< يەشۇئا 19 >
ئىككىنچى چەك شىمېئونغا چىقتى، يەنى شىمېئونلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ ئۇلارنىڭ مىراسى بولسا يەھۇدالارنىڭ مىراس ئۈلۈشىنىڭ ئارىسىدا ئىدى. | 1 |
Lasuerte para la segunda asignación cayó sobre la tribu de Simeón, por familias. El territorio estaba dentro de la tierra asignada a la tribu de Judá.
ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مىراسى ئىچىدە بەئەر-شېبا، شېبا، مولاداھ، | 2 |
Su asignación incluía Beerseba, Seba, Moladá,
ھازار-شۇئال، بالاھ، ئېزەم، | 3 |
Jazar-súal, Balá, Esen,
ئەلتولاد، بىتۇل، خورماھ، | 4 |
Eltolad, Betul, Jormá,
زىكلاگ، بەيت-ماركابوت، ھازار-سۇساھ، | 5 |
Siclag, Bet-marcabot, Jazar-Susá,
بەيت-لىبائوت ۋە شارۇھەن بولۇپ، جەمئىي ئون ئۈچ شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. | 6 |
Bet-lebaot, y Sarujén. Es decir, trece ciudades con sus aldeas.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايىن، رىممون، ئېتەر، ئاشان بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار | 7 |
También: Ayin, Rimón, Éter y Asán, es decir, cuatro ciudades con sus aldeas,
ھەمدە جەنۇب تەرەپتىكى بائالات-بەئەر (يەنى جەنۇبدىكى راماھ)غىچە بولغان بۇ [تۆت] شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى. بۇلار شىمېئونلار قەبىلىسىنىڭ ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئېرىشكەن مىراسى ئىدى. | 8 |
así como todas las aldeas alrededor de estas ciudades hasta Baalath-beer (o Ramá del Néguev). Esta fue la tierra asignada a la tribu de Simeón, por familias.
شىمېئونلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى يەھۇدالارنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ بېرىلدى؛ چۇنكى يەھۇدالارنىڭ مىراس ئۈلۈشى ئۆزلىرىگە كۆپلۈك قىلغانىدى، شۇڭا شىمېئونلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى ئۇلارنىڭ مىراس ئۈلۈشىنىڭ ئىچىدىن بېرىلدى. | 9 |
La asignación de la tribu de Simeón fue parte de la que se le dio a la tribu de Judá, ya que lo que había recibido la tribu de Judá era demasiado grande para ellos.
ئۈچىنچى چەك زەبۇلۇنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ ئۇلارنىڭ مىراس چېگرىسى سارىدقا باراتتى، | 10 |
Lasuerte para la tercera asignación cayó sobre la tribu de Zabulón, por familias. El límite de su asignación comenzaba en Sarid,
چېگرىسى غەرب تەرەپتە مارېئالاھقا بېرىپ داببەشەتكە يېتىپ يوكنېئامنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېقىنغا تۇتىشاتتى؛ | 11 |
y luego iba hacia el oeste pasando por Maralá, tocaba Dabesé y luego el arroyo cerca de Jocneán.
ئۇ سارىدتىن شەرق تەرىپىگە قايرىلىپ، كۈن چىقىشقا بۇرۇلۇپ كىسلوت-تابور يۇرتىغا تۇتىشىپ، دابىراتقا ئۆتۈپ، يافىياغا باردى؛ | 12 |
Siguiendo el otro camino desde Sarid, el límite se dirigía hacia el este hasta el límite de Kislot-tabor, pasando por Daberat, y luego hasta Japhia.
ئاندىن شۇ يەردىن ئۇ شەرق تەرىپىگە كۈن چىقىشقا [يەنە] بۇرۇلۇپ، گات-ھەفەر ۋە ئەت-كازىنغا كېلىپ نېئاھقا سوزۇلغان رىممون يۇرتىغا يېتىپ باردى. | 13 |
Desde allí corría hacia el este hasta Gath-hepher, Eth-kazin, y hasta Rimmon, y giraba hacia Neah.
ئاندىن ئۇ يەردىن شىمال تەرەپكە قايرىلىپ، ھانناتونغا يېتىپ بېرىپ، يىفتاھ-ئەلنىڭ جىلغىسىدا ئاخىرلاشتى. | 14 |
Allí el límite giraba hacia el norte, hacia Hannatón, y terminaba en el valle de Iphtah-el.
ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى يەنە كاتتات، ناھالال، شىمرون، يىدالاھ ۋە بەيت-لەھەمنىمۇ ئوراپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. | 15 |
T Las ciudades eran: Kattath, Nahalal, Shimron, Idalah, y Bethlehem – doce ciudades con sus aldeas.
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار زەبۇلۇنلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. | 16 |
Este fue el reparto de tierra, de ciudades y de aldeas que se le dieron a la tribu de Zabulón, por familias.
تۆتىنچى چەك ئىسساكارغا چىقتى، يەنى ئىسساكارلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ | 17 |
La suerte para la cuarta asignación cayó sobre la tribu de Isacar, por familias.
ئۇلارغا بېرىلگەن يۇرتلار يىزرەئەلگىچە بولۇپ، كەسۇللوت، شۇنەم، | 18 |
Su territorio incluía estas ciudades: Jezreel, Quesulot, Sunén,
ھافارئايىم، شىئون، ئاناھارات، | 19 |
Jafarayín, Sijón, Anajarat,
راببىت، كىشىئون، ئېبەز، | 20 |
Rabit, Cisón, Abez,
رەمەت، ئەن-گاننىم، ئەن-ھادداھ ۋە بەيت-پاززەزنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ | 21 |
Rémet, Enganín, Enadá y Bet Pasés.
ئاندىن چېگرىسى تابور، شاھازىماھ ۋە بەيت-شەمەشكە يېتىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلاشتى؛ ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. | 22 |
El límite también llegaba a las ciudades de Tabor, Sajazimá y Beth-Semes, y terminaba en el río Jordán. En total eran dieciséis ciudades con sus aldeas.
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىسساكارلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. | 23 |
Este fue el reparto de territorio, ciudades y aldeas que se le dio a la tribu de Zabulón, por familias.
بەشىنچى چەك ئاشىرلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ | 24 |
La suerte para la quinta asignación cayó sobre la tribu de Aser, por familias.
ئۇلارنىڭ زېمىنى ھەلكات، ھالى، بەتەن، ئاقساف، | 25 |
Su asignación incluía las ciudades de Jelkat, Jalí, Betén, Acsaf,
ئاللاممەلەك، ئامېئاد ۋە مىشالنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ چېگرىسى غەرب تەرەپتە كارمەل بىلەن شىھور-لىبناتقا تۇتىشىپ، | 26 |
Alamélec, Amad y Miseal. Su límite llegaba hasta el Carmelo y Sijor-libnat en el oeste.
ئاندىن شەرق تەرەپكە قايرىلىپ بەيت-داگونغا بېرىپ، زەبۇلۇن [زېمىنى] بىلەن يىفتاھ-ئەل جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، بەيت-ئېمەك بىلەن نېئىئەلگە يېتىپ بېرىپ كابۇلنىڭ شىمال تەرىپىگە چىقتى؛ | 27 |
Luego giraba hacia el este, hacia Bet-dagón, llegando a la tierra de Zabulón y al valle de Iphtah-el. Desde allí se dirigía al norte hacia Bet-Emec y Neiel, y continuaba hacia el norte hasta Cabul, y seguía hasta
ئېبرون، رەھوب، ھاممون ۋە كاناھنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ چوڭ زىدونغا يېتىپ باردى. | 28 |
Ebrón, Rejob, Hamón, y Caná, y tocaba Gran Sidón.
ئاندىن چېگرىسى راماھ تەرىپىگە قايرىلىپ، تۇر دېگەن مۇستەھكەم شەھىرگە بېرىپ، خوساھقا قايرىلىپ، ئاقزىب بىلەن ھەبەلگە تۇتاش بولغان دېڭىزدا ئاخىرلاشتى؛ | 29 |
El límite giraba entonces hacia Ramá y luego hacia la ciudad fortificada de Tiro, girando hacia Josá y terminaba en el mar. Las ciudades incluían Mehebel, Aczib,
زېمىنى ئۇمماھ، ئافەك ۋە رەھوبنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ جەمئىي يىگىرمە ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. | 30 |
Uma, Afec y Rejob – veintidósciudades con sus aldeas.
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئاشىرلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. | 31 |
Este fue el reparto -la tierra, las ciudades y las aldeas – que se le asignó a la tribu de Aser, por familias.
ئالتىنچى چەك نافتالىغا چىقتى، يەنى نافتالىلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ | 32 |
Lasuerte para la sexta asignación cayó sobre la tribu de Neftalí, por familias.
ئۇلارنىڭ چېگرىسى بولسا ھەلەفتىن چىقىپ، زائاناننىمدىكى دۇب دەرىخىدىن ئۆتۈپ، ئادامى-نەكەب ۋە يابنەئەلدىن چىقىپ، لاككۇمغا يېتىپ ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ ئاخىرلاشتى. | 33 |
Su límite comenzaba en Jélef, junto a la encina de Sananín, y seguía hasta Adaminéqueb, Jabnel, y continuaba hasta Lacún, terminando en el Jordán.
ئاندىن غەرب تەرەپكە قايرىلىپ ئازنوت-تابورغا بېرىپ، شۇ يەردىن ھۇككوكقا چىقىپ، جەنۇبتا زەبۇلۇننىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا تۇتىشىپ، شىمالدا ئاشىرنىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا يېتىپ، كۈن چىقىش تەرىپىدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدا، يەھۇدانىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا ئۇلاشتى. | 34 |
Luego se dirigía hacia el oeste hasta Aznot-tabor, y seguía hasta Hucoc. Llegaba a la tierra de Zabulón por el sur, a la tierra de Aser por el oeste y al Jordán por el este.
نافتالىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى زىددىم، زەر، ھاممات، راككات، كىننەرەت، | 35 |
Las ciudades fortificadas eran: Sidín, Ser, Jamat, Racat, Quinéret,
ئاداماھ، راماھ، ھازور، | 36 |
Adamá, Ramá, Jazor,
كەدەش، ئەدرەي، ئەن-ھازور، | 37 |
Cedes, Edrey, Enjazor,
يىرون، مىگدال-ئەل، ھورەم، بەيت-ئانات ۋە بەيت-شەمەشلەر بولۇپ، جەمئىي ئون توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. | 38 |
Irón, Migdal El, Jorén, Bet Anat, y Bet Semes. En total eran diecinueve ciudades con sus aldeas.
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار نافتالىلار قەبىلىسىنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. | 39 |
Este fue el territorio – latierra, las ciudades y las aldeas – que se le dieron a la tribu de Neftalí, por familias.
يەتتىنچى چەك دانلارنىڭ قەبىلىسىگە چىقتى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى. | 40 |
La suerte para la séptima asignación cayó sobre la tribu de Dan, por familias.
ئۇلارنىڭ مىراس زېمىنى بولسا زورېئاھ، ئەشتائول، ئىر-شەمەش، | 41 |
Su asignación incluía las ciudades de Zora, Estaol, Ir-semes,
شائالاببىن، ئايجالون، يىتلاھ، | 42 |
Sagalbīn, Ayalón, Jetlá,
ئېلون، تىمناتاھ، ئەكرون، | 43 |
Elón, Timná, Ecrón,
ئەل-تەكەھ، گىببېتون، بائالات، | 44 |
Eltequé, Guibetón, Balat,
يەھۇد، بەنە-باراك، گات-رىممون، | 45 |
Jehúd, Bené Berac, Gat-rimón,
مە-ياركون، راككون ۋە يافونىڭ ئۇدۇلىدىكى يۇرتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. | 46 |
Mejarcón, Racón, junto con el territorio frente a Jope
لېكىن دانلارنىڭ زېمىنى ئۆز قولىدىن كەتكەن بولغاچقا، دانلار چىقىپ لەشەمگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى؛ ئاھالىسىنى قىلىچلاپ يوقىتىپ، ئۇ يەرنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ماكانلاشتى؛ ئاندىن ئۇلار لەشەمگە ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ، ئۇنى دان دەپ ئاتىدى. | 47 |
Sin embargo, la tribu de Dan no pudo conservar la tierra que le había sido asignada, así que fue a atacar Lesén y la capturó. Mataron a sus habitantes y se apoderaron de la ciudad, estableciéndose en ella. Cambiaron el nombre de Lesénpor el de Dan, en honor a su antepasado.
مانا بۇلار، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار دانلار قەبىلىسىگە، ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس قىلىپ بېرىلگەنىدى. | 48 |
Este fue el territorio – latierra, las ciudades y las aldeas – quese le dio a la tribu de Dan, por familias.
بۇ تەرىقىدە [ئىسرائىللار] زېمىننى چېگرا-چېگرا بويىچە بۆلۈپ بولدى؛ ئاندىن ئۇلار نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا ئۆز ئارىسىدىن مىراس بۆلۈپ بەردى. | 49 |
Cuando terminaron de asignar la tierra y establecer sus fronteras, los israelitas le dieron a Josué, hijo de Nun, una asignación entre ellos.
پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يەشۇئا تىلىگىنىدەك ئۇنىڭغا ئەفرائىم تاغلىق يۇرتىدىكى تىمنات-سېراھ دېگەن شەھەرنى بەردى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ شەھەرنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدا تۇردى. | 50 |
Siguiendo la orden del Señor, le dieron la ciudad que pidió: Timnat Sera, en la región montañosa de Efraín. Él reconstruyó la ciudad y se estableció allí.
مانا بۇلار ئەلىئازار كاھىن بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىلنىڭ قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ كاتتاباشلىرى بىر بولۇپ شىلوھدا، جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چەك تاشلاپ بۆلۈپ تەقسىم قىلغان مىراسلاردۇر. بۇ تەرىقىدە ئۇلار زېمىننىڭ تەقسىماتىنى تۈگەتتى. | 51 |
Estas fueron las asignaciones distribuidas por el sacerdote Eleazar, por Josué, hijo de Nun, y por los jefes de las tribus israelitas. Se hicieron echando suertes en Silo, en presencia del Señor, a la entrada de la Tienda del Encuentro. Así terminaron de repartir la tierra.