< يەشۇئا 2 >

ئاندىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئىككى چارلىغۇچىنى شىتتىمدىن ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ ئۇ زېمىننى، بولۇپمۇ يېرىخو شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، راھاب ئاتلىق بىر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قوندى. 1
Andin kéyin Nunning oghli Yeshua ikki charlighuchini Shittimdin ewetip ulargha: — Siler bérip u zéminni, bolupmu Yérixo shehirini charlap kélinglar, dédi. Shuning bilen ular u yerge bérip, Rahab atliq bir pahishining öyige kirip qondi.
لېكىن بىرسى كېلىپ يېرىخو پادىشاھىغا: ــ بۈگۈن كېچە ئىسرائىللاردىن بىرنەچچە كىشى بۇ زېمىننى چارلىغىلى كەپتۇ، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. 2
Lékin birsi kélip Yérixo padishahigha: — Bügün kéche Israillardin birnechche kishi bu zéminni charlighili keptu, dep xewer yetküzdi.
شۇنىڭ بىلەن يېرىخو پادىشاھى راھابنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ سېنىڭ قېشىڭغا كېلىپ، ئۆيۈڭگە كىرگەن شۇ كىشىلەرنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرگىن، چۈنكى ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ھەر يېرىنى پايلىغىلى كەپتۇ، ــ دېدى. 3
Shuning bilen Yérixo padishahi Rahabning qéshigha adem ewetip: — Séning qéshinggha kélip, öyüngge kirgen shu kishilerni bizge tapshurup bergin, chünki ular bu zéminning her yérini paylighili keptu, — dédi.
لېكىن ئۇ ئايال ئۇ ئىككى كىشىنى ئېلىپ چىقىپ يوشۇرۇپ قويغانىدى؛ ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەرۋەقە بۇ كىشىلەر مېنىڭ قېشىمغا كەلدى، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىم؛ 4
Lékin u ayal u ikki kishini élip chiqip yoshurup qoyghanidi; u jawab bérip: — Derweqe bu kishiler méning qéshimgha keldi, lékin men ularning nedin kelgenlikini bilmidim;
قاراڭغۇ چۈشۈپ، قوۋۇقنى ئېتىدىغان ۋاقىت كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئادەملەر چىقىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى بىلمەيمەن. ئۇلارنى تېزدىن قوغلىساڭلار، چوقۇم يېتىشىۋالىسىلەر، ــ دېدى. 5
qarangghu chüshüp, qowuqni étidighan waqit kelgende shundaq boldiki, bu ademler chiqip ketti. Men ularning qeyerge ketkinini bilmeymen. Ularni tézdin qoghlisanglar, choqum yétishiwalisiler, — dédi.
لېكىن ئۇ ئايال ئۇلارنى ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىنىڭ ئۈستىدە رەتلەپ يېيىپ قويغان زىغىر پاخاللىرىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى. 6
Lékin u ayal ularni ögzige élip chiqip, ögzining üstide retlep yéyip qoyghan zighir paxallirining astigha yoshurup qoyghanidi.
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىزدەپ قوغلىغۇچىلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ يولى بىلەن چىقىپ دەريا كېچىكلىرىگىچە قوغلاپ باردى. ئۇلارنى قوغلىغۇچىلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، شەھەرنىڭ قوۋۇقى تاقالدى. 7
U waqitta ularning keynidin izdep qoghlighuchilar Iordan deryasining yoli bilen chiqip derya kéchiklirigiche qoghlap bardi. Ularni qoghlighuchilar sheherdin chiqishi bilenla, sheherning qowuqi taqaldi.
شۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئىككىيلەن تېخى ئۇخلاشقا ياتمىغانىدى، راھاب ئۆگزىگە چىقىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ 8
Shu waqitta, u ikkiylen téxi uxlashqa yatmighanidi, Rahab ögzige chiqip ularning qéshigha bérip
ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا سىلەردىن بولغان ۋەھىمەڭلار بىزلەرگە چۈشۈپ، بۇ زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا ھالىدىن كېتەي دېگىنىنى بىلىمەن؛ 9
ulargha: — Perwerdigarning bu zéminni silerge miras qilip bergenlikini, shundaqla silerdin bolghan wehimenglar bizlerge chüshüp, bu zémindikilerning hemmisi aldinglarda halidin kétey déginini bilimen;
چۈنكى بىز سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىڭلاردا قىزىل دېڭىزنى قورۇتقانلىقىنى، شۇنداقلا سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى سىھون بىلەن ئوگنى قانداق قىلغانلىقىڭلارنى، ئۇلارنى مۇتلەق يوقاتقانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. 10
chünki biz siler Misirdin chiqqininglarda Perwerdigarning aldinglarda Qizil Déngizni qorutqanliqini, shundaqla silerning Iordan deryasining u teripidiki Amoriylarning ikki padishahi Sihon bilen Ogni qandaq qilghanliqinglarni, ularni mutleq yoqatqanliqinglarni angliduq.
بۇنى ئاڭلاپ يۈرىكىمىز سۇ بولۇپ، سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ھەرقايسىمىزنىڭ روھى چىقىپ كەتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بولسا يۇقىرىدا، ئاسمانلارنىڭ ھەمدە تۆۋەندە يەرنىڭ خۇداسىدۇر. 11
Buni anglap yürikimiz su bolup, silerning sewebinglardin herqaysimizning rohi chiqip ketti. Chünki Perwerdigar Xudayinglar bolsa yuqirida, asmanlarning hemde töwende yerning Xudasidur.
ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سىلەرگە كۆرسەتكەن ھىممىتىم ئۈچۈن سىلەرمۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتىگە ھىممەت قىلىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ماڭا قەسەم قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاتا-ئانامنى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمنى ۋە ئۇلارغا تەۋە بارلىقىغا چېقىلماسلىقىڭلار، جېنىمىزنى تىرىك قالدۇرۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشۇڭلار توغرىسىدا ماڭا بىر كاپالەت بەلگىسىنى بېرىڭلار، ــ دېدى. 12
Emdi silerdin ötünimenki, men silerge körsetken himmitim üchün silermu méning atamning jemetige himmet qilishqa Perwerdigarning nami bilen manga qesem qilinglar, shundaqla ata-anamni, aka-uka, acha-singil qérindashlirimni we ulargha tewe barliqigha chéqilmasliqinglar, jénimizni tirik qaldurup, ölümdin qutquzushunglar toghrisida manga bir kapalet belgisini béringlar, — dédi.
13
ئىككىيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن بۇ ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭ، سىلەر جېنىڭلاردىن ئايرىلساڭلار، بىزمۇ جېنىمىزدىن ئايرىلغايمىز! شۇنىڭدەك شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بىزگە بۇ زېمىننى ئىگە قىلغۇزغاندا، بىز جەزمەن سىلەرگە مېھرىبانلارچە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىمىز، دېدى. 14
Ikkiylen uninggha: — Eger sen bu ishimizni ashkarilap qoymisang, siler jéninglardin ayrilsanglar, bizmu jénimizdin ayrilghaymiz! Shuningdek shundaq boliduki, Perwerdigar bizge bu zéminni ige qilghuzghanda, biz jezmen silerge méhribanlarche we semimiy muamilide bolimiz, dédi.
شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇلارنى پەنجىرىدىن بىر تانا بىلەن چۈشۈرۈپ قويدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سېپىلىدا بولۇپ، ئۇ سېپىلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى). 15
Shuning bilen ayal ularni penjiridin bir tana bilen chüshürüp qoydi (chünki uning öyi sheherning sépilida bolup, u sépilning üstide olturatti).
ئايال ئۇ ئىككىسىگە: ــ قوغلىغۇچىلار سىلەرگە ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار؛ قوغلىغۇچىلار شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن سىلەر ئۆز يولۇڭلارغا ماڭساڭلار بولىدۇ، ــ دېدى. 16
Ayal u ikkisige: — Qoghlighuchilar silerge uchrap qalmasliqi üchün, taghqa chiqip, u yerde üch kün yoshurunup turunglar; qoghlighuchilar sheherge qaytip kelgendin kéyin, andin siler öz yolunglargha mangsanglar bolidu, — dédi.
ئىككىسى ئايالغا: ــ ئەگەر سەن بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلمىساڭ، سەن بىزگە قىلغۇزغان قەسەمدىن خالاس بولىمىز: ــ 17
Ikkisi ayalgha: — Eger sen bizning déginimizdek qilmisang, sen bizge qilghuzghan qesemdin xalas bolimiz: —
مانا، بىز زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن بىزنى چۈشۈرۈشكە ئىشلەتكەن بۇ قىزىل تانىنى پەنجىرىگە باغلاپ قويغىن؛ ئاندىن ئاتا-ئاناڭنى، ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىڭنى، شۇنداقلا ئاتاڭنىڭ بارلىق جەمەتىدىكىلەرنى ئۆيۈڭگە، ئۆزۈڭگە يىغىپ جەم قىلغىن. 18
Mana, biz zémin’gha kirgen chaghda, sen bizni chüshürüshke ishletken bu qizil tanini penjirige baghlap qoyghin; andin ata-anangni, aka-uka qérindashliringni, shundaqla atangning barliq jemetidikilerni öyüngge, özüngge yighip jem qilghin.
شۇنداق بولىدۇكى، ئۆيۈڭنىڭ ئىشىكلىرىدىن تاشقىرىغا چىققان ھەركىمىنىڭ قېنى ئۆز بېشىدا بولىدۇ؛ بىز ئۇنىڭغا مەسئۇل ئەمەسمىز؛ لېكىن بىراۋ ئۆيۈڭدە سەن بىلەن بىللە بولغان بىرسىنىڭ ئۈستىگە قول سالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ بېشىمىزغا چۈشكەي! 19
Shundaq boliduki, öyüngning ishikliridin tashqirigha chiqqan herkimining qéni öz béshida bolidu; biz uninggha mes’ul emesmiz; lékin biraw öyüngde sen bilen bille bolghan birsining üstige qol salsa, undaqta uning qéni bizning béshimizgha chüshkey!
ئەگەر سەن بۇ ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويساڭ، سەن بىزگە قىلغۇزغان بۇ قەسەمدىن خالاس بولىمىز، ــ دېدى. 20
Eger sen bu ishimizni ashkarilap qoysang, sen bizge qilghuzghan bu qesemdin xalas bolimiz, — dédi.
راھاب جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەرنىڭ دېگىنىڭلەردەك بولسۇن دەپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئايال پەنجىرىگە ئۇ قىزىل تانىنى باغلاپ قويدى. 21
Rahab jawab bérip: — Silerning dégininglerdek bolsun dep, ularni yolgha sélip qoydi. Ular ketkendin kéyin, ayal penjirige u qizil tanini baghlap qoydi.
ئۇ ئىككىسى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تاغقا چىقىپ، قوغلىغۇچىلار [شەھەرگە] قايتىپ كەتكۈچە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردى. قوغلىغۇچىلار يول بويىدىكى ھەممە يەرنى ئىزدەپمۇ ئۇلارنى تاپالمىدى. 22
U ikkisi u yerdin ayrilip, taghqa chiqip, qoghlighuchilar [sheherge] qaytip ketküche u yerde üch kün turdi. Qoghlighuchilar yol boyidiki hemme yerni izdepmu ularni tapalmidi.
ئاندىن بۇ ئىككىسى تاغدىن چۈشۈپ، قايتىپ ماڭدى؛ ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ قېشىغا كېلىپ، بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. 23
Andin bu ikkisi taghdin chüshüp, qaytip mangdi; ular deryadin ötüp, Nunning oghli Yeshuaning qéshigha kélip, béshidin kechürgenlirining hemmisini uninggha dep berdi.
ئۇلار يەشۇئاغا: ــ پەرۋەردىگار دەرۋەقە بارلىق زېمىننى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تۈپەيلىمىزدىن روھى چىقىپ كەتتى، ــ دېدى. 24
Ular Yeshuagha: — Perwerdigar derweqe barliq zéminni qolimizgha tapshurdi; zéminda turuwatqanlarning hemmisi bizning tüpeylimizdin rohi chiqip ketti, — dédi.

< يەشۇئا 2 >