< يەشۇئا 22 >
ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ | 1 |
Eodem tempore vocavit Iosue Rubenitas, et Gaditas, et dimidiam tribum Manasse,
سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدىڭلار، مېنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلىرىمگىمۇ قۇلاق سالدىڭلار؛ | 2 |
dixitque ad eos: Fecistis omnia quae praecepit vobis Moyses famulus Domini: mihi quoque in omnibus obedistis,
سىلەر بۇ نۇرغۇن كۈنلەردە تاكى بۈگۈنگە قەدەر قېرىنداشلىرىڭلارنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار [سىلەرگە] ئەمر قىلغان ۋەزىپىنى تۇتۇپ كەلدىڭلار؛ | 3 |
nec reliquistis fratres vestros longo tempore, usque in praesentem diem, custodientes imperium Domini Dei vestri.
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ۋەدە قىلغىنىدەك، قېرىنداشلىرىڭلارغا ئاراملىق بەردى؛ شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە سىلەرگە بەرگەن مىراس زېمىنىڭلارغا، ئۆز چېدىرلىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار. | 4 |
Quia igitur dedit Dominus Deus vester fratribus vestris quietem et pacem, sicut pollicitus est: revertimini, et ite in tabernacula vestra, et in terram possessionis, quam tradidit vobis Moyses famulus Domini trans Iordanem:
پەقەتلا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا سىلەرگە بۇيرۇپ تاپشۇرغان قانۇن-ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىپ، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل بۆلۈڭلار، ــ دېدى. | 5 |
ita dumtaxat, ut custodiatis attente, et opere compleatis mandatum et legem quam praecepit vobis Moyses famulus Domini, ut diligatis Dominum Deum vestrum, et ambuletis in omnibus viis eius, et observetis mandata illius, adhaereatisque ei, ac serviatis in omni corde, et in omni anima vestra.
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇلارنى بەخت-بەرىكەت تىلەپ، يولغا سالدى؛ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. | 6 |
Benedixitque eis Iosue, et dimisit eos. Qui reversi sunt in tabernacula sua.
ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە بولسا مۇسا ئۇلارغا باشاننى مىراس قىلىپ بەرگەنىدى؛ يەنە بىر يېرىم قەبىلىگە يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ قېتى، يەنى غەرب تەرىپىدە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مىراس بەردى. يەشۇئا ئۇلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىش يولىغا سالغان ۋاقتىدا، ئۇ ئۇلارغىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ، | 7 |
Dimidiae autem tribui Manasse possessionem Moyses dederat in Basan: et idcirco mediae, quae superfuit, dedit Iosue sortem inter ceteros fratres suos trans Iordanem ad Occidentalem plagam. Cumque dimitteret eos in tabernacula sua, et benedixisset eis,
ئۇلارغا: ــ ئىنتايىن كۆپ بايلىقلار، ئىنتايىن كۆپ چارپايلارنى، شۇنداقلا كۆپ مىقداردا كۈمۈش، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، ئۆز چېدىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار؛ دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئالغان ئولجىنى قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىڭلار، دېدى. | 8 |
dixit ad eos: In multa substantia atque divitiis revertimini ad sedes vestras, cum argento et auro, aere ac ferro, et veste multiplici: dividite praedam hostium cum fratribus vestris.
ئۇ ۋاقىتتا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى شىلوھدىن چىقىپ ئىسرائىللاردىن ئايرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە ئۇلارنىڭ تەئەللۇقاتى بولغان ئۆز مىراس زېمىنى گىلېئاد يۇرتىغا قاراپ قايتىپ ماڭدى. | 9 |
Reversique sunt, et abierunt filii Ruben, et filii Gad, et dimidia tribus Manasse, a filiis Israel de Silo, quae sita est in Chanaan, ut intrarent Galaad Terram possessionis suae, quam obtinuerant iuxta imperium Domini in manu Moysi.
رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى گەلىلوتقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا بىر قۇربانگاھنى ياسىدى؛ قۇربانگاھ ناھايىتى چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ياسالغانىدى. | 10 |
Cumque venissent ad tumulos Iordanis in Terram Chanaan, aedificaverunt iuxta Iordanem altare infinitae magnitudinis.
ئىسرائىللارغا: «مانا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى گەلىلوتتا، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئۇدۇلىدا بىر قۇربانگاھنى ياساپتۇ» دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى. | 11 |
Quod cum audissent filii Israel, et ad eos certi nuncii detulissent aedificasse filios Ruben, et Gad, et dimidiae tribus Manasse, altare in Terra Chanaan, super Iordanis tumulos, contra filios Israel:
ئىسرائىللار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن شىلوھقا توپلاندى. | 12 |
convenerunt omnes in Silo, ut ascenderent, et dimicarent contra eos.
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاسنى گىلېئاد زېمىنىدىكى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە ماڭدۇردى | 13 |
Et interim miserunt ad illos in Terram Galaad Phinees filium Eleazari sacerdotem,
ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن ئون ئەمىرنى، ئىسرائىلنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن جەمەت باشلىقى بولغان بىردىن ئەمىرنى ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتى؛ ھەربىر ئەمىر ھەرقايسى ئاتا جەمەتتىكى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋېشى ئىدى. | 14 |
et decem principes cum eo, singulos de singulis tribubus.
بۇلار ئەمدى گىلېئاد زېمىنىغا، رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە كېلىپ ئۇلارغا: ــ | 15 |
Qui venerunt ad filios Ruben, et Gad, et dimidiae tribus Manasse in Terram Galaad, dixeruntque ad eos:
مانا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، ئۆزۈڭلارغا قۇربانگاھنى ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن يۈز ئۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن بۇ رەزىللىكىڭلار زادى قانداق ئىش؟ | 16 |
Haec mandat omnis populus Domini: Quae est ista transgressio? Cur reliquistis Dominum Deum Israel, aedificantes altare sacrilegum, et a cultu illius recedentes?
پېئوردا بۇرۇن ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكىمىز بىزگە يېتىپ ئاشماسمۇ؟ گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىنىڭ بېشىغا ۋابا چۈشكەن بولسىمۇ، بىز تېخى بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئىشتىن ئۆزىمىزنى پاكلاندۇرمىدۇق. | 17 |
An parum vobis est quod peccastis in Beelphegor, et usque in praesentem diem macula huius sceleris in nobis permanet? multi enim de populo corruerunt.
سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ياندىڭلار؛ شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغان بولغاچقا، ئۇ جەزمەن ئەتە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە غەزەپلىنىدۇ. | 18 |
Et vos hodie reliquistis Dominum, et cras in universum Israel ira eius desaeviet.
ھالبۇكى، مۇبادا سىلەر مىراس قىلىپ ئالغان زېمىن ناپاك بولۇپ قالغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا، ئۇنىڭ چېدىرى تىكلەنگەن يۇرتقا يېنىپ كېلىپ، ئارىمىزدا مىراس ئېلىڭلار. پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانگاھىدىن باشقا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ياساش بىلەن پەرۋەردىگارغا ۋە بىزلەرگە ئاسىيلىق قىلماڭلار. | 19 |
Quod si putatis immundam esse terram possessionis vestrae, transite ad Terram, in qua tabernaculum Domini est, et habitate inter nos: tantum ut a Domino, et a nostro consortio non recedatis, aedificato altari praeter altare Domini Dei nostri.
زەراھنىڭ ئوغلى ئاقان ھارام بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئىتائەتسىزلىك قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن قەبىھلىكى ئۈچۈن يالغۇز ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ قالماي، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئەمەسمۇ؟». | 20 |
Nonne Achan filius Zare praeteriit mandatum Domini, et super omnem populum Israel ira eius incubuit? Et ille erat unus homo, atque utinam solum periisset in scelere suo.
شۇنىڭ بىلەن رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ | 21 |
Responderuntque filii Ruben et Gad, et dimidia tribus Manasse principibus legationis Israel:
«ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى پەرۋەردىگاردۇر! ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بۇنى بىلىدۇ، ئىسرائىلمۇ ئۇنى بىلگەي! ئەگەر بۇ ئىش ئاسىيلىق بولسا ياكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك بولسا، ئەمدى بىزلەرنى بۈگۇن ئۆلۈمدىن ئايىماڭلار! | 22 |
Fortissimus Deus Dominus, ipse novit, et Israel simul intelliget: si praevaricationis animo, hoc altare construximus, non custodiat nos, sed puniat nos in praesenti:
ئەگەر بىزنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن قۇربانگاھنى ياسىشىمىز پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىش ئۈچۈن بولغان بولسا، شۇنداقلا قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش، ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇنۇش، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇش ئۈچۈن بولغان بولسا، ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى بۇ ئىش توغرۇلۇق بىزدىن ھېساب ئالسۇن؛ | 23 |
et si ea mente fecimus ut holocausta, et sacrificium, et pacificas victimas super eo imponeremus, ipse quaerat et iudicet:
ئەكسىچە بۇ ئىشنى قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ھەقىقەتەن شۇكى، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا: «سىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭلار بار؟ | 24 |
et non ea magis cogitatione atque tractatu, ut diceremus: Cras dicent filii vestri filiis nostris: Quid vobis et Domino Deo Israel?
ئەي رۇبەنلەر ۋە گادلار، پەرۋەردىگار بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ قويغان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوقتۇر!» دېيىشىدىن ئەندىشە قىلدۇق. | 25 |
terminum posuit Dominus inter nos et vos, o filii Ruben, et filii Gad, Iordanem fluvium: et idcirco partem non habetis in Domino. Et per hanc occasionem avertent filii vestri filios nostros a timore Domini. Putavimus itaque melius,
شۇڭا بىز: «قوپۇپ بىر قۇربانگاھ ياسايلى؛ لېكىن بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس، باشقا خىل قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس، | 26 |
et diximus: Extruamus nobis altare, non in holocausta, neque ad victimas offerendas,
بەلكى كەلگۈسىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن باشقا خىل قۇربانلىقلىرىمىز ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشىمىز ئۈچۈن، سىلەر ۋە بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا، شۇنداقلا كېيىنكى دەۋرلىرىمىزدە بىر ئەسلەتمە گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ياسىدۇق؛ بالىلىرىڭلارنىڭ كەلگۈسىدە بالىلىرىمىزغا «پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوق» دېمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. | 27 |
sed in testimonium inter nos et vos, et sobolem nostram vestramque progeniem, ut serviamus Domino, et iuris nostri sit offerre et holocausta, et victimas, et pacificas hostias: et nequaquam dicant cras filii vestri filiis nostris: Non est vobis pars in Domino.
ئەگەر ئۇلار كەلگۈسىدە بىز بىلەن ئەۋلادلىرىمىزغا شۇنداق دېسە، بىز جاۋاب بېرىپ: «مانا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ياكى باشقا خىل قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ياسالغان ئەمەس، بەلكى سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ ياسالغان، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياسىغان قۇربانگاھىنىڭ ئەندىزىسىدۇر!» دېيەلەيمىز. | 28 |
Quod si voluerint dicere, respondebunt eis: Ecce altare Domini, quod fecerunt patres nostri, non in holocausta, neque in sacrificium, sed in testimonium nostrum ac vestrum.
پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان قۇربانگاھتىن باشقا ئىككىنچى بىر قۇربانگاھنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە باشقا خىل قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزۈش نىيىتى بىزدىن نېرى بولغاي!». | 29 |
Absit a nobis hoc scelus ut recedamus a Domino, et eius vestigia relinquamus, extructo altari ad holocausta, et sacrificia, et victimas offerendas, praeter altare Domini Dei nostri, quod extructum est ante tabernaculum eius.
كاھىن فىنىھاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن جامائەت ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۇلار شۇنىڭدىن خۇش بولدى. | 30 |
Quibus auditis, Phinees sacerdos, et principes legationis Israel, qui erant cum eo, placati sunt: et verba filiorum Ruben, et Gad, et dimidiae tribus Manasse, libentissime susceperunt.
ئەلىئازارنىڭ ئوغلى كاھىن فىنىھاس رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرگە: ــ سىلەر پەرۋەردىگارغا بۇ ئىتائەتسىزلىكنى قىلمىغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىمىزدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق؛ سىلەر بۇ ئىش بىلەن ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭلار، دېدى. | 31 |
Dixtque Phinees filius Eleazari sacerdos ad eos: Nunc scimus quod nobiscum sit Dominus, quoniam alieni estis a praevaricatione hac, et liberastis filios Israel de manu Domini.
ئاندىن ئەلىئازار كاھىننىڭ ئوغلى فىنىھاس بىلەن ئەمىرلەر رۇبەنلەر ۋە گادلارنىڭ يېنىدىن، گىلېئاد زېمىنىدىن چىقىپ قانائان زېمىنىغا ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا دەپ بەردى. | 32 |
Reversusque est cum principibus a filiis Ruben et Gad de Terra Galaad, finium Chanaan ad filios Israel, et retulit eis.
بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرۈندى؛ ئىسرائىللار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، رۇبەنلەر بىلەن گادلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان زېمىنىنى ۋەيران قىلايلى، دېگەن گەپنى ئىككىنچى تىلغا ئالمىدى. | 33 |
Placuitque sermo cunctis audientibus. Et laudaverunt Deum filii Israel, et nequaquam ultra dixerunt, ut ascenderent contra eos, atque pugnarent, et delerent Terram possessionis eorum.
رۇبەنلەر بىلەن گادلار بۇ قۇربانگاھقا «گۇۋاھلىق» دەپ ئات قويدى؛ چۈنكى ئۇلار: ــ «ئۇ ئارىمىزدا پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھتۇر» دېدى. | 34 |
Vocaveruntque filii Ruben, et filii Gad altare, quod extruxerant, Testimonium nostrum, quod Dominus ipse sit Deus.