پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
וידבר יהוה אל יהושע לאמר |
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئۆزۈم مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغاندەك، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن «پاناھلىق شەھەرلەر»نى تاللاپ بېكىتىڭلار؛ | 2 |
דבר אל בני ישראל לאמר תנו לכם את ערי המקלט אשר דברתי אליכם ביד משה |
بىلمەي، تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەرقانداق كىشى ئۇ شەھەرلەرگە قېچىپ كەتسۇن. بۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرلەر سىلەرگە قان ئىنتىقامىنى ئالغۇچىدىن پاناھگاھ بولىدۇ. | 3 |
לנוס שמה רוצח מכה נפש בשגגה בבלי דעת והיו לכם למקלט מגאל הדם |
[ئادەمنى شۇنداق ئۆلتۈرگەن] كىشى بۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ قوۋۇقىغا كېلىپ، شۇ يەردە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز ئەھۋالىنى ئېيتسۇن؛ ئۇلار ئۇنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ شەھەرگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىغا ئۇنىڭغا جاي بەرسۇن. | 4 |
ונס אל אחת מהערים האלה ועמד פתח שער העיר ודבר באזני זקני העיר ההיא את דבריו ואספו אתו העירה אליהם ונתנו לו מקום וישב עמם |
ئەمدى قان قىساسىنى ئالغۇچى ئۇنى قوغلاپ كەلسە، ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى قىساسكارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىسۇن؛ چۈنكى شۇ كىشىنىڭ بۇرۇندىن ئۆز قوشنىسىغا ھېچ ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىغان، بەلكى تاسادىپىي ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. | 5 |
וכי ירדף גאל הדם אחריו ולא יסגרו את הרצח בידו כי בבלי דעת הכה את רעהו ולא שנא הוא לו מתמול שלשום |
[ئادەم ئۆلتۈرگەن] كىشى جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنغۇچە شۇ شەھەردە تۇرسۇن؛ ئاندىن شۇ ۋاقىتتىكى باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇ شۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، ئۆز شەھىرىگە، يەنى قېچىپ چىققان شەھەردىكى ئۆيىگە يېنىپ كەلسۇن. | 6 |
וישב בעיר ההיא עד עמדו לפני העדה למשפט עד מות הכהן הגדול אשר יהיה בימים ההם אז ישוב הרוצח ובא אל עירו ואל ביתו--אל העיר אשר נס משם |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نافتالى تاغلىق يۇرتىدىكى كەدەشنى، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى شەكەمنى ۋە يەھۇدانىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننى، | 7 |
ויקדשו את קדש בגליל בהר נפתלי ואת שכם בהר אפרים ואת קרית ארבע היא חברון בהר יהודה |
يېرىخونىڭ شەرق تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۈزلەڭلىكنىڭ چۆلىدىكى بەزەرنى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىلېئادتىكى راموتنى ۋە ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولاننى تاللاپ بېكىتتى. | 8 |
ומעבר לירדן יריחו מזרחה נתנו את בצר במדבר במישר ממטה ראובן ואת ראמת בגלעד ממטה גד ואת גלון (גולן) בבשן ממטה מנשה |
مانا بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ئۈچۈن پاناھگاھ بولۇشقا بىكىتىلگەن شەھەرلەردۇر؛ كىمكى بىلمەي، تاسادىپىلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشىدىن بۇرۇن، قان قىساسكارنىڭ قولىدا ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن شۇ شەھەرلەرگە قېچىپ كېتىشكە بۇ شەھەرلەر بېكىتىلگەن. | 9 |
אלה היו ערי המועדה לכל בני ישראל ולגר הגר בתוכם לנוס שמה כל מכה נפש בשגגה ולא ימות ביד גאל הדם עד עמדו לפני העדה |