< يەشۇئا 15 >
يەھۇدالار قەبىلىسىنىڭ مىراسى بولسا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن زېمىن بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپنىڭ ئۇچى ئېدومنىڭ چېگرىسىغا ۋە زىن چۆلىگە تۇتاشتى؛ | 1 |
Juudan lasten suvun arpa heidän huonettensa jälkeen oli Edomin maan rajaan, Sinin korven puoleen, joka etelän puoleen on, lounaan maan äärestä asti;
جەنۇبىي چېگرىسى «شور دېڭىزى»نىڭ ئايىغىدىن، يەنى جەنۇبىي تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قولتۇقتىن باشلىنىپ، | 2 |
Niin että heidän lounainen maan rajansa oli Suolameren äärestä, se on, siitä lahdesta, joka menee etelään päin,
«سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتۈپ، زىنغا تۇتاشتى؛ ئاندىن قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىنى ياقىلاپ ھەزرونغا ئۆتۈپ، ئاددارغا بېرىپ، كاركائاھقا بۇرۇلۇپ، | 3 |
Ja käy sieltä ylöspäin Akrabiin, ja käy Sinin lävitse, ja menee ylöspäin merestä KadesBarneaan, ja menee Hetsronin lävitse, ja käy ylös Adariin päin, ja kääntyy ympäri Karkaan,
ئازمونغا ئۆتۈپ مىسىر ئېقىنى بىلەن چىقىپ، ئۇچى دېڭىزغا تاقىشاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى ئىدى. | 4 |
Ja menee Atsmonin ohitse, ja tulee Egyptin ojaan, niin että sen maan rajan ääri on meri. Tämä pitää oleman teille maan raja lounaaseen päin.
شەرقىي چېگرىسى بولسا شور دېڭىزىدىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغىچە ئىدى؛ شىمالىي چېگرىسى بولسا دېڭىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىدىن باشلىنىپ، | 5 |
Vaan raja itään päin on Suolainen meri Jordanin suuhun asti; vaan raja pohjan puoleen on siitä meren lahdesta, joka on Jordanin ääressä,
ئاندىن بەيت-ھوگلاھغا بېرىپ، بەيت-ئاراباھنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىنىڭ قېشىغىچە ئىدى؛ | 6 |
Ja menee ylös BetHoglaan, ja vetäytyy pohjasta BetAraban puoleen, ja menee ylös Rubenin pojan Bohenin kiven tykö.
ئاندىن چېگرا ئاقور جىلغىسىدىن دەبىرگە قاراپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن شىمال تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئادۇممىمغا چىقىدىغان داۋاننىڭ ئۇدۇلىدىكى گىلگالغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن ئەن-شەمەش سۇلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەن-روگەل بۇلىقىغا تۇتىشاتتى؛ | 7 |
Ja raja käy ylös Debirin tykö Akorin laaksosta, ja pohjan puoleen Gilgaliin päin, joka on Adumimin paltan kohdalla, joka etelän puoleen on ojan vieressä; sitte se menee EnSemeksen vedelle, ja menee Rogelin lähteelle.
ئۇ يەردىن «بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسى»غا چىقىپ، يەبۇسىيلار ئېگىزلىكىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى داۋاندىن ئۆتۈپ، ئاندىن ھىننوم جىلغىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى غەرب تەرەپكە، رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمالىي بېشىدىكى تاغنىڭ چوققىسىغا چىقتى؛ | 8 |
Sitte menee raja Hinnomin pojan laaksoon, Jebusilaisen ohitse lounaan päin, se on Jerusalem; ja raja menee vuoren kukkulan ylitse, joka on Hinnomin laakson edessä, meren tykö, joka on Rephaimin laakson äärellä pohjaan päin.
چېگرا بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن نەفتوئاھ سۈيىنىڭ بۇلىقىغا بېرىپ، ئاندىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلىرىنىڭ يېنى بىلەن چىقىپ، ئۇ يەردىن بائالاھ (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا يېتىپ بېرىپ، | 9 |
Sitte käy se siitä vuoren kukkulasta Nephtoan lähteen tykö, ja menee Ephronin vuoren kaupunkein tykö, ja kääntyy Baalaan päin, joka on KirjatJearim.
ئاندىن بائالاھتىن ئۆتۈپ، غەرب تەرىپىگە قايرىلىپ سېئىر تېغىغا بېرىپ، يېئارىم تېغى (يەنى كېسالون)نىڭ شىمالىي باغرىدىن ئۆتۈپ، بەيت-شەمەشكە چۈشۈپ، تىمناھتىن ئۆتتى؛ | 10 |
Ja menee Baalasta ympäri länteen päin Seirin vuoren tykö, ja menee ulos pohjan puolesta Jearin vuoren vieritse, se on Kessalon, ja tulee alas BetSemeksen tykö, ja menee Timnaan,
ئاندىن شىمالغا قاراپ ئەكروننىڭ داۋىنى بىلەن چىقىپ شىكرونغا ئۆتۈپ، بائالاھ تېغىنىڭ يېنىغا تۇتىشىپ، يابنەئەلگە يېتىپ، ئاندىن ئۇچى دېڭىزغا تاقاشقانىدى. | 11 |
Ja tulee ulos Ekronin vieritse pohjan puolelle, ja vetää hänensä Sikroniin asti, ja menee Baalan vuoren ylitse, ja tulee Jabneeliin, että hänen äärensä loppu on meri.
غەرب تەرىپىدىكى چېگرىسى بولسا دېڭىز بويلىرى ئىدى. يەھۇدالارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا توختىتىلغان تۆت تەرىپىدىكى چېگرا مانا شۇ ئىدى. | 12 |
Mutta raja länteen päin on suuri meri. Tämä on Juudan lasten maan raja, joka taholta ympäri heidän sukukunnissansa.
يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن ئەمرى بويىچە، ئۇنىڭغا يەھۇدالارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈلۈش، يەنى ئاناكنىڭ ئاتىسى ئاربانىڭ شەھىرى بولغان ھېبرون ئاتا قىلىندى. | 13 |
Mutta Kalebille Jephunnen pojalle annettiin osa Juudan lasten keskellä, niinkuin Herra oli käskenyt Josualle, nimittäin KirjatArba, Enakilaisten isän kaupunki, se on Hebron.
كالەب شۇ يەردىن شېشاي، ئاھىمان ۋە تالماي دېگەن ئۈچ ئاناكىينى قوغلىۋەتتى؛ ئۇلار ئۈچى ئاناكنىڭ ئەۋلادى ئىدى. | 14 |
Ja Kaleb ajoi sieltä pois kolme Enakin poikaa, Sesain, Akimananin ja Talmain, Enakin sikiät,
ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىرنىڭ نامى كىرىئات-سەفەر ئىدى). | 15 |
Ja meni sieltä ylös Debirin asuvaisten tykö; vaan Debir kutsuttiin muinen KirjatSepher.
كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى. | 16 |
Ja Kaleb sanoi: joka lyö KirjatSepherin ja voittaa sen, hänelle annan minä tyttäreni Aksan emännäksi.
كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى. | 17 |
Niin voitti sen Otniel, Kenaksen Kalebin veljen poika; ja hän antoi tyttärensä Aksan hänelle emännäksi.
شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. | 18 |
Ja tapahtui, kuin hän tuli, että hän neuvoi miestänsä anomaan peltoa isältänsä, ja hän astui aasin päältä alas; niin sanoi Kaleb hänelle: mikä sinun on?
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن [قاغجىراق] يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى. | 19 |
Ja hän sanoi: anna minulle siunaus, sillä sinä olet antanut minulle kuivan maan, anna minulle myös vesilähteitä; niin antoi hän hänelle lähteitä sekä ylhäältä että alhaalta.
تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ئۈلۈشلەردۇر: ــ | 20 |
Tämä on Juudan lasten sukukunnan perimys, heidän sukuinsa jälkeen.
يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئېدوم چېگرىسى تەرەپتىكى شەھەرلەر: ــ كابزەئەل، ئېدەر، ياگۇر، | 21 |
Ja kaupungit Juudan lasten sukukunnan äärestä, Edomin rajan tykönä, lounaaseen käsin olivat: Kabseel, Eder, Jagur,
كىناھ، دىموناھ، ئاداداھ، | 22 |
Kina, Dimona, Adada;
ھازور-ھاداتتاھ، كېرىئوت-ھەزرون (يەنى ھازور)، | 25 |
HatsorHadata, Kerijot, Hetsron, se on Hatsor;
ھازار-گادداھ، ھەشمون، بەيت-پەلەت، | 27 |
HatsarGadda, Hesmon, BetPalet;
ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا، بىزىئوتىيا، | 28 |
HatsarSual, BeerSeba, BisJotja;
بائالاھ، ئىجىم، ئېزەم، | 29 |
Baala, Ijim, Atsem;
ئەلتولاد، كېسىل، خورماھ، | 30 |
Eltolad, Kesil, Horma;
زىكلاگ، مادمانناھ، سانسانناھ، | 31 |
Ziglag, Madmanna, Sansanna;
لىبائوت، شىلھىم، ئايىن ۋە رىممون قاتارلىقلار جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. | 32 |
Lebaot, Silhim, Ain, Rimmon; yhdeksänkolmattakymmentä kaupunkia kylinensä.
شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى شەھەرلەر بولسا ئەشتائول، زورېئاھ، ئاشناھ، | 33 |
Vaan lakialla maalla oli Estaol, Zora, Asna;
زانوئاھ، ئەن-گاننىم، تاپپۇئاھ، ئەنام، | 34 |
Sanoa, EnGannim, Tappua, Enam;
يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازىكاھ، | 35 |
Jarmut, Adullam, Soko, Aseka;
شائارايىم، ئادىتائىم، گەدەراھ ۋە گەدەروتائىم بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. | 36 |
Saaraim, Aditaim, Gedera, Gederotaim: neljätoistakymmentä kaupunkia ja heidän kylänsä;
بۇلاردىن باشقا يەنە زىنان، ھاداشاھ، مىگدال-گاد، | 37 |
Zenan, Hadasa, Migdalgad;
دىلېئان، مىزپاھ، يوقتەئەل، | 38 |
Dilean, Mitspe, Jokteel;
لاقىش، بوزكات، ئەگلون، | 39 |
Lakis, Botskat, Eglon;
كاببون، لاھماس، قىتلىش، | 40 |
Kabbon, Lakmas, Kitlis;
گەدەروت، بەيت-داگون، نائاماھ ۋە ماككەداھ بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. | 41 |
Gederot, BetDagon, Naama, Makkeda: kuusitoistakymmentä kaupunkia ja heidän kylänsä;
بۇنىڭدىن باشقا يەنە لىبناھ، ئېتەر، ئاشان، | 42 |
Libna, Eter, Asan;
يەفتاھ، ئاشناھ، نەزىب، | 43 |
Jephta, Asna, Nesib;
كېئىلاھ، ئاقزىب ۋە مارەشاھ بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە يەنە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى؛ | 44 |
Kegila, Aksib, Maresa: yhdeksän kaupunkia ja heidän kylänsä;
يەنە ئەكرون بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر، | 45 |
Ekron tyttärinensä ja kylinensä;
شۇنداقلا ئەكروننىڭ غەرب تەرىپىدىن تارتىپ ئاشدودنىڭ يېنىدىكى ھەممە شەھەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەنت-قىشلاقلىرى قوشۇلۇپ، | 46 |
Ekronista mereen asti, kaikki mikä ulottuu Asdodiin, ja heidän kylänsä;
ئاشدود ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار، گازا شەھىرى ۋە شۇنداقلا مىسىر ئېقىنىغىچە ۋە ئۇلۇغ دېڭىزنىڭ قىرغىقىغىچە، ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. | 47 |
Asdod tyttärinensä ja kylinensä; Gasa tyttärinensä ja kylinensä, Egyptin veteen asti; ja se suuri meri on hänen rajansa.
تاغلىق رايوندىكى شەھەرلەر: ــ شامىر، ياتتىر، سوكوھ، | 48 |
Mutta vuorella oli: Samir, Jatir, Soko;
دانناھ، كىرىئات-سانناھ (يەنى دەبىر)، | 49 |
Danna, KirjatSanna, se on Debir;
ئاناب، ئەشتەموھ، ئانىم، | 50 |
Anab, Estemo, Anim;
گوشەن، ھولون ۋە گىلوھ بولۇپ، جەمئىي ئون بىر شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. | 51 |
Gosen, Holon, Gilo: yksitoistakymmentä kaupunkia ja heidän kylänsä;
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاراب، دۇماھ، ئېشان، | 52 |
Arab, Duma, Esean;
يانىم، بەيت-تاپپۇئاھ، ئافىكاھ، | 53 |
Janum, BetTapua, Apheka;
ھۇمتاھ، كىرىئات-ئاربا (يەنى ھېبرون) ۋە زىئور بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. | 54 |
Humta, KirjatArba, se on Hebron, Zior: yhdeksän kaupunkia ja heidän kylänsä;
بۇنىڭدىن باشقا يەنە مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ، | 55 |
Maon, Karmel, Siph, Juta;
يىزرەئەل، يوكدېئام، زانوئاھ، | 56 |
Jisreel, Jokdeam, Sanoa;
كايىن، گىبېئاھ ۋە تىمناھ بولۇپ، جەمئىي ئون شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. | 57 |
Kain, Kibea, Timna: kymmenen kaupunkia ja heidän kylänsä;
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھالھۇل، بەيت-زۇر، گەدور، | 58 |
Halhul, Betsur, Gedor;
مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتەكون بولۇپ، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. | 59 |
Maarat, BetAnot, Eltekon: kuusi kaupunkia ja heidän kylänsä;
بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم) ۋە رابباھ دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. | 60 |
KirjatBaal, se on KirjatJearim, Harabba: kaksi kaupunkia ja heidän kylänsä.
چۆلدىكى شەھەرلەر بولسا: ــ بەيت-ئاراباھ، مىددىن، سەكاكاھ، | 61 |
Mutta korvessa oli BetAraba, Middin, Sekaka;
نىبشان، «شور شەھىرى» ۋە ئەن-گەدى، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. | 62 |
Nibsan, ja Suolakaupunki, Engedi; kuusi kaupunkia ja heidän kylänsä.
لېكىن يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇقلۇق يەبۇسىيلارنى بولسا يەھۇدالار قوغلىۋېتەلمىگەن؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا. | 63 |
Mutta Jebusilaiset asuivat Jerusalemissa, ja Juudan lapset ei voineet heitä ajaa ulos. Ja silloin jäivät Jebusilaiset asumaan Juudan lasten kanssa Jerusalemissa tähän päivään asti.