< يەشۇئا 18 >
پۈتكۈل ئىسرائىللار جامائىتى شىلوھقا يىغىلىپ، ئۇ يەردە ئىبادەت چېدىرى تىكتى. گەرچە زېمىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، | 1 |
以色列的全会众都聚集在示罗,把会幕设立在那里,那地已经被他们制伏了。
لېكىن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئۆز مىراس ئۈلۈشى تېخى تەقسىم قىلىنمىغان يەتتە قەبىلە قالغانىدى. | 2 |
以色列人中其余的七个支派还没有分给他们地业。
شۇڭا يەشۇئا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن بۇ زېمىننى قولۇڭلارغا ئېلىشقا سۇسلۇق قىلىپ قاچانغىچە كەينىگە سۈرىسىلەر؟ | 3 |
约书亚对以色列人说:“耶和华—你们列祖的 神所赐给你们的地,你们耽延不去得,要到几时呢?
سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن ئۈچ ئادەمنى تاللاڭلار؛ مەن ئۇلارنى قوزغىلىپ بۇ پۈتكۈل زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، ئۇنى ھەربىر قەبىلە ئۆز مىراس ئۈلۈشىگە مۇۋاپىق سىزىپ-خاتىرىلەشكە، ئاندىن قېشىمغا يېنىپ كېلىشكە ئەۋەتىمەن. | 4 |
你们每支派当选举三个人,我要打发他们去,他们就要起身走遍那地,按着各支派应得的地业写明,就回到我这里来。
ئۇلار زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلسۇن؛ لېكىن يەھۇدا قەبىلىسى بولسا جەنۇبتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىمۇ شىمال تەرەپتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن. | 5 |
他们要将地分做七分;犹大仍在南方,住在他的境内。约瑟家仍在北方,住在他的境内。
سىلەر زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، پاسىلىنى خاتىرىلەپ سىزىپ يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن. | 6 |
你们要将地分做七分,写明了拿到我这里来。我要在耶和华—我们 神面前,为你们拈阄。
ئەمما لاۋىيلارنىڭ بولسا، ئاراڭلاردا ئۈلۈشى بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىقى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. گاد بىلەن رۇبەن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، شەرق تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەن يەرلەرنى ئاللىقاچان ئالغاندۇر». | 7 |
利未人在你们中间没有分,因为供耶和华祭司的职任就是他们的产业。迦得支派、吕便支派,和玛拿西半支派已经在约旦河东得了地业,就是耶和华仆人摩西所给他们的。”
[زېمىننى خاتىرىلەشكە بېكىتكەن] كىشىلەر قوزغىلىپ يولغا چىققاندا، يەشۇئا ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ: ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ-خاتىرىلەپ مېنىڭ قېشىمغا يېنىپ كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن مۇشۇ يەردە، شىلوھنىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن، دېدى. | 8 |
划地势的人起身去的时候,约书亚嘱咐他们说:“你们去走遍那地,划明地势,就回到我这里来。我要在示罗这里,耶和华面前,为你们拈阄。”
شۇنداق دېۋىدى، بۇ ئادەملەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ-خاتىرىلەپ، شەھەرلەر بويىچە يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، خاتىرىگە سىزىپ، شىلوھدىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى. | 9 |
他们就去了,走遍那地,按着城邑分做七分,写在册子上,回到示罗营中见约书亚。
ئاندىن يەشۇئا شىلوھدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلىدى ۋە شۇ يەردە قەبىلە-جەمەتى بويىچە زېمىننى ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى. | 10 |
约书亚就在示罗,耶和华面前,为他们拈阄。约书亚在那里,按着以色列人的支派,将地分给他们。
بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تارتىلدى؛ ئۇلار چەك ئارقىلىق ئېرىشكەن زېمىن يەھۇدالار بىلەن يۈسۈپلەرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىكى يۇرت بولدى. | 11 |
便雅悯支派,按着宗族拈阄所得之地,是在犹大、约瑟子孙中间。
ئۇلارنىڭ شىمالىي چېگرىسى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلاپ، يېرىخونىڭ شىمال تەرىپىدىكى داۋاننى يانداپ، غەرب تەرىپىگە قاراپ تاغلىق يۇرتقا چىقىپ ۋە بەيت-ئاۋەننىڭ چۆلىگە تۇتىشاتتى؛ | 12 |
他们的北界是从约旦河起,往上贴近耶利哥的北边;又往西通过山地,直到伯·亚文的旷野;
ئاندىن لۇزغا چىقىپ، لۇز، يەنى بەيت-ئەلنىڭ جەنۇب تەرىپىنى يانداپ ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-ھوروننىڭ جەنۇبىدىكى تاغقا يېقىن ئاتاروت-ئاددارغا چۈشتى؛ | 13 |
从那里往南接连到路斯,贴近路斯(路斯就是伯特利),又下到亚他绿·亚达,靠近下伯·和 南边的山;
چېگرا شۇ يەردىن ئۆتۈپ غەربتىن جەنۇبقا قايرىلىپ، بەيت-ھوروننىڭ جەنۇبىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغدىن يەھۇدالارنىڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا تۇتاشتى. بۇ غەرب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى. | 14 |
从那里往西,又转向南,从伯·和 南对面的山,直达到犹大人的城基列·巴力(基列·巴力就是基列·耶琳);这是西界。
جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى كىرىئات-يېئارىمنىڭ چېتىدىن باشلاپ غەرب تەرىپىگە مېڭىپ، نەفتوئاھتىكى سۇ مەنبەسىگە تۇتاشتى؛ | 15 |
南界是从基列·耶琳的尽边起,往西达到尼弗多亚的水源;
چېگرا ئاندىن رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئاندىن ھىننومنىڭ جىلغىسى بىلەن يەنە چۈشۈپ، يەبۇسىيلارنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن مېڭىپ، ئاندىن ئەن-روگەل بۇلىقىغا يەتتى؛ | 16 |
又下到欣嫩子谷对面山的尽边,就是利乏音谷北边的山;又下到欣嫩谷,贴近耶布斯的南边;又下到隐·罗结;
ئاندىن شىمال تەرىپىگە قايرىلىپ ئەن-شەمەش بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، ئادۇللام داۋىنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى گەلىلوتقا بېرىپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىغا چۈشۈپ، | 17 |
又往北通到隐·示麦,达到亚都冥坡对面的基利绿;又下到吕便之子波罕的磐石;
ۋە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشتى. | 18 |
又接连到亚拉巴对面,往北下到亚拉巴;
ئاندىن چېگرا شىمال تەرىپىگە چىقىپ بەيت-ھوگلاھنىڭ داۋىنىغا تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىدا، يەنى شور دېڭىزىنىڭ شىمالىي قولتۇقىدا ئاخىرلاشتى. بۇ جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى. | 19 |
又接连到伯·曷拉的北边,直通到盐海的北汊,就是约旦河的南头;这是南界。
شەرق چېگرىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. بۇ بىنيامىنلارنىڭ ئۈلۈشى بولۇپ، ئۇلارغا جەمەت-ئائىلىرى بويىچە توختىتىلغان مىراس زېمىنىنىڭ چېگرىسى شۇ ئىدى. | 20 |
东界是约旦河。这是便雅悯人按着宗族,照他们四围的交界所得的地业。
بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن شەھەرلەر بولسا تۆۋەندىكىلەردۇر: ــ يېرىخو، بەيت-ھوگلاھ، ئېمەك-كەزىز، | 21 |
便雅悯支派按着宗族所得的城邑就是:耶利哥、伯·曷拉、伊麦·基悉、
بەيت-ئاراباھ، زەمارايىم، بەيت-ئەل، | 22 |
伯·亚拉巴、洗玛脸、伯特利、
ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفراھ، | 23 |
亚文、巴拉、俄弗拉、
كەفار-ھائاموناي، ئوفنى ۋە گېبا بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى؛ | 24 |
基法·阿摩尼、俄弗尼、迦巴,共十二座城,还有属城的村庄;
بۇنىڭدىن باشقا گىبېئون، راماھ، بەئەروت، | 25 |
又有基遍、拉玛、比录、
مىزپاھ، كەفىراھ، موزاھ، | 26 |
米斯巴、基非拉、摩撒、
رەكەم، ئىرپەئەل، تارالاھ، | 27 |
利坚、伊利毗勒、他拉拉、
زەلاھ، ھا-ئەلەف، يەبۇسى (يەنى يېرۇسالېم)، گىبېئاھ ۋە كىرىئات بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى. بۇ بولسا بىنيامىنلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. | 28 |
洗拉、以利弗、耶布斯(耶布斯就是耶路撒冷)、基比亚、基列,共十四座城,还有属城的村庄。这是便雅悯人按着宗族所得的地业。