< يەشۇئا 24 >
ئاندىن يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى شەكەمگە يىغىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى، باشلىقلىرى، ھاكىم-سوتچىلىرى بىلەن بەگ-ئەمەلدارلىرىنى چاقىردى؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغاندا | 1 |
Joshua summoned all the tribes of Israel to Shechem. Then he called the elders, leaders, judges, and officials and they came and stood before the Tabernacle of God.
يەشۇئا پۈتكۈل خەلققە: ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار: ــ «قەدىمكى زاماندا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، جۈملىدىن ئىبراھىم بىلەن ناھورنىڭ ئاتىسى تەراھ دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇراتتى؛ ئۇلار باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولاتتى. | 2 |
Joshua said to all the people, “The Lord, the God of Israel, says this: ‘Long, long ago your forefathers, including Terah, the father of Abraham and Nahor, lived beyond the Euphrates River, and they worshiped other gods.
لېكىن مەن ئاتاڭلار ئىبراھىمنى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باشلاپ پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ئاۋۇتۇپ ئۇنىڭغا ئىسھاقنى بەردىم. | 3 |
I brought your father Abraham from beyond the Euphrates and led him through all the land of Canaan and gave him many descendants. I gave him Isaac.
ئاندىن مەن ئىسھاققا ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم؛ ئەساۋغا سېئىر تاغلىق رايونىنى تەۋەلىك قىلىپ بەردىم، ياقۇپ بىلەن ئوغۇللىرى بولسا مىسىرغا چۈشۈپ باردى. | 4 |
I gave to Isaac Jacob and Esau. I gave to Esau the hill country of Seir to own, but Jacob and his children went down to Egypt.
كېيىنرەك مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلار ئارىسىدا ئەمەللىرىم بىلەن ئۇلارغا دەھشەتلىك ۋابالارنى چۈشۈردۇم؛ ئاندىن سىلەرنى شۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. | 5 |
I sent Moses and Aaron, and I brought plagues on the people of Egypt, and I brought you out.
مەن بۇ تەرىقىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇلار [قىزىل] دېڭىزغا يېتىپ كەلگىنىدە، مىسىرلىقلار جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى قوغلاپ دېڭىزغىچە كەلدى. | 6 |
Yes, I brought your forefathers out, but when you arrived at the Red Sea the Egyptians were chasing after your forefathers with chariots and horsemen.
ئىسرائىللار شۇئان پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىۋىدى، ئۇ سىلەر بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئارىسىغا تۇم قاراڭغۇلۇق چۈشۈردى؛ ئاندىن دېڭىزنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ ياپتى. سىلەر ئۆز كۆزلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ مىسىردا نېمە قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار؛ ئاندىن سىلەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە چۆلدە تۇردۇڭلار. | 7 |
Your forefathers called out to the Lord for help, and he placed darkness between you and the Egyptians. Then he brought the sea back over them and they drowned. You saw what I did with your own eyes in Egypt. Then you lived for many years in the wilderness.
كېيىنرەك مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغان ئامورىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كەلدىم؛ ئۇلار سىلەر بىلەن سوقۇشقاندا مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا بېرىپ، سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدىڭلار. مەن ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن يوقىتىۋەتتىم. | 8 |
After that I brought you to the land of the Amorites who lived on the other side of the Jordan. They fought against you but I handed them over to you to defeat and you took over their land. I destroyed them before you.
ئۇ ۋاقىتتا موئابنىڭ پادىشاھى، زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق قوپۇپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭگە چۈشتى ۋە سىلەرنى قارغاش ئۈچۈن بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى چاقىرىپ كەلدى؛ | 9 |
When Balak, son of Zippor, the king of Moab, wanted to fight against Israel, he sent for Balaam, son of Beor, to come and curse you.
لېكىن مەن بالائامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرگە قايتا-قايتا بەخت-بەرىكەت تىلىدى ۋە مەن سىلەرنى [بالاقنىڭ] قولىدىن قۇتقۇزدۇم. | 10 |
But I wasn't willing to listen to Balaam, so instead he blessed you repeatedly, and saved you from Balak.
كېيىنرەك سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يېرىخوغا بارغاندا يېرىخونىڭ ئادەملىرى ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، قانائانىيلار، ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقا قوپقىنى بىلەن مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛ | 11 |
You crossed the Jordan and arrived at Jericho where the men of Jericho fought against you. So did the Amorites, the Perizzites, the Canaanites, the Hittites, the Girgashites, the Hivites, and the Jebusites.
مەن ئالدىڭلارغا سېرىق ھەرىنى ئەۋەتتىم، سېرىق ھەرە ئامورىيلارنىڭ ئىككىلا پادىشاھىنى ھەيدىۋەتكەندەك ئۇلارنىمۇ ھەيدىۋەتتى؛ بۇ ئىش سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار ياكى ئوقيايىڭلار بىلەن بولمىدى. | 12 |
But I handed them over to you to defeat. And I sent the hornet before you to drive out the two kings of the Amorites. You did not win using your swords or your bows!
مەن سىلەرگە ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن بىر زېمىننى، ئۆزۈڭلار ياسىمىغان شەھەرلەرنى بەردىم، ۋە سىلەر شۇلاردا ماكان قىلدىڭلار؛ ئۆزۈڭلار تىكمىگەن ئۈزۈمزارلىقلار بىلەن زەيتۇنزارلىقلاردىن مېۋىلىرىنى يەۋاتىسىلەر» دەيدۇ، ــ دېدى. | 13 |
I gave you a land you didn't work for and towns you didn't build. Now you live in them and eat from vineyards and olive groves you didn't plant.’
ــ شۇڭا ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار. | 14 |
So respect the Lord and worship him, sincerely and faithfully. Get rid of the gods your forefathers worshiped beyond the Euphrates and in Egypt, and worship the Lord.
لېكىن ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتى سىلەرگە يامان كۆرۈنسە، كىمگە ئىبادەت قىلىدىغىنىڭلارنى تاللىۋېلىڭلار ــ مەيلى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغاندا چوقۇنغان ئىلاھلار بولسۇن ياكى سىلەر تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى ئامورىيلارنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، ئۇلارنى تاللاڭلار؛ لېكىن مەن بىلەن ئۆيۈمدىكىلەر بولساق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، ــ دېدى. | 15 |
But if you don't want to worship the Lord, choose today who you want to worship! Is it going to be the gods your forefathers worshipped beyond the Euphrates? Or the gods of the Amorites in whose land you're now living? But as for me and my family, we will worship the Lord!”
خەلق جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگارنى تەرك ئېتىپ باشقا ئىلاھلارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش بىزدىن نېرى بولسۇن! | 16 |
The people responded, “We are never going to give up on the Lord and worship other gods!
چۈنكى بىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى «قۇللۇق ماكانى» بولغان مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ، كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ چوڭ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ، قايسى يولدا ماڭمايلى، قايسى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئۆتمەيلى، بىزنى ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىدۇر! | 17 |
For the Lord our God brought us and our forefathers out of slavery in Egypt. He was the one who did great miracles before our very eyes. He looked after us on the way as we traveled through the lands of many nations.
پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا تۇرغان بارلىق تائىپىلەرنى، جۈملىدىن ئامورىيلارنى ئالدىمىزدىن قوغلىۋەتتى؛ شۇڭا بىزمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز؛ چۈنكى ئۇ بىزنىڭ تەڭرىمىزدۇر! ــ دېدى. | 18 |
The Lord drove out before us the Amorites and all the other nations who were living in the land. So we will worship the Lord, for he is our God!”
يەشۇئا خەلققە: ــ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولالمايسىلەر، چۈنكى ئۇ مۇقەددەس بىر خۇدادۇر؛ ئۇ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر تەڭرى بولغاچقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلار بىلەن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرەلمەيدۇ. | 19 |
Joshua told the people, “Remember that the Lord is a holy and jealous God. You won't be able to worship him, and he won't forgive your rebellion and sins
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنغان بولساڭلار ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ كەلگەننىڭ ئورنىدا سىلەرگە بالا كەلتۈرۈپ يوقىتىدۇ، ــ دېدى. | 20 |
if you give up on him and worship foreign gods. He will turn against you and destroy you despite all the good he has done for you.”
لېكىن خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، ــ دېدى. | 21 |
“Don't say that!” the people replied. “We will worship the Lord!”
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا خەلققە: ــ ئۆزۈڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنى، ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشنى تاللىغانلىقىڭلارغا ئۆز-ئۆزۈڭلارغا گۇۋاھچى بولدۇڭلار، دېۋىدى، ئۇلار: ــ ئۆزىمىز گۇۋاھ! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. | 22 |
Then Joshua cautioned the people, “You have made yourselves witnesses against yourselves by saying that you have chosen to worship the Lord.” “Yes, we are witnesses,” the people replied.
ئۇ: ــ ئۇنداق بولسا ئەمدى ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھلارنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىپ، كۆڭلۈڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىنتىلىدىغان قىلىڭلار، دېدى. | 23 |
“Then get rid of those foreign gods you have and promise to be loyal only to the Lord, the God of Israel,” Joshua told them.
خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغىلا قۇلاق سالىدىغان بولىمىز، دېدى. | 24 |
The people said to Joshua, “We will worship the Lord our God and we will obey him.”
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇ كۈنى خەلق بىلەن ئەھدە باغلىشىپ، شەكەمدە ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەرنى توختىتىپ بەردى. | 25 |
So Joshua made a solemn agreement between the people and the Lord that day in Shechem, obligating them to follow all the Lord's laws and instructions.
ئاندىن يەشۇئا بۇ ھەممە سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن كىتابىغا پۈتۈپ، يوغان بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنىڭ يېنىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ ئاستىغا تىكلەپ قويدى. | 26 |
Joshua recorded this in the Book of the Law of God, and he set up a large stone under the oak tree near the Lord's sanctuary.
ئاندىن يەشۇئا خەلققە: ــ مانا بۇ تاش بولسا بىزگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن تانماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۈستۈڭلاردا گۇۋاھچى بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى. | 27 |
Joshua said to the people, “Look at this stone. It stands here as a witness against us for it has heard everything the Lord has told us, and it will be a witness against you if you ever deny what you have promised your God.”
يەشۇئا شۇلارنى دەپ خەلقنى يولغا سېلىپ، ھەربىرىنى ئۆز مىراس يېرىگە ياندۇردى. | 28 |
Then Joshua dismissed the people, sending them to their allotted lands.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى. | 29 |
Later, after all this, Joshua, son of Nun, servant of the Lord, died at the age of one hundred and ten.
ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا، گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆز مىراس ئۈلۈشى بولغان تىمنات-سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. | 30 |
They buried him in Timnath-serah in the hill country of Ephraim, north of Mount Gaash, the land he had been allocated.
يەشۇئانىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدە، شۇنداقلا يەشۇئادىن كېيىن قالغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە مۆجىزىلىك ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدىغان ئاقساقاللارنىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدىمۇ ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ تۇردى. | 31 |
The Israelites continued to worship the Lord throughout Joshua's life, and throughout the lifetimes of the elders who outlived him, those who had seen all that the Lord had done for Israel.
يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنى بولسا، ئىسرائىللار ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلار بۇلارنى شەكەمگە ئېلىپ بېرىپ، ياقۇپ شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كەسىتاھ كۈمۈشكە سېتىۋالغان يەردە دەپنە قىلدى. شۇ يەر يۈسۈپلەرنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ قالدى. | 32 |
The bones of Joseph, which the Israelites had brought with them from Egypt, they buried in Shechem in the piece of ground Jacob had bought from the sons of Hamor, the father of Shechem, for one hundred pieces of silver. This land was inherited by Joseph's sons.
ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارمۇ ۋاپات بولدى؛ ئۇلار ئۇنى ئوغلى فىنىھاسقا مىراس قىلىپ بېرىلگەن ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى گىبېئاھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. | 33 |
And Eleazar, son of Aaron, died and they buried him at Gibeah, in the hill country of Ephraim, land which had been given to his son Phinehas.