< يەشۇئا 2 >
ئاندىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئىككى چارلىغۇچىنى شىتتىمدىن ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ ئۇ زېمىننى، بولۇپمۇ يېرىخو شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، راھاب ئاتلىق بىر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قوندى. | 1 |
茲にヌンの子ヨシユア、シツテムより潜かに二人の間者を發し之にいひけるは往てかの地およびヱリコを窺ひ探れ乃ち彼ら往て妓婦ラハブと名づくる者の家に入て其處に寝けるが
لېكىن بىرسى كېلىپ يېرىخو پادىشاھىغا: ــ بۈگۈن كېچە ئىسرائىللاردىن بىرنەچچە كىشى بۇ زېمىننى چارلىغىلى كەپتۇ، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. | 2 |
或人ヱリコの王に告て觀よイスラエルの子孫の者この地を探らんとて今宵ここに入きたれりといふ
شۇنىڭ بىلەن يېرىخو پادىشاھى راھابنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ سېنىڭ قېشىڭغا كېلىپ، ئۆيۈڭگە كىرگەن شۇ كىشىلەرنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرگىن، چۈنكى ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ھەر يېرىنى پايلىغىلى كەپتۇ، ــ دېدى. | 3 |
是に於てヱリコの王ラハブに言つかはしけるは汝にきたりて汝の家に入し人を曳いだせ彼らは此全國を探らんとて來れるなり
لېكىن ئۇ ئايال ئۇ ئىككى كىشىنى ئېلىپ چىقىپ يوشۇرۇپ قويغانىدى؛ ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەرۋەقە بۇ كىشىلەر مېنىڭ قېشىمغا كەلدى، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىم؛ | 4 |
婦人かのふたりの人を將て之を匿し而して言ふ實にその人々はわが許に來れり然れども我その何處よりか知ざりしが
قاراڭغۇ چۈشۈپ، قوۋۇقنى ئېتىدىغان ۋاقىت كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئادەملەر چىقىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى بىلمەيمەن. ئۇلارنى تېزدىن قوغلىساڭلار، چوقۇم يېتىشىۋالىسىلەر، ــ دېدى. | 5 |
黄昏どき門を閉るころに出されり我その人々の何處へ往しかを知ず急ぎその後を追へ然ば之に追及んと
لېكىن ئۇ ئايال ئۇلارنى ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىنىڭ ئۈستىدە رەتلەپ يېيىپ قويغان زىغىر پاخاللىرىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى. | 6 |
その實は婦すでにかれらを領て屋葢に升り屋葢の上に列べおきたる麻のなかに之をかくししなり
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىزدەپ قوغلىغۇچىلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ يولى بىلەن چىقىپ دەريا كېچىكلىرىگىچە قوغلاپ باردى. ئۇلارنى قوغلىغۇچىلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، شەھەرنىڭ قوۋۇقى تاقالدى. | 7 |
かくてその人々彼らの後を追ひヨルダンの路をゆきて渡場に赴むけり、かれらの後を追ふ者出るや直に門を閉しぬ
شۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئىككىيلەن تېخى ئۇخلاشقا ياتمىغانىدى، راھاب ئۆگزىگە چىقىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ | 8 |
二人のもの未だ寝ずラハブ屋背に上りて彼らのもとに來り
ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا سىلەردىن بولغان ۋەھىمەڭلار بىزلەرگە چۈشۈپ، بۇ زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا ھالىدىن كېتەي دېگىنىنى بىلىمەن؛ | 9 |
これに言けるはヱホバこの地を汝らに賜へり我らは甚く汝らを懼る此地の民盡く汝らの前に消亡ん我この事を知る
چۈنكى بىز سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىڭلاردا قىزىل دېڭىزنى قورۇتقانلىقىنى، شۇنداقلا سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى سىھون بىلەن ئوگنى قانداق قىلغانلىقىڭلارنى، ئۇلارنى مۇتلەق يوقاتقانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. | 10 |
其は汝らがエジプトより出來し時ヱホバなんぢらの前にて紅海の水を乾たまひし事および汝らがヨルダンの彼旁にありしアモリ人の二箇の王シホンとオグとになししこと即ちことごとく之を滅ぼしたりし事を我ら聞たればなり
بۇنى ئاڭلاپ يۈرىكىمىز سۇ بولۇپ، سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ھەرقايسىمىزنىڭ روھى چىقىپ كەتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بولسا يۇقىرىدا، ئاسمانلارنىڭ ھەمدە تۆۋەندە يەرنىڭ خۇداسىدۇر. | 11 |
我ら之を聞や心怯けなんぢらの故によりて人の魂きえうせたり汝らの神ヱホバは上の天にも下の地にも神たるなり
ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سىلەرگە كۆرسەتكەن ھىممىتىم ئۈچۈن سىلەرمۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتىگە ھىممەت قىلىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ماڭا قەسەم قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاتا-ئانامنى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمنى ۋە ئۇلارغا تەۋە بارلىقىغا چېقىلماسلىقىڭلار، جېنىمىزنى تىرىك قالدۇرۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشۇڭلار توغرىسىدا ماڭا بىر كاپالەت بەلگىسىنى بېرىڭلار، ــ دېدى. | 12 |
然ば請ふ我すでに汝らに恩を施したれば汝らも今ヱホバを指て我父の家に恩をほどこさんことを誓ひて我に眞實の記號を與へよ
又わが父母兄弟姉妹および凡て彼らに屬る者をながらへしめ我らの生命を拯ひて死を免かれしめんことを誓へよ
ئىككىيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن بۇ ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭ، سىلەر جېنىڭلاردىن ئايرىلساڭلار، بىزمۇ جېنىمىزدىن ئايرىلغايمىز! شۇنىڭدەك شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بىزگە بۇ زېمىننى ئىگە قىلغۇزغاندا، بىز جەزمەن سىلەرگە مېھرىبانلارچە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىمىز، دېدى. | 14 |
二人のものこれに言けるは汝ら若しわれらの此事を洩すことなくば我らの生命汝らに代りて死ん又ヱホバわれらに此地を與へたまふ時には我らなんぢに恩を施し眞實を盡さん
شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇلارنى پەنجىرىدىن بىر تانا بىلەن چۈشۈرۈپ قويدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سېپىلىدا بولۇپ، ئۇ سېپىلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى). | 15 |
是においてラハブ繩をもて彼らを窓より縋おろせり是は其家邑の石垣の上にありてかれ石垣の上に住しによる
ئايال ئۇ ئىككىسىگە: ــ قوغلىغۇچىلار سىلەرگە ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار؛ قوغلىغۇچىلار شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن سىلەر ئۆز يولۇڭلارغا ماڭساڭلار بولىدۇ، ــ دېدى. | 16 |
ラハブかれらに言けるは恐らくは追者なんぢに遇ん汝ら山に往て三日が間そこに隱れをり追者の還るを待て後去ゆくべし
ئىككىسى ئايالغا: ــ ئەگەر سەن بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلمىساڭ، سەن بىزگە قىلغۇزغان قەسەمدىن خالاس بولىمىز: ــ | 17 |
二人のものかれに言けるは汝が我らに誓しし此誓につきては我ら罪を獲じ
مانا، بىز زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن بىزنى چۈشۈرۈشكە ئىشلەتكەن بۇ قىزىل تانىنى پەنجىرىگە باغلاپ قويغىن؛ ئاندىن ئاتا-ئاناڭنى، ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىڭنى، شۇنداقلا ئاتاڭنىڭ بارلىق جەمەتىدىكىلەرنى ئۆيۈڭگە، ئۆزۈڭگە يىغىپ جەم قىلغىن. | 18 |
我らが此地に打いらん時は汝我らを縋おろしたりし窓に此一條の赤き紐を結つけ且つ汝の父母兄弟および汝の父の家の眷族を悉く汝の家に聚むべし
شۇنداق بولىدۇكى، ئۆيۈڭنىڭ ئىشىكلىرىدىن تاشقىرىغا چىققان ھەركىمىنىڭ قېنى ئۆز بېشىدا بولىدۇ؛ بىز ئۇنىڭغا مەسئۇل ئەمەسمىز؛ لېكىن بىراۋ ئۆيۈڭدە سەن بىلەن بىللە بولغان بىرسىنىڭ ئۈستىگە قول سالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ بېشىمىزغا چۈشكەي! | 19 |
凡て汝の家の門を出て街衢に來る者はその血自身の首に歸すべし我らは罪なし然どもし汝とともに家にをる者に手をくはふることをせばその血は我らの首に歸すべし
ئەگەر سەن بۇ ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويساڭ، سەن بىزگە قىلغۇزغان بۇ قەسەمدىن خالاس بولىمىز، ــ دېدى. | 20 |
將た汝もし我らのこの事を洩さば汝が我らに誓せたる誓に我らあづかることなし
راھاب جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەرنىڭ دېگىنىڭلەردەك بولسۇن دەپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئايال پەنجىرىگە ئۇ قىزىل تانىنى باغلاپ قويدى. | 21 |
ラハブいひけるはなんぢらの言のごとくすべしと斯てかれらを出し去しめて赤き紐を窓に結べり
ئۇ ئىككىسى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تاغقا چىقىپ، قوغلىغۇچىلار [شەھەرگە] قايتىپ كەتكۈچە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردى. قوغلىغۇچىلار يول بويىدىكى ھەممە يەرنى ئىزدەپمۇ ئۇلارنى تاپالمىدى. | 22 |
かれら往て山にいり追來るもののかへるを待て三日が間そこに居れりおひ來れるもの徧ねく彼らを途に尋ねしかども終に獲ざりき
ئاندىن بۇ ئىككىسى تاغدىن چۈشۈپ، قايتىپ ماڭدى؛ ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ قېشىغا كېلىپ، بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. | 23 |
而してかの二箇の人は山を下り河を濟りて歸りヌンの子ヨシユアに詣りて其有し事等をつぶさに陳ぶ
ئۇلار يەشۇئاغا: ــ پەرۋەردىگار دەرۋەقە بارلىق زېمىننى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تۈپەيلىمىزدىن روھى چىقىپ كەتتى، ــ دېدى. | 24 |
またヨシユアにいふ誠にヱホバこの國をことごとく我らの手に付したまへりこの國の民は皆我らの前に消うせんと