< يەشۇئا 4 >
پۈتكۈل خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن تامامەن ئۆتۈپ بولغاندا، پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ | 1 |
Quibus transgressis, dixit Dominus ad Josue:
خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى ئادەمنى تاللىغىن، ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم بولسۇن، | 2 |
Elige duodecim viros singulos per singulas tribus:
ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى مەزمۇت تۇرغان جايدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۆزۈڭلار بۈگۈن كېچە بارگاھ تىكىدىغان يەرگە قويۇڭلار، دېگىن، دېدى. | 3 |
et præcipe eis ut tollant de medio Jordanis alveo, ubi steterunt pedes sacerdotum, duodecim durissimos lapides, quos ponetis in loco castrorum, ubi fixeritis hac nocte tentoria.
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئادەمنى، يەنى ئىسرائىللار ئارىسىدىن تاللىغان ئون ئىككى كىشىنى چاقىردى؛ | 4 |
Vocavitque Josue duodecim viros, quos elegerat de filiis Israël, singulos de singulis tribubus,
ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانىغا ماس ھالدا بىردىن تاشنى ئېلىپ مۈرەڭلەرگە قويۇڭلار. | 5 |
et ait ad eos: Ite ante arcam Domini Dei vestri ad Jordanis medium, et portate inde singuli singulos lapides in humeris vestris, juxta numerum filiorum Israël,
چۈنكى بۇ ئاراڭلاردا بىر ئەسلەتمە-بەلگە بولىدۇ؛ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار: ــ بۇ تاشلارنىڭ سىلەرگە نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ــ دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇلارغا: ــ | 6 |
ut sit signum inter vos: et quando interrogaverint vos filii vestri cras, dicentes: Quid sibi volunt isti lapides?
ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ئۈزۈپ قويۇلدى؛ [ئەھدە ساندۇقى] ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى ئۈزۈپ قويۇلدى؛ شۇڭا بۇ تاشلار ئىسرائىللارغا مەڭگۈلۈك بىر ئەسلەتمە-بەلگە بولىدۇ، ــ دەپ جاۋاپ بېرىسىلەر. | 7 |
respondebitis eis: Defecerunt aquæ Jordanis ante arcam fœderis Domini, cum transiret eum: idcirco positi sunt lapides isti in monimentum filiorum Israël usque in æternum.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار يەشۇئا ئۇلارغا بۇيرۇغاندەك قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ سانىغا مۇۋاپىق ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، قونىدىغان جايغا كۆتۈرۈپ بېرىپ، شۇ يەردە قويۇپ قويدى. | 8 |
Fecerunt ergo filii Israël sicut præcepit eis Josue, portantes de medio Jordanis alveo duodecim lapides, ut Dominus ei imperarat, juxta numerum filiorum Israël, usque ad locum in quo castrametati sunt, ibique posuerunt eos.
بۇنىڭدىن باشقا يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى مۇستەھكەم تۇرغان جايدا ئون ئىككى تاشنى تىكلەپ قويدى. بۇ تاشلار بولسا بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ. | 9 |
Alios quoque duodecim lapides posuit Josue in medio Jordanis alveo, ubi steterunt sacerdotes qui portabant arcam fœderis: et sunt ibi usque in præsentem diem.
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا خەلققە ئېيتىشقا تاپىلىغان بارلىق ئىشلار ئورۇنلانغۇچىلىك، يەنى مۇسا ئەسلىدە يەشۇئاغا بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسى بەجا كەلتۈرۈلگۈچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇردى. خەلق شۇ يەردىن تېزدىن ئۆتۈۋاتاتتى. | 10 |
Sacerdotes autem qui portabant arcam, stabant in Jordanis medio, donec omnia complerentur, quæ Josue, ut loqueretur ad populum, præceperat Dominus, et dixerat ei Moyses. Festinavitque populus, et transiit.
شۇنداق بولدىكى، بارلىق خەلق تامامەن ئۆتۈپ بولغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ [ئەھدە] ساندۇقى بىلەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. | 11 |
Cumque transissent omnes, transivit et arca Domini, sacerdotesque pergebant ante populum.
رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرمۇ مۇسانىڭ ئۇلارغا بۇيرۇغىنىدەك سەپتە تۈزۈپ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتتى. | 12 |
Filii quoque Ruben, et Gad, et dimidia tribus Manasse, armati præcedebant filios Israël, sicut eis præceperat Moyses:
جەمئىي بولۇپ قىرىق مىڭچە قوراللانغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، يېرىخو تۈزلەڭلىكلىرىگە كېلىپ، جەڭ قىلىشقا تەييار تۇردى. | 13 |
et quadraginta pugnatorum millia per turmas, et cuneos, incedebant per plana atque campestria urbis Jericho.
ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار يەشۇئانى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ نەزىرىدە چوڭ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە مۇسادىن قورققاندەك ئۇنىڭدىنمۇ قورقتى. | 14 |
In die illo magnificavit Dominus Josue coram omni Israël, ut timerent eum, sicut timuerant Moysen, dum adviveret.
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ | 15 |
Dixitque ad eum:
ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ــ ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار، دەپ بۇيرۇغىن، دېدى. | 16 |
Præcipe sacerdotibus, qui portant arcam fœderis, ut ascendant de Jordane.
شۇڭا يەشۇئا كاھىنلارغا: ــ ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. | 17 |
Qui præcepit eis, dicens: Ascendite de Jordane.
شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، پۇتلىرىنىڭ تاپىنى قۇرۇقلۇقنى دەسسىشى بىلەنلا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى يەنە ئۆز جايىغا قايتىپ كېلىپ، ئاۋۋالقىدەك ئىككى قىرغىقىغىچە تېشىپ ئېقىشقا باشلىدى. | 18 |
Cumque ascendissent portantes arcam fœderis Domini, et siccam humum calcare cœpissent, reversæ sunt aquæ in alveum suum, et fluebant sicut ante consueverant.
خەلق بولسا بىرىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يېرىخونىڭ شەرقىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىكى گىلگالغا كېلىپ چېدىرگاھ تىكتى. | 19 |
Populus autem ascendit de Jordane decimo die mensis primi, et castrametati sunt in Galgalis contra orientalem plagam urbis Jericho.
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئالغاچ كەلگەن ئون ئىككى تاشنى بولسا، يەشۇئا ئۇلارنى گىلگالدا تىكلەپ قويدى؛ | 20 |
Duodecim quoque lapides, quos de Jordanis alveo sumpserant, posuit Josue in Galgalis,
ئاندىن ئىسرائىللارغا: ــ كېيىن بالىلىرىڭلار ئۆز ئاتىلىرىدىن: ــ بۇ تاشلارنىڭ ئەھمىيىتى نېمە، دەپ سورىسا، | 21 |
et dixit ad filios Israël: Quando interrogaverint filii vestri cras patres suos, et dixerint eis: Quid sibi volunt lapides isti?
سىلەر بالىلىرىڭلارغا مۇنداق ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار: ــ «ئىسرائىل ئىلگىرى قۇرۇق يەرنى دەسسەپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەنىدى؛ | 22 |
docebitis eos, atque dicetis: Per arentem alveum transivit Israël Jordanem istum,
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈچە ئالدىمىزدا ئۇنىڭ سۇلىرىنى قۇرۇتۇپ بەرگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر ئۆتكۈچە ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇپ بەردى؛ | 23 |
siccante Domino Deo vestro aquas ejus in conspectu vestro, donec transiretis, sicut fecerat prius in mari Rubro, quod siccavit donec transiremus:
يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ قولىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىنى بىلسۇن، شۇنداقلا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن ھەمىشە قورقۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۇ شۇنداق قىلدى» ــ دېدى. | 24 |
ut discant omnes terrarum populi fortissimam Domini manum, ut et vos timeatis Dominum Deum vestrum omni tempore.