< يەشۇئا 17 >
ماناسسەھ يۈسۈپنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغاچقا، ئۇنىڭ قەبىلىسىگىمۇ چەك تاشلىنىپ مىراس بېرىلگەن. ماناسسەھنىڭ تۇنجى ئوغلى ماكىرنىڭ [ئەۋلادلىرى] (ماكىر گىلېئادنىڭ ئاتىسى ئىدى) باتۇر پالۋان بولغاچقا، ئۇلارغا گىلېئاد بىلەن باشان مىراس قىلىپ بېرىلدى. | 1 |
Och lotten föll till Manasse slägte, den Josephs förste son var, och föll till Machir, Manasse första son, Gileads fader; ty han var en god stridsman, derföre fick han Gilead och Basan.
ماناسسەھنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىمۇ، جۈملىدىن ئابىئېزەرلەر، ھەلەكلەر، ئاسرىئەللەر، شەكەملەر، ھەفەرلەر بىلەن شېمىدالار ئۆز جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس ئۈلۈشىنى ئالدى. بۇلار بولسا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ ئەر جەمەت ئائىلىلىرى ئىدى. | 2 |
Dem androm Manasse barnom uti deras ätter föll också till, nämliga: Abiesers barnom, Heleks barnom, Asriels barnom, Sechems barnom, Hephers barnom, och Semida barnom. Desse äro Manasse barn, Josephs sons, som mankön voro i deras ätter.
ئەمدى ماناسسەھنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھادنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى يوق بولۇپ، پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسىملىرى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى. | 3 |
Men Zelaphehad, Hephers son, Gileads sons, Machirs sons, Manasse sons, hade inga söner, utan döttrar; och deras namn äro desse: Mahela, Noa, Hogla, Milca, Thirza.
ئۇلار كاھىن ئەلىئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئەمىرلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇساغا بىز توغرۇلۇق قېرىنداشلىرىمىز قاتارىدا مىراس بېرىشكە ئەمر قىلغانىدى، دېدى. شۇنى دېۋىدى، [يەشۇئا] پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا ئۇلارغا مىراس بەردى. | 4 |
Och de gingo fram för Presten Eleazar, och för Josua, Nuns son, och för de öfversta, och sade: Herren böd Mose, att han skulle gifva oss arfvedel ibland våra bröder; så gaf han dem ock arfvedel ibland deras faders bröder, efter Herrans befallning.
بۇنىڭ بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى گىلېئاد بىلەن باشان زېمىنلىرىدىن باشقا، ماناسسەھكە يەنە ئون ئۈلۈش يەر بېرىلدى. | 5 |
Men Manasse föllo tio snöre till, förutan det landet Gilead och Basan, som på hinsidon Jordan ligger.
چۈنكى ماناسسەھنىڭ قىزلىرى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قاتارىدا مىراسقا ئىگە بولغانىدى؛ گىلېئاد زېمىنى ماناسسەھنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا تەگكەنىدى. | 6 |
Ty Manasse döttrar togo arfvedel med hans söner; och det landet Gilead kom de andra Manasse barn till.
ماناسسەھنىڭ زېمىنىنىڭ چېگرىسى بولسا ئاشىردىن تارتىپ شەكەمنىڭ ئۇتتۇرىدىكى مىكمىتاتقا بېرىپ، ئاندىن جەنۇب تەرىپىگە قايرىلىپ، ئەن-تاپپۇئاھدا تۇرغۇچىلارنىڭ جايىغىچە تۇتىشاتتى. | 7 |
Och Manasse gränsa var ifrån Asser till Michmethath, som ligger för Sechem, och går ut på högra handena intill dem af EnTappuah.
چۈنكى تاپپۇئاھنىڭ زېمىنى بولسا ماناسسەھگە تەگكەنىدى؛ لېكىن ماناسسەھنىڭ چېگرىسىدىكى تاپپۇئاھ شەھىرى ئەفرائىمغا تەۋە ئىدى. | 8 |
Ty det landet Tappuah kom Manasse till, och är Manasse gränsa invid Ephraims barn.
چېگرىسى ئۇ يەردىن كاناھ ئېقىنىغا چۈشۈپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن چىقتى. ئۇ يەردىكى شەھەرلەر بولسا ماناسسەھنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بولسىمۇ، ئەفرائىمغا تەگدى. ماناسسەھنىڭ چېگرىسى جىلغىنىڭ شىمال تەرىپى بىلەن بېرىپ دېڭىزغا يېتىپ ئاخىرلىشاتتى. | 9 |
Sedan går hon neder till NahalKana söderut till bäckstäderna, hvilka Ephraim tillhöra ibland Manasse städer; men ifrå nordan är Manasse gränsa inpå bäcken, och går ut i hafvet;
جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى زېمىن ئەفرائىمغا، شىمال تەرىپىدىكى زېمىن ماناسسەھكە تەۋە ئىدى؛ غەرب تەرىپىنىڭ چېگرىسى دېڭىز ئىدى. ئۇلارنىڭ زېمىنى شىمال تەرىپىدە ئاشىرنىڭ ئۈلۈشىگىچە يېتىپ، شەرق تەرىپى ئىسساكارنىڭ ئۈلۈشىگە تۇتاشقانىدى. | 10 |
Ephraims söderut, och Manasse norrut, och hafvet är hans landamäre, och stöter inpå Asser ifrå nordan, och inpå Isaschar ifrån östan.
ماناسسەھكىمۇ ئىسساكار بىلەن ئاشىرنىڭ ئۈلۈشلىرى ئىچىدىن بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەر، ئىبلېئام بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەر، دور ئاھالىسى بىلەن دورغا قاراشلىق كەنتلەر، ئەن-دور ئاھالىسى بىلەن ئەن-دورغا قاراشلىق كەنتلەر، تائاناق ئاھالىسى بىلەن تائاناققا قاراشلىق كەنتلەر ۋە مېگىددو ئاھالىسى بىلەن مېگىددوغا قاراشلىق كەنتلەر، يەنى «ئۈچ ئېگىزلىك» دېگەن يۇرت تەگدى. | 11 |
Så hade nu Manasse ibland Isaschar och Asser, BethSean och dess döttrar, Jibleam och dess döttrar, och dem i Dor och dess döttrar, och dem i Endor och dess döttrar, och dem i Thaanach och dess döttrar, och dem i Megiddo och dess döttrar, och tredje delen Naphet.
لېكىن ماناسسەھ بۇ شەھەردىكىلەرنى قوغلىۋىتەلمىدى؛ قانائانىيلار شۇ يۇرتلاردا تۇرۇۋېرىشكە نىيەت باغلىغانىدى. | 12 |
Och Manasse barn kunde icke intaga de städer; utan de Cananeer begynte till att bo i dessa landena.
ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچەيگەچكە قانائانىيلارنى ئۆزلىرىگە ھاشارچى قىلىپ بېقىندۇردى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن مۇتلەق قوغلىۋېتەلمىدى. | 13 |
Men då Israels barn vordo mägtige, gjorde de de Cananeer skattskyldiga, och fördrefvo dem icke.
يۈسۈپلەر بولسا يەشۇئاغا: ــ بىزلەر پەرۋەردىگار ھازىرغىچە شۇنداق بەرىكەتلەپ كەلگەن، چوڭ بىر خەلق تۇرساق، سەن نېمىشقا چەك تاشلاش بىلەن بىزگە پەقەت بىر ئۈلۈش مىراس، بىر پارچە يەرلا بەردىڭ؟ ــ دېدى. | 14 |
Då talade Josephs barn till Josua, och sade: Hvi hafver du icke gifvit mig mer än en lott, och ett snöre af arfvedelenom, och jag är dock ett mycket folk, såsom Herren hafver välsignat mig?
يەشۇئا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر چوڭ بىر خەلق بولساڭلار، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق يۇرتى سىلەرگە تار كەلگەن بولسا، ئورمانغا بېرىپ ئۇ يەردىكى پەرىززىيلەر بىلەن [گىگانت] رەفايىيلار يۇرتىدا دەرەخلەرنى كېسىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر جاينى چىقىرىۋېلىڭلار، دېدى. | 15 |
Då sade Josua till dem: Efter du äst ett mycket folk, så gack upp i skogen, och rödj dig der rum uti de Phereseers och Resars land, efter Ephraims berg är dig för trångt.
لېكىن يۈسۈپلەر: ــ تاغلىق يۇرت بىزگە يەتمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىلغىدا تۇرۇۋاتقانلار، مەيلى بەيت-شېئاندا ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردە بولسۇن ياكى يىزرەئەل جىلغىسىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۆمۈردىن جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىكەن، دېدى. | 16 |
Då sade Josephs barn: Berget kunne vi icke få; ty de Cananeer bruka alle jernvagnar, som i de landena Emek bo, när hvilko ligger BethSean och dess döttrar, och Jisreel i Emek.
شۇنداق دېۋىدى، يەشۇئا يۈسۈپ جەمەتى بولغان ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھگە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە چوڭ بىر خەلقسىلەر ۋە زور كۈچۈڭلار باردۇر؛ شۇڭا سىلەرگە پەقەت بىر ئۈلۈشلا مىراس بېرىلسە بولمايدۇ؛ | 17 |
Josua sade till Josephs hus, Ephraim och Manasse: Du äst ett mycket folk; och efter du så mycket äst, måste du icke hafva en lott;
ئاشۇ پۈتكۈل تاغلىق يۇرتمۇ سىلەرگە بېرىلىدۇ؛ گەرچە ئۇ ئورمانلىق بولسىمۇ، سىلەر ئۇنى كېسىپ بوشىتىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغىمۇ ئىگە بولىسىلەر؛ قانائانىيلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بار، شۇنداقلا كۈچلۈك بولسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋىتەلەيسىلەر، ــ دېدى. | 18 |
Utan berget skall höra dig till, der skogen är; der rödj om dig, så blifver det dins lotts ände, när du fördrifver de Cananeer, som jernvagnar hafva och mägtige äro.