< يەشۇئا 3 >
يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن شىتتىمدىن ئايرىلىپ ئىئوردان دەرياسىغا كەلدى؛ ئۇلار دەريادىن ئۆتكۈچە شۇ يەردە بارگاھ تىكىپ تۇردى. | 1 |
Josué te leve bonè nan maten. Li menm avèk tout fis Israël yo te kite Sittim pou te rive nan Jourdain an, e yo te fè kan avan yo te travèse.
ئۈچ كۈن توشۇپ، سەردارلار چېدىرگاھتىن ئۆتۈپ، | 2 |
Nan fen twa jou, ofisye yo te pase nan mitan kan an.
خەلققە ئەمر قىلىپ: ــ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، يەنى لاۋىيلارنىڭ ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىنى كۆرگەن ھامان، تۇرغان ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىڭلار. | 3 |
Yo te kòmande pèp la e te di: “Lè nou wè lach akò SENYÈ a, Bondye nou an, avèk prèt Levit yo k ap pote li, alò, nou va sòti nan plas nou pou swiv li.
لېكىن ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىڭلاردا ئىككى مىڭ گەز ئارىلىق قالسۇن؛ قايسى يول بىلەن ماڭىدىغىنىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئىلگىرى مۇشۇ يول بىلەن مېڭىپ باقمىغانسىلەر، ــ دېدى. | 4 |
Sepandan, va gen antre nou ak li yon distans anviwon de mil koude (3,000 pye) pa mezi. Pa vin pi prè li, pou nou kapab konnen chemen ke nap pran, paske nou pa t janm fè wout sa a avan.”
يەشۇئا خەلققە: ــ ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىڭلار، چۈنكى ئەتە پەرۋەردىگار ئاراڭلاردا مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، ــ دېدى. | 5 |
Konsa, Josué te di a pèp la: “Konsakre tèt nou; paske demen SENYÈ a va fè mèvèy yo nan mitan nou.”
ئاندىن يەشۇئا كاھىنلارغا: ــ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار، دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى. | 6 |
Josué te pale avèk prèt yo e te di: “Vin leve lach akò a pou travèse lòtbò a avan pèp la.”
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ ھەممە ئىسرائىلنىڭ مېنىڭ مۇسا بىلەن بىللە بولغىنىمدەك، سېنىڭ بىلەنمۇ بىللە بولىدىغانلىقىمنى بىلىشى ئۈچۈن بۈگۈندىن ئېتىبارەن سېنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چوڭ قىلىمەن. | 7 |
Alò, SENYÈ a te di a Josué: “Jou sa a, Mwen va kòmanse egzalte ou nan zye tout Israël la, pou yo kapab konnen ke menm jan ke M te avèk Moïse la, Mwen va avèk ou.
ئەمدى سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلگەندە، ئىئوردان دەرياسى ئىچىدە تۇرۇڭلار، ــ دېگىن، ــ دېدى. | 8 |
Anplis, ou va kòmande prèt k ap pote lach akò a e di yo: ‘Lè nou rive arebò dlo yo nan Jourdain an, nou va rete kanpe nan dlo Jourdain an.’”
يەشۇئا ئىسرائىللارغا: ــ بۇ ياققا كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، دېدى. | 9 |
Konsa, Josué te di a fis Israël yo: “Vin la pou koute pawòl a SENYÈ a, Bondye nou an.”
ئاندىن يەشۇئا: ــ مانا، سىلەر شۇ ئىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھايات تەڭرىنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ھەيدىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر ــ پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسى ئىچىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. | 10 |
Josué te di: “Pa sa nou va konnen ke Bondye vivan an pami nou e ke Li va, anverite, deplase soti devan nou Kananeyen an, Etyen an, Evyen an, Ferezyen an, Gigazyen an, Amoreyen an ak Jebizyen an.
Gade byen, lach akò SENYÈ a tout latè a ap travèse devan nou antre nan Jourdain an.
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئون ئىككى ئادەمنى تاللاڭلار، ھەرقايسى قەبىلىدىن بىردىن بولسۇن؛ | 12 |
“Alò, pou sa, pran pou nou menm douz mesye soti nan tribi Israël la, yon nonm pou chak tribi.
شۇنداق بولىدۇكى، پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ تاپىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىگە تەگكەندە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى، يەنى باش ئېقىنىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇلار ئۈزۈپ تاشلىنىپ، دەريا كۆتۈرۈلۈپ دۆڭ بولىدۇ، ــ دېدى. | 13 |
Li va rive ke lè pla pye a prèt ki pote lach SENYÈ a, SENYÈ tout latè a, poze nan dlo a Jourdain an, dlo Jourdain an va koupe, e dlo k ap kouri desann soti anwo yo va rete fè yon pil.”
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، خەلق چېدىرلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ | 14 |
Pou sa, lè pèp la kite tant pa yo pou travèse Jourdain an avèk prèt k ap pote lach akò a devan pèp la,
ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگۈچىلەر ئىئوردان دەرياسىغا يېتىپ كېلىپ، پۇتلىرى سۇغا تېگىشى بىلەنلا (ئورما ۋاقتىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىن تېشىپ چىقىدۇ)، | 15 |
epi lè sila ki te pote lach la te antre nan Jourdain an, epi depi pye a prèt k ap pote lach la te tanmen fonse bò dlo a; (paske Jourdain an toujou depase rivaj li yo pandan tout sezon rekòlt la),
يۇقىرى ئېقىندىكى سۇلار خېلى يىراقتىلا، زارەتاننىڭ يېنىدىكى ئادەم شەھىرىنىڭ يېنىدا توختاپ، دۆڭ بولدى؛ ئاراباھ تۈزلەڭلىكى بويىدىكى دېڭىزغا، يەنى «شور دېڭىزى»غا ئېقىپ چۈشۈۋاتقان كېيىنكى ئېقىمى ئۈزۈلۈپ قالدى؛ خەلق بولسا يېرىخو شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن [دەريادىن] ئۆتۈپ ماڭدى. | 16 |
dlo ki t ap kouri desann soti anwo yo te kanpe, e te leve wo fè yon pil, a yon gran distans de la, nan Adam, vil ki akote Tsarthan an; epi dlo sa yo ki t ap kouri desann vè lanmè Araba a, ak Lamè Sale a, te vin koupe nèt. Konsa pèp la te travèse anfas Jéricho.
پۈتكۈل ئىسرائىل قۇرۇق يەرنى دەسسەپ، بارلىق خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن پۈتۈنلەي ئۆتۈپ بولغۇچىلىك، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇق يەردە مەزمۇت تۇردى. | 17 |
Prèt yo ki t ap pote lach akò SENYÈ a te kanpe fèm sou tè sèk nan mitan Jourdain an pandan tout Israël t ap travèse sou tè sèk, jiskaske tout nasyon an te fin travèse Jourdain an.