< يەشۇئا 3 >

يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن شىتتىمدىن ئايرىلىپ ئىئوردان دەرياسىغا كەلدى؛ ئۇلار دەريادىن ئۆتكۈچە شۇ يەردە بارگاھ تىكىپ تۇردى. 1
Adeɛ kyee anɔpahema no, Yosua ne Israelfoɔ no nyinaa tu firii Sitim kɔduruu Asubɔnten Yordan nsunoa, baabi a wɔtenaa nna kakra ansa na wɔretwa.
ئۈچ كۈن توشۇپ، سەردارلار چېدىرگاھتىن ئۆتۈپ، 2
Nnansa akyi no, Israelfoɔ ntuanofoɔ no faa atenaeɛ hɔ nyinaa
خەلققە ئەمر قىلىپ: ــ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، يەنى لاۋىيلارنىڭ ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىنى كۆرگەن ھامان، تۇرغان ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىڭلار. 3
maa nnipa no akwankyerɛ sɛ, “Sɛ mohunu sɛ Lewifoɔ asɔfoɔ no so Awurade, mo Onyankopɔn Apam Adaka no a, monni wɔn akyi.
لېكىن ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىڭلاردا ئىككى مىڭ گەز ئارىلىق قالسۇن؛ قايسى يول بىلەن ماڭىدىغىنىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئىلگىرى مۇشۇ يول بىلەن مېڭىپ باقمىغانسىلەر، ــ دېدى. 4
Esiane sɛ momfaa ha da no enti, wɔbɛkyerɛ mo ɛkwan. Momma akwansini fa nna mo ne wɔn ntam, na moammɛn Apam Adaka no. Monhwɛ na moammɛn ho.”
يەشۇئا خەلققە: ــ ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىڭلار، چۈنكى ئەتە پەرۋەردىگار ئاراڭلاردا مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، ــ دېدى. 5
Yosua ka kyerɛɛ nkurɔfoɔ no sɛ, “Monnwira mo ho, ɛfiri sɛ, ɔkyena Awurade bɛyɛ anwanwadeɛ wɔ mo mu.”
ئاندىن يەشۇئا كاھىنلارغا: ــ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار، دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 6
Anɔpa no, Yosua ka kyerɛɛ asɔfoɔ no sɛ, “Mompagya Apam Adaka no na momfa nni nnipa no anim ntwa asubɔnten no.” Ɛno enti wɔsiim.
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ ھەممە ئىسرائىلنىڭ مېنىڭ مۇسا بىلەن بىللە بولغىنىمدەك، سېنىڭ بىلەنمۇ بىللە بولىدىغانلىقىمنى بىلىشى ئۈچۈن بۈگۈندىن ئېتىبارەن سېنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چوڭ قىلىمەن. 7
Awurade ka kyerɛɛ Yosua sɛ, “Ɛnnɛ, mɛhyɛ aseɛ ayɛ wo kɛseɛ wɔ Israelfoɔ no nyinaa ani so. Na ɛbɛma wɔahunu sɛ, meka wo ho sɛdeɛ na meka Mose ho no.
ئەمدى سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلگەندە، ئىئوردان دەرياسى ئىچىدە تۇرۇڭلار، ــ دېگىن، ــ دېدى. 8
Fa saa akwankyerɛ yi ma asɔfoɔ a wɔso Apam Adaka no: ‘Sɛ moduru Asubɔnten Yordan nsunoa hɔ a, monnante nkɔ nsuo no mu kakra na monnyina.’”
يەشۇئا ئىسرائىللارغا: ــ بۇ ياققا كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، دېدى. 9
Na Yosua ka kyerɛɛ Israelfoɔ no sɛ, “Mommra mmɛtie asɛm a Awurade, mo Onyankopɔn aka.
ئاندىن يەشۇئا: ــ مانا، سىلەر شۇ ئىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھايات تەڭرىنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ھەيدىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر ــ پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسى ئىچىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. 10
Ɛnnɛ mobɛhunu sɛ Onyankopɔn teasefoɔ no ka mo ho. Ampa ara ɔbɛpam Kanaanfoɔ, Hetifoɔ, Hewifoɔ, Perisifoɔ, Girgasifoɔ, Amorifoɔ ne Yebusifoɔ.
11
Monnwene ho! Apam Adaka a ɛyɛ Awurade a asase nyinaa yɛ ne dea no bɛdi mo anim de mo atware Asubɔnten Yordan.
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئون ئىككى ئادەمنى تاللاڭلار، ھەرقايسى قەبىلىدىن بىردىن بولسۇن؛ 12
Afei, monyiyi nnipa dumienu a ɔbaako biara firi mmusuakuo dumienu no mu.
شۇنداق بولىدۇكى، پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ تاپىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىگە تەگكەندە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى، يەنى باش ئېقىنىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇلار ئۈزۈپ تاشلىنىپ، دەريا كۆتۈرۈلۈپ دۆڭ بولىدۇ، ــ دېدى. 13
Asɔfoɔ no bɛsoa Awurade a ɔyɛ asase nyinaa wura no Adaka no. Sɛ wɔn nan nya si nsuo no mu ara pɛ, asuo no bɛtwa afiri atifi ama ano aboa wɔ hɔ.”
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، خەلق چېدىرلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ 14
Ɛberɛ a nnipa no sɔree sɛ wɔrekɔtwa Yordan no, asɔfoɔ a na wɔso Apam Adaka no dii wɔn anim.
ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگۈچىلەر ئىئوردان دەرياسىغا يېتىپ كېلىپ، پۇتلىرى سۇغا تېگىشى بىلەنلا (ئورما ۋاقتىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىن تېشىپ چىقىدۇ)، 15
Na ɛyɛ otwaberɛ mu enti na Yordan no ayiri aba nsunoa. Nanso, asɔfoɔ a wɔso Adaka no nan sii asuo no ano pɛ,
يۇقىرى ئېقىندىكى سۇلار خېلى يىراقتىلا، زارەتاننىڭ يېنىدىكى ئادەم شەھىرىنىڭ يېنىدا توختاپ، دۆڭ بولدى؛ ئاراباھ تۈزلەڭلىكى بويىدىكى دېڭىزغا، يەنى «شور دېڭىزى»غا ئېقىپ چۈشۈۋاتقان كېيىنكى ئېقىمى ئۈزۈلۈپ قالدى؛ خەلق بولسا يېرىخو شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن [دەريادىن] ئۆتۈپ ماڭدى. 16
asuo no ano hyɛɛ aseɛ boaa wɔ nʼatifi fam, baabi a wɔfrɛ hɔ Adam a ɛbɛn Saretan. Na asuo a ɛwɔ anafoɔ no nso tene kɔguu Nkyene Ɛpo no mu kɔsii sɛ asuo no subɔnhwa no weeɛ. Enti, nnipa no nyinaa twaa wɔ beaeɛ bi a ɛbɛn Yeriko kuropɔn no.
پۈتكۈل ئىسرائىل قۇرۇق يەرنى دەسسەپ، بارلىق خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن پۈتۈنلەي ئۆتۈپ بولغۇچىلىك، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇق يەردە مەزمۇت تۇردى. 17
Saa ɛberɛ no mu, asɔfoɔ a wɔso Awurade Apam Adaka no gyinaa asase kesee so wɔ subɔnhwa no mfimfini ma nnipa no nyinaa twaa mu. Wɔtwɛnee wɔ hɔ kɔsii sɛ obiara faa asase kesee so twaa Yordan.

< يەشۇئا 3 >