< يەشۇئا 16 >
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ چىققان مىراس زېمىن بولسا يېرىخوغا تۇتاش بولغان ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ، يېرىخونىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۆللەرگىچە بولغان يۇرتلار ۋە يېرىخودىن چىقىپ، چۆلدىن ئۆتۈپ بەيت-ئەلنىڭ تاغلىق رايونىغا سوزۇلغان يۇرتلار ئىدى. | 1 |
若瑟的子孫抽籤分得的土地,從耶利哥對面的約旦河起,到耶利哥東面的水源,沿著曠野,由耶利哥向上到貝特爾山區,
چېگرىسى بەيت-ئەلدىن تارتىپ لۇزغا، ئاندىن ئاركىيلارنىڭ چېگرىسىدىكى ئاتاروتقا يېتىپ، | 2 |
再由貝特耳路次,沿著阿爾基人的邊境,直到下貝特曷龍的邊境,以迄於革則爾,直達於海邊邊境
ئاندىن غەرب تەرىپىگە بېرىپ، يافلەتىيلەرنىڭ چېگرىسىغا تۇتىشۇپ، ئاستىن بەيت-ھوروننىڭ چېتىگە چۈشۈپ، گەزەرگە بېرىپ دېڭىزدا ئاخىرلىشاتتى. | 3 |
這是若瑟的兒子默納協和厄弗辣因分得的產業。
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىملار ئېرىشكەن مىراس ئۈلۈشى مانا شۇ ئىدى. | 4 |
這是若望的兒子默納協和厄弗辣因分得的產業。
ئەفرائىملارنىڭ جەمەت-ئائىلىرى بويىچە ئالغان زېمىنىنىڭ چېگرىسى تۆۋەندىكىدەك: ــ مىراس زېمىننىڭ شەرق تەرەپتىكى چېگرىسى ئاتاروت-ئادداردىن تارتىپ ئۈستۈن بەيت-ھورونغىچە يېتىپ، | 5 |
以下是厄弗辣因子孫按照家族分得的土地:他們產業的邊界,東面是阿塔洛特阿達爾,直到上貝特曷龍,
ئاندىن دېڭىزغا بېرىپ شىمالغا قاراپ مىكمىتاتقا چىقتى؛ ئاندىن يەنە شەرق تەرىپىدىكى تائانات-شىلوھقا قايرىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ شەرق تەرەپكە قاراپ يانوئاھقا، | 6 |
直達於海。北端是米革默塔特,由此向東轉向塔納特史羅,越過雅諾亞東部,
يانوئاھدىن چۈشۈپ ئاتاروت بىلەن نائاراتقا يېتىپ، يېرىخوغا تۇتىشىپ ئىئوردان دەرياسىغا چىقتى. | 7 |
再由雅諾亞下至阿塔洛特和納阿辣,經耶利哥直達約旦河。
چېگرا تاپپۇئاھدىن غەرب تەرەپكە چىقىپ كاناھ ئېقىنىغىچە بېرىپ، دېڭىزغا يېتىپ ئاياغلاشتى. ئەفرائىمنىڭ قەبىلىسىگە، يەنى ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرىگە تەگكەن مىراس ئۈلۈشى شۇ ئىدى. | 8 |
又從塔普亞往西到卡納谷,直達於海:以上是厄弗辣因子孫按照家族分得的產業。
بۇنىڭدىن باشقا ئەفرائىملار ئۈچۈن ماناسسەھنىڭ مىراسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرنەچچە شەھەرلەر ئايرىلغانىدى؛ بۇ ئايرىلغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى قاراشلىق كەنت-قىشلاقلىرى بىلەن قوشۇلغانىدى. | 9 |
此外,屬默納協子孫的產業中,還有給厄弗辣因子孫保留的城市──城市和所屬的村鎮。
ئەمما [ئەفرائىملار] گەزەردە ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلارنى قوغلىۋەتمىگەنىدى؛ شۇڭا قانائانىيلار تا بۈگۈنگىچە ئەفرائىمنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، مەخسۇس ھاشارچى مەدىكارلار بولۇپ تۇرماقتا. | 10 |
但是他們未能將住在革則爾的客納罕人趕走,因此客納罕人直到今天還住在厄弗辣因人中間,充當苦役。