪǝ: — Əmdi towlanglar! Qünki Pǝrwǝrdigar xǝⱨǝrni silǝrgǝ tapxurup bǝrdi!
لېكىن شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغانلىقى ئۈچۈن [سىلەرگە] «ھارام»دۇر؛ پەقەت پاھىشە ئايال راھاب بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆيىدىكىلەرلا ئامان قالسۇن؛ چۈنكى ئۇ بىز ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قويغانىدى. | 17 |
Lekin xǝⱨǝr wǝ uning iqidiki barliⱪ nǝrsilǝr Pǝrwǝrdigarƣa mutlǝⱪ atalƣanliⱪi üqün [silǝrgǝ] «ⱨaram»dur; pǝⱪǝt paⱨixǝ ayal Raⱨab bilǝn uning pütün ɵyidikilǝrla aman ⱪalsun; qünki u biz ǝwǝtkǝn ǝlqilirimizni yoxurup ⱪoyƣanidi.
لېكىن سىلەر قانداقلا بولمىسۇن «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئۆزۈڭلارنى تارتىڭلار؛ بولمىسا، «ھارام» قىلىنغان نەرسىلەردىن ئېلىشىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ھارام قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىمۇ ھارام قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرىسىلەر. | 18 |
Lekin silǝr ⱪandaⱪla bolmisun «ⱨaram» dǝp bekitilgǝn nǝrsilǝrdin ɵzünglarni tartinglar; bolmisa, «ⱨaram» ⱪilinƣan nǝrsilǝrdin elixinglar bilǝn ɵzünglarni ⱨaram ⱪilip, Israilning qedirgaⱨinimu ⱨaram ⱪilip uning üstigǝ apǝt qüxürisilǝr.
ئەمما بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈردىن بولغان نەرسىلەر بولسا پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىنسۇن؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە كىرگۈزۇلسۇن، ــ دېدى. | 19 |
Əmma barliⱪ altun-kümüx, mis wǝ tɵmürdin bolƣan nǝrsilǝr bolsa Pǝrwǝrdigarƣa muⱪǝddǝs ⱪilinsun; ular Pǝrwǝrdigarning hǝzinisigǝ kirgüzulsun, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن خەلق توۋلىشىپ، كاھىنلار بۇرغا چالدى. شۇنداق بولدىكى، خەلق بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدا ئىنتايىن قاتتىق توۋلىۋىدى، سېپىل تېگىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشتى؛ خەلق ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ، ھەربىرى ئۆز ئالدىغا ئاتلىنىپ كىرىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلدى. | 20 |
Xuning bilǝn hǝlⱪ towlixip, kaⱨinlar burƣa qaldi. Xundaⱪ boldiki, hǝlⱪ burƣa awazini angliƣinida intayin ⱪattiⱪ towliwidi, sepil tegidin ɵrülüp qüxti; hǝlⱪ uning üstidin ɵtüp, ⱨǝrbiri ɵz aldiƣa atlinip kirip, xǝⱨǝrni ixƣal ⱪildi.
ئۇلار ئەر-ئايال بولسۇن، قېرى-ياش بولسۇن، قوي-كالا ۋە ئېشەكلەر بولسۇن شەھەر ئىچىدىكى ھەممىنى قىلىچلاپ يوقاتتى. | 21 |
Ular ǝr-ayal bolsun, ⱪeri-yax bolsun, ⱪoy-kala wǝ exǝklǝr bolsun xǝⱨǝr iqidiki ⱨǝmmini ⱪiliqlap yoⱪatti.
يەشۇئا ئۇ زېمىننى چارلاپ كەلگەن ئىككى ئادەمگە: ــ سىلەر ئۇ پاھىشە خوتۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن قەسىمىڭلار بويىچە ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چىقىڭلار، دېدى. | 22 |
Yǝxua u zeminni qarlap kǝlgǝn ikki adǝmgǝ: — Silǝr u paⱨixǝ hotunning ɵyigǝ kirip, uningƣa bǝrgǝn ⱪǝsiminglar boyiqǝ uni wǝ uningƣa tǝwǝ bolƣanlarning ⱨǝmmisini elip qiⱪinglar, dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئىككى چارلىغۇچى ياش يىگىت كىرىپ، راھابنى ئاتا-ئانىسى بىلەن قېرىنداشلىرىغا قوشۇپ ھەممە نەرسىلىرى بىلەن ئېلىپ چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. | 23 |
Xuning bilǝn ikki qarliƣuqi yax yigit kirip, Raⱨabni ata-anisi bilǝn ⱪerindaxliriƣa ⱪoxup ⱨǝmmǝ nǝrsiliri bilǝn elip qiⱪti; ular uning barliⱪ uruⱪ-tuƣⱪanlirini elip kelip, ularni Israilning qedirgaⱨining sirtiƣa orunlaxturup ⱪoydi.
خالايىق شەھەرنى ۋە شەھەر ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈردىن بولغان قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى يىغىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى. | 24 |
Halayiⱪ xǝⱨǝrni wǝ xǝⱨǝr iqidiki ⱨǝmmǝ nǝrsilǝrni ot yeⱪip kɵydürüwǝtti. Pǝⱪǝt altun-kümüx, mis wǝ tɵmürdin bolƣan ⱪaqa-ⱪuqa ǝswablarni yiƣip, Pǝrwǝrdigarning ɵyining hǝzinisigǝ ǝkirip ⱪoydi.
لېكىن يەشۇئا پاھىشە ئايال راھابنى، ئاتا جەمەتىدىكىلەرنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تىرىك ساقلاپ قالدى؛ ئۇ بۈگۈنگىچە ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەشۇئا يېرىخونى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى يوشۇرۇپ قويغانىدى. | 25 |
Lekin Yǝxua paⱨixǝ ayal Raⱨabni, ata jǝmǝtidikilǝrni wǝ uningƣa tǝwǝ bolƣanlirining ⱨǝmmisini tirik saⱪlap ⱪaldi; u bügüngiqǝ Israil arisida turuwatidu; qünki u Yǝxua Yerihoni qarlaxⱪa ǝwǝtkǝn ǝlqilǝrni yoxurup ⱪoyƣanidi.
ئۇ چاغدا يەشۇئا ئاگاھ-بېشارەت بېرىپ: ــ بۇ يېرىخو شەھىرىنى قايتىدىن ياساشقا قوپقان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قارغىش ئاستىدا بولىدۇ؛ ئۇ شەھەرنىڭ ئۇلىنى سالغاندا تۇنجى ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ، شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان چاغدا كىچىك ئوغلىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، ــ دېدى. | 26 |
U qaƣda Yǝxua agaⱨ-bexarǝt berip: — Bu Yeriho xǝⱨirini ⱪaytidin yasaxⱪa ⱪopⱪan kixi Pǝrwǝrdigarning aldida ⱪarƣix astida bolidu; u xǝⱨǝrning ulini salƣanda tunji oƣlidin ayrilidu, xǝⱨǝrning ⱪowuⱪlirini orunlaxturidiƣan qaƣda kiqik oƣlidinmu ayrilidu, — dedi.
پەرۋەردىگار يەشۇئا بىلەن بىللە ئىدى؛ ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى پۈتكۈل زېمىنغا كەڭ تارقالدى. | 27 |
Pǝrwǝrdigar Yǝxua bilǝn billǝ idi; uning nam-xɵⱨriti pütkül zeminƣa kǝng tarⱪaldi.