< يەشۇئا 23 >
پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام بېرىپ ئۇزۇن زامانلار ئۆتۈپ، شۇنداقلا يەشۇئا قېرىپ، يېشىمۇ چوڭىيىپ قالغاندا، | 1 |
ヱホバ、イスラエルの四方の敵をことごとく除きて安息をイスラエルに賜ひてより久しき後すなはちヨシユア年邁みて老たる後
يەشۇئا پۈتكۈل ئىسرائىلنى، ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشلىقلىرى، ھاكىم-سوراقچىلىرى بىلەن بەگ-ئەمەلدارلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «مەن قېرىپ قالدىم، يېشىممۇ چوڭىيىپ قالدى. | 2 |
ヨシユア一切のイスラエル人すなはち其長老首領裁判人官吏などを招きよせて之に言けるは
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن مۇشۇ يەردىكى بارلىق تائىپىلەرگە قانداق ئىشلارنى قىلغىنىنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار؛ چۈنكى سىلەر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر. | 3 |
我は年すすみて老ゆ汝らは已に汝らの神ヱホバが汝らのために此もろもろの國人に行ひたまひし事を盡く見たり即ち汝らの神ヱホバみづから汝らのために戰ひたまへり
مانا، مەن ئۆزۈم يوقاتقان ھەممە ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى بىلەن قالغان بۇ تائىپىلەرنىڭ زېمىنلىرىنى قوشۇپ قەبىلە-جەمەتىڭلار بويىچە چەك تاشلاپ ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ كۈن پېتىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ دېڭىزغىچە، سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بەردىم. | 4 |
視よ我ヨルダンより日の入る方大海までの此もろもろの漏のこれる國々および已に滅ぼしたる一切の國々を籤にて汝らに分ちて汝らの支派の產業となさしめたり
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىپ، كۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىسىلەر. | 5 |
汝らの神ヱホバみづから汝らの前よりその國民を打攘ひ汝らの目の前よりこれを逐はらひたまはん而して汝らは汝らの神ヱホバの汝らに宣まひしごとく之が地を獲にいたるべし
شۇڭا سىلەر تولىمۇ قەيسەر بولۇپ مۇسانىڭ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ | 6 |
然ば汝ら勵みてモーセの律法の書に記されたる所を盡く守り行なへ之を離れて右にも左にも曲るなかれ
شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردا قېلىپ قالغان بۇ تائىپىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئالماڭلار ياكى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار؛ ئۇلارغا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇلارغا باش ئۇرماڭلار؛ | 7 |
汝らの中間に遺りをる是等の國人の中に往なかれ彼らの神の名を唱ふるなかれ之を指て誓はしむる勿れ又これに事へこれを拝むなかれ
بەلكى بۈگۈنگىچە قىلغىنىڭلاردەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا باغلىنىپ تۇرۇڭلار. | 8 |
惟今日まで爲たるごとく汝らの神ヱホバに附したがへ
چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردىن چوڭ-چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەندۇر؛ بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئادەم ئالدىڭلاردا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. | 9 |
それヱホバは大にして且強き國民を汝らの前より逐はらひたまへり汝らには今日まで當ることを得る人一箇もあらざりき
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنى بويىچە سىلەر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغىنى ئۈچۈن سىلەردىن بىر ئادىمىڭلار ئۇلارنىڭ مىڭ ئادىمىنى تىرىپىرەن قىلىدۇ. | 10 |
汝らの一人は千人を逐ことを得ん其は汝らの神ヱホバ汝らに宣まひしごとく自ら汝らのために戰ひたまへばなり
شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈش ئۈچۈن ئۆز كۆڭلۈڭلارغا قاتتىق سەگەك بولۇڭلار! | 11 |
然ば汝ら自ら善く愼しみて汝らの神ヱホバを愛せよ
چۈنكى ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئاراڭلاردا قالغان بۇ ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ-باغلىنىپ، ئۇلار بىلەن قودا-باجا بولۇپ، ئۇلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلساڭلار، | 12 |
然らずして汝ら若後もどりしつつ是等の國人の漏のこりて汝らの中間に止まる者等と親しくなり之と婚姻をなして互に相往來しなば
ئۇنداقتا سىلەرگە شۇ ئىش ئايان بولسۇنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىڭلاردىن بۇ ئەللەرنى ئىككىنچى قوغلاپ چىقارمايدۇ، بەلكى بۇلار سىلەرگە قاپقان ۋە قىلتاق بولۇپ، بىقىنىڭلارغا قامچا بولۇپ چۈشۈپ، كۆزۈڭلەرگە تىكەن بولۇپ سانجىلىدۇ؛ ئاخىردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرگەن بۇ ياخشى زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ يوقىلىسىلەر. | 13 |
汝ら確く知れ汝らの神ヱホバかさねて是等の國人を汝らの目の前より逐はらひたまはじ彼ら反て汝らの羂となり罟となり汝らの脇に鞭となり汝らの目に莿となりて汝ら遂に汝らの神ヱホバの汝らに賜ひしこの美地より亡び絶ん
مانا، مەن بۈگۈن بارلىق ئادەملەر مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان يولنى ماڭىمەن؛ سىلەرنىڭ پۈتۈن دىلىڭلار ۋە ۋۇجۇدۇڭلارغا شۇ روشەنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر توغرۇلۇق قىلغان مۇبارەك ۋەدىلىرىنىڭ ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمىدى؛ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن بەجا كەلتۈرۈلۈپ، ھېچقايسىسى يەردە قالمىدى. | 14 |
視よ今日われは世人の皆ゆく途を行んとす汝ら一心一念に善く知るならん汝らの神ヱホバの汝らにつきて宣まひし諸の善事は一も缺る所なかりき皆なんぢらに臨みてその中一も缺たる者なきなり
لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلىپ توختاتقان ئەھدىسىنى بۇزغاندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ۋەدە قىلغان ھەممە بەرىكەت ئۈستۈڭلەرگە چۈشۈرۈلگەندەك، شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن زېمىندىن يوقاتقۇچە بارلىق ئاگاھ قىلغان ئىشنى چۈشۈرىدۇ؛ سىلەر بېرىپ، [ئۇنىڭ ئەھدىسىنى بۇزۇپ] باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ باش ئۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە تۇتىشىپ، سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن ياخشى زېمىندىن تېزلا يوق قىلىدۇ». | 15 |
汝らの神ヱホバの汝らに宣まひし諸の善事の汝らに臨みしごとくヱホバまた諸の惡き事を汝らに降して汝らの神ヱホバの汝らに與へしこの美地より終に汝らを滅ぼし絶たまはん
汝ら若なんぢらの神ヱホバの汝らに命じたまひしその契約を犯し往て他神に事へてこれに身を鞠むるに於てはヱホバの震怒なんぢらに向ひて燃いでてなんぢらヱホバに與へられし善地より迅速に亡びうせん