< يەشۇئا 21 >
ئۇ ۋاقىتتا لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى كاھىن ئەلىئازار، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، | 1 |
肋未人各家長來見司祭厄肋阿匝爾和農竹旳兒子若蘇厄,以及以色列子民的族長,
قانائان زېمىنىدىكى شىلوھدا ئۇلارغا: ــ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پەرۋەردىگار بىز توغرۇلۇق: «ئۇلارغا تۇرۇشقا شەھەرلەرنى، ماللىرى ئۈچۈن يايلاقلارنى قوشۇپ بەرگىن»، دەپ ئېيتقان، دېدى. | 2 |
在客納罕地的史羅對他們說:「上主曾藉梅瑟吩咐過,要給我們一些城市居住,一些郊區為牧放我們的牲畜。」
شۇنى دېۋىدى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز مىراس ئۈلۈشلىرىدىن مۇنۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلارنى قوشۇپ لاۋىيلارغا بەردى: ــ | 3 |
以色列子民於是按照上主的吩咐,由自己的產業中,將以下的城市和郊區分給了肋未。肋未人,屬大司祭亞郎的子孫,
بىرىنچى تاشلانغان چەك كوھات جەمەتلىرىگە چىقتى؛ چەك تاشلىنىپ، لاۋىيلار ئىچىدىكى كاھىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا قەبىلىسى، شىمېئون قەبىلىسى ۋە بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى؛ | 4 |
刻哈特家族由猶大支派、西默盎支派和本雅民支派的地區中抽得十五座城。
ئاندىن كوھاتنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئەفرائىم قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون شەھەر بېكىتىلدى. | 5 |
刻哈特其他子孫,按家族由厄弗辣因支派,丹支派和默納協半支派,抽得了十座城。
گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئىسساكار قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھنىڭ يەنە بىر يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى. | 6 |
革爾爾雄的子孫,按照家族,由依撒加爾支派、阿協爾支派、納斐塔里支派和由巴商的默納協半支派,抽得了十三座城。
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ، رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئىككى شەھەر بېكىتىلدى. | 7 |
默辣黎的子孫,按照家族,由勒烏本支派、加得支派和則步隆支派,抽得了十二座城。
بۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائىللار چەك تاشلاپ بۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ، لاۋىيلارغا بەردى. | 8 |
以色列子孫按照上主藉梅瑟所吩咐的,將這些城和城郊,以抽籤方式分給了肋未人。
ئۇلار يەھۇدانىڭ قەبىلىسى بىلەن شىمېئوننىڭ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندە تىزىملانغان مۇنۇ شەھەرلەرنى بەردى: ــ | 9 |
由猶大西默盎支派,分給了他們下列各城:
(چەك تاشلانغاندا، لاۋىيلارنىڭ نەسلى بولغان كوھاتلار جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى چەك چىققاچقا مۇنۇ شەھەرلەر بېرىلدى): ــ | 10 |
肋未人,亞郎的子孫,刻哈特家族應抽第一籤。
ئۇلارغا يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدىكى كىرىئات-ئاربا (ئاربا ئاناكنىڭ ئاتىسى ئىدى)، يەنى ھېبرون بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلارنى قوشۇپ بەردى. | 11 |
他們分得了猶大山區克黎雅特阿爾巴和四周城郊──阿爾原是阿克的祖先,克黎雅特阿爾巴,即是赫貝龍──
لېكىن شەھەرگە تەۋە ئېتىزلار بىلەن كەنت-قىشلاقلارنى يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە مىراس قىلىپ بەردى. | 12 |
但已割給耶孚乃的兒子加肋布作產業的田和村莊卻不在內。
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھارۇن كاھىننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر ھېبرون ۋە يايلاقلىرىنى، يەنە ئۇلارغا لىبناھ بىلەن يايلاقلىرىنى، | 13 |
司祭亞郎的子孫分得給誤殺人者作避難城的赫貝龍和城郊,里貝納和城郊,
ياتتىر بىلەن يايلاقلىرىنى، ئەشتەموئا بىلەن يايلاقلىرىنى، | 14 |
此外,尚有雅提爾和城郊,厄斯特摩和城郊,
ھولون بىلەن يايلاقلىرىنى، دەبىر بىلەن يايلاقلىرىنى، | 15 |
曷隆和城郊,德彼爾和城郊,
ئايىن بىلەن يايلاقلىرىنى، يۇتتاھ بىلەن يايلاقلىرىنى، بەيت-شەمەش بىلەن يايلاقلىرىنى بەردى؛ بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ زېمىنلىرىدىن جەمئىي توققۇز شەھەرنى بەردى. | 16 |
阿商和城郊猶他和城郊,貝特舍默士和城郊由這兩支派各分得了九座城。
مۇندىن باشقا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىبېئون بىلەن يايلاقلىرىنى، گېبا بىلەن يايلاقلىرىنى، | 17 |
由本雅明支派,尚分得了基貝紅和城郊,
ئاناتوت بىلەن يايلاقلىرىنى، ئالمون بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ جەمئىي تۆت شەھەر بەردى. | 18 |
阿納托特和城郊,阿爾孟和城郊:共計四座城。
بۇ تەرىقىدە كاھىنلار، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. | 19 |
亞郎的子孫司祭們共分得了十三座城和所屬城郊。
ئۇلار يەنە لاۋىيلارنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھاتنىڭ قالغان جەمەتلىرىگىمۇ شەھەرلەرنى بەردى. چەك تاشلاش بىلەن ئۇلارغا بېكىتىلگەن شەھەرلەر مۇنۇلار: ــ ئۇلارغا ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن | 20 |
肋未人刻哈特家族,即刻哈特其餘的子孫,由厄弗辣因子孫抽,得了一些城市。
ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە گەزەر بىلەن يايلاقلىرى، | 21 |
他們分得厄弗辣因山區,給誤殺人者作避難城的舍根和城郊,革則爾和城郊,
كىبزائىم بىلەن يايلاقلىرى ۋە بەيت-ھورون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛ | 22 |
克貝匝殷和城郊,貝特曷隆和城郊:共計四座城;
بۇنىڭدىن باشقا دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئەلتەكەھ بىلەن يايلاقلىرى، گىببېتون بىلەن يايلاقلىرى، | 23 |
由丹支派分得了厄耳特刻和城郊,基貝通和城郊,
ئايجالون بىلەن يايلاقلىرى ۋە گات-رىممون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. | 24 |
阿雅隆和城郊,加特黎孟和城郊:共計四座城;
بۇنىڭدىن باشقا ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تائاناق بىلەن يايلاقلىرى، گات-رىممون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي ئىككى شەھەرنى بەردى. | 25 |
由默納協半支派分得了塔納客和城郊,依貝爾罕和城郊,共計兩座城。
بۇ تەرىقىدە كوھاتلارنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە بېرىلگەن شەھەرلەر ئون بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. | 26 |
刻哈特家族其餘的子孫,共分得了十座城和所屬城郊。
لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان گەرشونلارغا بولسا ئۇلار ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر باشاندىكى گولان بىلەن يايلاقلىرىنى، شۇنداقلا بەئەشتېراھ بىلەن يايلاقلىرىنى، جەمئىي ئىككى شەھەرنى بەردى؛ | 27 |
肋未家族的革爾雄子孫由默納協半支派,分得了在巴商給誤殺人者作避難城的哥藍和城郊,阿市塔洛城和城郊:共計兩座城;
يەنە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن كىشىئون بىلەن يايلاقلىرى، دابىرات بىلەن يايلاقلىرى، | 28 |
由依撒加爾支派,分得了克史雍和城郊,多貝辣特和城郊,
يارمۇت بىلەن يايلاقلىرى ۋە ئەن-گاننىم بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛ | 29 |
雅爾慕特和城郊,恩加寧和城郊,共計四座城;
بۇنىڭدىن باشقا ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن مىشال بىلەن يايلاقلىرى، ئابدون بىلەن يايلاقلىرى، | 30 |
由阿協爾支派分得了米沙爾和城郊,阿貝冬和城郊,
ھەلكات بىلەن يايلاقلىرى ۋە رەھوب بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي بولۇپ تۆت شەھەرنى بەردى؛ | 31 |
赫爾卡特和城郊,勒曷有布和城郊:共計四趡城;
بۇنىڭدىن باشقا نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گالىلىيەدىكى كەدەش بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ھامموت-دور بىلەن يايلاقلىرى ۋە كارتان بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بولۇپ، جەمىئىي ئۈچ شەھەرنى بەردى. | 32 |
納斐塔里支派,分得了在加里肋亞給誤殺人者作避難城的刻德市和城郊,哈摩特多爾和城郊,卡爾堂和城郊:共計三座城。
بۇ تەرىقىدە گەرشونلارغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. | 33 |
革爾雄人按照家族,共分得了十三座城和所屬城郊。
قالغان لاۋىيلارغا، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن يوكنېئام بىلەن يايلاقلىرى، كارتاھ بىلەن يايلاقلىرى، | 34 |
其餘的肋未人,即默辣黎子孫的家族,由則步隆支派分得了約刻乃罕和城郊,卡爾達和城郊,
دىمناھ بىلەن يايلاقلىرى ۋە ناھالال بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. | 35 |
黎孟和城郊,納哈拉耳和城郊:共計四座城;
بۇنىڭدىن باشقا رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن بەزەر بىلەن يايلاقلىرى، ياھاز بىلەن يايلاقلىرى، | 36 |
在約旦河東,由勒烏本支派分得了位於曠野高原內,給誤殺人者作避難城的貝責爾和城郊,雅哈茲和城郊,
كەدەموت بىلەن يايلاقلىرى ۋە مەفائات بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. | 37 |
刻德摩特和城郊,默法阿特和城郊:共計四座城;
بۇنىڭدىن باشقا گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گىلېئادتىكى راموت بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ماھانايىم بىلەن يايلاقلىرى، | 38 |
由加得支派,分得了在基肋阿得給誤殺人者作避難城的辣摩特和城郊,哈瑪紇殷和城郊,
ھەشبون بىلەن يايلاقلىرى ۋە جائازەر بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. | 39 |
赫市朋和城郊,雅則爾和城郊:共四座城。
بۇلار بولسا قالغان لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىگە، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە بېرىلگەن بارلىق شەھەرلەردۇر؛ ئۇلارغا چەك تاشلىنىش بىلەن بېرىلگەن ئۈلۈشى ئون ئىككى شەھەر ئىدى. | 40 |
其餘的肋未人家族,即默辣黎的子孫,按照家族,共抽得了十二座城。
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدىن لاۋىيلارغا بېكىتىپ بېرىلگەن شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز ئىدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. | 41 |
肋未人由以色列子民的產業中,共分得了四十八座城和所屬城。
بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئەتراپىدا يايلاقلىرى بار ئىدى؛ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى. | 42 |
這些城包括全城和城四郊;每座城都是這樣。
پەرۋەردىگار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان پۈتكۈل زېمىننى ئۇلارغا بەردى؛ ئۇلار كېلىپ ئۇنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. | 43 |
上主這樣將誓許給他們祖先的整個地區,賜給了以色列人;他們佔領之後,便住在那裏。
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇلارغا ھەر ئەتراپىدا تىنچ-ئاراملىق بەردى؛ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېچقاندىقى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇرالمايتتى؛ بەلكى پەرۋەردىگار ھەممە دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. | 44 |
上主又使他們四境安寧,全像衪向他們的祖先所誓許的;一切仇敵,沒有能對抗他們的,因為上主將他們所有的仇敵,都交在他們手中了。
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىگە ۋەدە قىلغان ھىممەتلىرىدىن ھېچبىرى قالدۇرۇلماي ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. | 45 |
上主向以色列家應許賜福的話,沒有一句落空,全部應驗了。