< يەشۇئا 22 >

ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ 1
Entonces Josué llamó a los rubenitas y a los gaditas, y a la media tribu de Manasés,
سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدىڭلار، مېنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلىرىمگىمۇ قۇلاق سالدىڭلار؛ 2
y les dijo: Vosotros habéis guardado todo lo que Moisés siervo del SEÑOR os mandó, y habéis escuchado mi voz en todo lo que os he mandado.
سىلەر بۇ نۇرغۇن كۈنلەردە تاكى بۈگۈنگە قەدەر قېرىنداشلىرىڭلارنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار [سىلەرگە] ئەمر قىلغان ۋەزىپىنى تۇتۇپ كەلدىڭلار؛ 3
No habéis dejado a vuestros hermanos en estos muchos días hasta hoy, antes habéis guardado la observancia de los mandamientos del SEÑOR vuestro Dios.
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ۋەدە قىلغىنىدەك، قېرىنداشلىرىڭلارغا ئاراملىق بەردى؛ شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە سىلەرگە بەرگەن مىراس زېمىنىڭلارغا، ئۆز چېدىرلىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار. 4
Ahora pues que el SEÑOR vuestro Dios ha dado reposo a vuestros hermanos, como se lo había prometido, volved, y tornad a vuestras tiendas, a la tierra de vuestras posesiones, que Moisés siervo del SEÑOR os dio al otro lado del Jordán.
پەقەتلا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا سىلەرگە بۇيرۇپ تاپشۇرغان قانۇن-ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىپ، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل بۆلۈڭلار، ــ دېدى. 5
Solamente que con diligencia os guardéis haciendo el mandamiento y la ley, que Moisés siervo del SEÑOR os mandó: que améis al SEÑOR vuestro Dios, y andéis en todos sus caminos; que guardéis sus mandamientos, y os alleguéis a él, y le sirváis de todo vuestro corazón y de toda vuestra alma.
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇلارنى بەخت-بەرىكەت تىلەپ، يولغا سالدى؛ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. 6
Y bendiciéndolos Josué, los envió; y se fueron a sus tiendas.
ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە بولسا مۇسا ئۇلارغا باشاننى مىراس قىلىپ بەرگەنىدى؛ يەنە بىر يېرىم قەبىلىگە يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ قېتى، يەنى غەرب تەرىپىدە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مىراس بەردى. يەشۇئا ئۇلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىش يولىغا سالغان ۋاقتىدا، ئۇ ئۇلارغىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ، 7
También a la media tribu de Manasés había dado Moisés posesión en Basán; mas a la otra media dio Josué heredad entre sus hermanos de este lado del Jordán al occidente; y también a éstos envió Josué a sus tiendas, después de haberlos bendecido.
ئۇلارغا: ــ ئىنتايىن كۆپ بايلىقلار، ئىنتايىن كۆپ چارپايلارنى، شۇنداقلا كۆپ مىقداردا كۈمۈش، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، ئۆز چېدىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار؛ دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئالغان ئولجىنى قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىڭلار، دېدى. 8
Y les habló, diciendo: Volveos a vuestras tiendas con grandes riquezas, y con gran copia de ganado, con plata, y con oro, y bronce, y hierro, y muchos vestidos; partid con vuestros hermanos el despojo de vuestros enemigos.
ئۇ ۋاقىتتا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى شىلوھدىن چىقىپ ئىسرائىللاردىن ئايرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە ئۇلارنىڭ تەئەللۇقاتى بولغان ئۆز مىراس زېمىنى گىلېئاد يۇرتىغا قاراپ قايتىپ ماڭدى. 9
Y los hijos de Rubén y los hijos de Gad, y la media tribu de Manasés, se tornaron, y partiéronse de los hijos de Israel, de Silo, que está en la tierra de Canaán, para ir a la tierra de Galaad, a la tierra de sus posesiones, de la cual eran poseedores, según palabra del SEÑOR por mano de Moisés.
رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى گەلىلوتقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا بىر قۇربانگاھنى ياسىدى؛ قۇربانگاھ ناھايىتى چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ياسالغانىدى. 10
Y llegando a los términos del Jordán, que está en la tierra de Canaán, los hijos de Rubén y los hijos de Gad, y la media tribu de Manasés, edificaron allí un altar junto al Jordán, un altar de grande apariencia.
ئىسرائىللارغا: «مانا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى گەلىلوتتا، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئۇدۇلىدا بىر قۇربانگاھنى ياساپتۇ» دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى. 11
Y los hijos de Israel oyeron decir como los hijos de Rubén y los hijos de Gad, y la media tribu de Manasés, habían edificado un altar delante de la tierra de Canaán, en los términos del Jordán, al paso de los hijos de Israel.
ئىسرائىللار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن شىلوھقا توپلاندى. 12
Lo cual cuando los hijos de Israel oyeron, se juntó toda la congregación de los hijos de Israel en Silo, para subir a pelear contra ellos.
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاسنى گىلېئاد زېمىنىدىكى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە ماڭدۇردى 13
Y enviaron los hijos de Israel a los hijos de Rubén y a los hijos de Gad y a la media tribu de Manasés en la tierra de Galaad, a Finees hijo de Eleazar sacerdote,
ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن ئون ئەمىرنى، ئىسرائىلنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن جەمەت باشلىقى بولغان بىردىن ئەمىرنى ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتى؛ ھەربىر ئەمىر ھەرقايسى ئاتا جەمەتتىكى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋېشى ئىدى. 14
y a diez príncipes con él; un príncipe de cada casa paterna de todas las tribus de Israel, cada uno de los cuales era cabeza de familia de sus padres en la multitud de Israel.
بۇلار ئەمدى گىلېئاد زېمىنىغا، رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە كېلىپ ئۇلارغا: ــ 15
Los cuales vinieron a los hijos de Rubén y a los hijos de Gad, y a la media tribu de Manasés, en la tierra de Galaad; y les hablaron, diciendo:
مانا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، ئۆزۈڭلارغا قۇربانگاھنى ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن يۈز ئۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن بۇ رەزىللىكىڭلار زادى قانداق ئىش؟ 16
Toda la congregación del SEÑOR dice así: ¿Qué transgresión es esta con que prevaricáis contra el Dios de Israel, volviéndoos hoy de seguir al SEÑOR, edificándoos altar para ser hoy rebeldes contra el SEÑOR?
پېئوردا بۇرۇن ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكىمىز بىزگە يېتىپ ئاشماسمۇ؟ گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىنىڭ بېشىغا ۋابا چۈشكەن بولسىمۇ، بىز تېخى بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئىشتىن ئۆزىمىزنى پاكلاندۇرمىدۇق. 17
¿Nos ha sido poco la maldad de Peor, de la que no estamos aún limpios hasta este día, por la cual fue la mortandad en la congregación del SEÑOR?
سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ياندىڭلار؛ شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغان بولغاچقا، ئۇ جەزمەن ئەتە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە غەزەپلىنىدۇ. 18
Y vosotros os volvéis hoy de seguir al SEÑOR; mas será que vosotros os rebelaréis hoy contra el SEÑOR, y mañana se airará él contra toda la congregación de Israel.
ھالبۇكى، مۇبادا سىلەر مىراس قىلىپ ئالغان زېمىن ناپاك بولۇپ قالغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا، ئۇنىڭ چېدىرى تىكلەنگەن يۇرتقا يېنىپ كېلىپ، ئارىمىزدا مىراس ئېلىڭلار. پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانگاھىدىن باشقا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ياساش بىلەن پەرۋەردىگارغا ۋە بىزلەرگە ئاسىيلىق قىلماڭلار. 19
Que si os parece que la tierra de vuestra posesión es inmunda, pasaos a la tierra de la posesión del SEÑOR, en la cual está el tabernáculo del SEÑOR, y tomad posesión entre nosotros; pero no os rebeléis contra el SEÑOR, ni os rebeléis contra nosotros, edificándoos altar a más del altar del SEÑOR nuestro Dios.
زەراھنىڭ ئوغلى ئاقان ھارام بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئىتائەتسىزلىك قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن قەبىھلىكى ئۈچۈن يالغۇز ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ قالماي، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئەمەسمۇ؟». 20
¿Por ventura no cometió Acán, hijo de Zera, prevaricación en el anatema, y vino ira sobre toda la congregación de Israel? Y aquel hombre no pereció solo en su iniquidad.
شۇنىڭ بىلەن رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ 21
Entonces los hijos de Rubén y los hijos de Gad, y la media tribu de Manasés, respondieron y dijeron a los principales de la multitud de Israel:
«ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى پەرۋەردىگاردۇر! ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بۇنى بىلىدۇ، ئىسرائىلمۇ ئۇنى بىلگەي! ئەگەر بۇ ئىش ئاسىيلىق بولسا ياكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك بولسا، ئەمدى بىزلەرنى بۈگۇن ئۆلۈمدىن ئايىماڭلار! 22
El Dios de los dioses, El SEÑOR, el Dios de los dioses, El SEÑOR, él sabe, y que Israel también entienda; si por rebelión o por prevaricación contra el SEÑOR (no nos salves hoy.)
ئەگەر بىزنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن قۇربانگاھنى ياسىشىمىز پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىش ئۈچۈن بولغان بولسا، شۇنداقلا قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش، ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇنۇش، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇش ئۈچۈن بولغان بولسا، ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى بۇ ئىش توغرۇلۇق بىزدىن ھېساب ئالسۇن؛ 23
Nos hemos edificado altar para tornarnos de en pos del SEÑOR, o para sacrificar holocausto o presente, o para hacer sobre él sacrificios pacíficos, el mismo SEÑOR nos lo demande.
ئەكسىچە بۇ ئىشنى قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ھەقىقەتەن شۇكى، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا: «سىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭلار بار؟ 24
Asimismo, si no lo hicimos por temor de esto, diciendo: Por ventura mañana vuestros hijos dirán a nuestros hijos: ¿Qué tenéis vosotros con el SEÑOR Dios de Israel?
ئەي رۇبەنلەر ۋە گادلار، پەرۋەردىگار بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ قويغان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوقتۇر!» دېيىشىدىن ئەندىشە قىلدۇق. 25
El SEÑOR ha puesto por término el Jordán entre nosotros y vosotros, oh hijos de Rubén e hijos de Gad; no tenéis vosotros parte en el SEÑOR; y así vuestros hijos harán que nuestros hijos no teman al SEÑOR.
شۇڭا بىز: «قوپۇپ بىر قۇربانگاھ ياسايلى؛ لېكىن بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس، باشقا خىل قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس، 26
Por esto dijimos: Hagamos ahora por edificarnos un altar, no para holocausto ni para sacrificio,
بەلكى كەلگۈسىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن باشقا خىل قۇربانلىقلىرىمىز ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشىمىز ئۈچۈن، سىلەر ۋە بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا، شۇنداقلا كېيىنكى دەۋرلىرىمىزدە بىر ئەسلەتمە گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ياسىدۇق؛ بالىلىرىڭلارنىڭ كەلگۈسىدە بالىلىرىمىزغا «پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوق» دېمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. 27
sino para que sea un testimonio entre nosotros y vosotros, y entre los que vendrán después de nosotros, para que hagan el servicio del SEÑOR delante de él con nuestros holocaustos, con nuestros sacrificios, y con nuestros pacíficos; y no digan mañana vuestros hijos a los nuestros: Vosotros no tenéis parte en el SEÑOR.
ئەگەر ئۇلار كەلگۈسىدە بىز بىلەن ئەۋلادلىرىمىزغا شۇنداق دېسە، بىز جاۋاب بېرىپ: «مانا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ياكى باشقا خىل قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ياسالغان ئەمەس، بەلكى سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ ياسالغان، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياسىغان قۇربانگاھىنىڭ ئەندىزىسىدۇر!» دېيەلەيمىز. 28
Nosotros, pues, dijimos: Si aconteciere que tal digan a nosotros, o a nuestras generaciones en lo por venir, entonces responderemos: Mirad el símil del altar del SEÑOR, el cual hicieron nuestros padres, no para holocaustos o sacrificios, sino para que fuese testimonio entre nosotros y vosotros.
پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان قۇربانگاھتىن باشقا ئىككىنچى بىر قۇربانگاھنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە باشقا خىل قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزۈش نىيىتى بىزدىن نېرى بولغاي!». 29
Nunca tal acontezca que nos rebelemos contra el SEÑOR, o que nos apartemos hoy de seguir al SEÑOR, edificando altar para holocaustos, para presente, o para sacrificio, a más del altar del SEÑOR nuestro Dios que está delante de su Tabernáculo.
كاھىن فىنىھاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن جامائەت ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۇلار شۇنىڭدىن خۇش بولدى. 30
Y oyendo Finees el sacerdote y los príncipes de la congregación, y las cabezas de la multitud de Israel que con él estaban, las palabras que hablaron los hijos de Rubén y los hijos de Gad y los hijos de Manasés, fueron contentos de ello.
ئەلىئازارنىڭ ئوغلى كاھىن فىنىھاس رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرگە: ــ سىلەر پەرۋەردىگارغا بۇ ئىتائەتسىزلىكنى قىلمىغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىمىزدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق؛ سىلەر بۇ ئىش بىلەن ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭلار، دېدى. 31
Y dijo Finees hijo del sacerdote Eleazar, a los hijos de Rubén, a los hijos de Gad, y a los hijos de Manasés: Hoy hemos entendido que el SEÑOR está entre nosotros, pues que no habéis intentado esta traición contra el SEÑOR. Ahora habéis librado a los hijos de Israel de la ira del SEÑOR.
ئاندىن ئەلىئازار كاھىننىڭ ئوغلى فىنىھاس بىلەن ئەمىرلەر رۇبەنلەر ۋە گادلارنىڭ يېنىدىن، گىلېئاد زېمىنىدىن چىقىپ قانائان زېمىنىغا ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا دەپ بەردى. 32
Y Finees hijo del sacerdote Eleazar, y los príncipes, se volvieron de los hijos de Rubén, y de los hijos de Gad, de la tierra de Galaad a la tierra de Canaán, a los hijos de Israel; a los cuales dieron la respuesta.
بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرۈندى؛ ئىسرائىللار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، رۇبەنلەر بىلەن گادلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان زېمىنىنى ۋەيران قىلايلى، دېگەن گەپنى ئىككىنچى تىلغا ئالمىدى. 33
Y el negocio agradó a los hijos de Israel, y bendijeron a Dios los hijos de Israel; y no hablaron más de subir contra ellos en guerra, para destruir la tierra en que habitaban los hijos de Rubén y los hijos de Gad.
رۇبەنلەر بىلەن گادلار بۇ قۇربانگاھقا «گۇۋاھلىق» دەپ ئات قويدى؛ چۈنكى ئۇلار: ــ «ئۇ ئارىمىزدا پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھتۇر» دېدى. 34
Y los hijos de Rubén y los hijos de Gad pusieron por nombre al altar Ed; porque es testimonio entre nosotros que el SEÑOR es Dios.

< يەشۇئا 22 >